بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 51-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم)

文摘   2024-10-12 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ھېلىقى كۈنى كەيگەن كىيىمىڭىز ئۇنىڭ كىيىمىغۇ دەيمەن..

- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

- مەن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا مال سالغاندا ئۇ كىيىمنى كۆرگەن.. كېيىن سىزنىڭ ئۇچىڭىزدا قايتىپ كەلدى.. ھاھا.. سىزمۇ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە پاك ئايال ئەمەسكەنسىز..

- سىز نېمە دېمەكچى؟ كىيىمىم مەينەت بوپ كەتكەچكە ئۇ ماڭا بېرىپ تۇردى..

- شۇنداقمۇ؟ ئۇ كىيىم بىكاردىنلا مەينەت بوپ كېتەمدۇ؟

- سىزنى ماڭا ئىشىنىدۇ دېسەم بۇ قانداق گەپ ئەمدى..

- شۇنداق. مەن سىزگە ئىشەنگەن. سىزنى پاك ئايال دەپ ئويلايتتىم.. لېكىن ئۈمىدسىزلەندىم.. سىزمۇ ئۇنچىلىك ياخشى ئايال ئەمەسكەنسىز..

- مەن ھېچنېمە قىلغىنىم يوق.. سىز مېنى چۈشەنمەيسىز، ھېچنېمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ماڭا ھاقارەت قىلسىڭىز بولمايدۇ..

- سىزگە ھاقارەت قىلىشقا سالاھىتىم توشمايدۇ.. مەن كىمتىم، ناھايىتى مال توشىغۇچى خالاس..

- ئۇنداق قىلماڭ. بىز نورمال خىزمەتچىلەردەك پاراڭلاشساق قانداق..

- سىلەر ئاياللار مەيلى قانداق شارائىت بولسۇن، قانچە ياش بولسۇن، يەنىلا پۇلى يولى بار ئادەملەرنى تاللايدىكەنسىلەر..

- مەن سىزگە ھېچقاچان ماقۇل دېگىنىم يوق. مەن باشتىلا گەپنى ئوچۇق دېگەن..

- چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بىر پۇلدار بىلەن تەڭ كەپ قالدىم..

- ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بولمىسىمۇ مەن يەنىلا ئوخشاش قارار چىقىراتتىم..

- ھېچقىسى يوق. مەن توغرا چۈشىنىمەن.. مېنىڭ يالغۇز ئاغرىق ئاپامدىن باشقا نېمەم بار دەيسىز.. ئۇ كىشى سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە تېخىمۇ پايدا ئەپ كېلەلەيدۇ..

- مېنىڭچە بىز ياخشى خىزمەتداش بولالايمىز.. مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشمىساقلا..

- شۇنداق.. مەنچىمۇ شۇنداق.. كەمبەغەل ئەرلەر بىلەن ئاياللار پەقەت دوستلا بولالايدۇ..

- بۇنداق گەپ قىلماڭ. ئۆتۈنەي، ئارىمىزغا ئاداۋەت چۈشۈپ قالمىسۇن..

تالاش تارتىش بىلەن خېرىدارنىڭ ئاشخانىسىغا يېىتپ كەلدۇق. ئۇ ئاپاراتىنى ماڭا تەڭلىدى.

- سۆزلىمەمسىز؟ قاراپ تۇرىسىزغۇ..

- كۆپچىلىك. بۈگۈن يېڭى خېرىدارىمىزنىڭكىگە كەلدۇق.. بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالدى..

- دۇدۇقلىدىڭىز قايتا كېلەيلى..

- كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مانا بۇياق بىزنىڭ يەنە بىر خېرىدارىمىز.. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان كۆز قارشىنى ئاڭلاپ باقايلى..

- سىز مۇخبىرما؟ بۇنداق سۇئال سورىماي تۈزۈك دەڭ..

 ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم. ياردەمچى يىگىتنىڭ قەستەن مېنى قىيناۋاتقىنىنى بىلەتتىم.

- كۆپچىلىك. مەن ياسىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئوت بولۇپ سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ ياق بىزنىڭ يېڭى خېرىدارىمىز..

