يولدىن چىققان ئايال 🧡 57-قىسىم (ئەپچىدە 88-قىسىمغىچە)

文摘   2024-10-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، ھەيرانلىق ئىچىدە قەيسەرگە قارىدى.

-گۈلزىرە، ماڭا ئىشىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن بار، ھېچقانداق ئادەم، ھېچقانداق ئىش سىزگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ!مەن سىزنى ياخشى قوغدايمەن، سىزگە بىر ئۆمۈر كۆيۈنىمەن.

گۈلزىرە قەيسەرگە جىمجىت قاراپ تۇراتتى، نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ئەسلىمىسىدە قايتا نامايەن بولدى.

خۇددى ئۇلار تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، گۈلزىرە ئۆزىنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بىلەن ئۇنىڭدىن بىر قېتىم ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغاندىن باشقا، ئۇ گۈلزىرەنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن چاغدىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى شەمسىيەنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىدى دېگەندە، قەيسەر شەرتسىز ھالدا ئۇنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مەيداندا ئېلان تاختىسى چۈشۈپ كەتكەندىمۇ قەيسەر ئۇنى قوغداپ قالدى،  كۆپچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان چاغىدىمۇ  قەيسەر ئۇنى دالدىغا ئالدى، كېيىن ئۇ ئاغرىپ قالغاندىمۇ،  قەيسەر ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

ئۇنىڭ بالىنى ئالغىلى بارىدىغان ۋاقتى چىقمىسا، قەيسەر ئالغىلى باردىغان بولدى.

شۇڭا بۇ ئەرنى قۇسۇر تاپقىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى.

ئۇنداقتا، ئۇ راستىنلا قەيسەرگە بىر قېتىم ئىشىنىشنى سىناپ باقسا بولامدۇ؟

-گۈلزىرە، بولامدۇ؟-قەيسەر يەنە بىر قېتىم سورىدى.

گۈلزىرە ئىختيارسىز قوللىرىنى كىرىشتۈرۈپ، قەيسەرنىڭ قاراڭغۇدا ئادەتتىن تاشقىرى نۇرلۇق كۆزلىرىگە قاراپ، ئاخىرى ئاستا - ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى.

ئۇنىڭمۇ بىر قېتىم باتۇر بولۇپ باققۇسى بار.

باتۇرلۇق بىلەن بىر ئادەمگە يەنە بىر قېتىم ئىشىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاشۇ گۈلزىرە بولۇشنى سىناپ باققۇسى بار.

ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىز - دېرىكى بولمىغان ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن،  شۇنداقلا بالىسىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن...

قەيسەر گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، بىر نەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي گۈلزىرەنى بەك چىڭ قۇچاقلىدى.

ئۇ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالىدىمۇ؟

ئۇ قەيسەر بىلەن بىللە بولۇشنى خالىدۇ؟!

قەيسەر تۇنجى قېتىم بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، تۇنجى قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى ئويلىدى، گەرچە  ھازىرچە پەقە ئازراقلا جاۋابقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئۇ چەتكە قاقمىسىلا، ھامان بىر كۈنى گۈلزىرە ئۇنى چوقۇم پۈتۈنلەي ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

قەيسەر ئىختيارسىز گۈلزىرەنىڭ لەۋلىرىگە سۆيدى.

ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئىسسىقلىق تەدرىجىي ئۆرلەپ، ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقى ئاستا - ئاستا تۆۋەن چۈشتى.

گۈلزىرە يېنىك ھىم قىلىپ قويدى، ئۇ قارشىلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، لېكىن قەيسەر توختىمىدى.

-گۈلزىرە، ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت!

قەيسەر شۇنداق دېگەچ قولىنى سوزۇپ گۈلزىرە كىيىمىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىۋەتتى.

تۈگمىلەرنىڭ بارماقلار ئارىسىدا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قەيسەرنىڭ كۆزلىرى خۇددى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتەك كۆيۈشكە باشلىدى.

ئۇنىڭ كۆزىدە گۈلزىرەدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى.

ئەڭ ئاخىرقى تۈگمىسى ئېچىلدى، گۈلزىرە پۈتۈن بەدىنىنىڭ بىردىنلا سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

تۇيۇقسىز تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئۇنى بىردىنلا ئېسىگە كەلتۈردى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ، قولىنى سوزۇپ قەيسەرنى ئىتتىرىپ:

-ياق...

ئۇنىڭ ئاۋازى گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن قەيسەرمۇ ئېنىق ئاڭلىدى.

ئۇ توختاپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ گۈلزىرە كۆزىگە قاراپ:

-گۈلزىرە، مەن راستىنلا بەك سېغىندىم، -دېدىم.

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئۇنى سۈمۈرۈپ كىرىپ كەتكۈدەك بىر جۈپ كۆزىگە قاراپ  سەل قورقتى،  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى.

