ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 6-قىسىم

文摘   2024-10-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
-ئۇنىڭغا چېقىلماڭ، - دېدى رىنات ۋە دەرھاللا گۈللالەنىڭ يۈزىنى يېپىۋاتقان رۇفىنەنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
رىنات گۈللالەنىڭ يۈزىگە ئىنچىكىلەپ قارىدى. ئۇ بىر پارچە ئاق لاتىنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى توسىۋېلىشىنى خالىمايتتى. ئۇ گۈللالەگە قىيالمايۋاتاتتى.
-رىنات، لالە ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قايتا تىرىلمەيدۇ، بۇ يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇرىۋەرگەن بىلەنمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى!
رۇفىنە شۇنداق دېگەچ گۈللالەگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىپمۇ رىناتنى ئۆزىگە قارىتىۋالغانلىقىغا غەزىپى كېلىپ تۇراتتى.
-بۇ ئىشقا سىز ئارىلاشماڭ! – دېدى رىنات.
-بىراق، ئۇ مېنىڭمۇ سىڭلىم، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى!
-ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! – رىنات شۇنداق دەپ خۇددىي تونۇمايدىغان ئادەمدەك رۇفىنەگە قارىدى.
شۇ چاغدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ساقچىلار يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ خاتىرە قالدۇردى. گۈللالە بىلەن ئۇچراشقان بارلىق بۇيۇملارنى ھەممىسىنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈردى. ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنچىكە ھالقىنى قولدىن بەرمىدى. دوختۇرخانا تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ ساقچىلارغا ئاكتىپ ماسلاشتى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا مەسئۇل ساقچى رىناتقا:
-رىنات ئەپەندى، بىز گۈللالە خانقىزنىڭ ئاسما ئۇكىلى ئىچىدىن مەلۇم مىقداردا سىيانىد بايقىدۇق، ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، - دېدى.
-بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، مەن بۇنى كىم قىلغانلىقىنى بىلمەكچى!؟ -دېدى رىنات.
- بىز توردىن گۈللالە خانقىزنىڭ مال سېتىۋېلىش خاتىرىسىنى تاپتۇق، ھەم كۈزىتىش ئاپاراتىدىنمۇ ئىسپات يىغدۇق، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
- مۈمكىن ئەمەس!
«ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان رىنات ۋارقىراپ تاشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەنىدى. «بۇ مۈمكىن ئەمەس، گۈللالە دېگەن شۇنداق ئۆزلۈكى كۈچلۈك، جاھىل مىجەز قىز، بۇرۇن مەن ئۇنى شۇنداق قىينىساممۇ، كەمسىتسەممۇ مۇشۇ كەمگىچە ياشاپ كەلگەن ئادەم نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇدەك...» رىنات بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلغۇدەك سەۋەب تاپالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بىر سەۋەپ كېرەك ئىدى.
- لالە، ئورنىڭدىن تۇر...
رىنات گۈللالە يۈزىگە يۈزىنى يېقىن ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ تۇرۇپ چاقىردى. ئۇ گۈللالەنىڭ يۈزلىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى، باشقىلاردىن كەلگەن ئوۋالچىلىقلارنى، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن كەلگەن رەھىمسىزلىكلەرنى كۆرگەندەك بولدى. ئۆزىنىڭ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، قىز چىقمىدى، باشقا ئەرلەر بىلەن بىللە بولدى، دەپلا ئۆز سۆيگىسىنى يۇشۇرۇپ ئۇنى قاتتىق قىيناپ ئازابلىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ھەتتا ئۆزى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان گۈللالەنىڭ ئاچىسى رۇفىنە بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلۇش ئارقىلىق گۈللالەدىن ئۆچ ئېلىپ، قان – زار يىغلاتقانلىقىغا ئۆكۈندى.
