يولدىن چىققان ئايال 🧡 49-قىسىم (ئەپچىدە 76-قىسىمغىچە)

文摘   2024-10-02 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -شەمسىيە، سەن پەسلىكتە ئۇچىغا چىققان ئىكەنسەن،-گۈلزىرە مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،جالالڭنىڭ سېنى ياخشى كۆرمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، ئۇ ھازىر ساڭا قارىسىمۇ كۆڭلى ئېلىشىدىغاندۇ؟!- دېدى گۈلزىرە

شۇڭا، ئۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جالال شەمسىيەنىڭ يان تېلېفونىنى كۆرگەندە، ئاندىن شۇنداق چىراي ئىپادىسى چىقىپ، تۇيۇقسىز تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتتى، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!

-نېمە دېدىڭ؟!

شەمسىيە شەرمەندە بولغانلىقىدىن غەزەپلەندى.

راست، شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، مەيلى ئۇ بالىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى دېسۇن، جالال ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ئۇمۇ ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقمىدى.

ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا دېگەن بىر ئېغىز گېپىمۇ شۇنداق.

- شەمسىيە، سەن مەن كۆرگەن ئەڭ پەسكەش ئايال. ئۇ يەتتە يىلنى، مەن بىر سېكۇنت ئويلىساممۇ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسقۇم كېلەتتى.

-ماڭا بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ قويساڭ، سېنىڭچە نېمىش بولار بولار؟

گۈلزىرە شەمسىيەنىڭ غەرىزىنى پەملەپ، قەستەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

-مەن پەقەت سېنىڭ تەشەببۇسكار بولغىنىڭنى كۆردۈم، يەنە كېلىپ ئۇ زادىلا ئۇنىماپتۇ، ساڭا راست گەپ قىلاي، ئەسلىدە مەن سىلەرنىڭ يەتتە يىل بىللە بولغىنىڭلار ئويلاپ ئىچىمدە بىئارام بولغان ئىدىم، لېكىن ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم.

شەمسىيە ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا گۈلزىرەگە قارىدى.

-مەن تۇيۇقسىز شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ يەتتە يىل سەن ئۇنى مەجبۇرلاپسەن،-گۈلزىرە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا،-شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىمەن، ئۇنى چۈشىنىمەن، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ، ئۇنىڭ يارىلانغان قەلبى ۋە تېنىگە تەسەللىي بەرمەكچى،- دېدى.

شەمسىيە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ئۇ ھەيران بولغان ھالدا گۈلزىرەگە قارىدى.

-باشقىلاردىن ئاشقاننى يەنە تېخى بايا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپمۇ شۇنداق ئويلامسەن؟باشقىلار ئىشلىتىپ باققان نەرسىنى ئىشلىتىشنى ئەڭ ئېغىر ئالاتتىڭىغۇ؟!

-شەمسىيە، يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئاللىقاچان ئەينى ۋاقىتتىكى گۈلزىرە ئەمەس.يەنە كېلىپ، سەنمۇ بىلىسەن، مەن تۇنجى قېتىملىقمنى ئۇنىڭغا بەرمىگەن، ئۇنىڭ باشقا قىز بىلەن بىرگە بولغىنىنى كۆڭلۈمگە ئالغۇدەك يەنە نېمە سالاھىيىتىم بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ خاتىرىسىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغان، ئۇ خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىزچىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەن ئالاقىلىشىپ، مەن بىلەن بىللە بولۇشنى ئارۇ قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى،ھەتتا شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلدى، مەن قانداقمۇ تەسىرلەنمەي تۇرالايمەن؟-دېدى گۈلزىرە كۈلۈمسىرەپ.

شەمسىيە قورسىقىنى تۇتقىنىچە كەينىگە ئىككى قەدەم داجىدى:

- گۈلزىرە، سەنمۇ، سەنمۇ ئوخشاشلا پەسكەش ئىكەنسەن!

-شۇنداق!-گۈلزىرە كۆڭلىگە ئالمىغاندەك كۈلدى.

شەمسىيە گۈلزىرەنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر خىل زەھەرلىك نۇر چاقنىدى.

-ھىم، سنىڭچە بۈگۈن پەقەت سېنى سىن كۆرگىلى تەكلىپ قىلدىممۇ؟ياق، مەن بۈگۈن ئەينى يىلى سەن بىلەن ياتقان ئەرنى ئېلىپ كەلدىم، ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىڭىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ باق! ھە، بىراق بۇ قېتىم ھوشۇڭ جايىدا، بەلكىم ئاغرىمايدۇ، ئۇنداق بولسا ياخشى ھۇزۇرلان!

ئۇ شۇنداق دېگەچ يان تېلېفونىنىڭ مەلۇم كۇنۇپكىسىنى باستى، ئاندىن بىر قوڭغۇراق چېلىندى.

گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، دەرھال قۇلۇپنى ئېچىپ، تېز كۇنۇپكا بىر بىلەن گۈلقىزغا تېلېفون قىلدى.

گۈلقىز ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلسىلا، ئۇ چوقۇم ئۈلگۈرىدۇ.

