تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 4-قىسىم

文摘   2024-10-11 10:47   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 




بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
ئاينۇرنىڭ بېشىدا بىر چاقماق چاقتى جاھان پىرقىرىغاندەك كۆز قاراڭغۇلاشقاندەك شۇنچىلىك بىر رەۋىشتە ئۆزىنى يوقىتىپلا قويغان ئىدى.
-نېمە دېدىڭىز بالىنى تۇغۇپ قويسا ھېساب بولامدىكەن. ئۇ بالا مېنىڭ، سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىمىزدىكى ھېساباتنى ئۈزۈۋەتكەن، ئەمدى بالام بار دەپ كەلمەڭ. بولمىسا مەندىن ياخشىلىق كۈتمەڭ.
- ئۇنداق دېمەڭ ئاچا، مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم، قانداقمۇ توي قىلماي تۇرۇپ بىر بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرەلەيمەن؟ ھېلىمۇ بەك بەدەل تۆلىدىم ئاچا، قانداق قىلىمەن؟ ماڭا مۇشۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق ئىدى، دەريا بويىغا بارساق، قالدى ئىشلارنى شۇ يەردە دەپ بەرسەم بولامدۇ، ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىشلارنى سىزگە دەپ ئىچ باغرىمنى بوشىتىۋالسام بولامدۇ ئاچا؟
- سىزنىڭ بۇ گېپىڭىز تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ، ئەگەر قېيىنانام ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا، ئىككىمىز تۈگىشىمىز. مەن قېيىنانامغا نەۋرە سىڭلىم بىلەن بىردەم دەرت تۆكۈپ، ئىچ پۇشۇقىمنى چىقىرىپ كېلەي دەپ قوياي، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ-ھە. ئەگەر ئېغىزىڭىزغا ھېزى بولماي، قولۇم- قوشنا، ئۆتكەن -كەچكەنگە سۆزلەپ يۈرۈيدىغان بولسىڭىز، سىزنى بوش قويۇۋەتمەيمەن، -دېدى-دە، مومايغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى . قېيىن ئاپىسى ئادەتتىن تاشقىرى ئوڭلۇق بولۇپ، نەۋرىسى شاھزاتجان تۇغۇلغاندىن ياقى ئاينۇرنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالمايتتى. قىلغۇدەك ئىشلار بولسا قىلىشىپ بېرىپ، ئاينۇرنىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ، توي-تۆكۈن يىغىنچىلىققا بېرىپ كېلىشنى ئېيتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى، كۆڭلىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايتتى.
- ۋاي بېرىپ كېلىڭ بالام، بېرىپ كېلىڭ، ئۇ قىزنىڭمۇ كەلمىكى تەس. نېمىلا دېگەن بىلەن سىزنى ئادەم ئېتىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ. بېرىڭ قىزىم بېرىڭ. بىردەم پاراڭلىشىپ دەردلىرىڭلار بولسا تۆكۈشىۋېلىڭلار. دوستى بولۇشى كېرەك ئادەمنىڭ مۇشۇنداق ئىزدەپ تۇرىدىغان، بېرىڭ قىزىم دېگەن ئىدى، بۇ گەپ ئاينۇرغا ياغدەك ياقتى. قىزنى قانداقلا بولمىسۇن پەيلدىن ياندۇرۇپ، بۇ يەرگە كەلمەسلىككە، ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە نەسىھەت قىلماقچى بولدى. قىز بىلەن دەريا بويىغا بارغاندىن كېيىن، قىز ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى ئۆزىنىڭ مەجبۇرلانغانلىقىنى، توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
- ئۇنداق دېسەم مېنى ساراڭ ئىكەن، دەپ قالغانسىز ھەقىچان ئاچا. ئەمما، ئاشىقنىڭ كۆزى كور قۇلىقى گاس ئىكەن. مەن تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ فىزىكا مۇئەللىمىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن ئوڭلۇق، خۇش چاقچاق ئەر ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىز بويلىرى ئۇرۇقىنىە كەلگەن پاچاقلىرى. ئاياللارغا خاس ئاپپاق يۈزلىرى. داۋاملىق كۈلۈپ تۇرىدىغان چىراي. مېنى ئۆزۈىگە مەھلىيا قىلغان ئىدى. نېمە دەي ئەمدى؟ كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ دەيتتى بۇرۇن كونىلار. ئىت ياتمايدىغىنى راستىكەن ئەمەسمۇ ئاچا. مەكتەپتە ئۇنىڭغا قارايتتىم. ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم چىدىمايتتىم ئاچا. ئۇنىڭغا قانداق كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشنى بىلمەي ئۇنىڭغاياخشىچاق بولاتتىم. ئۇنى سۆيەتتىم. ئۇنىڭسىز بىر كۈنۈم ئۆتمەيتتى. ئەڭ ئاخىرقى ساۋاقداشلار يىغىلىشى تولۇق ئوتتۇرىغا ماڭىدىغان كۈنى. ئۇ ئۆيىدە بىر كۈن ئۇزىتىش چېيى بەردى. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تاماق ئېتىشىگە ياردەملەشتىم.
- بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
- ئون ئالتىگە كىردىم مۇئەللىم.
- باشقا بالىلاردەك مۇھەببەتلىشىپ باقتىڭىزمۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزۈم قىزىرىپ، ئۆزۈمنى قۇيارغا جاي تاپالماي قالدىم.
- ياق، مۇئەللىم، مەن تېخى كىچىك، ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك بولمىدىم.
- ھە، مۇنداق دەڭ، شۇ ياخشى بالا دېگەن ئۆزىنى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغا ئۇرمايدۇ.
- ئۇنداقتا سىزچۇ قاچان توي قىلىسىز؟نىشانلاپ قويغان لايىقىڭىز بارمۇ.
- مەنمۇ توي قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم، لايىق دېگەن نەدە، تۇرۇپتۇ ماڭا، مەندەك ھېچنېمىسى يوق، ئادەمنى ياراتمايدىكەن؟
- نېمە دېگىنىڭىز ئۇ ؟سىزنى ياراتمىغان قىزلارنىڭ كۆزى كور ئىكەن، مەن بولغان بولسام. . .
- سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
- ھە، مەن بولغان بولسام، ئۇ قىزلارنىڭ كۆرمىگەن كۆزىگە ياغاچ تىقاتتىم، نېمانداق ئەسكى قىزلار ئۇ؟
- ئەمدى مۇئەللىمنى ياخشى كۆرمىدىڭ دەپ كۆزىگە ياغاچ تىققىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى بار.
- ئەمما سىزدەك ياخشى ئەرنى كۆرمىگەندىن كېيىن كۆزىنىڭ كۆرمىگىنى ياخشى، ئۇنداق كۆزنىڭ ئۇلارغا نېمە لازىمى؟
- لازىم بولىدۇ، سىرتتىكى باشقا ئەرلەرگە چىرايلىق يىگىتلەرگە قارىغاندا لازىم بولىدۇ. مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشىپ بىر بىرسىمىزگە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بەئەينى ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك بىر ھالەتكە كېلىپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن پات پات تەتىل مەزگىلىدە ئۇنىڭدىن دەرس سوراش باھانىسىدا ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىدە تەكرار قىلاتتىم، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى شەھەردە بولۇپ ئۆيدە يالغۇز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.
- سىز تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغىلى كەتسىڭىز، مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالارمۇ.
- ياق، مۇئەللىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە مەندىن باشقا نۇرغۇن قىزلار بار.
- ياق، كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، سىزگە كۆنۈپ قالدىم. كۈندە ئەتراپىمدا يۈرۈپ مېنىڭ يالغۇزلىقىمنى ئۇنۇتتۇردىڭىز. كۆيگەن يامانمۇ دېسە كۆنگەن دەپتىكەن، چوقۇم كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.
- راستمۇ.