رۇفىنە رىناتنىڭ ئازابلانغان ھالىتىگە قاراپ، تاكتىكسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساختا ئازابلانغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ رىناتقا دېدى:
-سىڭلىم ماڭا بۆرىكىن بېرىشكە قىيالماي مۇشۇنداق قىلدىمۇ، - يا!
- ئۇ بەلكىم شۇنداق ئويغا كېلىپ قالغاندۇ!
رىنات ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغان بىلەن كۆڭلىدە گۈللالەدەك دېيىشكە، قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ھەتتا ئۇنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ، «مەن سەن بىلەن بىللەن بولىمەن» دەپ ئوچۇق دېيەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر جۈرئەتلىك قىزنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قارارىغا كېلىشىگە ئىشەنمەيۋاتاتتى.
-سىڭلىم نېمىشقىمۇ مۇشۇنداق قىلغانسەن، سەن نېمە دېگەن ئەخمەق... ماڭا بۆرىكىڭنى بېرىشنى خالىمىساڭ، رىنات ماڭا باشقا بىرىنى تېپىپ بەرسە بولاتتىغۇ...
رۇفىنە يىنىك ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. ئۇ بۇرۇن گۈللالەنىڭ ئۆلىمىنى تىلىگەن، ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى ئارزۇ قىلغان، ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ باققان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. بىراق، بۇمۇ بولدى، ئۆلدى، كەتتى.
-رىنات باش دىرىكتور، مەن بايا خانقىزنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقاندا بۇ خەتنى بايقىدىم.
ياردەمچى شۇنداق دەپ بىر پارچە خەتنى رىناتقا ئۇزاتتى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ قەغىزىگە يېزىلغان خەت ئىدى. رىنات خەتنى كۆرۈپلا گۈللالەنىڭ تونۇش پۇچۇركىسىنى كۆردى. خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
«ئاتا، ئاپا، سىلەرنىڭ مېنى سۆيۈپ بېقىپ چوق قىلغانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئاچامنىڭ يۈرىكىنى ماڭا يۆتكەپ بېرىپ، ماڭا ھاياتلىق بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپتىن – كۆپ تەشەككۈر. مەن ۋاپاغا جاپا قىلىپ، سىلەرنىڭ ئائىلىنىڭ شەنىگە داغ چۈشىرىدىغان ئىش قىلدىم. مېنى كەچۈرۈڭلار،بۇ دۇنيادا سىلەردىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ ئۆلۈمىمگە ئېچىنمايدۇ. مەن بالامنىڭ قېشىغا كەتتىم. مەن بالامنىڭ ئۇ دۇنيادا يالغۇز غېرىبانە قېلىشىنى خالىمايمەن. مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىمنى ئەركىننىڭ ساقلاپ قويىشىغا بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇش. سىلەرگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
لالە.»
رىنات خەتكە تىكىلىپ تۇرۇپ، بارغانچە مۇزلاپ توڭلاشقا باشلىدى. ئۇ ئورنىدا تەڭپۇڭ تۇرالماي يىقىلىپ چۈشكىلى ئاز قالدى. ئۇنىڭ نەپەسلىرى جىددىيلىشىپ، قولىغا تۇتۇپ تۇرغان بىر ۋاراق قەغەزمۇ ئېغىر كەلگەندەك تىترەشكە باشلىدى.
ئۇ پەس ئاۋازدا گۈللالەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
-لالە، مېنىڭ رۇخسىتىمنى ئالماي تۇرۇپ نېمىشقا كېتىپ قالىسەن، لېكىن مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ مېنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن، دەپ خام خىيال قىلما، مەن سېنى ھەرگىز قويىۋەتمەيمەن، مەڭگۈ قويىۋەتمەيمەن!
رىنات گۈللالەنىڭ سوغۇق قوللىرىنى چىڭ تۇتتى.
