يولدىن چىققان ئايال 🧡 59-قىسىم (ئەپچىدە 90-قىسىمغىچە)

文摘   2024-10-12 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭ ئۈستىگە مودېلنىڭ بويى گەرچە خېلى ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى مودېللاردىن پاكارراق، جۇغى كىچىكرەك، قارىماققا ئېگىزلىكى بىر مېتىر 70 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ؟

بىراق، كۆپچىلىك بېشىنى چايقىماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز چىراغ نۇرى ئۆزگىرىپ، ئەسلىدىكى كۈل رەڭ رەڭنىڭ ئورنىنى كۈن نۇرىغا ئوخشاش ئالتۇن رەڭ ئالدى، شۇ ھامان ھەممە ئادەم ھاڭ - تاڭ قالدى!

خۇددى سېھىرگەرلىك قىلغاندەك، مودېلنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم قارا ۋە كۈل رەڭدىن تەدرىجىي سۇس ئالتۇن رەڭ ۋە كۈمۈش رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى.

مودىلنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، كۆينەكنىڭ رەڭگى يورۇق - خىرەلىك ئىچىدە توختىماي ئۆزگىرىپ تۇراتتى، كۆينەك ئېتكىدە خۇددى بىر مەيدان گۈزەل ئاقار يۇلتۇز ياغقاندەك مەنزىرە پەيدا بولدى.

مودېلنىڭ چىرايى ئېنىقلىشىشى بىلەن، نەق مەيداندىكى كىشلەر نەپەس ئېلىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.

نۇرلۇق يۇلتۇز، ئەسلىدە مۇشۇ ئىكەندە.

-نېمىدېگەن گۈزەل!

-ھەقىقەتەن بەك گۈزەلكەن!

-شۇنداق، كىيىم چىرايلىق، ئادەم تېخىمۇ چىرايلىقكەن!

-مەن بۇ قىزغا ئاشىق بولدۇم!

-ئۇنىڭغا جۆرە بوغۇم كېلىۋاتىدۇ!

-بۇ قىز بەك تونۇشتەك قىلىدىغۇ، ھېلىقى ناخشا مۇسابقىسىدىكى نىلۇفەرگە ئوخشاۋاتىدۇ، تېلېۋىزوردىكىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

قەيسەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، مىيقىدا كۈلۈپ قويدى.

ئۇنىڭ ئايالى ئەلۋەتتە ئەڭ گۈزەل!

ئەمما ئۇنى ئالىمەن دەمدۇ؟ئۇخلىسىمۇ بۇنچە گۈزەل چۈش كۆرمەس!

شەمسىيە گۈلزىرە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەندە، بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىنمۇ بەكرەك ئازاپلاندى.

بولۇپمۇ ئۇ كۆزىنى بۇراپ، دەرۋەقە جالالنىڭ گۈلزىرەگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

ئۇنداق چىراي ئىپادىسىدىن قارىغاندا، خۇددى پۈتۈن دۇنيادا پەقەت گۈلزىرەلا باردەك، ئەمدى باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغاندەك قىلاتتى!

نېمىشقا، بۇ ئايال قايتا پەيدا بولۇشقا جۈرئەت قىلالىدى؟

ئۇ باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچكىدىن قورقمامدۇ؟

شەمسىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇراتتى.

گۈلزىرە يەنە مۇشۇنداق چاپلىشۋالسەن، شۇنداقمۇ؟ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا، پۈتۈنلەي شەرمەندە بولىدىغان كۈننى ساقلا!

بىراق، شەمسىيە مەيلى قانچىلىك نەپرەتلەنسۇن، گۈلزىرەنىڭ سەھنىگە چىقىشى يەنىلا ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گۈلزىرەگىلا قاراۋاتاتتى، فوتوگراف تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ توختىماي سۈرەتكە تارتىپ ئالقىش ياڭراتتى.

مەپتۇن كىيىم-كېچەكلىرى نۇرغۇن لايىھەلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلغاچقا، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان نۇرغۇن لايىھەلىگۈچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىمەنگۈل بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن نۇر ئۈنۈمى ئارقىلىق كۆينەك لاھىيلەشنى قانداق ئويلاپ تاپقانلىقىنى، يەنە ئۇ تەكلىپ قىلغان مودېلنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، كېيىن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بار-يوقلۇقىنى ، سورىدى.

