ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 4-قىسىم

文摘   2024-10-08 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -ئاڭلاپ قوي مەن سېنى ھەرگىز مۇرادىڭغا يەتكۈزمەيمەن. شۇڭا، سەن 20 ياشلىق تۈغۈلغان كۈنىڭ كېلىشتىن بۇرۇن، يۈرەك كېسىلىڭ قوزغىلىپ ھۇشسىز ياتقان ۋاقتىڭدىن پايدىلىنىپ، مەن سېنىڭ قىزلىق پەردەڭنى بۇزۇپ تاشلىدىم...

رۇفىنە سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە گېپىنى يىغىشتۇردى. ئۇ مەغرۇرلۇق كۈلكىسى بىلەن گۈللالەگە قاراپ، ئۇنىڭ گەپ قىلالماي ھالتىگە قاراپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى. بۇ خىل ھېسسىيات ئۇنىڭغا نىسبەتەن غالىپلارچە ھېسسىيات بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.

رۇفىنە گۈللالەگە نەپەس ئالغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەي، تېلېفۇنىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ دېدى:

- سەن تېخى مېنىڭ بۇ ئىجادىيىتىمنى كۆرمىدىڭ، مەن تېخى سېنىڭ يەنە باشقا ئەرلەر بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولغان سۆرىتىڭنى ياساپ چىقتىم، مانا كۆرۈپ باق ئۆزۈڭمۇ ساختا - يالغانلىقىنى ئايرىيالماي قېلىشىڭ مۈمكىن.

گۈللالە تېلېفۇندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. رۇفىنە بۇ قىلمىشى گۈللالەنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلدى.

رۇفىنە توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ گۈللالەگە تېخىمۇ يېقىن كېلىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا ناھايىتى تەمكىن ھالدا زەھەرلىك سۆزلىرىنى يەنە باشلىدى:

- سەن 20 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىڭ بولغان كۈنى كەچتە مەن بۇ سۈرەتلەرنى رىناتقا يوللاپ بەردىم. مېنى ئەڭ خوشال قىلغان يېرى رىنات بۇ بۇ سۈرەتلەرگە تامامەن ئىشەندى. چۈنكى ئۇ كۈنى سەن قىز چىقماي قالدىڭ...

گۈللالەنىڭ يۈزلىرى تارتىشىپ، بىر جۈپ قولى بىلەن يوتقاننى كۈچەپ چاڭگاللىدى، كالپۇكلىرى كۆكىرىپ، نەپەسلىرى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى.

توۋا، دۇنيادا بۇنداقمۇ زەھەرخەندە ئادەملەر بولىدىكەن. گۈللالەنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكىلىشكە باشلىدى، بۇ ئازاپ، غەزەپ بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆز يېشى ئىدى. رۇفىنە بولسا مەخسىتىگە يەتكەن ئىدى. ئۇ مەغرۇرلارچە كۈلەتتى.

-مەن ئىشەنمەيمەن، - دەپ ۋارقىرىۋەتتى گۈللالە.

- نېمىگە ئىشەنمەيسەن؟ ئاتاڭنىڭ مېنى دەپ سېنىڭ يۈرىكىڭنى ماڭا ئالماشتۇرۇپ بەرگىنىگە ئىشەنمەمسەن ياكى مېنىڭ ئەقىللىقلىقىمغا ئىشەنمەمسەن ۋە ياكى رىناتنىڭ سېنى ھەقىقەتەن بىر بۇزۇق دەپ ئويلاپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەمسەن؟ لالە، سېنىڭ مۇشۇ چاغقىچە ھايات قالغانلىقىڭنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، ھېلىمۇ تەلىيىڭگە گۈلگىنە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى ساڭا يۆتكەپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن سەن رىناتلارنىڭ باي ئائىلىسىگە كىرىپ، ھەممىسى تەل خانقىز بولۇپ ياشىدىڭ، بۇنىڭدىن سەن ئالەمچە خۇش بولساڭ بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا بۇ چاغقىچە ئۇستىخانلىرىڭمۇ چىرىپ كەتكەن بولاتتى. ئەمدى بۇ يۈرىكىڭمۇ زەئىپلىشىپتۇ. دېمەك، پات يېقىندا ئۆلۈپ كېتىسەن،  لېكىن مەن سېنىڭ بۇنداقلا ئاسان ئۆلۈپ كېتىشىڭنى ھەرگىز خالىمايمەن، بۇنداق ئاسان ئىش يوق، مەن رىناتقا دەپ سېنى ئەڭ ياخشى دورا - ئۇكۇللار بىلەن داۋالاتقۇزىمەن، سېنى يەتكۈچە قىيناپ خۇمارىم چىققاندىن كېيىن ئاندىن سېنى ئۆلگىلى قويىمەن، بىلدىڭمۇ؟!