-ئەلۋەتتە راست، سىزنى ئالداپ نېمە قىلىمەن؟
- ئۇنداقتا ماڭا تېلېفون ئۇرۇڭ، ياكى بولمىسا خەت ئەۋەتىڭ، ئالاقىلىشىپ تۇرساق بولىدىغۇ.
- شۇنداق، سىزمۇ ماڭا تېلېفون ئۇرۇڭ ياكى خەت ئەۋەتىڭ. ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، -مانا مۇشۇ سۆزلەر بىلەن بىزنىڭ ئارلىقىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ئەمما، ئۇنىڭ مېنىڭدىن پايدىلانغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىمەن.
- سىزنى سەردار ئاكا دېسەم بولامدۇ، مېنىڭ پەقەتلا مۇئەللىم دەپ چاقىرغۇم يوق.
- نېمىشقا؟ نېمىشقا مۇئەللىم دەپ چاقىرمايسىز؟
- چۈنكى مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىزگە قارىتا مۇھەببەت پەيدا بولدى.
- ئەخمەق قىز، ئۇنداق ئويلىماڭ، سىز تېخى كىچىك، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز؟
- مەن بىلىمەن، مۇھەببەت دېگەن چوڭ كىچىك دېمەيدۇ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، -دېدىم مەن كۆڭلۈمنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلىپ، ئەمما ئۇ بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
- ئوماق سىڭلىم ئەمدى ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ، بۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى چاچماڭ، سىز باشتا دېدىڭىزغۇ، مەن كىچىك دەپ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار مۇمكىن بولمايدۇ، مەن مۇئەللىم، سىز ئوقۇغۇچى، تېخى خېلىلا كىچىك بالا سىز. شۇڭا مۇئەللىم بىلەن ئوقۇغۇچى سۈپەتتە بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشەيلى، -دېدى ئۇ. مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى، ئۇنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ياخشى ئەر دەپ ئويلىدىم، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن پەخىرلەندىم ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈم.
- ئەتىدىن باشلاپ بۇ ئۆيگە كەلمەڭ، مېنىڭ ئەمدى سىزگە باشقىچە ئويلاردا پىكىرلەردە قارىغۇم يوق. سىزمۇ بۇنداق قارىماڭ. ياخشى ئوقۇپ ئەلگە ياراملىق ئادەم بولۇڭ، ياخشى كۆرۈش دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، قارىغۇلارچە بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ياخشى ئەمەس دەيتتى . ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ كېيىن پۇرسەت بولسا چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ خېلى سۆزلەرنى قىلىپ ئاندىن كەلدىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بولسا، مېنى ئۆيىگە يالغۇز بارغاندا دەپسەندە قىلغان بولاتتى دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنى مۇئەللىم ھېسابىدا ئىزدەپ يۈرىۋەردىم. تەتىل توشۇپ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقىتتا بىر مەسىلىنى سوراش ئۈچۈن كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم، ئۇ ھەرگىز ماڭا قارا يۈزلۈك قىلمايدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما، كەچتە ئۇ ئۆيدە يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بولۇپ كەيپىياتى شۇنچىلىك ناچار ئىدى. ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئۇ قېشىغا ئولتۇرۇشقا توۋلاپ:
- بۇياققا كېلىڭ سىڭلىم، بۇياققا كېلىڭ، -دېدى ئۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگەچكە ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپتىمەن، ئەمما شۇنداق ئولتۇرۇشۇمغا ئۇ بىلىمنى تۇتقان ھالدا مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ، ئاستىغا بېسىۋالدى. مەن ئۇنى ئىتتىرىپ باقتىم، توۋلاپ باقتىم. ئەمما ئۇنىڭ ياۋۇز قوللىرىدىن قۇتۇلالمىدىم، كىيىملىرىم يىرتىلدى. كىيىملىرىملا ئەمەس، غورۇرۇم قىزلىقىم، ئەڭ ھۆرمەتكە ئىگە بالىلىق قەلبىم ئۇنىڭ ئايىقىدا پايخان بولدى. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ماڭا يالۋۇردى، -مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كەلسەڭ توي قىلىمىز، -دېدى.