-شۇڭا بايا شۇنچە كۆپ چىرايلىق گەپلەرنى قىلشىڭىز، دەل ھازىر ئۈچۈنمۇ؟

قەيسەر ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ:

-گۈلزىرە، ئۇنداق ئەمەس!مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم!

- ئەمىسە نېمىشقا ھازىرلا ...

گۈلزىرە ھەم خىجىل بولدى ھەم خاپا بولدى.

ئۇ خاپا بولۇپ، قەيسەرنىڭ كۆكرىكىگە مۇشتلىدى.

بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغاندەك قىلاتتى.

-سىز شۇنداق قىلدىڭىز!-ئۇ ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى.

قەيسەر ئۆزىنىڭ قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

راستىنى دىسە، ئۇ ھەقىقەتەن بەك سېغىندى.

پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسىلا، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىر گەۋدە بولغۇسى كېلەتتى.

بىراق، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ؟

ئۇ سەل جىددىيلەشتى.

-گۈلزىرە، ئۇنداق ئەمەس!مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ نورمال ئىنكاس.

ئۇ نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ؟!

گۈلزىرە مۆلدۈرلەپ تۇرۇپ:

-سىز، سىز مېنى قەستەن مۇشۇنداق ئالداپ قويدىڭىز!

-راست ئۇنداق ئەمەس!

قەيسەر گۈلزىرەنى مەجبۇرلاشقا جۈرئەت قىلالماي، توختىماي چۈشەندۈرۈپ:

-چۈنكى سىز بەك چىرايلىق،  ئەمەلىيەتتە مەن ئەسلىدە سىزنى سۆيۈپ قويماقچى ئىدىم، لېكىن، بىر سۆيسەملا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىكەنمەن.

-ئۇنداقتا سىز بۇ بىر نەچچە يىلنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟-گۈلزىرە دەرھال سورىدى.

-بۇ بىر نەچچە يىلدا سىز يوق، ھېچكىمگە قاراپ باقمىدىم.

-گۈلزىرە،  راست، مەن باشقا ئاياللارغا چېقىلىپ باقمىغان، ئەگەر سىزنى ئۇچراتمىغان بولسام، بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتكەن بولاتتىم!

ئۇ گۈلزىرەنىڭ كۆزىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يۈرىكى جىغىلداپ، داۋاملىق بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنى سۆيۈپ:

-گۈلزىرە،  مەن سىزنى سۆيىمەن، -دېدى.

گۈلزىرە دىمىقىنى بوش قېقىپ قويدى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا قەيسەرنى قۇچاقلىدى.

-بۇ گېپىم بىر ئۆمۈر كۈچكە ئىگە...

ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلدى.

كەچتە گۈلزىرە يۇيۇنۇپ چىققاندا، قەيسەر ئۇنىڭ ھۇجىرىسىدا ساقلاپ تۇرغان ئىدى،  ئۇنىڭ چاچلىرىدىن سۇ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال قۇرۇق لۆڭگىنى ئېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سۈرتىپ، چاچ قۇرتقۇچ بىلەن قۇرتۇپ قويۇشقا باشلىدى.

قەيسەر گۈلزىرە ئىككىسىنىڭ ئەينەكتىكى ھالىتىگە قاراپ، ھازىرلا توي قىلغۇسى كەلدى، بىراق، ئۇ ئاۋۋال كاتتا بىر مەيدان توي تەكلىپى قويماقچى بولۇپ،   يەنىلا ئۇنىڭغا دېمەي تۇرۇشنى ئويلاشتتى.

قەيسەر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گۈلزىرەدىن:

-گۈلزىرە، سىزنىڭ نوپۇس دەپتىرىڭىز ھازىرمۇ بارمۇ؟-دەپ سورىدى.

گۈلزىرە بىردىنلا ئۇنىڭ مەقسىتىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى سەل تېزلىشىپ:

-ھە، بار.

ئەينى چاغدا ئاتا - ئانىسى تۇيۇقسىز كېتىپ قېلىپ،  ئۇلارنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ كەتمىگەن ئىدى.

بۇنى ئاڭلاپ قەيسەر بەك خوشال بولۇپ كەتتى.

ئۇ تېزراق گۈلزىرەنى ئەمىرىگە ئېلىپ، ئەلدارنى ئۆزىنىڭ نوپۇسىغا ئۆتكۈزۋالماقچى بولدى.

...

-چىمەنگۈل، مەن ئويلىنىپ بولدۇم، مەن ئۆزۈمگە قايتىشنى خالايمەن، -دېدى گۈلزىرە چىمەنگۈل بىلەن كۆرۈشۈپ.

-سىزنىڭ ماڭا ماقۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم!

