بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 54-قىسىم

文摘   2024-10-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۆيگە كىرىپ سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرىۋاتقان ئۆگەي ئاپام بىلەن دادامنى كۆردۈم. ياتاق ئۆيگە كىرىپ كىچىك خالتىغا ئىككى قۇر كىيىمنى سالغاندىن كېيىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

- نەگە ماڭدىڭ؟- دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جىددىي ئارقامغا ئۆرۈلدۈم.

- ھە.. پەسكە چۈشۈپ چىقاي..

- ئۇزاقتا چىقىدىغان ئىشىڭ بولسا قاچىلارنى يۇيىۋېتىپ چىق..

ئۇلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئاشخانا تەرەپكە ئۆتتۈم. قاچىلارنى يۇيغاچ دەرىزىدىن پەسكە قاراپ باقتىم ئاشخانا خوجايىنى بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا دەرىزىدىن قول ئىشارىتى قىلغاندىن كېيىن خالتىنى تاشلىدىم. ئاۋاز چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ خالتىنى ئالغان ئالمىغىنى بىلەن ھېسابلاشماي يەنە قاچا يۇيىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

دادام يېنىمغا كەلدى.

- يىگىتىڭگە مەن دېگەن گەپنى دېدىڭمۇ؟

- ھەئە. دېدىم.. سەن دېگەننىڭ ھەممىنى دېدىم..

- ئۇ نېمە دەيدۇ؟

- ئەمىسە بۇ توينى قىلمايلى، مېنىڭ ئۇنچە پۇلۇم يوق دەيدۇ..

- قانداقسىگە پۇلى بولمىغۇدەك، ھەيدىۋالغان ماشىنىسى شۇنداق ئېسىلكەنغۇ..

- مەن يا ياش قىزبالا بولمىسام يا ئېغىزغا چىققۇدەك خىزمىتىم بولمىسا، قاراپ تۇرۇپ 50مىڭ چىقارمايدۇ دە..

- شۇڭا قانداق قىلاي دەيسەن؟

- سەن بىلەن تۇرايمىكىن دەيمەن.. سەن مېنى زادى كەتكۈزمەيدىغاندەك تۇرىسەن...

- مەن كەتكۈزمەيمەن دېمىدىمغۇ.. لېكىن تويلۇقنى ئاز بەرسە قەدرىڭ بولمايدۇ..

- بولدىلا دادا، باشقا دادا شۇنداق دېسە ئىشىنىمەن، لېكىن سەن ماڭا كۆيۈنگەندەك گەپ قىلساڭ كۈلگۈم كېلىدىكەن..

- شۇنداق مەن ئەسكى، مەن پەس.. سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن مۇشۇنداقلا ئادەم..

- مېنىڭ نەزىرىمدە ئەمەس، سەن ئەسلىمۇ شۇنداق ئادەم..

- ئاغزىڭنى يىرتىۋېتىمەن.. - دېدى دادام ماڭا ئېتىلىپ.

- ئارىمىزدىكى ھۆرمەتنى ئۆزۈڭ يوق قىلدىڭ.. ئەسلى سېنى ھۆرمەتلىگۈم بار ئىدى..

- ئىككى تال پۇلنى بېرىپ قويۇپ گېپىڭ يوغىناپ كېتىپ بارىدۇ..

- ئەسلى ئۇنىڭدىنمۇ جىق بېرەتتىم، لېكىن سېنىڭ ھاقارەتلىرىڭ، خورلاشلىرىڭ، چەتكە قېقىشلىرىڭ مېنى ھاردۇرۇپ قويدى..

- ئايالىمنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولساڭ بۇنداق بولمايتتى.. ئۆزۈڭ ئىززىتىڭنى يوق قىلدىڭ، مېنىڭ ئىززىتىمنىمۇ تەڭ يوق قىلدىڭ..

- شۇڭا ئىككىمىز گەپ قىلىشمايلى.. گەپ قىلىشساق ئۇرۇشۇپ ھۆرمەتسىز گەپلەر چىقىدىكەن..

