تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 7-قىسىم

文摘   2024-10-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
ئەينى ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ ئارزۇلۇقى بولغان ئاينۇر، مانا ئەمدى كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولۇۋاتىدۇ؟بىچارە ئانىسى قىزىنىڭ ساغىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۈن كۈنلەپ خەقنىڭ ئېتىزدا ئىشلەشكە رازى ئىدىكى، ئەمما قىزىنى شۇنچىكى ئەتىيازنىڭ ئاپتاپلىرىغا قويمايتتى.
- بېرەمسەن بەرمەمسەن، ۋاي، نېمانداق قىلىسەن دەيمەن، تۇغۇلغان كۈنگە ئەللىك كوينى كۆتۈرۈپ بارامدىم؟يېقىن دوستۇم ئۇ، بەرسەڭ بىر ە-ئىككى يۈز كوي بەر، بولمىسا، ھېچ يەرگە بارماي، ئۆيدە ياتاي مەن.
- قىزىم يېنىمدا بارى مۇشۇ ئىكەن. ئاپىرىپ تۇرغىنا.
- ھەي، بۇنى، مەن نېمە دەپ قويىمەن؟ئاۋۇ قولۇم قوشنىلاردىن بولسىمۇ سوراپ ئېلىپ بەر. بولمىسا بۈگۈن ئۆيدىن چىقمايمەن، زادى ساڭا مېنىڭدەك قىزىڭنىڭ لازىمى يوق؟ مېنىڭ بىر يۈزۈمنى قىلىپ قويساڭ نېمە بولىدۇ؟
مانا شۇنداق تاپا تەنلەردىن كېيىن، ئانا سارغايغان ھالدا يان خوشنىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ، يۈز يۈئەن پۇلنى ئېلىپ چىقتى. بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئاينۇر بىرمۇنچە سۆزلىگەندىن كېيىن كەچ بولغاندا ئانىسىنىڭ خاپا بولۇشىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنى كەچ قېلىپ، بىر كەمدە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا، موماينىڭ يۈز كۆزلىرى كۆك. ئۆيدىكى چىنە قاچىلار چېقىلىپ ھويلىنى بىر ئالغان ھالەتتە كۆرگەن ئاينۇر نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەڭشىمەي تۇرۇپلا دادىسىنىڭ دەھشەتلىك تىل دەشناملىرىغا قالغانىدى، شۇ ۋاقىتتىمۇ بىچارە ئانا ئۇنى ھىمايىسىگە ئالغان، قىزغا كەلگەن مۇش- پەشۋالارنى توسۇۋالغان ئىدى.
ئاينۇر كۆز يېشىنى سۈرتكەن ھالدا ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېيتقان سۆزىنى ئەسلەپ كۆزىگە ياش ئالدى:
- ئايال كىشى دېگەن قەدىر قىممەتلىك، يۈزى تۆۋەن، ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك. ئانىنىڭ بىر قىزنى تەربىيىلىمىگى ئۇنى قاتارغا قوشمىقى ئاسان ئەمەس قىزىم. داداڭ نېمە ئىش بولسا قىزىڭنى سەن شۇنداق قىلغان، قىزنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى، دەپ، سەن نېمە ئىش قىلساڭ، ئاھانىتى ماڭا بولىدۇ. چىرايلىق قىزىم، قەدىر قىممىتىڭ بىلەن ياشا!
مانا مۇشۇ سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالغان ئىدى. خېلى تەربىيە سۆزلىرىنى ئۆگىتىپ، ئەمما ئۆيدە ئىشقا سالمىغان، بۇ قىزنىڭ ئەمدى كىشىنىڭ يۇرتىغا كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ قەدەر قەدىر قىممەتسىز، ھېچكىمگە يارىمىغان ھالەتتە بىچارە تۇرۇشى، ئانىنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ياكى قىزنىڭ سەۋەنلىكىمۇ بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى. ئەسلى ئۇنى ئاينۇر قىلىپ تۇرغان ئانىسى ئىكەن ئەمەسمۇ، ئەگەر ئانىسى بولمىسا ئاينۇر كېرەكسىز ئىنسان.