- نېمانداق ھەر قېتىم تونۇشتۇرغاندا ئۆزىڭىز ياسىغانلىقىڭىزنى دەۋېرىسىز.. قايتا كېلەيلى، بۇ گەپنى دېمەڭ.. باشتا دەپ بولغان..

ئاچچىقتا لېۋىمنى چىشلەۋاتاتتىم.

- ۋاي بۇ قانداق قىلىق؟ كەلگۈچە گەپنى تەييارلىۋالمىغانما؟- دېدى خېرىدار ئاچچىقلاپ.

- كە.. كەچۈرۈڭ. ئېلان سۆزى ۋاقىتلىق ئۆزگىرىپ قالغاچقا..

- تەيييارلىقنى پۇختا قىلماي بۇ يەردە ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ، مېنىڭ خېرىدارلىرىم بار، بىكارچى ئادەم ئەمەس مەن.. قىلالىسىڭىز قىلىڭ. بولمىسا باشقىلار قىلسۇن..

- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، مۇشۇ قېتىمدا تۈگەيدۇ..

ئاخىرقى قېتىملىق فىلىمنى زورلاپ توختىتىپ ياردەمچى يىگىتنى يانغا تارتتىم.

- بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېمىشقا قەستەن ئادەمنى قىينايسىز؟

- ئۆزىڭىزدىن سوراڭ. نېمىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىپ كەلمىگەن..

- ھەر قېتىم مۇشۇنداق مېڭىۋاتقان فىلىمنى قەستەن ئۆزگەرتكۈزدىڭىز..

- ئۆزىڭىز بايا بىز پەقەت خىزمەتداش بولايلى دېدىڭىز، مەن خىزمەتداش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم.. بولمىغان يېرىنى بولمىدى دېيىشىم كېرەكقۇ..

- كىچىك بالىدەك مىجەزىڭىز باركەن..

- ئەسلىمۇ مەن سىزدىن كىچىك.. .

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئالدىدىكى مۇئاملىسىنى تاپالماي قالدىم. ئۇ مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئارلاشقىنىمنى پەملىگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي يۈزىنى ئۆرىۋاتاتتى.

- ياخشى. بولىدۇ. ماڭا خىزمەتداشنىڭ مۇئامىلىسىنى قىلغىنىڭىزدىن خوشالمەن.. بولدى قايتايلى..

- ماقۇل، قايتايلى.. ئەمدى فىلىم ئىشلىگەندە گەپنى يادلاپ كېلىڭ..

ئۆرۈلۈپ ئالدىمدا تۇرغان ئاشخانا خوجايىنىنى كۆردۈم.

- ۋوي، سىز نېمىگە كەلدىڭىز؟

- تېلىفون ئۇرسام ئالمىدىڭىز شۇڭا..

- ھە، فىلىم ئىشلەۋاتقاچقا ئاۋازىنى ئېتىپ قويغانتىم..

- شۇڭا باشلىقىڭىزغا تېلىفون ئۇردۇم. ئۇ سىزنى بۇ يەردە دېگەنىدى.. ۋوي ئۇكام سەنمۇ بارمۇ؟

ئاشخانا خوجايىنى ياردەمچى يىگىتكە قولىنى سۇندى. ياردەم يىگىت ئۇنىڭ قولىنى بوشقىنە تۇتۇپ قويۇپلا ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.

- قىز دوستۇمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ قوي.. - ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي قالدىم.

- شۇ.. شۇنداق قىلىمەن ئاكا.. ئۇ مېنىڭ ياخشى خىزمەتدىشىم،- دېدى ياردەمچى يىگىت غەزەپ كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ.

- بولدى قىلىڭ، نېمانداق قىلىسىز، باشقىلار ئاڭلىسا سەت ئەمەسمۇ..

- ئاڭلىسا نېمە بوپتۇ. بەرىبىر بىز توي قىلىدىغان تۇرساق..

بېشىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەي قالدىم. شۇ تاپتا ياردەمچى يىگىتنىڭ قانداق ھالەتتە ماڭا قاراۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم.

- شىركەتكە قايتامسىز ياكى؟

- بولدى ئۇكام سەن كېتىۋەر، مەن قىز دوستۇمنى ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن..

