تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 1-قىسىم

文摘   2024-10-11 10:47   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 




بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
- دادىسىغا ئوخشىدىمۇ قانداق؟
- ۋاي ياق، ئانىسىغا ئوخشاپتۇ.
- بېشىدا ئوغۇل تۇغۇلسا كەينى كەينىدىن ئوغۇل تۇغۇلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم تەلىيى بار ئىكەن.
- ئايشەمخان ئاچا مۇشۇ تەلەي سىزگە قاچانمۇ نسپ بۇلار ھە؟
 مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئايشەمخان قوشنىسىنى يوقلاپ كىرگەن يەردىن خوشلاشمايلا چىقىپ كەتتى. ئوغلى بىلەن كېلىنى توي قىلغىنى ساق يەتتە يىل بولدى. بالا تۈگۈل بىرەر تۇخۇممۇ تۇغمىغان بۇ كېلىنى بۇ خۇشاللىقنى ئايشەمخانغا قاچان نسپ قىلار ھە؟ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كېلىنلىرىنى يوقلاپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ بارغان بىچارە ئايشەمخان قاچانمۇ شۇ يىغىنچىلىقنىڭ ئاخىرىنى يىغىۋالار. ئۇ داستىخانغا چىگىلگەن بىر لېگەن مانتىنمۇ قويماستىن يېنىپ چىققان بولۇپ ئاچچىقىدا قولىدىكى داستىخاننىمۇ ئۆستەڭگە ئېتتىۋەتكىلى تاس قالدى.
- بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن ئاۋۇ تۇغماس مېكياننى قوغلايمەن. كاكىلىمىغان توخۇنى بېقىپ نېمە قىلىمەن، بۇ خوتۇننىڭ بۇ ئۆيگە نېمە پايدىسى؟ ئەمدى يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن. ئوغلۇمنىڭ كۆڭلى، ئوغلۇمنىڭ كۆڭلى دەپ مۇشۇ يەرگە كەلدىم. شۇ كۆڭۈلنىڭ زۇۋانىغا، -شۇلارنى ئويلىغان ئايشەمخان ئۆيگە كىردى. كېلىنى قازان بېشىدا، پاي پېتەك بولۇپ ئايشەمخاننىڭ قولىدىكى لىگەننى ئالماق بولۇپ قۇلنى ئۇزاتقان بۇلۇپ ئايشەمخان ئۇنىڭ قولىنى سىلكىدى.
- بالدۇرلا يېنىپ كېلىپلا. تاماق تەييار بولغان، ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم. كەلسىلە بىللە تاماق يەيلى؟
- بالدۇر يېنىپ كەلمەي قانداق قىلىمەن؟ خەقنىڭ نەۋرسگە قاراپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرامدىم. سېنىڭكى بولمىغاندىن كېيىن خەقنىڭكىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇر دېمەكچىمۇ؟ ماۋۇ ئۆيگە قاچان بىر نەۋرە كىرىدۇ؟ سىزگە، دېسەم مېنىڭمۇ سەۋر تارقىتىمنىڭ چېكى بار. بۇ يىل قانداقلا بولمىسۇن نەۋرە كۆرمىسەم كۈدە كۆرپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ ئۆيدىن يۇتسز، مېنىڭ ئۇنداق بىرەر تال تۇخۇممۇ تۇغالمايدىغان خوتۇننى ساقلىغۇم يوق. مېنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن، شۇنچىكى دەپ قويغان گەپمىكن دېمەڭ. كېلەر يىلى بىر يىل ساقلايمەن، ئەگەر يەنە بالىدىن خەۋەر بولمىسا. بۇ ئۆيدىن ئاستا چىقىپ كېتىسىز. -مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلىۋالغان ئاينۇر جىمجىت ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئىشلارنى قىلىۋەردى. راستىنلا موماي ئېيتقاندەك نەۋرسى تۇغۇلماي كېلەر يىلى ئۆيدىن قوغلىسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ دادىسىدىن بۇرۇنلا كىچىك قالغان. ئانىسىنى قىڭغىر قاقشىتىپ ئويناپ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ھېلىقى رۇستەم دېگەن چاپارمەن ئالقاپ بىلەن قېچىپ كەتكەن بۇ قىز بىر بالىنى قورسىقىغا ئۈندۈرۈپ كېلىپ كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ ئانىسىغا قاراپ تۇرغان ۋاقىتتا بىچارە ئانا ئۇرۇپ يىغلاپ ئاخىرى قىزنىڭ، بۇ سەتچىلىكىنى خەقتىن يوشۇرۇپ قىزىنى ئۆيگە سولاپ بېقىپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىرەر كىمگە بېرىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئەمما كىم بىلسۇن بالا سەككىز ئايلىق بولغان ۋاقىتتا قورساقتا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدى. بۇمۇ بولغىنى دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما، ماۋۇ يۇۋاش، ئانىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق سالامجان بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن پەقەتلا قورساق كۆتۈرمىدى. ئۇ قىياسىنىچە شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن ئۆزىنى بالىلىق بولالمايدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىدى ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىشنى پەقەتلا خالىمىدى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايتتى. سالامجاننىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى ئەمما موماينىڭ توختىماي ئۇنىڭدىن، ئەيىپ تېپىشى ئۇنى خېلىلا چارچاتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا رۇستەم بىلەن قېچىپ كېتىپ كىشىنىڭ ئاغزىغا خېلى چىقىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما سالامجاننىڭ كۆزىنى ئۇ باشقىلار تاپقان تۆھمەت، كىم كىمنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلمىغان دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەتكەن ئىدى. ئىشق ئوتىدا پۇچىلانغان سالامجان ھېچكىمنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى. ئاينۇرنى پاك، غۇبارسىز دەپ ئويلىدى، ئەمما توي كۈنى ئازراق گۇمان قىلغان بولسىمۇ، ئاينۇرمۇ ناھايىتى چېچەن. ھەر ئىشقا ئېپى بار ھاممىسى مۆھتىرەم خان ھەممە ئىشلارنى ئەپلەپ كەتكەن ئىدى.
- ۋېي نېمىدىن قورقىسەن، مەن بار يەردە بىر نېمىدىن قورقمىساڭمۇ بولىدۇ. ئالە ماۋۇ قۇتىغابىر باچكىنىڭ قېنىنى ئەپ قويدۇم، بىر يېرىڭگە مەھكەم تىق، قەتىي يېنىڭدىن ئايرىما. كۆرپىگە تۆكۈۋېتىپ ئۆزۈڭنىڭ يۈزىنى يورۇق قىل
-شۇنداق، قىلسام بولارمۇ ھا مما.
- مېنىڭدەك بىردىن بىر تۇغقىنىڭنىڭ گېپىگە ئىشەنمىسەڭ كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتىڭ. شۇنداق، قىلساڭ تامامەن بولىدۇ. قانداق ئىش بولۇشتىن قەتىينەزەر، بەزى ئىشلارنى ئېرىڭگە دېمە. ئېرىڭگە ئىشەنگىچە يوغان يوتاڭغا ئىشەن دەپتىكەن؟ ئېزىپ تېزىپ گەپ قىلىپ قالما ھە.
- ماقۇل، ھامما، سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە قىلىمەن. سەن بولمىساڭ قانداق قىلار بولغىيتتىم ھە؟
- ئېغىزىڭنى چىڭ تۇت، ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا، پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا دەپتىكەن. ئېغىزىڭنى يامان قىلىپ ئۆزۈڭگە ئش تاپما، -دېگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاينۇر بەزى ئىشلارنى يۈرىكىگە سالدى. ئەمما، رۇستەمنىڭ تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىشى ئۇنى دەككە دۈككە سېلىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، دەرھال ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى. زىنھار ئۇ مەھەللە دوقمۇشتغا چىقمايتتى. ئەمدى موماي ئاچچقىدا مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانمىدۇ.