قاچا يۇيغان جامبىنى ياندا قويۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. دادامنىڭ دەرىزىدىن پەسكە قاراپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتىم.

- ئۇنىڭغا دە تويلۇقنى چۈشۈرسەكمۇ مەيلى.. لېكىن 40مىڭدىن چۈشۈپ كەتمىسۇن..

- دادا، ئۇ ئۇنچىلىك پۇلنى چىقىرالمايدۇ.. شۇڭا مەن داۋاملىق سىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان بولدۇم..

- ياق. سەن تۇرىۋەرسەڭ بولمايدۇ،- دېدى دادام قەستەن خىيالى بولىۋالغانلىقىمغا چىدىماي.

- شۇ ئەمەسمۇ، بۇ ئۆي ئەسلىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس.. ئۈچ ئادەم قىستىلىدۇ، مېنىڭ تۇققىنىم كەلسە نەدە تۇرىدۇ.. تازىمۇ بىر..

 ئۆگەي ئاپام ماڭا قاراپ غۇدىراپ قويدى.

- قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ دەپ، سىلەر ماڭا ئۆچ بولغانچە يەنە ئايرىلالماي ياشايدىغان ئوخشايمىز.. قانداق قىلارسىز؟!- دېدىم ئۇنىڭغا ئەتەي كۈلۈپ.

- ياق، بۇنداق بولسا بولمايدۇ.. دادىسى سىز گەپ قىلىڭە..

ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم. مۇشۇنداق قىلساملا ئۇلارغا ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىرتقا چىقىپلا قايتىپ كىرىدىغاندەك تەسىر بېرەلەيتتىم. پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۈشۈپ سىرتقا چىقتىم. ئاشخانا خوجايىنى ئاسمانغا قاراپ تۇراتتى.

- مانا مەن، نېمىگە قاراۋاتىسىز؟- دېدىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ.

- قايتىپ چىقتىڭىزمۇ؟! ئادەمنى ئەنسىرىتىپ..

- خالتىنى تۇتىۋالدىڭىزمۇ؟

ئۇ قولى بىلەن ئۈستىنى كۆرسەتكەندىلا خالتىنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ بالكونىنىڭ رىشاتكىسىغا ئىلنىشىپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم.

- ھەي، مۇشۇ كىيىمنى ئالىمەن دەپ ئۆيگە چىققانتىم ئەمەسمۇ..

- ئۇلارغا دەپ خالتىنى ئېلىۋالايلىمۇ؟

- ياق. مەن ئۇلارنى تونىمايمەن.. بۇ ۋاقىتتا چەكسەم دادام بىلىپ قالىدۇ.. بولدىلا.

ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق. تۇنجى قېتىم ئەركىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋاتقىنىمنى ئويلىسام جىددىيلىشەتتىم، لېكىن دادام بىلەن ئۆگەي ئاپامدىن يىراقلاشقىنىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم خوشاللىققا تولاتتى.

 ئۇ مېنى چوڭ بىر ھويلىغا باشلاپ كىرگەندىن كېيىن ئىچىدىكى ئىشىكنى ئاچتى.

- بۇ؟! سىزنىڭ ئۆيىڭىزما؟

- شۇنداق. لېكىن بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىمەن..

ئىشىك ئېچىلغاندا ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. بۇ شۇنداق چوڭ ھەم ئازادە بولۇپ ئۈچ قەۋەت ئىدى. ئۆمرۈمدە بۇنداق چوڭ ئازادە ئۆيدە تۇرۇپ باقمىغانىدىم.

- بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭمۇ؟

- ھەئە مېنىڭ، نېمانچە ھەيران قالىسىز.. بۇرۇنقى يولدىشىڭىزمۇ خېلى باي ئادەمغۇ..

- شۇنداق. ئۇ باي، لېكىن بىز تۇرغان ئۆي بۇنچە چوڭ ئەمەستى..