- سېنى سېغىندىم ئانا، ئەمما يېنىڭغا نېمە دەپ بېرىشنى ساڭا قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيمەن؟ مەندەك قىزىڭنى كەچۈرەمسەن. ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن؟مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭگە قانداق قارايمەن؟ ھەي قورسىقىمدىكى بۇ بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى ئويلىدىم، ئەمما چۈشەنگۈدەك، مېنى باققۇدەك ئادىمىم بولمىغاچقا يۈزۈمنى پولودەك قىلىپ كۆتۈرۈپ يۈردۈم، ئۇنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ ئاھانەتتە قالسۇن دېدىممۇ ياكى ئۇمۇ بىر ھاياتلىق، ئۇنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقى بار، دېدىممۇ ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، كەچۈر ئانا، مېنى كەچۈر. مىڭ قېتىملاپ، سەندىن باش ئۇرۇپ ئەپۇ سورىساممۇ سېنىڭ ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. مەن ئېزىپتىمەن، رۇستەم دېگەن ھايۋاننىڭ كەينىدىن چىقىپ كېتىپ، كۆرە كۈنۈم مۇشۇ بولدى ئانا. ئەسلى سەن مېنى ئېگىزگە كۆتۈرگەن، قانات قاققۇزغان ئىنسان ئىكەنسەن، -مانا شۇنداق نىدا قىلاتتى. ئەمما نېمە ئامال، ئاخىردا ئىجارە ئۆيدىنمۇ قوغلانغان چاغدا، ئاينۇر ھېلىقى ئاق كۆڭۈل ئاشخانا خوجايىنىنى ئىزدەپ كەلدى ھەم ئۆزىگە ئازراق پۇل بېرىپ تۇرۇشىنى، يۇرتقا قايتسىلا، تېز يوللانما بىلەن ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. باشتا ئاشخانا خوجايىنى ئىككىلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قىزنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرىپ تۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئۇ ئايالنىڭ ياردىمىدە يۇرتنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئايال نەچچە قېتىم ئىككىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا پومپىيىپ چىققان قورسىقىغا قاراپ شۇنچىلىك ئىچى ئاغرىغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ خوجايىننىڭمۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ ئىككى بالا بىلەن قالغان ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. بىرەر كىمگە ياردەم قىلىپ قويسا نېمە بوپتۇ؟ مەيلىغۇ، بىلسە بىلدى، بىلمىسە ھامان بىر كۈنى بىلىدىغان كىشى چىقىدۇ.
ئاينۇر ئاخىرى ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ياردىمىدە يۇرتقا قايتىپ كەلدى، ئەمما دەل شۇ كۈنى بىچارە دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. نەق شۇ پەيتكە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئاينۇرنى ئاينۇرنىڭ ھاممىسى ئەڭ ئاۋۋال بايقىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى تەلەتى يوق، چىرايى ناھايىتى سۇلغۇن ھەم سېرىق، ياداڭغۇ يۈزىنى داغ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، قىرىق ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئاياللارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ پەتىلەپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر، قولۇم- قوشنىلار ئۇنىڭ ئاينۇر ئىكەنلىكىنى بەك پەرق ئەتمەستە ئۇنىڭ ھاممىسى ئۇنى باغ تەرەپتىكى كىچىك ئۆيگە باشلاپ، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن تېشىغا قۇلۇپ سېلىپ سولاپ قويغان ئىدى. ئەقىللىق ئايال ئاللىبۇرۇن بىر ئىشلارنى پەملەپ بولدى بولغاي، ئايىغى چىقمايدىغان سۆز چۆچەك، كۆڭۈل ئاغرىقى، دىشۋاگەرچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ خېلى ئىشلارنى بىرسگە بىلدۈرمەي ئۆز يولىدا جۆنىدى.
- قايسى يۈزۈڭ بىلەن يەنە ئۆيۈم بار؟ ئانام دادام بار، دەپ قايتىپ كەلدىڭ؟ئاشۇ رۇستەمنى چېكەڭگە تېڭىپ بىر ئۆمۈر شۇنىڭ بىلەن ياشساڭ بولمامدۇ!ئاخىرى داداڭنىڭمۇ بېشىغا چىقتىڭ، ئەمدى مېنىڭ بېشىمغا چىقساڭ ئارام تاپامسەن، ھايۋاننڭ بالىسى، ئەقلىنى ئىتتىن يەپ كەتكەن ساراڭ. سەندەك دەلتىمۇ بولامدۇ جاھاندا، شۇ ۋاقىتتا رۇستەم ساڭا ئۆي بولمايدۇ دېسە، ئۆيدىكى بارلىق پۇللارنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىڭ. داداڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىمۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىردى، سېنى ياقا يۇرتلاردا تېنەپ قالمىسۇن دېدى. بىچارە بالام ئەقلىنى تېپىپ قايتىپ كەلسە، ئۇنىڭ بىلەن جەم بولىمەن دېدى. سەندەك ھايۋاننى باقمىغان بولاي، ھازىرلا كەت. قارا، نومۇس قىلماي قورسىقىڭنى پومپايتىپ كەپسەن، بۇ شۇمۇڭنڭ دادىسى قېنى ئەمدى؟شۇ ۋاقىتتىلا. يوقاتساڭ بولمامدۇ شۇمۇڭنى، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭنى بىلسەڭ بولمامدۇ، يەنە نېمە دەپ بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟ ئەمدى خەقنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيسەن؟ ئۇ بالىنى قانداق باقىسەن؟ئۆلسەڭ بولمامدۇ دەيمەن. يۈزۈمنى نەگە قويىمەن؟ كىشىنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن ئەمدى؟ ۋوي، ئېسىت، ۋاي ئېسىت، مەنمۇ داداڭ بىلەن بىللە كەتسەم بولماسمىدى، ۋاي دادىسى، مېنى يالغۇز قويغىچە ئېلىپ كەتسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن!
