ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 7-قىسىم

文摘   2024-10-11 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
شۇ كۈنى گۈللالەنىڭ جەسىتى يەرلىككە قويۇلدى. يەرلىك بېشىغا كەلگەن ئادەممۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. گۈللالە يەرلىككە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، رىنات ھەممەيلەننى كەتكۈزىۋېتىپ، قەبرە بېشىدا يالغۇز ئولتۇردى.
بىر چاغدا قەبرە بېشىدا ئەركىن پەيدا بولدى.
- سەن بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى رىنات سەل خاپا بولغان ھالدا.
-لالەنى مەن سەندىن ئۆتە ياخشى كۆرۈمەن، مەن ئۇنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇملىرىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. مېنىڭ ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىش ھوقۇقىم بار...
- مەن بۇ يەردىلا بولىدىكەنمەن، ئۇنىڭ بېشىغا باشقا بىر ئادەمنى يېقىن يولاتقۇزمايمەن.
- تولا ياسالمىلىق قىلما رىنات، ئەجىبا ئۇ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بولىۋالماقچىمۇ؟
-لالە يالغۇز مېنىڭ، ئۇ پەقەت ماڭىلا تەۋە...
-رىنات، بولدى ساختا ۋاپادار قىياپەتكە كىرىۋالما، سەن ئۇنى ھايات ياشاش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان تۇرۇپ، يەنە ئۇنى مېنىڭ دەيدىغانغا قانداق ۋىژدانىڭ چىدايدۇ! ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلماي، ئەمدى ئۇ كېتىپ قالغاندا بۇ يەردە نېمىلا قىلغىنىڭ بىلەن بىكار...
ئەركىننىڭ ئاۋازى سەل يۇقىرى چىقىپ كەتتى. قەبرىستانلىقتا پەقەت ئۇلار ئىككىسىلا قالغان بولۇپ، رىنات ئەركىننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى...
رىنات كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
رىنات ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاماقمۇ يېمەستىن گۈللالەنىڭ ياتىقىغا كىرىۋېلىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدى. ئىشىكنى چەكسىمۇ ئاچمىدى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى شۇندىلا گۈللالەنىڭ رىناتنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى بىلگەندەك بولدى. ئەمدى نېمىلا دېگەن بىلەن كېچىككەن ئىدى.
ئۇلار ئىشىكنى چىكىۋەرگەندىن كېيىن رىنات ئاخىرى ئىشىكنى ئاچتى. رىنات ئاتا – ئانىسىغا ناھايىتى غەمكىن تۈستە قاراپ قويۇپ:
-ئاتا، ئاپا، مەن خاتا قىلدىم، مەن لالەنى مەجبۇرلاپ مۇشۇ يولغا سەپ قويدۇم، ئۇنىڭ ئۆلىمىگە مەن سەۋەپچى... – دېدى يىغلامسىرىغان ئاۋازدا.
-بۇ ئىشتا سېنىلا ئەيىپلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، - دەپ تەسەللىي بەردى ئاپىسى ئۇنىڭغا. –ئەمەلىيەتتە بىز بۇرۇنلا سېنىڭ لالەگە كۆڭلۈڭ بارلىقىنى بىلەتتۇق. بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمىز. بىزمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن، دەپ ئويلايتتۇق. لېكىن سەن كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇنىڭغا چىراي ئاچماس بولىۋالدىڭ، شۇڭا بىزمۇ سېنى مەجبۇرلاپ ئولتۇرمىدۇق. لالە ياخشى قىز. بىز مەقسەتلىك ئىككىڭلارنىڭ ھۇجرىسىنى يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. بىز سىلەردىن ياخشى خەۋەرلەرنى كۈتكەن ئىدۇق...
ئاپىسى سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، گەپ قىلالماي قالدى، ئۇ يولدىشىغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ قويۇپ، گېپىنى داۋام قىلدى:
-رىنات، سەن بىزنىڭ بەختىمىز ھەم پەخرىمىز. بىز سېنىڭ ئىشلىرىڭدىن ناھايىتى خاتىرجەم بولۇپ كەلگەن ئىدۇق، مۇنداق ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان...