گۈللالە ياستۇقنى كۈچەپ تۇرۇپ رۇفىنەگە ئاتتى:

- سەن مېنى قىينىماقچىغۇ، مېنىڭ كېسىلىمنى قوزغاتماقچىغۇ، سەن مېنىڭ بۆرىكىمگە ئېرىشمەكچىغۇ، بىلىپ قوي بۇ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، مەن ھەرگىز سېنىڭ قىلتىقىڭغا چۈشمەيمەن.

- ئەمىسە نېمىگە يىغلايسەن؟ مېنى سېنىڭ بىر تال بۆرىكىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالما، ئۆزىڭنى بەك چوڭ تۇتۇپ كەتمە، سېنىڭكى بۆرىكىڭنى ئالمىساممۇ رىنات ماڭا باشقا بۆرەك مەنبەسى تېپىپ بېرىدۇ.

گۈللالە يۈزلىرى تاتىرىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كارۋاتتا ئولتۇرغان ھالىتىدىن ئاستا - ئاستا يېقىلىپ چۈشتى.

رۇفىنە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قويدى. ئۇ گۈللالەنى قىيناپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمىدى، گۈللالەنىڭ قانداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشى بىلەن كارى بولمىدى.

- لالە، ئەينى ۋاقىتتا ئاتام سەندەك تالادىن تاپقان قىزىنى ئېلىپ كەلگەندىكى مەقسىتى بولسا سېنىڭ يۈرىكىڭنى مېنىڭ يۈرىكىم بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭ سالامەتلىكىم ناھايىتى ناچار ئىدى. ھەر قېتىم ماڭا قان سېلىش توغرا كەلگەندىمۇ ئاتام بىرىنچى بولۇپ سېنى چاقىرىپ كېلىدىغىنى ئېسىڭدە باردۇ!؟ ماڭا يۈرەك كېرەك بولغاندا سېنىڭ يۈرىكىڭنى ماڭا ئېلىپ بەردى، ئەمدى بىر بۆرىكىڭ كېرەك بولۇپ قالدى شۇ... ئاتام ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، رىناتمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئەسلى سەن بۇ دۇنياغا كەلمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى...

رۇفىنەنىڭ دېگەن گەپلىرىگە گۈللالە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدى، لېكىن ئاڭلىغانچە ئاچچىقى كېلىپ، پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ كارۋاتتىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ رۇفىنەنىڭ گېپىگە ئىشەنمىسىمۇ ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ تەگدى. دېمىسىمۇ ئاتىسى ئادەتتە ئۇنى ئىزدەپ كەلمەيتتى، پەقەت رۇفىنەگە زۆرۈر بولۇپ قالغان چاغدىلا پەيدا بولاتتى. گۈللالە ئەسلى ۋاقىت ھەممىنى ئوڭشايدۇ، كېچىكىپ كەلگەن ئاتا سۆيگىسى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ، دەپ ئويلايتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىشكە باشلىدى.

-رۇفىنە، سەن ھەقىقەتەن زەھەرخەندە نېمىكەنسەن، مەن سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن...

 ئۇ رۇفىنەنى پۇرلاپ يەرگە بېسىپ، ئۈستىگە مىنىۋالدى. ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە غەزەپ بىلەن كاچاتلاشقا باشلىدى. رۇفىنە ئاستىدا يېتىپ ۋارقىرايتتى:

- ۋايجان... گۈللالە، ھۇ شەرمەندە، سەن تېخى مېنى ئۇرۇشقا پېتىنىۋاتامسەن... ۋايجان ئادەم بارمۇ، قۇتقۇزۇڭلار...

رىنات كارىدوردا تۇرۇپ كېسەلخانىدىن چىقىۋاتقان رۇفىنەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يۈگرىگىگىنىچە كېسەلخانىغا كىرىپ كەلدى. گۈللالە رۇفىنەنى چېچىدىن تۇتۇپ يەرگە ئۈستۈرىۋاتاتتى.

- لالە، نېمە قىلىۋاتىسەن!

رىنات يۈگرەپ كېلىپ گۈللالەنىڭ قولىدىن تارتىپ رۇفىنەنىڭ ئۈستىدىن ئۇنى تارتىپ ئاجراتتى. رۇفىنەنىڭ يۈزلىرى ئىششىپ، پىشانىسىدىن قان چىقىۋاتاتتى.

- مەن بۇ رەزىل نايناقنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن، ئۆلتۈرىۋېتىمەن...

گۈللالە غەزەپتىن ئەقلىنى يوقاتقاندەك يەنە رۇفىنەگە قاراپ تەلۋىلەرچە ئېتىلدى. رۇفىنە قورققىنىدىن رىناتنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. رىنات ئېتىلىپ كەلگەن گۈللالەنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى.

- مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن... - گۈللالە رىناتنىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقىش ئۈچۈن يۇلقۇناتتى.

رىنات ياندا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغان سىستىراغا قاراپ ۋارقىرىدى:

- تېنجلاندۇرۇش ئۇكىلى ئۇرۇڭ!

ھاڭۋېقىپ تۇرغان سىستىرا يۈگرەپ چىقىپ بىردەمدىلا بىر تال ئۇكۇل ئېلىپ كېلىپ، گۈللالەنىڭ بىلىكىگە ناھايىتى چاققانلىق بىلەن سانجىدى. گۈللالە كونتروللىقىنى يوقاتقان بولۇپ، توختىماي يۇلقۇناتتى. ئۇكۇل كۈچىنى كۆستىشىكە باشلىغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ھەرىكىنى بارغانچە ئاجىزلاشقا باشلىدى. لېكىن توختىماي «مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن... » دەپ تەكرارلايتتى. لېكىن ئاۋازى بارغانچە ئاجىزلاپ كېتىپ باراتتى.

- ئاپلا، باش دىرىكتور، گۈللالە خانقىزنىڭ ئاستىدىن قان كېلىۋاتىدۇ...

سىستىرا گۈللالەنىڭ پۇتىدىن ئېقىپ چۈشكەن قىپقىزىل قاننى كۆرسىتىپ ۋارقىرىۋەتتى.

رىنات دەرھال دوختۇر - سسىتىرالارنى گۈللالەنى داۋالاش ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

گۈللالە چۈش كۆردى. چۈشىدە بىر جۈپ قاپقارا قول كېلىپ، ئۇنىڭ قۇرسۇقىنى يېرىپ ئۇنىڭ بالىسىنى تارتىپ چىقىرىپ ئېلىپ كېتەتتى. بوۋاقتىن قان تەپچىرەپ تۇراتتى... گۈللالە چۆچۈپ ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ تەرلەپ پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇرسۇقى تولغۇنىپ ئاغرىيتتى.

- ئويغاندىڭىزمۇ؟ - ئۇنىڭغا ئۇكۇل سېلىۋاتقان سىستىرا شۇنداق دەپ سورىدى.

- مېنىڭ بالامچۇ؟ - گۈللالە دەرھال سىستىرادىن شۇنداق دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى غاراڭ - غۇرۇڭ چىقاتتى.

- بالىڭىز چۈشۈپ كەتتى... - دەپ جاۋاب بەردى سىستىرا ھېچقانداق ئىپادىسى تەلەپپۇزدا.

گۈللالە نەتىجىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قاتتىق ئازابلاندى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكىلىشكە باشلىدى.

بىر چاغدا كېسەلخانىدا ئاتىسى پەيدا بولدى. ئۇ گۈللالە قاراپ ئۇنى ئەيىپلىگەن تەلەپپۇزدا:

- لالە، سەن رۇفىنەنى ئۇرۇپ قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭ، - دېدى.

گۈللالە ئۇنىڭ سۇئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن ئەكسىچە ئۇنىڭدىن سۇئال سورىدى:

- سىز مېنىڭ يۈرىكىمنى رۇفىنەگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەنما؟

- ئۇ سېنىڭ ئاچاڭ، ئۇ كېسەل ئازابىنى تارتىۋاتسا سېنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇشىڭ بىر ئەقەللىي ساۋاتقۇ! - دېدى ھېچقانداق ئىپادىسى تەلەپپۇزدا.

گۈللالە ئورنىدىن تۇرۇپ، كارۋاتتا يۆلىنىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

- مەنمۇ سىزنىڭ قىزىڭىزغۇ، مېنىڭ ئۆلۈپ - تىرىلىشىم بىلەن كارىڭىز بولمامدا؟ بۇنىڭغا قانداق يۈرىكىڭىز چىدىدى!

- مەن سېنى باقتىم، بېقىپ چوڭ قىلدىم، ئاچاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سېنى باقتىم. ئەيىپلەش توغرا كەلسە ئاپاڭنى ئەيىپلە، ئۇ رەھىمسىزلەرچە سېنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ كەتتى. بۇ يىللاردىن بېرى مەن سېنى باقمىغان بولسام سەن بۇ كەمگىچە ياشىيالامتىڭ!

بۇ ئىنتايىن تەبىئىي رەۋىشتە ئېيتىلىۋاتقان گەپلەر ئۆز ئاتىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتاتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى تاپقان ئاتىسىدىن يىرگىنىشكە باشلىدى.