 راستىنلا موماينىڭ ئاچچىقى كەلسە ئايرىۋېتىپ سالامجاندەك بىر ياخشى ئەردىن قۇرۇق قۇيسا قانداق بولىدۇ؟ ئويلاپ بېشى قاتقان، ئاينۇر ھاممىسى بىلەن بىر ئاز دەرت تۆكۈشۈپ. كۆڭۈلدىكى غەشلىكنى ئازراق ئاۋاندۇرماقچى بولدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟تۇغىمەن دېگەنگە تۇغۇۋالغىلى بولمىسا يا؟ بالا بولمىسا قورساققا ياساپ سېلىۋالغىنى تېخى بولمىسا، چۆچەكلەردىكىدەك خېمىردىن بالا ياساپ قويسا بالىغاجان كىرىپ قالىدىغان ئىش بوسىدى، مومايغا قانچىلىك لازىم بوسا شۇنچىلىك بالا ياساپ ئۆيگە لىققىدە تولدۇرىۋەتكەن بولاتتى. ئەمما نېمە ئامال؟ ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا؟
 ئاينۇر غەم ئىچىدە ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى ھاممىسى. ئېتىزدىن ئەمدىلا كەلگەن بولۇپ توپا پۇتلىرىنى ھويلىدىكى سۇپىغا سۈركەپ بىر نوگاي سوغۇق سۇغا نان چىلاپ يەۋاتاتتى.
- ۋاي ھامما، قاچانغىچە مۇشۇنداق قىلارسەن بىزنىڭ ئۆيگە بارساڭچۇ؟ تاماق ئەتكەن ئىدىم، بىر چىنە تاماق سەندىن ئايلانسۇن جېنىم ھامما. ئەمدى بۇنداق قىلىقنى قىلما بولامدۇ.
- ۋاييەي نېمە دەيدىغانسەن سېنىڭ ئاشۇ قېيىن ئاپاڭنىڭ قاش كۆزىگە قاراپ، بىر قاچا تاماق ئۈچۈن بارامدىم.
- ۋاي ھامما بارساڭ نېمە بولۇپتۇ؟
- ھەي ئۇ موماينىڭ قىلىقى سەت. كىشىلەرگە سېنى تۇغمىدى. ، بۇ ئۆيگە ئەۋلاد قالدۇرمىدى دەپ سۆزلەپ يۈرەرمىش. شۇڭا ئۇنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنگۈم يوق. مۇشۇنداق ئىچكىنىم ياخشى بالام.
- ھامما ئۇنىڭغۇ گېپى جىق. ئەمما ئۇنداق ئىچى تار ئەمەس. ھە راست، بۈگۈن ئۇ يەنە قاقشدى، ھەي، قانداق قىلارمەن ئۇ يەنە بالىنىڭ جېدىلىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر كېلەر يىلى نەۋرە كۆرمىسە مېنى سالامجاندىن ئاجراشتۇرىۋېتەرمىش.
- قانداق قىلارسەن ئەمدى؟ بالا دېگەننى ياساپ سېلىۋالغىلى بولمىسا.
- شۇ ھامما قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسەم؟ مېنىڭ بارىدىغان جايىم يوق .
- ۋاي ۋاي، نېمىدىن قورقاتتىڭ مېنىڭ ئۆيۈم سېنىڭ ئۆيۈڭغۇ؟
- ئەمما، كىشىنىڭ ئۆيىدە بىر ئۆمۈر تۇرغىلى بولمايدۇ جېنىم ھامما. مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ تىنچ ئامان ئۆتۈشنى خالىمامسەن. مەن قانداق قىلىمەن ماڭا بىر يول كۆرسەت بولامدۇ.
- داۋالان تۇغۇپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس.
- داۋالىنىمەن دېسەم موماي ئۇنامدۇ. ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. ئەگەر بۇرۇنقى ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
- ھە راست، تۇرۇپ تۇرغىنە، مەن بىر ئامالىنى ئىزدەي. سەن بىر نەچچە كۈن ئىشىڭنى قىلىپ تۇر . بىر باش قاتۇرۇپ بالىنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقاي.
- بالىنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقاي دەپ سەن بىزنىڭ ئۆيدىكى ئادەم بولمىساڭ يا؟ سەن قانداق بالىنىڭ ئامالىنى قىلاتتىڭ؟
- ئۆلمگەن جاندا ئۈمىد بار، ھە راست. بۇلتۇر قوشنا كەنتتىكى بىرى يېزىدىن بىر بالىنى. ئەكىلىپ بېقىپتىكەن. شۇنداق، بالىدىن بىرەرنى بېقىۋالامسەن يا؟
- موماينىڭ ئاشۇ كاج مىجەزى بىلەن بالا بېقىۋالغىلى بولامدۇ ھامما. مۇمكىن ئەمەس.
- مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق بالام. ئۆزۈڭنىڭ بالىسى قىلىپ بېقىۋالساڭ موماي بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرسە كۆتۈرىدىكى ھەرگىز ساڭا قارشى چىقمايدۇ.
- ۋاي ۋۇي ھامما، شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ؟
- شۇنىڭ ئامالىنى ئىزدەيلى. مەن بالا ئىزدەي. شۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنى رازى قىلىدىغان پۇللارنى تاپ. مەن ئەتىلا يېزىغا چىقىپ. بالىلىرىنى بېقىپ بولالمىغان، باشقىلارغا بېرىۋېتىدىغانلار بولسا ئىزدەپ تاپاي. ئەمما بەك ئۈمىدلىنىپ كەتمىگن . بولسا ھامىلدار بىرەرسىنىڭ بالىسىنى تاپقان بولسام سەنمۇ ئانچە مۇنچە قورسىقىڭغا بىر نەرسىلەرنى تىقىپ. تومپايتۋال. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بالىنىڭ تۇغۇلۇشىغا يېقىن، سەنمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ يېتىۋاساڭ بولاتتى. بۇ ئىشلارنى قايتا قايتا ئويلىشايلى بالام. ئەگەر شۇنداق قىلغىنى بولسا، مەنمۇ بالا ئىزدەپ باقاي.
- ۋوي ھامما، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن. بالا تۇغىدىغانغا توققۇز ئاي كېتىدىغان تۇرسا.
- ھەي، دەلتە، سەن ئالتە ئاينى توشقۇزغاندىن كېيىن بىر ئاماللارنى قىلىپ، مېنىڭ قېشىمغا كېلىۋالىسەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى بالىنىڭ تۇغۇلىشىغا يېقىن سېنىڭ قورسىقىڭ ئاغرىپ كەتتى دەپ خەۋەر بېرىپ قويۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى قۇچاقلاپ يېتىۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بالىسى سالامجاننىڭ پۇشتى بولىدۇ. سەنمۇ موماينىڭ ئالدىدا بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيسەن؟ ئىشنى باشلىساق بىر ئامالى بولىدۇ. سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپتىكەن.
- شۇنداق، قىلساق بولارمۇ ھامما.
- تازا بولىدۇ، گەپ بالىنى تاپالىشىمىز ياكى تاپالماسلىقىمىزدا. مەن ئەتىدىن باشلاپ ئىزدەپ ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىدىغانلار بولسا؟ ساڭا بالىنىڭ خەۋىرىنى قىلاي؟
- مەن قۇقىۋاتمەن، ئەمما ئەگەر ئوقۇپ قالسا ئۇلار مېنى ئۆيدىن ھەيدىۋېتىشتىن يانمايدۇ.
- ۋاي ۋۇي، سىناپ باقمىساڭ قانداق قىلىسەن؟ ئەگەر بالاڭ بولمىسا ئۇلار، بەرىبىر ئۆيدىن ھەيدىۋېتىدۇ.
- سېنىڭچە بۇ ئىشلارنى ئاختۇرغىلى بولارمۇ.
- بىر گەپ بولىدۇ دېدىمغۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章