- مەن ئازراق كەيپ بولۇپ قاپتىمەن سىڭلىم. مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. چۇقۇم سىزگە ئىگە بولىمەن. ھەرگىز سىزنى بۇ پېتى تاشلاپ قويمايمەن. سىز بىلەن چوقۇم توي قىلىمەن، ئەرز قىلىمەن، چوڭلارغا دەيمەن دېمەڭ جۇمۇ، سىزمۇ بۇ كېچىدە كەلمىگەن بولسىڭىز، مەنمۇ بۇ بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىگەن بولاتتىم.
- نېمىشقا، سىزگە ئىشىنەتتىمغۇ؟ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ سىز ئادەم ئەمەس ئىكەنسىز؟ نېمىشقا زادى نېمىشقا؟
 ئۇ سوئاللىرىمنى چەتتە قويۇپ، ئىگە بولۇش توغىرسىدىلا سۆزلەۋاتاتتى. مانا بۇ ئىشلار مۇشۇ پېتى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ماڭا ئىگە بولۇپ توي قىلماقچى بولدى. ئۆيگە دەستۇرخان ئەكىرىپلا قويدى، ئۆيدىكىلەرمۇ شۇنچىلىك خۇشال ھالدا بىر مۇئەللىم- ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئىگە بىر ئادەمنىڭ ماڭا چىققانلىقى ئۈچۈن بېشى كۆكىكە يەتكەن ئىدى. ئەمما توي قىلىدىغانغا بىر ئاي قالغان ۋاقىتتا، ئۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق، ھەتتا مەكتەپ بىلەنمۇ قولۇم خوشنىلىرى بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن قاباھەتلىك كۈنلىرىم باشلاندى. مەن ھامىلدار بولۇپ قاغان ئىدىم، ئۇنى خېلى يەردىن ئىزدىگەن بولساقمۇ ئۇ تىپلمىدى، ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن چاچلىرىمنى يۇلۇپ ئۇرۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ ئەڭ ھاقارەتلىك تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى، كېيىن ئۇنىڭ بىزنىڭ ئالدىغانلىقىنىڭ ھېسابىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر بۇ بالىنى تۇغۇپ ئۇنىڭغا تاشلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خېلى ۋاقىتلارنى سۆرەپ يۈردى. ئۆزى بىر تەرەپ قىلسۇن. نېمە كۆرسە ئۆزى كۆرسۇن دەپ قېيداپ يۈرۈپ مېنى ئاخىرى بۇ بالىنى تۇغۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مېنى بالىنى تۇغقاندىن كېيىن، ئۇنى قانداقلا بولسۇن تېپىپ ئۇنىڭدىن پۇل ئۈندۈرۈش ئىكەن. رەزىل ئۆگەي ئاپام مۇشۇلارنى پىلانلاپتۇ. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرىنى ئۇقۇپ قالدىم. شۇڭا سىزنىڭ ھاممىڭىز ئارقىلىق بۇ بالىنى سىلەرگە بېرىۋەتتىم. بالامنى بېرىۋېتىپ، بوۋاقلار تۇرىدىغان ئۆيگە بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كەلدىم. ھەم سىزنىڭمۇ كۆرگىنىڭىزنى بالىغا مېھىر بەرگەنلىكىڭىزنى كۆردۈم. ئەمما ئۇ ھايۋان شۇ يوقىغانچە كەلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن غەزەپ ۋە تىل ھاقارەت ئىچىدە، تولا يىغلاپ، تولا قايغۇرۇپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتىمەن، تۇغقان بالىسىنى ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتتى دېدى ئۆگەي ئاپام. بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەسكى ئانا ئاتىىلىپ قالدىم. كىشىلەر مېنى كۆرسە بىر نېمىلەرنى دەيتتى. ئەمما، پەرۋايىم پەلەك خىياللىرىم بۆلەك ئۆتىۋەردىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章