-ئاپا... ئاتا... مەن سىلەرنى ئۈمىدسىز قويدۇم... مەن ئەيىپلىك...
-سەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن يەنە ئۇنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن. سەن بىزنىلا ئۈمىدسىزلەندۈرپ قالماستىن، لالەنىڭ يۈرىكىنىمۇ قۇرۇتۇپ تۈگەتتىڭ.
ئاپىسىنىڭ رىناتقا قارىغان كۆزلىرىدىن ئۇنى ئەيىپلەش نۇرلىرى ئۇخچۇپ تۇراتتى. ئاپىسىمۇ لالەنىڭ بالىسىنى چۈشۈرىۋەت، دەپ ئۆز نەۋرىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا ئۆزىنى ئەيىلەۋاتاتتى.
ئاپىسى رىناتنىڭ مۈرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويۇپ گەپ باشلىدى:
-بالام، لالە كەتتى. بىز ھەممىمىز ئېغىر ھەسرەت چەكتۈق. ئۇ ئەمدى رەھمەتلىك بولۇپ كەتتى، ئۇ سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ھەرگىز سېنىڭ بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىپ ئۆتكىنىڭنى كۆرۈشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، سەن ياخشى ياشىساڭ ئاندىن ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلىدۇ، بىلدىڭمۇ!
رىنات ئاپىسنىڭ گەپلىرىنى سۈكۈتتە تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئۇ گۈللالەنىڭ كۆزى يۇمۇلمىسا ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە خاتىرجەم بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كەتتى. بۇرۇن گۈللالە ئۇنىڭدىن «مېنىڭ تېنىمدىكى يۈرەك مېنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرمەيۋاتامسىز» دەپ سورىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە رىنات گۈللالەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ بۇ ياخشى كۆرىشى ئۇنىڭ تېنىدىكى يۈرەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. پەقەت ئۇ كېيىن يۈز نەرگەن شۇ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇ ئۆزىنى گۈللالەدىن قاچۇرۇپ يۈرگەن، خالاس.
-رىنات، لالە بىزنىڭ ئۆينىڭ قىزى، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلايلى. بۇ بەلكىم بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ ئاخىرىقى ئىشىمىز بولىشى مۈمكىن.
رىنات كەچتە گۈللالەنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى. كارۋاتتىن گۈللالەنىڭ ھىدى كېلىۋاتقاندەك ئىدى. رىنات مۇشۇ ھىدلارنى پۇراپ ياتماقتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنى گۈللالەگە قەرزدار ھېساپلاپ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاز – ئازدىن قەرز قايتۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى...
ئەتىسى رۇفىنەنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ پەس ئاۋازدا:
-رىنات، دوختۇرخانا رۇفىنەنىڭ كېسىلى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چۈشۈرۈپتۇ. كۆرۈپ باقامسىز!؟
-يۇقال!
رىناتنىڭ ئاۋازى ناھايىتى پەس بولغان بىلەن غەزەپكە تولغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
-لالە ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى... بىراق رۇفىنە... – دېدى ئۇ كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي تۇرۇپ، - لالە بىلەن رۇفىنە ئاچا – سىڭىل، لالە شۇنداق ئاقكۆڭۈل قىز، ئۇ ئەگەر ھايات بولغان بولسىمۇ رۇفىنەنىڭ بۇنداق ئازاپ تارتىشىغا قاراپ تۇرمىغان بولاتتى.
ئۇ گۈللالەنىڭ گېپىنى چىقارغاندا رىناتنىڭ يۈزىدە ئازراق تارتىلىش پەيدا بولدى.
-رۇفىنەنىڭ بۆرىكى زەئىپلىشىپ كارۋاتتىن چۈشەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىلى تۇردى. ئۇ دائىم سىزنى ئاغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. رىنات، بېرىپ ئۇنىڭغا ئازراق مەدەت بېرىپ قويمامسىز!؟
رىنات خېلى ۋاقىت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاستا قاراپ قويدى.