چىمەنگۈل شۇنداق دېگەچ، ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن يازغان ئاددىي لايىھىسىنى گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا قويۇپ:

-گۈلزىرە، گەرچە مەن ئىلگىرى نۇرغۇن سودا ئىشلىرىنى ئۆگەنگەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا تەجرىبەم كەمچىل،  ئەگەر چۈشۈپ قالغان يەرلەر بولسا،  سىز تولۇقلاپ بېرىڭ.

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، ھېلىقى ھۆججەتكە قارىدى.

-مەن ئىزچىل كىيىم لايىھىلەشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئىلگىرى داشۆدە بۇ دەرسنى تاللاپ ئۆگەنگەن.ھازىر ئاكامنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش شېركىتى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كېيىن نۇرغۇن سەنئەتكارلار كىيىم ـ كېچەك ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ، بۇ سەنئەتكارلار كېيىن مېنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىمگە ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولسا بولىدۇ، -ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -گۈلزىرە سىز ئىلگىرى  ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان، نامىڭىز بار، گەرچە سەلبىي خەۋەر بولسىمۇ، لېكىن ئاكام تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئويلاپ تېپىپ بولدى.شۇڭا، مەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەيسەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركتىىنىڭ ناخشىچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ مەخسۇس مودېلىم بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز ۋە سالاپىتىڭىز،  مەيلى شېركەت ئۈچۈن بولسۇن ياكى مېنىڭ ئىشخانام ئۈچۈن بولسۇن، ھەممىسى ئەڭ ياخشى كاپالەت!

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، مەن چوقۇم تىرىشىمەن، -دېدى.

ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئىشىنى چوقۇم ئېنىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققان.

ھازىر ئۇ ئوچۇقچىلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئەينى چاغدىكى ئىشتا ئۇنىڭ ئۆيدىكلىرى راستىنلا زىيانكەشلىك ئۇچىرىغان بولسا،  بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئادەملەر ئۇنى كۆرسە چوقۇم يەنە بىر قېتىم سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ، ئۇ يىلاننى ئۇۋىسىدىن باشلاپ چىققان بولىدۇ.

ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقا بىرەر دەردى بولسا، ئۇمۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

قەيسەر ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن،  ئۇنداقتا ئۇ قەيسەرگە ئىشىنىشىنى تاللايدۇ.

باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن.

نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم سەھنىدە تۇرۇپ،  ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىنى ئېيتقاندىكى تۇيغۇ ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى.

ئۇنىڭ مەڭگۈ تاتلىق تۈرۈم دۇكىنىنىڭ ئايال خوجايىنى بولغۇسى يوق، ئۇ ناخشا ئېيتىشنى، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

-ئەمىسە كېلىشتۇق!مەن يازغان نەرسىلەرنى ئۆيگە قايتىپ ئالدىرىماي كۆرۈڭ، مەن كۈننى تاللاپ بولدۇم، كېلەر ئاينىڭ 3ـ كۈنى مېنىڭ ئىشخانام رەسمىي ئىش باشلايدۇ.

-ماقۇل، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزنى تىلەيمەن!

كېيىنكى ئىككى كۈندە، قەيسەر گۈلزىرەنىڭ ھازىرىقى ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى داچىغا يۆتكىتىپ ئەكىلۋالدى،  ئەلۋەتتە ئۈزۈك ۋە نوپۇس دەپتىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.

ئاخىرى گېن باھالاش نەتىجىسىنى ئالىدىغان كۈنى قەيسەر ئەلدارنى ئېلىپ باھالاش مەركىزىگە كەلدى.

بۇ بالا يولدا كېتىۋېتىپ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى،  بىراق ئىچىگە كىرىپ بىردەمدىلا گەپ قىلمىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى يېتىلەپ، نەتىجە كۈتۈش ئۆيىگە كەلدى.

باھالاش قەغىزىگە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى99.9% ، ئىككەيلەن ئاتا-بالا مۇناسىۋېتىدە دەپ يېزىلغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ قەيسەرنىڭ تەققازلىقى ئىچىدە، ئەلدار ئۇنى”دادا “دەپ چاقىرىدى، ئۇ خوشاللىقىدىن ئوغلىنى قولىغا ئېلىپ راۋرۇس بىر سۆيۈۋالدى.

...

ئۈچىنچىسلا سەھەردە قەيسەر  چىمەنگۈلنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى، شۇ تاپتا تەكلىپ قىلىنغان ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، قەيسەر بىلەن چىمەنگۈلنىڭ لېنتا كېسىشىنى كۈتتى.

گەرچە بىر كىيىم لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ تىجارەت باشلىشى چوڭ ئىش بولمىسىمۇ، بىراق، ئاخبارات ۋاستىلىرى قۇرغۇچىنىڭ ئىسمىنى بىلگەندىن كېيىن، قاتتىق قايناپ كەتتى.