- بولىدۇ ئەمىسە، مەن شىركەتكە قايتىۋېرەي.. - ياردەمچى يىگىت ماڭا غەيرى قاراپ قويغاندىن كېيىن ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.

- نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ئىككىمىزنىڭ ئىشى تېخى ئېنىق بولمىسا..

- بالىمۇ بوپ بولغاندا ئېنىق بولمىسا دەيسىزغۇ.. زادى قايسى گېپىڭىز راست؟

- بىزنىڭ ئىشىمىزنى باشقىلار تېخى بىلمەيدۇ شۇڭا دېقەت قىلىڭ..

- مەن باشلىقىڭىزغا دېدىم. بۇندىن كېيىن سىز توغرىلىق گەپ بولسا مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدى..

- چۈشەندىم. ئەمما ياردەمچى يىگىتنىڭ ئالدىدا دېمەڭ..

- نېمىش بولدى؟ ئىككىڭلارنىڭ باشقا ئىشى يوقتۇ؟!

- بىز خىزمەتداش، ئۇ مەندىن كىچىك..

- ئەمىسە نېمىگە بۇنچە ئەنسىرەپ كېتىسىز..

- ئۇ ياش، سىز شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىپلا مەن بىلەن ئارلاشسىڭىز ئۇنىڭغا يامان تەسىرى بولىدۇ.. شۇڭا بۇنداق گەپلەرنى بەك كۆپ جار سەپ كەتمەيلى..

- ماقۇل ماقۇل. بولغۇسى ئايالىم.. گېپىڭىزنىڭ ئاڭلايمەن..

ئۇ پىشانەمگە سۆيمەكچى بولغاندا ئۆزۈمنى قاچۇردۇم.

- ئىشلار بۇ دەرىجىگە يېتىپ بالىمىزمۇ بولغاندا نېمانچە قىلىسىز ئەمدى..

- باشقىلار كۆرىدۇ. ئىش ھەرىكەتكە دېقەت قىلىڭ.. تويدىن كېيىن مۇشۇنداق قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز..

ئۇ ئېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويدى.

- بوپتۇلا، سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا بالام بار.. نېمە دېسىڭىز رۇخسەت قىلاي..

ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق. ئۇ ماشىنىنى جىمجىتقىنە ھەيدەپ مېنى مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە ئەكەپ قويدى.

- ۋوي، شىركەتكە ئاپارماي بۇ يەرگە ئەكەلدىڭىزغۇ؟!

- ھە، باشلىقىڭىزغا سىزنى ئالغىلى بارىمەن دېسەم كەلگەندە ئۆيگە ئەكەپ قويۇڭ دېگەنىدى..

- چۈشەندىم. جاپا تارتىڭىز..

مالچى ھەدەمنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپلا ئۇنىڭغا قارىدىم.

- مۇشۇ يەردە چۈشىۋالاي.. ئىچىگە كىرمەيلى..

- بولمايدۇ. بىنانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويىمەن.. ئىچىگە كىرىشكە خېلى يول بار، ماڭسىڭىز بولمايدۇ..

- ياق، ئۇنداق قىلمسىڭىزمۇ بولىدۇ.. مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي.. ئاۋۇ ئايال داۋاملىق دەرىزىدىن قاراپ تۇرىدىكەن، بىكار گۇمانلىنىپ قالىدۇ..

- بولدى قىلىڭ. نېمانداق ئارلىشار ئارلاشماي جىق تەلەپ قويىسىز.. مەن سىزنى ئەمەس بالىنى قوغداۋاتىمەن.. تولا ماڭا بۇيرۇق قىلماي. مەن دېگەننى قىلىڭ بولامدۇ؟ كىم گۇمان قىلىدىكەن؟

- مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيىدىكى ئايال..

- ئۇ كىم؟ ئۇ مۇھىم ئادەممۇ؟ نېمىشقا ئەرزىمەس بىر ئادەم ئۈچۈن مېنى رەت قىلىسىز..

- بولدىلا، مەيلى، ئىچىگە كىرەيلى..

ئامالسىز يەنە بىنا ئالدىدا توختىتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ يۈرمىدىم. ئۇ ئايالنىڭ بىزگە كۆرگەنلىكى ئېنىق ئىدى.