رۇفىنە رىناتنىڭ كېسەلخانا ئىشىكىدىن كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تىتىكلەشتى.
-رىنات، ئاخىرى كەلدىڭىز!؟
رۇفىنە شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا قولىنى سوزدى. رىنات ئۇنىڭدىن خېلى يىراق ئارىلىقتىلا توختاپ، رۇفىنەنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ قويۇپ، گەپ قىلمىدى.
رۇفىنە بەكلا جىددىيلەشتى.
-رىنات، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ كۈنۈم جىق قالماپتۇ. مەنغۇ ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، شۇ ئۆلۈپ كەتسەم سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ھەم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن.
ئۇ تېخى رىناتنىڭ ۋىسالىغا يەتمىگەن تۇرسا ئۇنىڭ قانداقمۇ ئۆلۈشكە كۆزى قىيسۇن! ئۇ تېخى ھاياتقا قانمىغان تۇرسا.
- چوقۇم سىزگە ماس كېلىدىغان بۆرەك چىقىدۇ، سىز خاتىرجەم داۋالىنىڭ.
رىناتنىڭ بۇ گېپىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىق يوق ئىدى.
-لالە سىڭلىم يېنىمدا بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۇ مېنىڭ بۇنداق ئازاپ چېكىشىمگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايتتى. ئۇ چوقۇم يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولغان بولاتتى... – رۇفىنە مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋاتقنىڭ بېشىدىكى ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردى، - رىنات، سىز دوختۇرخانىدا قېلىپ ماڭا ھەمراھ بولالامسىز؟! رىنات ئۆتۈنۈپ قالاي، سىڭلىمنىڭ ئورنىدا ماڭا ھامراھ بولۇڭ، بولامدۇ؟!
رىنات بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. رۇفىنە ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن جاۋاب چىقمىغاندىكىن كېيىن ناھايىتى ئازابلانغان قىياپەتتە:
-سىڭلىم لالە ناھايىتى بەختسىزكەن... ئۇ شۇنداق ۋاقىتسىز كېتىپ قالدى...
-بولدى، سىز بۇنىڭدىن كېيىن لالەنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىڭىزغا ئالماڭ...
رىناتنىڭ چىرايىدىكى كەسكىنلىكنى كۆرگەن رۇفىنەنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى.
...
شەھەر سىرتىدىكى مەلۇم بىر داچىنىڭ قورۇسى.
ئۇزۇن ئاق كۆينەك كەيگەن زىلۋا بىر قىز يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.
-لالە، سىز بۇ گۈللەرنى ياخشى كۆرەمسىز، - دېدى ئەركىن قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ، - ھاۋا سوۋۇپ قالدى، سىز ھېلىمۇ بۇ يەردە بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز.
بۇ قىز دەل بىزنىڭ ئەسىرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى، «ئۆلۈپ كەتكەن» گۈللالە ئىدى.
گۈللالە نەزىرىنى گۈللەردىن ئۈزۈپ ئەركىنگە قاراپ دېدى:
-بۇ گۈللەر ناھايىتى چىرايلىق، ئەتراپ ناھايىتى تېنچ، مەن مۇشۇنداق يەردە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن.
- ياخشى كۆرسىڭىز مەيلى ئەمىسە.
ئەركىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ كىچىك بىر يۇڭ ئەدىيال بىلەن گۈللالەنىڭ پۇتلىرىنى ئوراپ قويماقچى بولدى. گۈللالە دەرھال يۈڭ ئەدىيالنى ئېلىپ ئۆزىنى – ئۆزى ئورىۋالدى. ئۇ باشقا ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە تېگىپ كېتىشىنى خالىمايتتى.
