تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 3-قىسىم

文摘   2024-10-11 10:47   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 




بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
ئاينۇر ئۆيگە كەتتى . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە قېيىن ئاپىسى راست دېگەندەك، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ئاينۇر ئاغرىق ياتقانلا موماينىڭ بېشىغا كەلدى دە، ھېلقى قان يۇقى لاتىنى ئونىڭغا كۆرسەتتى.
- ئەتىگەن ئورنۇمدىن قوپۇپ قارىسام مۇشۇنداق تۇرىدۇ. بالىغا بىر ئىش بولماس ھە.
- ۋوي نېمە دەيدىغانسىز؟ ۋىيەي ئەكىلىڭە كۆرۈپ باقاي. دەرھال سالامجاننى توۋلاڭ، سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارسۇن.
- ئەتىگەن ئۇنى ئىشقا ماڭدۇرىۋېتىپتىكەنمەن ئاپا، بولدىلا، سىز ئاغرىق تۇرسىڭىز، مەن يەنە دوختۇرخانىغا خاتىرجەم بارالامدىم.
- ئۇنداقتا مەن بىللە باراي. شۇ تازا مىجەزىم يوق.
- ھە، بولدى ئانا بارماي. سىلەر بەك خاتىرجەم بولالمىسىلا ھاممامنى توۋلاي؟ ئۇ ئاپارسۇن.
- قوشنىلارنىڭ بالىسىنى ئەۋەتىڭ ھاممىڭىز، دەرھال كەلسۇن. ھازىرلا بىرسىگە ھارۋىنى قاتتۇراي ياكى بولمىسا قوشنا بالىنىڭ ماشىنىسىنى چاقىرتىپ ئىككىڭلارنى دوختۇرخانىغا يولغا سالاي، - دېدى موماي ئاغرىق تېنىنى ئارانلا سۆرەپ. ئۆزى بىللە بارغۇسى بار ئىدى، ئەمما جېنىنى قويىدىغانغا جاي تاپالماي قالغان، موماي ئاخىرى قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئاينۇرنىڭ ھاممىسىنى توۋلاپ كەلدى. بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر پىلان ئىدى، موماي ئۇزاق تاپىلاپ ئاينۇرنىڭ ھاممىسىغا ئاينۇرغا بەلەن قارشى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ پۇل كەتسىمۇ نەۋرىسى بىلەن ئاينۇرنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپ يىغلاپ، ئۇلارنى قوشنا ئۆيدىكى بالىنىڭ ماشىنىسىدا دوختۇرخانىغا يولغا سالدى. ئاينۇر ھېلىقى بالىنىڭ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى. ھەم ھېلىقى دوختۇرنى ئىزدەپ كېلىپ بىر مۇنچە دورىلارنى ئالغاندىن سىرت قۇۋۋەت دورىسى ئاقسل، دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالدى. ھەم يەنە ھېلىقى بالىنىڭ ياردىمىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھاممىسى بىلەن موماينىڭ ئۆيدىن ئاستا كېتىپ، بالىنى تۇغىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىۋاتاتتى.
- ھەرىكەت ھەددىدىن زىيادە كۆپ، بالا چارچاپ قاپتۇ، ھەم ئۆزىگە بېسىم قىلىۋاپتۇ. شۇڭا بىر مەزگىل ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ مەن باقايمىكىن دەيمەن. ماۋۇ دورىلارنى بەردى. بىر نەچچە كۈن ئوكۇل ئالماقچى ئىدى، ئەمما مەن ئۇنىمىدىم. سالامجانمۇ ئۆيدە يوق، سىز بۇنداق ئاغرىق ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ يېتىۋالساق بولمايدىكەن؟ شۇڭا بىر نەچچە كۈن سىزگە قاراپ ئاينۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايمىكىن دەيمەن.