ناھايىتى ئاز سۆزلەيدىغان، ناھايىتى ئەقىللىق ئوڭلۇق بۇ ئايال مانا ئەمدى بىرمۇنچە سۆزلەپ توختىمايلا قالغان ئىدى. ئاينۇر تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ يىغلىدى. ئەمما نېمە ئامال، بىچارە ئانىسى بىلەنلا قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇستەم يەر يۇتقاندەك بۇ يۇرتقا قايتا ئاياغ باسمىدى. ئاخىرى ئاينۇرنىڭ دادىسىز بىر بالىغا ھامىلدار بولۇپ كەلگەندەك رېئاللىقنى ئانىسى قوبۇل قىلغانمۇ بولدى.
- بالا تۇغۇلسا بالىسى يوق بىرەر كىمگە بېرىۋېتەرمىز. ھازىرچە ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ ئۇنىڭ، بۇ باش قېتىمچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىڭ بولامدۇ. سىزدىن باشقا يېقىنىم يوق، -دېدى ئاينۇرنىڭ ئانىسى ئاينۇرنىڭ ھاممىسىگە قايتا قايتا يالۋۇرۇپ . ئاينۇرنىڭ ھاممىسىمۇ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. تەقدىر كاج كېلىپ سەككىز ئايلىق بولغاندا ئاينۇرنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، ئۆيگە خۇپىيانە تۇغۇت ئانىسى چاقىرىلىپ كېلىپ تۇغۇش جەريانىدا بالا قورساقتا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدى دېگەن خەۋەر بىلەن ئاينۇر بالىسىدىن ئايرىلدى، ئۇ شۇ قېتىملىق تۇغۇتىدا خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ تۇغۇت ئانىسى ئۇنى تۇغدۇرالمىغاندىن كېيىن، شۇ يامغۇرلۇق كېچىدە ھاممىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئېلىنىپ كېلىنىدى. ئاينۇرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بالىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقىتتا ئاينۇرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇماي بالىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلمىدى.
-تارتۇق ئىزى قالسا كېيىن توي قىلغان ئادىمگە نېمە دەيدۇ؟ تۇرمۇشىغا دەخلسى بۇلمامدۇ؟- شۇنىڭ بىلەن ئاينۇر ئۆلۈك بالىنى بىر كېچە جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا جان تالىشىپ يۈرۈپ، يامان تەستە تۇغدى. ئۇ مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلگەن ئىدى. تۇنجى قېتىم ئۆلۈك بالىسىنى كۆرگەن ۋاقتىدا يۈرىكى يىغىلدى؟ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتىپ باققۇسى يۈزلىرىنى سىلىغۇسى باغرىغا بېسىۋالغۇسى كەلدى يۇ، ئەمما ئاللىبۇرۇن تىنىقتىن توختاپ قالغان بالىسىنى يېنىغا ئېلىشقا جۈرەت قىلالمىدى. موماي ئاينۇرنى قايتىپ كەلدى دەپ كىشىلەرگە ئېيتالمىدى.
خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاينۇر كۈتۈنۈپ ساقايغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز موماينىڭ ھويلىسىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئاينۇر ھەققىدە قوشنىلار نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېيتقان ئىدى.
- ھەي، ھېلىقى ئاينۇرنى رۇستەم بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ دەۋاتاتتى تۇيۇقسىزلا بىر كۈندە پەيدا بولۇپ قالدى؟
- رۇستەم دېگەن ئالا قاپ ئاينۇرنى تاشلىۋېتىپتىمىش. ئاينۇرنى سەھرالىق دەپ ياراتماپتىمىش؟
- ۋاي ئاينۇرمۇ بەك يامان ئىكەن دەيدۇ شەھەرلىك پۇلى بار، باي بىلەن قېچىپ كېتىپ رۇستەمنى تاشلىۋېتىپتۇ دەيدۇ.