-ئەگەر سىز خوتۇنىڭىز بار تۇرۇپ، ئاپامنى ئازدۇرمىغان بولسىڭىز، ئاپام سىز بىلەن ئارىلىشامتى، سىز ئاپامنى ئالدىمىغان بولسىڭىز ئاپام مېنى تۇغامتى... سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىكىگە يۈز كېلەلەمسىز!؟

ئاتىسى چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا:

- ماڭا ئۇنداق ئۇلۇغ گەپلەرنى قىلما، مەن پەقەت نۇرغۇن ئەرلەر ئاسان سادىر قىلىپ قويىدىغان خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويدۇم شۇ، ئاپاڭمۇ مېنى ئازدۇرمىغان بولسا بۇنداق ئىشمۇ سادىر بولماستى...

گۈللالە نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى. توۋۋا، دۇنيادا  مۇشۇنداقمۇ نۇمۇسسىز ئادەملەر باركەن دېسە. ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا ئازراق بولسىمۇ پۇشايمان قىلىدىغان، خاتالىقىنى بوينىغا ئالىدىغان خاھىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.

- لالە، مەن سېنىڭ ئاتا. بۇ دۇنياغا سېنى ئاپرىدە قىلغان ئادەم. ئەينى يىلى مەن خاتالىق سادىر قىلغان بولساممۇ ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدىم. ئەگەر مەن بولمىسام سەن شۇنداق باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشەلەمتىڭ. رۇفىنەنىڭ كىچىكىدىنلا سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، نۇرغۇن ئاغرىق تارتىپ كەتتى، سەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى بىلمەمسەن. ئاچاڭغا بىر تال بۆرىكىڭنى تەقدىم قىلىش ئەجابا سېنىڭ قېرىنداشلىق بۇرچۇڭ ئەمەسمۇ!؟

گۈللالە ئاتىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئۇ بۇرۇن ئاتىسىنىڭ ئۆزىگە ئاتىلىق مىھرىنى ئاتا قىلىشىنى، رۇفىنەگە بەرگەن مىھرىنىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ ئاتىلىق كۈيىمىنى بېرىشىنى، ئۆزىنى شەخسىيەتسىز، مىننەتسىز ھالدا سۆيۈشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. قارىغاندا بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىشتەك قىلىدۇ.

گۈللالە كۈلدى، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرسىمۇ لېكىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيىلاتتى.

- شۇڭا، مەن رۇفىنەنىڭ ئەزا تەمىنلىگۈچىسى شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭغا يۈرەك كېرەك بولىۋىدى يۈرىكىمنى بەردىم، ئەمدى بۆرىكىم كېرەك بولۇپ قاپتۇ، بۆرىكىمنى بېرىشىم كېرەك، ھەتتا مېنىڭ جېنىم كېرەك بولسىمۇ جېنىمنىمۇ بېرىشىم كېرەك شۇنداقمۇ!؟

- ياق، ياق، سېنىڭ جېنىڭ كېرەك ئەمەس، بىر تال بۆرىكىڭنى بەرگەنگە ھەرگىز ئۆلۈپ قالمايسەن، رىناتلارنىڭ پۇلى جىق، سېنى ياخشى كۈتىدۇ، يەنە ساغلام ياشاۋېرىسەن...

- مېنىڭ بۆرىكىم تېنىمدا تۇرۇپ سېسىپ كەتسە مەيلىكى، ئۇنىڭغا ھەرگىز بەرمەيمەن!

ئاتىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىرايى ناھايىتى ئوسال تۈسكە كىردى. ئۇ دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ دېدى:

- بۇ سېنىڭ ھەددىڭ ئەمەس! ئەڭ ياخشىسى گەپكە كىر بولمىسا، مېنىڭدىن رەنجىپ قالىسەن!

گۈللالە بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. دۇنيادا بۇنداقمۇ ئاتا بولىدىكەن، بىر بالىسىنىڭ سالامەتلىكى، بەختى ئۈچۈن يەنە بىر بالىسىنىڭ سالامەتلىكى، بەختىنى نابۇت قىلىشقا رازى ئىكەن، ھەتتا ئازراقمۇ كۆڭلى تارتىشىپ قالمايدىكەن. گۈللالە ئىچ - باغرى ئۆرتىنىپ كەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە تولدى.

ئۇ كېسەلخانىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۇرۇپ - چاقتى، بۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدىغا تەۋرەپ تۇرغان غەزىپىنى باسماقچى بولدى. كۆزىدىن ئېقىۋاتقان ياشلار ئۇنىڭ ئازابلىرىنى ئېقىتىپ كەتمەكچى بولغاندەك توختىماي تۆكىلەتتى.

- ئەسلىدىلا مەن تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر ئارتۇقچە ئادەمكەنمەن... مېنىڭ يەنە ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن...

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章