چۈنكى، بۇ ئۆينىڭ ساقچىخانا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بەش مىنۇتلا ئىدى.

بۇ چاغدا گۈللۈكنىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە قارا كىيىم كىيگەن بىر ئەر چىقىپ كەلدى.

ئۇ تېز سۈرئەتتە شەمسىيەگە قاراپ قويدى،شەمسىيەنىڭ باش لىڭشىتىپ ئىشارەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، تېز قەدەم بىلەن يېتىپ كېلىپ، گۈلزىرەگە دېققتىنى قاراتتى.

گۈلزىرە گۈلقىزدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، دەرھال ئەتراپتىكى قېچىپ كېتىدىغان جاينى ئىزدىدى، شۇڭا شەمسىيە سىگنال بېرىشىگىلا قېچىپ كەتتى.

ئەمما، شەمسىيە قانداقمۇ تەن بەرسۇن؟

ئۇ يەنە بىر مەيدان نەق مەيدان ئويۇنى كۆرۈپ، ئاندىن سىنغا ئېلىپ جالالغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى.

شۇڭا ئۇ دەرھال قولىنى سوزۇپ گۈلزىرەننى تۇتۇپ، ئۇنى كەتكىلى قويمىدى.

بىراق، خەتەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گۈلزىرە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، ئۇ بىر تېپىپلا،شەمسىيەنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يىراققا قاراپ تېز يۈگۈردى.

شەمسىيەنىڭ پۇتى ئاستىدا بىر تاش بار بولۇپ، مەزمۇت تۇرالماي، يەردە ئولتۇرۇپ قالدى، شۇ ھامان قورسىقىنىڭ پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇ ئەرنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال گۈلزىرەنى كۆرستىپ:

-تېز بېرىپ ئۇنى قوغلا، چاپسان بارمامسەن؟!

ئەر ئامالسىز ئالدىراپ - تېنەپ گۈلزىرەنى قوغلىدى،شەمسىيە بولسا تۇيۇقسىز پۇتىنىڭ ئاستىدىن بىر پەس ئىسسىق سېزىم ھېس قىلدى.

ئۇ چۆچۈگەن ھالدا قولىنى سوزۇپ سىلىدى، بىردىنلا يېپىشقاق نەرسە قولىغا ئۇرۇلدى.

-بالام، بالام!

ئۇ دەرھال ئېسىگە كېلىپ، پۇتىنى قىسىپ، قورسىقىدىكى ھاياتىنىڭ ئاققان سۇدەك ئېقىپ كېتىشىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى، لېكىن، يەنىلا قاننىڭ توختىماي ئېقىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ توسۇشقا ئامالسىز ئىدى ...

ھويلا ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، شۇ تاپتا گۈلزىرە گۈللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېسىدە قالغان پاكار تام بار جايغا كەلدى.

ئۇ پاكار تامدىن ئۆتسىلا، قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

كەينىدە، ئەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.

گۈلزىرە پاكار تامنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ھېچنېمىگە قارىماي تېز سۈرئەتتە يامىشىپ چىقتى.

لېكىن ئۇ يىقىلىپ كېتەي دەپ تۇرغاندا، كەينىدىن تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئۇ بېشىنى بۇراپ، جۇغى چوڭ كەنگاۋ ئىتىنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بىر ئەرنى چىڭ چىشلىۋالغانلىقىنى كۆردى، ئۇ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋاز دەل ئەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئىدى!

گۈلزىرە بۇنداق مەنزىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، قانلىق ھەم قورقۇنچلۇق ھېس قىلىپ، دەرھال سىرتقا ئۆرۈلدى، ئەمما، پاكار تامنىڭ ئاستى سەل بوشاپ قالغاچقا، كەينىگە قاراپ يىقلىدى!

تۈگەشتىم، چوقۇم ھېلىقى چوڭ ئىت چىشلىۋالىدۇ.

گۈلزىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى، روھى قورقۇنچ سەۋەبىدىن تىترەپ كەتتى!

بىراق، پەرەز قىلغان ئاغرىق يېتىپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇ بىر ناتونۇش كىشنىڭ قۇچاققا چۈشۈپ كەتتى.

گۈلزىرە كۆزىنى ئاستا ئېچىپ، نىقاب تاقىۋالغان بىر چىراينى كۆردى.

ئۇ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنداق غەلىتە بىر ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئۇنىڭغا تەكەللۇپ بىلەن كۈلۈپ قويدى.

-ئەپەندىم، رەھمەت سىزگە!

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، يان تەرىپىدىكى ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، يەنە:

-ئەپەندى، ھېلىقى كەنگاۋ ئىت ...- دەپ سورىدى.

ئۇ ئاخىرى ئاغزىنى ئاچتى.

-سىزنى قورقۇپ قويدۇممۇ قانداق؟

ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا بىر خىل غەلىتە تونۇشلۇق تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، بىراق گۈلزىرە قاچان ئاڭلىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

شۇغىنىسى ئۇ كانگاۋ ئىتىنىڭ بۇ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، كۆڭلىدە تېخىمۇ ھوشيار تۇردى:

-يامان ئەمەس، بىراق، بەك قانلىق ھېس قىلىۋاتىمەن، مەن ...