- بۇ ئاينۇرمۇ كېلىپ كېتىپ دادىسىنىڭ بېشىغا چىقتى، قاراڭلار. مۇشۇ قىز بۇلارنى سورىۋېتىدىغان بولدى؟
- ئاڭلىساق ئاينۇر، نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ. ئۈرۈمچى دېگەن يەردە تۇرالماپتىمىش.
- بۇ ئاينۇرمۇ قىزىق ئىكەن، بىرەر باي ئەرگە تېگىۋېلىپ يۈزىنى يۇيىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كەلسىمۇ بولىدىغان نېمە؟
- خوتۇن كەممۇ، ئاينۇردەك كوچىغا چىقىپ قالغان بىر خوتۇننى ئالامدۇ؟باي ئادەملەرنىڭمۇ ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالمىغان. ئاينۇر نېمە شەھەرلىك قىزلارنىڭ ئالدىدا؟
مانا شۇنداق غەيۋەتلەر بولۇنغان بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز سالامجان دەپ بىرى باشقا يېزىدىن كۆچۈپ كەلگەن بۇلۇپ كۆزى ئاينۇرغا چۈشتى.
- نېمە ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ جۇمۇ. مەن قىلىپ بېرىمەن.
- بولدى باشقا ئىشىم يوق. قىلىپ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
- ئۇنداق دېمەڭە، مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىكەن. سىزدەك چىرايلىق قىزلارغا ئىشقىلىپ بىرش شەرەپ دەيمەن.
- مەن بۇنداق ياغلىما گەپلەرنى جىق ئاڭلىغان. قويۇۋېتىڭە بولدى، مەن ئۆزۈم قىلاي، -دېدى ئاينۇر ئېتىز بېشىدا قولىدىكى كەتمەننى تارتىۋالغان سالامجاندىن كەتمەننى زەردە بىلەن تارتىپ .
سالامجان بۇ قىزنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى، ئەمما بۇ قەدەر ئاغزى ئىتتىك، قوپال ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. يىگىتنىڭ كۆڭلىگە قىز ئوت سالدىكى، ئەمما ئازراقمۇ ئىللىقلىق بەرمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سالامجان ئانىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاينۇرنى ئىزدەشتىن توختاپ قالمىدى.
- ئاۋۇ قىزنىڭ كەينىدىن بوشراق ماڭ، شەھەر كۆرگەن ئېشەكتىن قورق دەپ، شەھەرمۇ شەھەر يۈرگەن قىز بالىمىش ئۇ.
- ۋاي ۋۇي، ئانا، نېمە دەيدىغانسەن، خوتۇن ئالساڭ كوچىدىن ئال يىغىۋېلىشىڭ ئۆزۈڭدىن دەپتىكەن؟ ئۇ قىز ھېچقانداق ئەمەس، ئۇنداق ئەسكى خۇيلىرىمۇ يوق، سەن بىلمەيسەن ئانا. ئۆيدە ئولتۇرىۋېلىپ كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ بىر بەلەن قىزنى ئەسكىگە چىقىرىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ-ھە ؟ئۇ ياخشى قىز.
- خەقنىڭ نام ئاتىقى بىكاردىن چىقىپ قاممايدۇ. قىلغاننى قىلغاندىن كېيىن قىلدى دەيدۇ بالام. ئۇ قىزنى ھەرگىز ئېلىپ بەرمەيمەن.
- ئالىمەن دېسەمچۇ.
- مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭدەك بالام يوق، -دېدى موماي . سالامجانمۇ مۇشۇ گېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇ ئاينۇرنى قوغلىشىشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، ھەتتاكى ئاينۇرنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا، ھاممىسىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۇلارنىڭ ئىش كۈشى بولسا قىلىپ بېرىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بىلدۈرۈپ چىققانمۇ بولدى. ئاينۇرنىڭ ئانىسى باشتا ئانچە كۆڭۈلشمىدى . چۈنكى ئاينۇرنىڭ ئەھۋالى شۇ، تۇرمۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئەمما ئاينۇرنىڭ ھاممىسىنىڭ يول كۆرسىتىش ىبىلەن مومايمۇ ئۆزى بىلەر بىلمەيلا ئاينۇرنى سالامجانغا ئىتتىرىپ قويدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章