-رىنات، بولدى سىڭلىمنى كەتكىلى قويۇڭ! – دېدى رۇفىنە. ئاندىن رىناتنىڭ قولىدىن تارتىپ گۈللالەنىڭ يېنىدىن ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. ئۇ گۈللالەگە ئۆچ، بۇرۇن ئۇ ھايات ۋاقتىدا رىناتنىڭ دۇنياسىنى ئىگىلەپ تۇرغان ئىدى، ئەمدى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ رىناتنىڭ كاللىسىنى قالايمىقان قىلىشىغا ئۇ چىداپ تۇرالمىدى.
-لالە بۇرۇنلا ماڭا دېگەن، ئۆلۈم كەتسەممۇ ساڭا بۆرىكىمنى بەرمەيمەن، دەپ.
رۇفىنە ياندا تۇرۇپ مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن ياش تۆكۈپ يىغلاۋاتاتتى.
-مەن ئۇنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا شۇنداق دەپ قويىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ماڭا بۆرىكىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش يولىنى تاللىشىنى كىم بىلسۇن دەيسىز، ئەگەر بۇرۇنلا بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام، ئۇنى ھەرگىز ئۆلگىلى قويمايتتىم. مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭ بۆرىكىنى ئالمايتتىم... – رۇفىنە ياشلىرىنى سۈرتۈپ، رىناتقا قاراپ، - رىنات، سىڭلىم كېتىپ قالدى، مەنمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ياشىيالماسلىقىم مۈمكىن، مەنمۇ كەتسەم كېيىن سىز قانداق قىلىسىز؟ - دېدى.
رىنات قولىنى رۇفىنەنىڭ قولىدىن ئاستا تارتىپ چىقىپ، گۈللالەگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
-مەن دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دوختۇرلارنى تېپىپ سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى تەكشۈرىتىمەن، بۆرەك مەنبەسى بولسىلا بىرىنچى بولۇپ، بۆرەك يۆتكەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرىمەن، - دېدى.
- بولىدۇ، رەھمەت سىزگە، سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن.
-سىز كېتىپ تۇرۇڭ، مەن لالەنىڭ يېنىدا بىردەم تۇراي...
-رىنات سىڭلىمدىن باشقىلار خەۋەر ئالسۇن، بىز بىللە قايتايلى، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ھەممىدىن مۇھىم، - دېدى رۇفىنە ئازراق جىددىيلىشىپ، ئۇ رىناتنىڭ ئىنكاسسىز تۇرغىنىنى كۆرۈپ يەنە ئېغىز ئاچتى، - بەلكىم لالەمۇ ئىككىمىزنىڭ بۇنداق بىللە تۇرىشىمىزنى كۆرۈشنى خالىماسلىقى مۈمكىن...
ئۇ شۇنداق دەپلا رىناتنى بېلىدىن قولتۇقلىۋالدى. رىنات رۇفىنەگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ، دەرھال ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
- قايسىڭلار بار، رۇفىنەنى ئاپىرىپ قويۇڭلار!
ياردەمچى كېلىپ، چىرايى ئۈمىدسىزلىككە تولغان رۇفىنەنى قولىدىن يېتىلەپ ئېلىپ ماڭدى. رىناتنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان پوزىتسىيىسىدە ئاسمان – زېمىن ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. رۇفىنە گۈللالەگە بىر قاراپ قويۇپ، ئاندىن رىنات:
-رىنات، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، - دېدى.
- ۋاي قىزىم لالە، سىزگە نېمە بولدى، - رىناتنىڭ ئاپىسى تۇرسۇنگۈل سىرتتىن يىغلىغان پېتى كىرىپ كەلدى، - جېنىم قىزىم لالە، سەن تېخى ياش ئىدىڭغۇ، ئاپاڭ سېنى كۆرگىلى كەلدى قىزىم، كۆزۈڭنى ئاچ...
تۇرۇسنگۈل خانىمنىڭ يىغىسى كارىدورنى بىر ئالدى. ئۇ گۈللالەنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ، يۈزىنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىپ يىغلايتتى.