- ئۇنداق قىلساق بولارمۇ، ھېلىمۇ بىر نەچچە كۈن بولدى، بىز ئۈچۈنلا پالاقلاپ يۈرىۋاتىسىز. قانداق قىلارمىز ئەمدى؟ 
- ھېچنېمە بولمايدۇ، ئاش تامىقىڭلارنى مەن ئېتىپ. سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن مەن خەۋەر ئالاي، -ئاينۇرنىڭ ھاممىسى شۇنداق دەپ، بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى. بىر نەچچە كۈن تاماق ئەتتى مومايمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئەمما موماينىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ئىدى. ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا سېلش ئەدەپسىزلىك بولاتتى ھەم ئۇلارمۇ قورۇنۇپ شۇنچىلىك ئەيىبكارلىق تۇيغۇسى ئىلكىدە ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى، شۇ سەۋەبتىن سالامجان بىلەن دېيىشىپ ئاينۇرنى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سالدى، بۇ ئايالنىڭ نەچچە كۈندىن ياقى تاماقلارنى ئېيتىپ ئاينۇر ھەم مومايغا قارىغانلىقىنى كۆرگەن سالامجان بىلەن ئاينۇرنىڭ قېيىن ئاپىسى ئاينۇرنندىن خاتىرجەم بولغان ھالدا ھېچ ئىككىلەنمەيلا بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرسۇن دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش ئىدى. ئاينۇر ئاخىرى كەتتى. خاتىرجەم، ئىشلىرىنى قىلىپ. يۈرىۋەردى، بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن ئاينۇرنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك يوغناپ موماي ئاينۇرنى ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقان ۋاقىتتا ھاممىسى يەنە ئۇنىڭغا: 
- بىز دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرلار بۇ ئاينۇرنىڭ تۇنجى بالىسى، ھەم تەستە كۆتۈرگەن قورساق بولغاچقا دىققەت قىلىڭلار دەيدۇ. شۇڭا تۇغقۇچە بۇ يەردە تۇرسا بولارمىكىن، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، سىڭلىمغا يۈز كېلەلمەي قالارمەنمىكىن دەيمەن. شۇڭا خاتىرجەم ئاينۇر بىلەن بالىنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، سىزمۇ ياشىنىپ قالدىڭىز، يوغان قورساق بىر ئايالغا يېتىشەلمەيسىز. بۇ ئۆيدە كېلىنىم، قىزىم ئۇنىڭدىن سىرت، نەۋرە قىزىم بار. . .
 ئاينۇر ئاخىرى قالدى، سالامجان” تۇغىدىغان ۋاقىتتا ئۆزۈم ئېلىپ كېتىپ ئۆيدە تۇغدۇرىمەن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىمغا قولايلىق “دەپ تۇرىۋالدى. ئاينۇرمۇ ۋاقىتنىڭ ئالدىرىماي ئۆتۈپ بۇ ئىشلارنىڭ ئامالى تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ سالامجاننى يولغا سالدى، ئەمما يەتتە يېرىم ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ھاممىسى دېيىشىپ قويغان ھېلىقى چوكان مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇپ قۇيۇپ موماي جىددىيلەشتى، ئۆيگە ئالايىتەن تەييار قىلىپ قويغان خورازنى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئاينۇرنىڭ كىيىم كېچەكلىرىگە، تېگىگە سالغان كۆرپىلەرگە سۈركەپ، قوشنىلاردىن سالامجاننىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بالدۇر تۇغۇلغان بالا بىلەن قوشۇلۇپلا كەلگەن ئىدى. ئاينۇر ئالتۇن جابدۇقلىرىغا بالىنى تېگىشىپ، ھارۋىدا يېتىپ بالىنى قۇچاقلىغانچە دوختۇرخانىنىڭ ئىچىگە كىرگەن ۋاقىتتا، قان كۆرپىنى كۆرگەن دوختۇرلار ئاينۇرنى تۇغقان ئوخشايدۇ دەپ نۇسۇلكىغا سالغان ھالدا كۆتۈرۈپ، بالا بىلەن دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. ئىشلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك بولغان ئىدى، ھېلىقى تۇغۇتلۇق ئايالنى ئاينۇرنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى بېقىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ياتاققا ئاينۇرنى ئورۇنلاشتۇردى، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاچقا دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈپ ئۆپكىسىنىڭ تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، بالىنىمۇ داۋالاۋاتاتتى، خېلى كەمدىن كېيىن سالامجان ئانىسىنى يېتىلگەنچە كىرىپ كەلدى ھەم ئۆزى يالغۇز ياتقان ئاينۇرنى كۆرۈپ ئەنسىرىدى.
- ئەسلى سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەرمەن دېگەن ئىدىم. ئەمما ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ كېچىكىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ، بالىچۇ؟- دېدى ئۇ بالىدىن ئەنسىرەپ.