مىكرو بىلوگدا يەنە بىر قېتىم دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

ئىلگىرى گۈلزىرە يوقاپ كەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قېچىپ كەتكەن دەپ قارىغان، لېكىن نۇرغۇن ئەرلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئانچە ئېنىق بولمىغان سۈرىتىنى ئوغرىلىقچە بېسىپ چىقىرىپ كۈندە قاراپ ئولتۇرغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىمەنگۈل لاھىيەلىگەن كىيىمنى كىيىۋالغاچقا، بىردىنلا يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

توردا ئاساسەن ئىككى گۇرۇھ بولۇپ، يېرىمى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى قالايمىقان، ھەممە ئادەمگە جاۋاب بېرىشى كېرەك دەپ قارايتتى.

يەنە بىر يېرىمى بولسا ئۇنى نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە مودېل، ناخشىچى بولۇش ئۈچۈن پەقەت گۈزەل، ناخشىنى يېقىملىق ئېيتسىلا بولىدۇ، شەخسىي تۇرمۇشتا باشقىلار قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلىدۇ!دەپ قارايتتى.

بىراق، مەيلى قانداق كۆز قاراش بولسۇن، گۈلزىرە تېمىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھەتتا چىمەنگۈلنىڭ ئىزنا ئىشخانىسىمۇ تەڭلا يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

شەمسىيە ئىزچىل يان تېلېفونىنى سېيرىپ، چىرايى بارغانسېرى سەتلىشىپ كەتتى.

گۈلزىرە تاكى چۈشۈپ كەتكۈچە، جالالنىڭ كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالمىدى!

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئارقا سەھنىگە قاراپ ماڭدى.

شۇ تاپتا گۈلزىرە سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئايرىم كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قاراپ ماڭغان ئىدى.

ئىشىكنى ئېچىپ كىرەي دەپ تۇرۇشىغا، شەمسىيە كەلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ، سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-سېنىڭ يەنە قورقماي پەيدا بولۇشىڭىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!

-مەن نېمىشقا قورقۇدەكمەن؟شەمسىيە، بۇنداق سورۇنغا كېلىپ قاپسەنغۇ، بۇ يەرنىڭ سەن بىلەن ئالاقىسى يوققۇ دەيمەن، ياكى ھازىر ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغۇدەك يەرمۇ چىقماي، مودىللار بىلەن تاماق تالاشماقچىمۇ؟ئۇنداقتا، قايسى شىركەت سېنى مودېل بولۇشقا تەكلىپ قىلدى؟

شەمسىيەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى، لېكىن يەنىلا قەددىنى رۇسلاشقا تىرشىپ:

-سەن نېمىنى بىلسەن، مەن جالال بىلەن بىللە كەلگەن!

-ئەسلىدە جالالمۇ كەپتىكەن-دە؟

گۈلزىرە بىردىنلا ھەممىنى چۈشەندى، قارىغاندا، شەمسىيە جالالنىڭ يېنىدا زەربە يەپ، بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟

گۈلزىرە چېچىنى ئاستا - ئاستا قويۇپ بېرىپ:

-دەپ كەلسەك، بايا جالال مېنى سەھنىگە چىقىپ بولغاندىن كېيىن بىللە ئۆيگە قايتىشقا تەكلىپ قىلدى!شەمىسيە، ئەگەر ماشىناڭ بولمىسا، بىز سېنى ئېلىۋالساقمۇ بولىدۇ.

-نېمە دېدىڭ؟-دېدى شەمسىيە ئاچچىقىتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.

-ئالدىنقى قېتىم دېدىمغۇ؟-گۈلزىرە يالغاندىن نازلىنىپ، -مېنىڭچە ئۇ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بەك قىينالدى، مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى تولۇقلىماقچى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى ئۆتىمەن.

-سەن!-شەمسىيە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، گۈلزىرەنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلغىلى كەلگەنلىكىنى بىر ھازادىن كېيىن ھېس قىلدى.