-بىر ئوبدان بالا، قانداق قىلىپ مۇشۇنداق كېتىپ قالىدۇ... ئەسلى بىزنىڭ كەينىمىزدىن بېرىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ... ھەممىنى قىلغان مەن جېنىم قىزىم... مەن سىزنىڭ بالىنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا قوشۇلسام بوپتىكەن... كۆزىڭىزنى ئېچىڭ قىزىم، ئەمدى ھەرگىز سىزنى ئۇنداق ئەيىپلىمەيمەن...
رىناتنىڭ ئاتىسى تۇرغۇنمۇ بىر ياندا تۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتى. رىنات ئائىلىسىدە گۈللالە بېقىۋېلىنغان قىز بولسىمۇ، كىچىكىدىن باشلاپ مۇشۇ ئۆيدە چوڭ بولغاچقا ھېچكىم ئۇنى ئۆگەي كۆرمەيتتى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئۆز بالىسى ئورنىدا مۇئامىلە قىلاتتى.
-قىزىم لالە، ئاتاڭ بىلەن ئىككىمىزنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ كۆزۈڭ قىيغاندۇ قىزىم...
رىناتنىڭ ئاپىسىنىڭ پۇتلىرى بوشىشىپ يىقىلىپ چۈشتى.
- ئاپا!
رىنات بىلەن ئاتىسى دەرھال كېلىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.
-ئاپاڭ لالەنىڭ كېتىپ قالغانلىقىغا ئىشىنەلمەيۋاتىدۇ، ھېچقىسى يوق، ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە يىقىلىپ چۈشتى، - دېدى ئاتىسى چۈشەنچە بەرگەندەك، - دېمىسىمۇ لالە بىزنىڭ ئۆز قىزىمىزدىنمۇ چارە ئىدى.
رىنات ئاتىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مۇشتلىرىنى چىڭ تۈگۈپ جىممىدە تۇردى.
- مەن ئاپاڭنى ئېلىپ كېتەي، سىلەر لالەنى ئېلىپ ئۆيگە ئاپىرىڭلار، ئۇ بۇ يەردە يېتىۋەرسە بولمايدۇ. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەييارلىق قىلىپ ئۇنى يەرلىككە قويىۋېتەيلى.
ئاتىسى ئاپىسىنى يېتىلەپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
رىنات گۈللالەنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
- قارا لالە، ئاتام – ئاپام سېنى قانچىلىق ياخشى كۆرىدۇ، - ھە، مېنى دېمىسەڭمۇ بۇ ئىككى چوڭلارنى دەپ بولسىمۇ مۇنداق قىلمىساڭ بولماتتى، - دېدى يىغلاپ تۇرۇپ.
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ گۈللالەنىڭ ئۆز ئاتىسى كېرىپ كەلدى. رىنات ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ يەنىلا نەزىرىنى گۈللالەگە يۆتكىدى. ھەتتا گۈللالەنىڭ ئۆز ئاتىسىغا سالاممۇ قىلىپ قويمىدى. ئۇمۇ رىناتنىڭ چىرايىغا قاراپ قانداق قىلىشنى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تېڭىرقىغىنىچە تۇراتتى.
ئۇ يىراقتىن گۈللالەنىڭ جەسىتىگە قاراپ پەس ئاۋازدا:
-لالە، ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلدى. مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن... سەن ئۇ يەرگە بارغاندا ئاپاڭغىمۇ ئېيتىپ قويغىن مەن ئۇنىڭغىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن... - دېدى.
گۈللالەنىڭ ئۆز ئاتىسى ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ بېقىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ خۇددى ئۆز قېنىدىن بولغان قىزى گۈللالەگە «مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن» دېگەن گەپنى دەپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەندەكلا ئىدى، ئۇ بەلكىم مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولىمەن، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.