 ئىشىكتىن كىرىپ تازلىق ئۆيىدىنىڭ چىرىغى يورۇق تۇرغىنىنى كۆرۈپ سافادا ئولتۇردۇم.

- كۈنلىرىڭىز خېلى ياخشىدەك قىلىدۇ.. ھەركۈنى مەخسۇس ماشىنا ئاپىرىپ ئەكېلىدۇ..

- مەن بىلەن قالمىسىڭىز بولاتتى ھەدە.. ھەركۈنى مۇشۇنداق قىلىشتىن زېرىكمەمسىز؟

- مېنىڭ نېمە ئىشىم بولسۇن دەيسىز.. شۇ دەرىزىدىن قاراپ قالىمەن..

- شۇنداق. سىزنىڭ كۆزىڭىز پەقەت مېنىلا كۆرىدۇ..

- ۋاي نېمانچە رەنجىپ كېتىسىز، مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ خاتا ئەمەسقۇ،ئۇمۇ بويتاق سىزمۇ بويتاق، خاتاسى يوققۇ.. مەنچە شۇنداق ماس كەپسىلەر..

- بىز ئارلىشىۋاتقىنىمىز يوق ھەدە.. قالايمىقان گەپ قىلماڭ..

- بۇنچە جاپا تارتىپ نېمە كەپتۇ. ئارلاشتىم دېسىڭىز بىر ئادەم سىزنى تىللاپ كېتەمدۇ؟! قىزىقكەنسىز..

- بولدى. مېنىڭ تۇرمۇشۇم بىلەن قالماي ئىشىڭىزنى قىلىڭ.. .

مالچى ھەدەم تازلىق ئۆيىدىن چىقىپ يېنىمىزغا كەلدى.

- بايىقى فىلىمنى كۆردۈم. خېرىدار ئىككىلىڭلارنىڭ چىرايى تازا ئەپ ئەمەسقۇ؟!

- ئىسسىقتا كەيپىياتىمىز بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ..

- بۇ قېتىم دېقەت قىلىڭ. خېرىدار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندەك چىقىپسىز..

- خېرىدار بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەددىممۇ ھەدە.. بولىدۇ. مەن دېقەت قىلاي..

- ماۋۇ ياققا كىرىڭ.. سىزگە بېرىدىغان نەرسە بار..

مالچى ھەدەمگە ئەگىشىپ ياتاق ئۆيگە كىردىم. ئۇ ئىشكاپنىڭ ئاستى تەرىپىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.

- بۇ؟! بۇ نېمە ھەدە؟

- ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ..

خالتىنى ئېچىپ نەچچە قۇر ھامىلدارلار كۆينىكىنى كۆردۈم.

- ۋوي بۇلار، ھامىلدارلار كۆينىكىكەنغۇ..

- شۇنداق. مەن بالامغا ھامىلدار بولغاندا مۇشۇ كۆينەكلەرنى كەيگەن.. سىزگە بېرەي..

- شۇنداق سۈپىتى بىلەن ساقلاپسىز..

- بۇلار مېنىڭ بالامغا ھامىلدار بولغىنىمنىڭ نىشانى.. شۇڭا ساقلاپ قويغانىدىم..

خالتىنى مالچى ھەدەمگە تەڭلىدىم.

- ھەدە، بۇ بالىڭىزنىڭ نىشانى تۇرسا، مەن ئەپ كەتسەم قانداق بولىدۇ..

- ھېچقىسى يوق. بىرنى ئەپ قالدىم.. يەنە بالامنىڭ باشقا نەرسىلىرىمۇ بار..

مالچى ھەدەم ئىشكاپنىڭ ئاستىدىكى يەنە بىر كۆزىنى ئاچتى. ئىچىدە نۇرغۇن بالىلار ئويۇنچۇقى بار ئىدى. يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى. ئۇ قارىماققا ئۇنتىغاندەك قىلسىمۇ بالىسىنى ئەسلەپ تۇرىۋاتقانىدى.

- ھەدە، ئىشىنىمەن. بالىڭىز چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ..

- ئىشىنىمەن. بالام قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ بالىڭىزنى تەڭ باقايلى..

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالماي قالدىم.