بالا ئاينۇرنىڭ قېشىدا بولمىغاندىن كېيىن، مومامنىڭمۇ سالامجاننىڭمۇ ئىچىگە بىر ئەندىشە ئولاشقان ئىدى.
- ھە، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قاپتۇ، ئۆپكىسى ياخشى ئەمەس دەپ داۋالايدىغان ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى، باشقا چوڭ ئىش يوق، مەنمۇ ئەنسىرەپ خۇشنلارنىڭ ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىشنى كۈتمەستىنلا ھارۋىدا ئېلىپ كەپتىمەن. يولدا كەلگۈچە تۇغۇپ قويدى ئەمەسمۇ. سېستىراغا دەپ بالىڭىزنى كۆرۈپ چىقىڭ شۇنداق چىرايلىق، سىزگىلا ئوخشايدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى.
-ۋوي ئايىمخان ئوغۇل دەملا
- ھەئە، سالامجاندەكلا چىرايلىقلا بىر ئوغۇل. مۇبارەك بولسۇن ئايشەمخان، ئوغۇللۇق بولدىلا.
- رەھمەت، ۋاي، رەھمەت. ئاخىرى نەۋرە كۆردۇم، -موماي شۇنداق دەپ سالامجان بىلەن بالنى كۆرگىلى كىرىپ كەتتى. ئەمدى بالىنى ئېمىتىش بىر مەسىلە ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاينۇرنىڭ تېگىنى تازىلىغىلى كىرگەن سېستىرا قىزغا، ئاينۇرنىڭ ھاممسى قاراپ قويۇپ شۇنداق چۈشەندۈردى.
- سىزمۇ كىچىككىنە بىر قىز ئىكەنسىز، شۇڭا بۇ ئىشلارنى سىز قىلماڭ. ئۇنىڭ تېگىنى مەن ئۆزۈم قۇرۇقتاي.
- ئۇنداق قىلساق بولمايتتى، بۇ بىزنىڭ مەسۇلىيىتىمىز، ئەگەر دوختۇرلار ئۇقۇپ قالسا، بىز بۇ يەردە نان يېيەلمەيمىز، ھامما.
- ۋاي، مەن ئۇنداق چېقىمچى خوتۇن ئەمەس، شۇڭا ھەلا دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ. مەن ھەرگىز ئۇ قىز ئۇنداق قىلمىدى بۇنداق قىلمىدى دەپ چېقىشتۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. چىقىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ قىزىم. سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى چۈشىنىمەن. شۇنداق بولسۇن ھە، - دېدى.
سېسترا قىزمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە كۆنۈپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاينۇرغا ئانچە بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىدى. سالامجان بالىنى ئەينەكتىن شۇنداقلا كۆرۈپ قويۇپ. ئانىسى بىلەن ئاينۇرنىڭ قېشىغا كىردى، ئاينۇرغا قايتا قايتا رەھمەت ئېيتتى. ئەمما ئاينۇر بالىنى ئېمىتكەن ۋاقىتتا بالا ئەمچەكنى ئاغزىغا ئىلىپ شورايتى ئەمما ئىمەيتتى. موماي بۇنىڭدىن ئەجەبلەندى، شۇ ۋاقىتتا يەنە ھاممىسى چېچەنلىك بىلەن موماينى ئالداپ كەتتى.
- بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقىتن بالىنىڭ تازا كۈچى يوق. شورىيالمايۋاتىدۇ. سۇت چىقمايۋاتىدۇ، قانداق قىلارمىز ھە.
- سالامجان سۈت پارا شۇكى ئەپچىقسۇن. پاراشوكى بېرىپ باقارمەن. ئۆيگە كەتكەندىن كېيىن شورپا سېلىپ، مەن باقسام سۈت كېلىدۇ، -دىدى موماي. ئەمما ئاينۇرنىڭ ھاممىسى قىز بالا دېگەن قىرىق ئىچىدە. ئۆزىنىڭ ئۆيىدەتۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولمىسا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
 ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە خېلىلا كۈتۈنگەن ئاينۇر، ئەمدى خاتىرجەم بولدى. چىرايلىق كەلگەن بوۋاققا ئىچى كۆيۈپ، گاھىدا سۆيۈپ كېتەتتى. ئەمدى ئائىلىسىدىن ئېرىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ دە. پۈتۈن مېھرىنى بالىغا بېرىپ، بەئەينى ئۆزى تۇغۇۋالغان بالىدەك يەپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. ئەمما موماي سۈت چىقمىغاندا بانىداپ قاقشاپ قوياتتى.