رىنات ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كېتىۋاتقان گۈللالە ئۆز ئاتىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ قويۇپ، سىرتقا قاراپ ۋارقىرىدى:
-ئەمدى ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭلار!
رىنات پەقەت گۈللالە بىلەن ئۆزى يالغۇز ئۇزاقراق تۇرىۋېلىشنى ئويلاۋاتاتتى.
بىر چاغدا ياردەمچى كېلىپ، رىناتقا پەس ئاۋازدا:
-رىنات باش دىرىكتور، مەن تەكشۈرۈپ چىقتىم، ئەينى ۋاقىتتا گۈللالە خانقىزنىڭ ئۆز ئاپىسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ۋاقىتتىمۇ سىيانىد ئىشلىتىپتىكەن. –دېدى.
رىنات بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرى قىزىللىققا تولدى. ئۇ شۇ تاپتىكى كەيپىياتىنى قانداق تۇراقلاشتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتاتتى.
-چىقىپ كەت...
رىنات بۇرۇن ھېچقاچان، ھېچقانداق ۋاقىتتا گۈللالە بىلەن يالغۇز قېلىشنى ھازىرقىدەك خالاپ كەتمىگەن ئىدى. ئەمدى مانا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر يەردە، يەنە كېلىپ گۈللالە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يالغۇز ھەمراھ بولۇشنى ئويلاپ قېلىشىنى ئۆزىمۇ ئېنىق چۈشىنىپ كېتەلمەيۋاتاتتى. ئۇ ئۆز ئاغزىدا ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن بەلكىم كۆڭلىدە گۈللالەنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە كېرەك...
رىنات ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرى سۈرتۈپ گۈللالەگە پىچىرلىدى:
-لالە، سەن ماڭا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەنما؟ بىر كېچىدىلا مېنى تاشلاپ كەتتىڭ! لالە، سەن ھەقىقەتەن رەھىمسىز ئىكەنسەن، مەن سېنى بالىنى چۈشىرىۋەت دەپ مەجبۇرلىشىم پەقەت سېنىڭ ئىززەت – ئابرويىڭنى قوغداش ئۈچۈن ئىدى... سەن ئۆلۈمدىن بەك قورقاتتىڭغۇ!؟ ئەمدى تۇرۇپلا مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇپ قاپسەنغۇ! مەن سېنى سۆيىمەن، لېكىن سېنى سۆيۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ بار ئىدى. مەن ئاتا – ئانامنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدىم. بۇرۇن رۇفىنە سېنىڭ پەسكەش ئىشلىرىڭنى ئاشكارىلىغاندا مېنىڭ بەكلا ئاچچىقىم كەلگەن... شۇنىڭ بىلەن مەن سەندىن يىراقلىشىشنى تاللىغان ئىدىم. بىراق مەن ئۇنداق قىلالمىدىم. مەن كۆڭلۈمدە سەندىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم. ئاغزىمدا سېنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ تۇرساممۇ، كۆڭلۈمدە سەندىن ئايرىلالمىدىم... سەن مېنى ئازدۇرماقچى بولغاندا مەن قارشى تۇرمىدىم، چۈنكى سەن مېنى ئازدۇرۇپ ئۆزۈڭگە قاراتمىساڭمۇ مەن سېنى سۆيەتتىم، ساڭا ئېرىشىشنى ئويلايتتىم... لالە كۆزىڭنى ئېچىڭ! قورقما، مەن ھەرگىز سېنىڭ بۆرىكىڭنى رۇفىنەگە ئېلىپ بەرمەيمەن، پەقەت سەن يېنىمدا بولساڭلا نېمە دېسەڭ ماقۇل بولاي، سېنى مەڭگۈ ياخشى قوغداي، سېنى ھېچكىمگە بوزەك قىلدۇماي... مەن رۇفىنەنىمۇ ئالمايمەن، باشقا بىرىنىمۇ ئالمايمەن، سەن مېنىڭ ئايالىم...

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章