چىمەنگۈل، يەنى  ئون يىل يوقاپ كەتكەن باي ئائىلىنىڭ قىزى،  بۈگۈن تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، يەنە تېخى ئىشخانا قۇردى!

ئۇنىڭ ئۈستىگە لېنتا كەسكەن ئادەم دەل ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ھازىرقى قەيسەر  گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ئىدى.

ئادەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ ئىككى شەخس تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقتى،  شۇڭا بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرماي تۇرالمايدۇ!

شۇڭا، شۇ كۈنى تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرلار ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا بۇ دەقىقىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا لېنتا كېسىش باشلاندى، مىكرو بىلوگدا بۇ بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

شۇ تاپتا، مەلۇم قاراڭغۇ ئۆيدە، بىر ئەر مىكرو بىلوگ تور بېتىنى ئېچىپ، قىزىق نۇقتىلىق تور بېتىدىكى ھېلىقى تونۇش ئىسىمنى كۆرگەندە، مائۇسنى تۇتقان قولى ئىختىيارسىز قاتتىق تىترەپ كەتتى.

بىر نەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى قىزىق نۇقتىنى ئاچتى، ئاندىن سۈرەتتىكى ئايالنى كۆردى.

ئون يىلغا يېقىن كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ،  ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئېسىدە.

ئۇنىڭ مۇزدەك قېنى قايناپ كەتتى،  ئەمما بىردىنلا سوۋۇپ، ئۇيۇشۇپ مۇزغا ئايلاندى.

چىمەنگۈل بىلەن قەيسەر لېنتا كېسىش مۇراسىمىنى تاماملاپ بولۇشى بىلەن، مۇخبىرلار ئۇنى ئورىۋالدى.

-چىمەنگۈل خانقىز، سىزنىڭ ئون يىلدىن بېرى ئېكران ئالدىدا پەيدا بولماسلىقىڭىز بۈگۈنكى خىزمەت ئىشخانىڭىز ئۈچۈنمۇ؟

-چىمەنگۈل خانقىز، سىزنىڭ قەيسەر گۇرۇھىدەك ئارقا تېرىكىز بار تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆزىڭىز يالغۇز ئىشخانا قۇردىڭىز؟ نېمىشقا قەيسەر گۇرۇھىدىلا ئىشىلمەيسىز؟

-چىمەنگۈل خانقىز، كۆرۈشمىگىلى ئون يىل بوپتۇ، سىز يەنىلا شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپسىز!

-سىز ھازىر بويتاقمۇ ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتامسىز؟

چىمەنگۈل ئېكرانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئىشخانىسىنى قۇردىڭىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرسەم، ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇيۇم، بۇ ئون يىلغا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش قىلمىدىم، بۇ ئون يىلنى بىكارغا ئۆتكۈزۋەتكەچكە، كەلگۈسۈمگە بىر جاۋاب بەرمەكچى.

-چىمەنگۈل خانقىز، ھازىرقى مۇھەببەت ئەھۋالىڭىزنى ئېنىقراق دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟

-سىلەر مېنى دائىم مۇشۇنداق بوزەك قىلسىلەر...

چىمەنگۈل بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن كۆزىنى كۆتۈرۈپ:

-بوپتۇ، ئىقرار قىلاي، مەن توي قىلىپ بولدۇم!

قەيسەر بۇنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز بېشىنى بۇراپ چىمەنگۈلگە قارىدى.

ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟!

مۇخبىر ھەم ھاياجانلىنىپ، ھەم ئۈمىدسىزلىنىپ:

-ئۇنداقتا قايسى ئەپەندىنىڭ شۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان يىگتلەرنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت رەقىبى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەمدۇ؟

-شۇنداقمۇ؟-چىمەنگۈل كۈلۈپ قويۇپ، -ئەمىسە مەن ئۆيگە قايتىپ ئۇنى ياخشى يوشۇرۇپ قوياي!

-پاڭ!

قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇرغان ئەرنىڭ قولىدىكى ئەينەك ئىستاكان چېقىلىپ كەتتى.

ئۇ، توي قىلدىمۇ؟

ئىسسىق قان ئۇنىڭ ئالقىنىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، يەرگە تامچىدى، لېكىن ئۇ ھېچنېمىنى سەزمىدى، پەقەت نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە مەھكەم تىكلىدى.

-چىمەنگۈل خانقىز، قارىغاندا تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خېلى شېرىن ئىكەن!لېكىن نېمىشقا ئون يىل بىكار ئۆتۈپ كەتتى دەيسىز؟

چىمەنگۈل ئاغزىنى سەل پۈرۈشتۈردى، گويا كۆڭلى غەش بولغاندەك:

-شۇنداق، ھازىر مەن ناھايىتى ياخشى، پەقەت ئىلگىرى كىچىك، نادان بولغاچقا، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىپتىمەن، بىراق بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章