- بۇ ئۆي چوڭ بولغان بىلەن ئىچى سوغۇق.. چۈنكى كۆپ ئادەم يوق..

- ماشىنىڭىز شۇنداق ئېسىل، داچىڭىز شۇنداق چوڭ تۇرۇپ نېمىشقا يەنە قەرزىم بار دەيسىز..

- بۇنى سىزگە ئايرىم چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.. بۈگۈن باشقا گەپنى سورىماي، ئارام ئېلىڭ..

ئۇ مېنى ياندىكى ھۇجرىغا باشلاپ كىرگەندىن كېيىن چىراغنى ياندۇردى. بۇ شۇنداق چىرايلىق ھۇجرا بولۇپ ئېسىل بېزەلگەنىدى.

- بۇ ھۇجرا بەك چوڭكەن.. ماڭا كىچىك ئورۇن بولسىلا بولدى..

- بۇنچە تارتىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.. بۇ سىز كېيىن تۇرىدىغان ئۆيغۇ..

- شۇنداقتىمۇ كۆنەلمەيۋاتىمەن.. ئىككىمىز تېخى توي قىلمىغان تۇرساق..

- بەرىبىر توي قىلىمىزغۇ؟! ئەتە ئۆگۈن بېرىپلا خەت ئالىمىز..

- ھەي.. سىزنى باي دەپ ئويلىساممۇ بۇنداق باي دەپ ئويلىمىغانتىم..

- ھازىر مېنىڭ ئۇنچە كۆپ پۇلۇم يوق. شۇڭا خاتىرجەم تۇرىۋېرىڭ..

ئۇ يېنىمغا كېلىپ مۆرەمنى تۇتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىپ تۇراتتىم.

- بوپتۇلا، خەت ئالىدىغىنىمىزغا نەچچە كۈنلا قالدىغۇ.. سىزگە يېقىن كېلىپ خىجىل قىلىپ قويماي.. ئاۋۇ ئۆيىڭىز بەك كىچىككەن، بۈگۈن كېچە مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز ئازادە يېتىۋېلىڭ..

- رەھمەت سىزگە ھېلىمۇ ماڭا بەك يول قويىۋاتىسىز..

- توي قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ گېپىمگە كىرمەي ئامالىڭىز يوق..

ئۇ چاقچاق قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يۇمشاق كارىۋات ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاستا ئولتۇرۇپ باقتىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېلى سافادا، ھېلى ئوغلۇمنىڭ كىچىك كارۋىتىدا، ھېلى دادامنىڭ ئۆيىدىكى قاتتىق كارىۋاتتا يېتىپ بۇنداق يۇمشاق كارىۋاتتا يېتىپ باقمىغانىدىم. ئۆزۈمچىلا يىغلاپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭمۇ بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق ئۆيدە تۇرىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. بىردە خوشال بولسام، بىردە بۇ نەرسىلەرگە يالغانلىق ئاساسىدا ئېرىشكىنىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى.

ئاستا دەرىزە يېنىغا كەلدىم. دەرىزىدىن تاغنى كۆرگىلى بولاتتى. تاغقا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاستا يېتىۋالدىم. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. توختىماي سايراۋاتقان دادامنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىم.

 قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىرسىنىڭ مۆرەمدىن بوش سىلكىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم. ئاشخانا خوجايىنى ماڭا قاراپ تۇراتتى.

- ۋوي، كەچۈرۈڭ. مەن بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن..

- ھېچقىسى يوق.. ئەسلى ئويغاتماي دېگەن، لېكىن ناشتا قىلمىسىڭىز بولمىغۇدەك..

- بۈگۈن سائەت توغۇرلىمىغاچقا بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. مەن چىقىپ ناشتا قىلاي..

ئاشخانىغا چىقىپ ھەممە نەرسىنىڭ قۇرۇق تۇرغىنىنى كۆردۈم.