-مەن سىزنى ئېلىپ كېتەي.

ئۇ شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

كەينىدە ئىككى ھەمراھ ئۇنىڭغا چىڭ ئەگەشتى.

-ئەپەندى، مەن ئۆزۈم ماڭالايمەن.

بىراق، ئەر ئۇنى قويۇۋېتىش نىيىتىدە بولماي، ئۇدۇل ئۇنى قۇچاقلاپ گۈللۈككە كەلدى.

شۇ تاپتا شەمسىيەنىڭ بەدىنى قان بىلەن بويۇلغان، ئادەمنى كۆرۈپ، دەرھال: -مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ!قورسۇقۇم ...

يىگىت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ شەمسىيەگە قاراپمۇ قويماي، يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا: -ئېچىقىپ تاشلىۋەت، بۇ يەرنى بۇلغىما!- دېدى.

گۈلزىرە بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، تېخى ھېچنېمە دېمەيلا، ئەرنىڭ كەينىدىكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ شەمسىيەنى ئېلىپ چوڭ قەدەم بىلەن كېتىپ قالغانلىقىنى كۆردى.

ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان گېپى گېلىغا تۇرۇپ قېلىپ، بىر مەھەل تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ شەمسىيەگە ئۆچ بولغىنى يالغان ئەمەس، لېكىن، ئۇمۇ بىر ئانا بولغاچقا، بىر بىگۇناھ بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمىدى.

-ئەپەندى، بۇنداق بولسا ئۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ ...

ئەر بىردەم سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن:

-قانداق قىلساڭ مەيلى، ئۆلۈپ قالمىسىلا بولدى،-دېدى.

گۈلزىرە:

-...

بۇ چاغدا گۈلقىز ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولغاچقىمىكىن، گۈلزىرە يىراقتىن سىگنال ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

ئۇنىڭ كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كەتتى - دە:

-ئەپەندى، مېنى قويۇۋېتىڭ، ساقچى كەلدى، دوستۇم ساقچىغا مەلۇم قىلدى، مەن بېرىپ ئاغزاكى ئىقرار ئېلىشىم كېرەك!- دېدى.

بىراق، ئەر كىشى ئاڭلىمىغاندەك، ياندىكى بىر قارا رەڭلىك بىنلىنى تارتىپ، ئاندىن گۈلزىرەنى قويۇپ بەردى.

-ئەپەندى، قويۇۋېتىڭ ...

گۈلزىرە چۆچۈپ، قولىنى سوزۇپ ماشىنا ئىشىكىنى تارتتى، بۇ چاغدا ھېلىقى كەنگاۋ ئىتى تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماشىنىغا قاراپ سەكرىدى.

ئۇ قورققىنىدىن قاتتىق چۆچىدى دە، دەرھال ماشىنغا يىقىلدى.

ئەر پەس ئاۋازدا:

-قاپلان، ئالدىنقى رەتكە بار!-دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە ئارقا رەتكە بارماقچى بولغان كانگاۋ ئىتى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا سەكرەپ چىقىپ، ئاندىن ياۋاشلىق بىلەن مىدىرلىماي، ئىلگىرىكى ياۋۇز قىياپىتىگە ئوخشىمايدىغان قىياپەتتە تۇردى.

ئەر گۈلزىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ:

-قورقماڭ، ئۇ بەك مۇلايىم، سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ،-ېدى.

مۇلايىم؟

ئۇ بايىلا ئۇنىڭ ئادەم چىشلىگەنلىكىنى كۆردى، بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەرنى ئۇ چىشلەپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى.

گۈلزىرە ئۈن - تىنسىز ماشىنا ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى تارتتى، لېكىن ماشىنىنىڭ قۇلۇپىنىڭ چىڭ قۇلۇپلانغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ زادىلا ئاچالمىدى!

شۇ تاپتا شوپۇر ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى، ئاندىن گۈلزىرە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

ماشىنىدا، گەرچە ئەر كىشى بىلەن ئارىلىق ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن گۈلزىرە يالپۇزغا ئوخشاش بىر ساپ پۇراقنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدىن چىقىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇ، ئۇنى تونۇماسلىقى مۇمكىن، ئۇ ئۇنى ئېلىپ كېتىپ نېمە قىلىدۇ؟

ماشىنا ناھايىتى تېزلا شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تاغلىق كەنتكە كەلدى.

ماشىنا ئاستا - ئاستا توختىدى، ئىككى تەرەپتىن بىرەيلەن تېز قەدەم بىلەن كېلىپ ئىككى تەرەپتىكى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.

ئەر ماشىنىدىن چۈشۈپ، گۈلزىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قولىنى سۇندى.

ئۇ قولنىڭ ئۇزۇن، چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، گۈلزىرە ئىلگىرى دوختۇرخانا ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئەرنىڭ مۇشۇنداق بىر چىرايلىق قولى بارلىقىنى ئېسىگە ئالدى.

ئىككىسى بىر ئادەممۇ؟

ئۇنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولدى.

بىراق، ئۇ ئۇنىڭ قولىغا پەرۋا قىلماي، يەنىلا ماشىنىدىن چۈشتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章