- گېپىمنى ئاڭلاڭ. ھەرگىز بالىنى چۈشۈرىۋېتىمەن دېمەڭ.. بىرىنچى بالىڭىز يولدىشىڭىزغا ئۆتۈپ كەتتى، قايتىپ كەلسىغۇ ياخشى، لېكىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز، بۇ بالىنىمۇ يوق قىلىۋەتسىڭىز زىيان تارتىسىز.. ئايالكىشىنىڭ سالامەتلىكى جايىدا تۇرىۋەرمەيدۇ.. ھازىر قايتا توي قىلىپ بالىلىق بولمىغانغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.. مەن كېچىكتىم. لېكىن سىز كېچىكمىدىڭىز.. ھەم كېچىكمەيسىز..

- بولىدۇ ھەدە. مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم، ئۇ ھۇجۇدۇمدا پەيدا بوپتۇ، ئاۋال سىناپ باقاي..

- يولنى ماڭساق ئاندىن نەتىجە چىقىدۇ..

- لېكىن بۇ يولغا خاتالىقى يوق ئادەمنى ئەگەشتۈرىۋالغىنىم بولمىدى..

- ئىككىلەنمەڭ. مەسىلەن ئۇ شۇ كۈنى سىزگە راست چېقىلغان بولسا دېمەك بۇ ئۇنىڭ جازاسى..

- ئەسلى نورمال ئادەم بولۇپ، ئازىراق كىرىم قىلىپلا ياشىغۇم بار ئىدى.. نېمىشقا بۇنچە ئىشلارغا باغلىنىپ نۇرغۇن ئادەملەر ئالدىدا خىجىلچىلىق تارتىدىغاندىمەن..

- بۇ دېگەن تۇرمۇش.. مەنمۇ شۇنداق بولغان.. 30ياشقىچە توي قىلماي يىگىتىمنى ساقلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغان، قايتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ يېشىمنى باھانە قىلىپ قارشى تۇردى، شۇنچە يىلدىن بېرى ئوغلىنى دەپ شۇ ياشقا كىرىپ كەتكىنىمنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمىدى.. ەم تۇغۇپمۇ ئۇنچە چوڭ ھۆرمەتكە ئېرىشمىدىم، ھېچكىم مېنى ئاسرىمىدى، لېكىن بالا يۈتۈپ كەتكەندە ھەممىسى مېنى ئەيىپلىدى. بىز ئاياللار بەدەل تۆلەپ، ياخشىلىق قىلىپ ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدىكەنمىز، لېكىن بىر خاتالىق ئۆتكۈزسەك ھەممە ئادەم بىزدىن رەنجىيدىكەن، ئىلگىرى قىلغانلىرىمىزنى، ئەقىدىمىزنى يوق قىلىۋېتىدىكەن.. ھەي.. سىزدە مېنىڭ كۈنلىرىم قايتىلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن..

 مالچى ھەدەمنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

- ھەدە، سىز ماڭا ئۇچرىغان ئەڭ ياخشى ئادەم.. مېنىڭ ھازىر تۇققىنىم يوق. دادام بولغان بىلەن ئۇ باشقىلار تەرەپتە، بىردىنبىر تۇققىنىم سىز.. سىز ھەدەم ھەم ئۇستازىم.. سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن..

- مەنمۇ شۇنداق، مېنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق يېقىنىم يوق.. ياردەمچى ئىنىم ئىككىڭلارلا ماڭا ئەڭ يېقىن ئادەملەر.. شۇڭا سىلەرگە بىر ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن..

- مەن ئاۋال سىناپ باقاي.. مەيلى ئۇتۇق قازىناي ياكى قازانماي ئاۋال سىناپ باقاي، ئاشخانا خوجايىنى ئۆزىمۇ ماڭا توغرا ئادەم ئۇچرىتالماي قالسا بىر بالا بېقىۋېلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان..

- دېمەك ئۇ بالىنىڭ كىمنىڭلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن.. ئۇ بالىغا مۇھتاج، سىز ماكانغا..

- شۇنداق. شۇڭا بۇ بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلدىم..

ياندىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئۆرۈلۈپ قولىدا ئىستاكان تۇتىۋالغان ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايالنى كۆردۈم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章