- بۇ؟! باشقا ئاشخانا بارمىتى؟

- ياق. بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرغاچقا تاماقنى ئاشخانىدىنلا يەۋاتقان شۇڭا ھېچنېمە قالمىدى..

- ئەمىسە ناشتىنى قانداق قىلىمىز؟

- بۈگۈن ئاشخانىدىن يەپ تۇرايلى، خەتنى ئېلىپ قايتقۇچە ئۇن ماي گۈرۈچ ئالايلى..

- خەتنى بۈگۈنلا ئالامدۇق؟

- شۇنداق، نوپۇسنى ئېلىۋالغان بولغۇيتتىڭىز؟ تۈنۈگۈنكى خالتىغا سالغان دېمەڭ ھە..

- ياقەي، نوپۇس سومكامدا بار.. - ئۇنىڭغا نوپۇسنى كۆرسەتتىم.

- ئەمىسە ناشتىنى ئاشخانىدا قىلىپ بولۇپلا خەت ئېلىش ئورنىغا بارايلى.. .

كىيىمنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ دەرىزىسىگە ئىلنىشىپ قالغاچقا ئۇخلىغان كىيىمىم بىلەنلا يولغا چىقتىم.

ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئايرىمخانىغا كىردۇق.

- خالىغىنىڭىزنى بۇيرۇڭ..

تىزىملىككە قاراپ بىر نەچچە خىل تاماقنى بۇيرۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىدىم.

- ھەركۈنى بۇنداق يەۋەرسەك زىيان چىقمامدۇ..

- سىز بىلەن بالام يېسە قانداق زىيان چىققۇدەك.. سودام تېخىمۇ بەركەتلىك بولىدۇ..

ئۇ ھەر قېتىم «بالام»دېگەندە يۈرىكىم بىر قېتىم ئېغىشاتتى. قەلبىمدىكى قەرزدارلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتەتتى.

بۇيرۇتقان تاماقنى يەپ تۇيۇقسىز ئاغزىمغا تاقاشقان بىر نەرسىنى بايقىدىم. قولۇمغا ئېلىپ كىچىك ئۈزۈكنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.

ئۇ يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى.

- ئاددىيلا خەت ئېلىپ توي تەكلىپى قويىدىغان بولدۇم، ماڭا ياتلىق بولۇڭ..

بىردەمدىن كېيىن ئاشخانا خادىملىرى كىرىپ چاۋاك چېلىشقا باشلىدى، بەزىلەر يانفوندا بىزنى سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى.

بۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈش ھەرقانداق قىزلارنىڭ خىيالىدا بولىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۆزىنى مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى يوق ئايال دەپ قارايدىغان مەن بۇنداق رومانتىكلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدىم.

- بۇ؟! بولدىلا.. ياش بىر يەرگە بارغاندا..

- بۇ قانداق گەپ ئەمدى، قوشۇلىمەن دەڭ..

ئۇ ئۈزۈكنى ئېلىپ قولۇمغا سالغاندا ھاياجاندا كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم. بۇ خىل يالغان مۇناسىۋەتنىڭ قاچانغا داۋاملىشىشىنى بىلمەيتتىم، لېكىن مۇشۇ دەقىقىدە بەختلىك ئىدىم.

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇلىقىمغا بوش پىچىرلاپ قويدى.

- بالامنىڭ ئاپىسى، قەدىرلىك ئايالىم..

بۇ جۈملىنى ئاڭلاپ ھاياجان ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. مۇشۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى كىنولاردىكى باش پىرسۇناژلاردەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

 ئۇ سۇنغان گۈلنى كۆتۈرۈپ، ئۈزۈكنى قولۇمغا سېلىپ خەت ئېلىش ئورنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.

 - ئويلىشىپ بولدۇڭلارمۇ؟

- شۇنداق! ھەر ئىككىلىمىز ئويلىشىپ قارار چىقاردۇق..

ئىككىمىزنىڭ سۈرىتى بېسىلغان توي خېتىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتىم. بىر كۈنلەردە يولدىشىمدىن ئاجرىشىپ باشقىلار بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغانىدىم.