ئۇ سومكىسىدىكى ئۈنئالغۇ قەلىمىنى ئاستا ئېلىپ، گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-گۈلزىرە، ئەمەلىيەتتە سەن ئۇنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيسەن، ئۇنىڭغا چاپلىشىۋېلىشىڭ پەقەت مېنى خاپا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقمۇ؟

گۈلزىرە مىيقىدا كۈلۈپ:

-شەمسىيە، بەك ئەقىللىق ئىكەنسەن، راست، مەن سېنى خاپا قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم!لېكىن، مەن قانداقسىگە ئۇنى ياخشى كۆرمەي قالاي؟ ئەينى چاغدا، ئىككىمىزنىڭ ياخشى ئۆتكىنىنى كۆرۈپ، بەك ھەسەت قىلغان ئىدىڭغۇ؟ئۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، بۇ بىر نەچچە يىلدا پەقەت خاتا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ قالدى، ئۇ كەينىگە قايتىشنى خالىغانىكەن، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىمەن-دە، سەن بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياخشى ئۆتىدىغانلىقىمىزنى، مەڭگۈ ئايرىلمايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ تۇرسەن!

شەمسىيەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇ گۈلزىرە ياخشى كۆرمەيمەن دەيدۇ، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىم دەيدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۈنئالغۇنى جالالغا ئاڭلاتماقچى ئىدى، لېكىن ...

دەل شۇ چاغدا شەمسىيەنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئابىدە ئۇرغان تېلېفونن ئىدى.

ئابىدە نېمە دېگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۇ ماقۇل دەپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىشىكنى ياپماقچى بولدى، بىراق ئىشىكنى ئەمدى ياپاي دېيشىگىلا، بىرى ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى، ئارقىدىنلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.

ئەر ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ، جەينىكى بىلەنلا ئىشىكنى ياپتى.

ئارقىدىنلا گۈلزىرەنى قىزغىن سۆيۈشكە باشلىدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇ كىملىكىنى بىلدى، قەيسەردىن باشقا يەنە كىم بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟

بىراق، بۇ ئەبلەخ نېمىشقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، چىقىپلا ساراڭدەك غاجىلايدۇ؟!

ئۇ ئۇنىڭدىن سورىماقچى بولغاندا، قەيسەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى.

ئۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدا تۇرالماي، ئىختىيارسىز قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ كۆينىكىنى تۇتۇۋالدى، لېكىن قەيسەر يەنىلا ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلاپ، ئۇنى يەردىن ئېلىپ، بىر نەچچە قېتىم ئايلاندۇردى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، پەقەت دۈمبىسىنىڭ تامغا تەگكەنلىكىنىلا بىلەتتى.

بۇ سۆيۈش بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى، يەتتە يىل بۇرۇنقى ئاشۇ كۈن بىلەن ئازراق ئوخشىشىپ كېتەتتى.

ئەر زومبۇلۇق بىلەن، ئۇنىڭغا ئازراقمۇ ئارام ئالغۇدەك كۈچ بەرمىدىگۈلزىرە قولىنى سوزۇپ ئىتتىردى، بىراق قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى.

ئۇ ساراڭلارچە ئۆز ھىدى بىلەن گۈلزىرەنىڭ پۈتۈن دۇنياسىنى ئىگىلىدى.

گۈلزىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى مىدىرلىيالماي قالدى، ئۇ خۇددى سويۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان قوزىغا ئوخشاش مەھكەم باغلىنىپ قالدى.

نېمە دېگەن ھەددىدن ئاشقان، ئۇ ساراڭ بوپتۇ، ئۇ بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ...

گۈلزىرە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاچماقچى بولغاندا، قەيسەر ئۇنىڭ بەدىنىنى تۇتۇۋالدى.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە پەس ئاۋازدا:

-گۈلزىرە، سىز مېنىڭ، باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزغا رۇخسەت يوق، خام خىيال قىلماي!

ئۇ بايا ئىزچىل ئۇنىڭ سەھنىدە ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردى، تاكى ئۇ سەھىنىدىن چۈشكەنگە قەدەر، گۈلزىرەنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

بىردەمدىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق قەيسەر بىر مىنۇتمۇ ساقلىيالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئارقا سەھنىگە بېرىپ گۈلزىرەنى ئىزدىدى.

كىم بىلسۇن، ئۇ ئۇنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنىڭ ئېتىلمىگەنلىكىنى بايقىدى، ئىچىدە يەنە پاراڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلاندى.

گۈلزىرە بىلەن جالالنىڭ ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن ئىشىنى قەيسەر ئازدۇر - كۆپتۇر بىلەتتى.