-ئەركىن، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىگە ئۆزۈممۇ ئىشىنەلمەيۋاتىمەن. ئاغزى – بۇرنۇمدىن قان كەلگەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە، لېكىن مەن بۇ يەردە ھايات ئولتۇرۇپتىمەن...
گۈللالە ئەركىنگە قاراپ شۇنداق دېدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنىلا غەمكىنلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.
-شۇ تاپتا سىزدە قايتا ياشىغاندىكى ھېسسىيات قانداقراق!؟
ئەركىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئاقلانغان ئالمىنى گۈللالەگە سۇندى. گۈللالە ئالمىغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئالمىنى قولىغا ئالدى.
- خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك خىرە تۇيغۇدا تۇرىمەن. ھەممەيلەن بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلگەندە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنگە باراۋەر دەيتتىغۇ؟ نېمىشقا يۈرىكىم يەنە ئاغرىيدۇ. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان، مەندىن پايدىلانغان ئادەملەرنى ئويلىساملا شۇنداق ئۈمىدسىزلىنىمەن...
گۈللالەنىڭ كۆز قارچۇقى شۇنداق خۇنۈك بولۇپ، ئەمدىلا پەيدا بولغان ئازراق ئۈمىد يەنە غايىپ بولغان ئىدى. ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن كاللىسىدا يەنىلا رىناتنىڭ سوغۇق چىرايى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭ بۆرىكىنى ئالماقچى بولدى! يەنە تېخى ئۇنىڭ بالىسىنى چۈشىرىۋەتتى. ئۇ بالىنىڭ گۈللالەگە نىسبەتەن قانچىلىق مۇھىملىقىنى بىلمەمدىكىنە!؟
-ئەركىن مېنى قۇتۇلدۇرىۋالمىسىڭىز بوپتىكەن، ھايات قالساممۇ قانچىلىك جاپادا ياشايدىغانلىقىمنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز...
گۈللالە سۆزلەۋېتىپ، ئۈمىدسىز ھالدا كۆزىنى يۇمدى.
-لالە، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، كەلگۈسىنى ئويلاڭ، بارلىق ئىشلىرىڭىزغا مانا مەن بار.
- ئۇنتۇپ كېتىش مۈمكىنمۇ!؟
رىنات بىلەن رۇفىنەنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرى يۈرىكىنى لەختە – لەختە قىلىۋەتكەن تۇرسا، ئۇ بۇلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەلىسۇن!
گۈللالە يۈزىنى ئېتىۋېلىپ ئۈنسىز ياش توكتى. ئۇ ئىلگىرى ماڭا رىنات بولسىلا بولدى، دەپ ناھايىتى ساددىلارچە ئويلايتتى. بىراق رىنات ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلدى. ئۇنىڭ ساپ ھېسسىياتىنى نابۇت قىلدى. مۇھەببەت بولمىسا، قېرىنداشلىق مىھرى بولمىسا ئۇنىڭ ياشىشىغا يەنە نېمە تىرەك بولالايدۇ.
-لالە، بولدى ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ھەم ۋاقىت ھەممە ئىشلارنى يېڭىدىن باشلايدۇ. ماڭا ئىشىنىڭ!
ئەركىن غەمكىن ئالتۇرغان گۈللالەگە قاراپ شۇنداق دېدى. ئۇ گۈللالەنى ياخشى كۆرەتتى، كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇ گۈللالەگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئويلايتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشكە زادى ئىدى.
-ئەركىن رەھمەت سىزگە، دېدى گۈللالە، - مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇكۇل سۇيۇقلىقىغا سىيانىد ئارىلاشتۇرىۋەتكەن تۇرسام، سىز مېنى قانداق قۇتۇلدىرىۋالدىڭىز؟
گۈللالە گۇمانىي نەزەر بىلەن ئەركىنگە قارىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاغزى – بۇرنىدىن قان كەلگەنلىكى ئېنىق يادىدا بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئاغرىق دەردىنى سېزىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلۈپ كەتتىم، دەپ ئويلىغان ئىدى، بىراق ئەركىن ئۇنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章