 توي خېتىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىققاندا ئۇ پىشانەمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى.

- ئەمدىغۇ، ئەركىن بولغاندىمەن..

- شۇنداق. ئەمدى سىزنى رەت قىلمايمەن..

ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ كەتتۇق. ئارىمىزدا مۇھەببەت بار يوقلىقىنى بىلمەيتتىم، لېكىن مۇھەببەت پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتۇق.

ئۇ ماشىنىنى مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە قارىتا ھەيدىدى.

- نەگە بارىمىز؟

- ھەدىڭىزنىڭ ئۆيىگە..

- ياق، ئۇ يەرگە بارمايلى، شىركەتكە بارايلى..

- ئۇ ئۆزى ئۆيگە كېلىڭلار دېدى..

- خەت ئالغاننى ئۇنىڭغا دېدىڭىزما؟

- ياق، پەقەت سىزنى ئىزدەيدىغان ئىش بارئىدى دېدىم..

ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىمدىن خوش بولغان بولساممۇ، لېكىن بۇ خوشاللىقتىن ياردەمچى يىگىتنىڭ خەۋەر تېپىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. لېكىن بۇ ئەنسىرىشىمنى يولدىشىمغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتىم.

 ئۇ ماشىنىنى مالچى ھەدەمنىڭ بىناسى ئالدىدا توختاتقاندىن كېيىن ئارقا ئىشىكنى ئاچتى.

- قېنى چۈشۈڭ ئايالىم..

ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويۇپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.

- ئەمدى ئاۋۇ ئايالدىن قورقىشىڭىزنىڭ، باشقىلاردىن ئەنسىرىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق..

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە كىردىم.

- ۋوي، ئىككىڭلار بىللە كەپسىلەرغۇ؟!- دېدى مالچى ھەدەم ئالدىمىزغا چىقىپ. سافادا ياردەمچى يىگىت ئولتۇراتتى.

- شۇنداق. بىللە كەلدۇق. سىلەرگە چوڭ بىر ئىشنى جاكارلىماقچى..

- خوش خەۋەر ئوخشىمامدۇ؟!- دېدى مالچى ھەدەم بىردە ئۇنىڭغا بىردە ماڭا قاراپ.

- شۇنداق. چوڭ خوش خەۋەر.. - يولدىشىم يانچۇقىدىن توي خېتىمىزنى چىقاردى،- بىز توي خەت ئالدۇق..

- ۋوي، بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.. - مالچى ھەدەم كېلىپ قولۇمنى تۇتتى،- مۇبارەك بولسۇن..

بېشىمنى كۆتۈرۈپ مالچى ھەدەمگە قارىغۇچە ياندا كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن ياردەمچى يىگىتنى كۆردۈم، گەرچە ئۇنىڭغا ھېسسىيات قەرزىم بولمىسىمۇ ئۆزۈمنى يەنىلا گۇناھكاردەك ھېس قىلاتتىم.

- ۋوي، مۇبارەك بولسۇن.. مەن زادى ئىككىڭلارنى بىر بوپ قالىدۇ دېگەن،- دېدى ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايال يالغاندىن كۈلۈپ.

- لېكىن بۇ خەتنى جىملا ئېلىۋاپسىلەر.. ئەسلى تەبرىكلىسەك بولاتتى..

- سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ ئايرىم سورۇن ھازىرلايمىز..

- ئولتۇرۇڭلار، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلى..

ئولتۇرۇپ ئۇدۇلۇمدا تۇرغان ياردەمچى يىگىتكە قارىدىم، ئۇ مېنىڭ چىرايىمغا قارايدىغاندەك قىلمايتتى.

- ۋوي، توردا قىزىق نۇقتىغا چىقىپ كېتىپسىلەر..

يانفونۇمنى ئېچىپ ئۇنىڭ ماڭا توي تەكلىپى قويغان سىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章