- تۇغقان ئاياللاردىن سۈت چىقىدىغان، نېمىشقا سىزدىن چىقمىغاندۇ؟ پەقەتلا چىقمىدىمۇ، ئەسلى ھاممىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ قاپتىمەن، ئەگەر مەن باققان بولسام. چوقۇم سۈت چىقاتتى.
- ئانا بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاچقا ئۇنى سۈت پاراشوكىگە سالغان. سۈت پاراشوكىگە كۆنۈپ قېلىپ مېنى ئەمگىلى ئۇنىمىدى شۇ، تولا يىغلاپ قېقىلىپ بىچارىنىڭ دىلىنى سۇندۇرۇپ يىغلاتمايلى دەپ سۈت پاراشوكى بەردۇق. چوڭ بولۇپ قالار، دەيتتى ئاينۇر. موماي شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتى، بىر سۈت ئۆچكىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن كۈندە شۇ نەۋرىسىگە، سۈت بېرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. بالىنىڭ ئىسمى شاھزاتجان بولۇپ موماي بەئەينى شاھزادىنى كۈتكەندەك كۈتۈپ ئاخىرى بالىنىمۇ ئىككى ياشقا كىرگۈزدى. ئەمما ئاينۇر بالىغا تېگىشىۋەتكەن ئالتۇن جابدۇقلىرىنىڭ ئىشىنى ئېيتالماي، يۈرىكى ھەر تەرەپتىن پۇچىلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىردى. ئۆيدىكى سەككىز خالتا بۇغداي، ئىككى چوڭ قوينى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئاينۇر شۇ ئىشلارنى باھانە قىلىپ، ئالتۇن جابدۇقنىڭمۇ ئاشۇ قوي بىلەن بۇغدايغا قوشۇلۇپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىۋالدى.
-بوپتۇ يىغلىماڭلار خوتۇن ئالتۇن جابدۇقنى بىر كۈنى ئېلىپ بېرىمەن. ئەمما، ھازىر يىنم بوش. ئوغرىلاپ كەتسە جېنىمىزنى قوشۇپ ئوغرىلاپ كەتمىگەندىن كېيىن، كېيىنچە بىر گەپ بولار دەيتتى ئۇ. بۇ ئەر مانا مۇشۇنداق ئوڭلۇق ئىدى، ئوغلىنى مۈرىسىگە مىندۈرۈپ مەھەللمۇ، -مەھەللە چۆرگىلەپ يۈرەتتى. موماي نەچچە يىلدىن بۇيان قولۇم خوشنا مەھەللە، كويلاردا ئاغرىق سىلاق، تۇغۇتلۇق ئادەملەرنى يوقلاپ خېلى كىشىلەرنى خۇش قىلغان بولغاچقا، ئاينۇر تۇغقاندىمۇ نۇرغۇن كىشى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز ئۇنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولدى. ئۆمرىدە ئاينۇر، بۇ قىزنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما قىز ئاينۇرنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ ئوغلى، ھەتتا سالامجاننى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا خېلى يېقىنچىلىق قىلدى. ئاينۇرمۇ بىر ئىشلارنى تۇيدىمۇ قانداق قىزغا خېلىلا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىدى. ئاينۇر قىزنى ئۇزىتىپ چىققان ۋاقىتتا قىز ئۇنىڭغا؟ 
 - بالىنى كۆرگۈم كېلىپ كەلگەن ئىدىم، بالىنى خېلى ياخشى بېقىپسىز جۇمۇ، ئاچا.
- نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئانا دېگەن بالىنى ياخشى باقىدۇ. ئۆزۈمنىڭ بالىسىغۇ ئۇ.
- ھازىرغۇ سىزنىڭ بالىڭىز، بالا تۇغۇلغاندا ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ئاچا. مەندىن يوشۇرماڭ مەن بالىنىڭ ئانىسى.
مۇشۇ سۆز بىلەن ئاينۇرنىڭ بېشىدا بىر چاقماق چاقتى جاھان پىرقىرىغاندەك كۆز قاراڭغۇلاشقاندەك شۇنچىلىك بىر رەۋىشتە ئۆزىنى يوقىتىپلا قويغان ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章