بىراق ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر جالال بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولدى، شۇڭا ئۇ كۆپ ئويلىمىدى.

لېكىن بايا، گۈلزىرە ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇ ئەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، يەنە ئۇ ئەر بىلەن مەڭگۈ بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قەيسەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىنى ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بەك بىئارام بولدى.

ئۇ قەيسەرنىڭ ئايالى، باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟

ئەرنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلدى.

-گۈلزىرە، سىز پەقەت مەن بىلەنلا بىرگە بولسىز!

گۈلزىرە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى، ئارقىدىنلا تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلدى.

شۇڭا، بايا ئۇ شەمسىيەگە دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىدىمۇ؟

ئۇنى جالالنى تېخىچە ياخشى كۆرىدۇ، دەپ قالدىمۇ؟

ئۇ گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، قەيسەر يەنە يېڭى ھۇجۇم قوزغىدى.

ئىشىك تۇيۇقسىز يېنىك چېكلىدى، ئارقىدىنلا «گۈلزىرە» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

قەيسەرنىڭ چىرايى سۆرلىنىشىپ كەتتى.

جالال نېمىشقا ھەممە يەردە بار؟!

قارىغاندا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغاندىلا، ئاندىن گۈلزىرەنى تەمە قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ.

بىراق، ھازىر قولايسىز، شۇڭا ئۇ گەپ قىلمايدۇ، ئايالىنىڭ ئاۋازىنى باشقا ئەرلەرنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتاتتى.

دەل شۇ چاغدا، ئىشىك ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئاۋاز ئاڭلاندى.

-گۈلزىرە، مەن كىردىم ھە؟!-دېدى جالال.

ئۇ شۇنداق دېگەچ ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى ئايلاندۇرۇپ كىرىپ كەلدى.

گۈلزىرە كۆزلىرىنى چەكچەيىتىپ تۇرۇپلا قالدى.

قەيسەرنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ تېز بولۇپ، جالال ئىشكنى تولغاپ ئاچقۇچە، گۈلزىرەنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئېسىپ قويۇلغان كىيىمىنىڭ كەينىگە ئېلىپ باردى.

كىيىم - كېچەكلەر ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ھەممىسى يەرگە سۆرلىدىغان مۇراسىم كىيىملىرى ئىدى، ئاساسەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئىككى ئادەمنى تامامەن توسۇپ قالالايتتى.

قەيسەر بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭغا قورقماسلىقنى ئىشارەت قىلدى، ئاندىن ئۇنى پۈتۈنلەي قوينىغا يوشۇرۇپ قويدى.

جالال ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ھېچنېمىنى تاپالمىدى.

ئۇ ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-گۈلزىرە، نەگە كەتتىڭىز؟

ئۇ شەمسىيە ئورنىدىن ئايرىلىپ خېلى ئۇزاققىچە ئورنىغا قايتمىغان ۋاقتىدا، شەمسىيەنىڭ گۈلزىرەنى ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.

جالال ئۆينىڭ بېشىدا بىر رەت كىيىم بارلىقىنى، يەنە گۈلزىرە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قويۇپ قويغان كىيىم بارلىقىنى كۆرۈپ، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، كىيىم تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

جالال توختىماي يېقىنلاشتى، شۇ تاپتا گۈلزىرە قەيسەرگە يامىشىپ تۇراتتى.

ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، گۈلزىرە بەك جىددىيلىشىپ كەتتى.

ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغاچقا،  قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

قەيسەر گۈلزىرەنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ،  پەقەت ئايالىنى باشقا ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ...

قەيسەر ئېغىز ئېچىپ جالالنى قوغلىۋەتمەكچى بولغاندا، جالالنىڭ تېلفۇنى سايرىدى.

جالال قەدىمىنى توختىتىپ، تېلفۇننى ئالدى.

ئۇ قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:

-بولىدۇ، مەن بىلدىم.

جالال شەمسىيەنىڭ ئورنىغا قايتىپ كەلگەن خەۋىرىنى ئاڭلاپ، گۈلزىرەنى باشقا مودېللار بىلەن بىللە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

جالال ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، ئاچقۇچ قىستۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچقۇچنى ئېلىۋېتىپ، ئۆيدىكى گىرىم ئۈستىلىگە قويۇپ قويدى، ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章