تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر 🧡 6-قىسىم

文摘   2024-10-13 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئابدۇمەمەت ئەزىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۇغماس خوتۇن ۋە ئاداشقان ئەر» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
شۇ ۋاقىتتا ئاينۇرغا كۆز تىكىپ تۇرغان ھېلىقى بالا ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ھەم ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
- سىز ئۇنىڭغا زايە كېتىپسىز. بە ئەينى تېزەككە گۈلنى سانجىپ قويغاندەكلا ئىش بوپتۇ. قانداقمۇ ئۆزىڭىزنى خار قېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ قالغانسىز؟
-نېمە دېگىنىڭىز ئۇ، سىز ئۇنىڭ دوستىغۇ؟ نېمىشقا شۇنداق دەيسىز؟ رۇستەم ھېچقانداق ئادەم ئەمەس. كىم ئۇنى بىر نەرسە دەيدىكەن، جېنىمنى تىكىپ قويىمەن.
- ئۇ نېمە ئىش قىلالايتتى؟ ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ ھازىر. ئۇ بۈگۈن غەرق مەس نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەندىن سىرت سىزنىمۇ قوغدىيالمايدۇ، -دېدى-دە، ئاينۇرنىڭ بىخەستىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشىكنى ئېتىۋالدى. ئاينۇر نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاينۇرغا چاڭگال سالدى، ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلاپ ھېچ بىر قويۇپ بېرىۋەتمەي مەھكەم مېختىدى. ئاينۇرمۇ تامنى تشپ چىقىپ كېتىدىغاندەك بىر ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئاينۇر ئۇنى ئىتتىردى، ئەمما، ئىتتەگەنسىرى يىگىت ئۇنىڭغا چاپلىشىپ، ئۇنى تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
-مېنى قويۇۋەت ھايۋان، مەن سېنىڭ دوستۇڭنىڭ قىز دوستى. دوستۇڭغا نېمىدەيسەن، دوستقا ئاسىيلىق قىلغان ئادەم ھايۋان ھېسابلىنىدۇ، -ئاينۇر شۇنداق دەپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالغان ئىدى، يىگىتمۇ قايتۇرۇپ كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە مۇش بىلەن بىرنى قويدى.
- سېنى ۋاي دەپ قويسام، نېمانداق قىلىسەن پاسكىنا. ئادەمنىڭ ۋاي دېگىنىگىمۇ خۇش بول ھە. مۇختەر لوبەن دېسە تونۇمايدىغان ئادەم يوق، مېنىڭ قېشىمدا تۇرۋېتىپ مېنىڭكىنى يەۋېتىپ نېمانداق يوغانلىق قىلىسەن؟ ئاكاڭ قارىغاي سېنىڭدەك، توڭ سويمىلارغا بوزەك بولمايدۇ؟ بۈگۈن سېنى بوزەك قىلسام قىلىمەنكى، ھەرگىز سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن.
ئاينۇرنىڭ يۈرەكلىرى جىغغىدە قىلدى، ئېزىپ تېزىپ رۇستەمدەك قوڭى بوش، كەيپ ساپاغا ئامراق بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن چىققانلىقىغا ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىدىكى رەزىل ئىنسانغا يالۋۇرۇپ بېقىشنى ئويلىدى، ئەمما يالۋۇرغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ يەتتى، ئەنە شۇ كۈنى ئۇ رۇستەمنىڭ كۆز ئالدىدا، ھاراق ئىچىپ كەيىپچىلىكتە خۇدىنى بىلمەي ياتقان رۇستەمنىڭ ينىدا باشقىلارنىڭ دەپسەندە قېلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇ يىغلىدى، ئۆزىنى ئۇردى، ھەتتاكى ئالدىدىكى بۇ رەزىل ئىنساننى ئۇرۇپ، بىر پىچاق بىلەن جېنىنى ئالغۇسىمۇ كېلىپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ بىچارە ئانىسى، قاپىقى يامان بولسىمۇ ئۆزىنى قوغدايدىغان دادىسى يېنىدا يوقتە، ئانىدىن دادىدىن ئايرىلسا قانىتى سونىدىغانلىقىنى ئۇ كېچىكىپ بىلدى. نېمە دېيەلىسۇن، نېمە قىلالىسۇن؟ يىغلاشتىن باشقا چارە يوق. ئۇ ئاجىز تېنىنى سۆرەپ ھېلىقى ئۆيدىن چىقىپ، ئۇدۇل چوڭ بىر دەريانىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ دەرياغا ئۆزىنى ئاتقان ۋاقىتتا ھېچنېمىنى ئويلىمىدى، پەقەت ئانىسىنى، شۇ مېھرىبان ساددا، چىرايىنى ئويلىدى خالاس. ئۇنىڭ ئانىسى شۇ قەدەر مېھرىبان ئىدىكى ئۇنىڭغا يەنىلا قولىنى سۇنۇپ كەلگىن بالام دەپ توۋلاۋاتاتتى، گۈپلا قىلغان ئاۋاز بىلەن سۇغا تەڭ شۇڭغۇپ ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىمىغان، ئاينۇر سۇنىڭ تېگىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتى. ئۇ كۆزىنى ئاچقان ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا بولۇپ، ئاسما ئوكۇل ئۇنىڭ بەدىنىگە سوغۇق بىر ئېقىمدا تاراپ كىرىۋاتاتتى. ئۇ ھېچكىمنىڭ چىرايىغا قاراشنى خالىمايتتى، ئۆلۈپ كەتسەم دەپ ئويلايتتى. ئۆلۈپ كېتىش شۇنداق ئاسانمۇ؟ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. رۇستەم ئۇنى، باشقا بىر جايغا ئېلىپ كەلدى. ئەمما رۇستەمنىڭ بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقى يوق، ئاينۇرغا ئوچۇق يورۇق چىراي ئېچىپ گەپ قىلمايتتى، ئەتىگەندە تامىقىنى يەپلا چىقىپ كەتسە كەچ بولغاندا كىرىدىغان رۇستەمنىڭ نەگە بېرىپ، نەگە تۇرىدىغانلىقىنى ئاينۇر بىلمەيتتى. ئىجارىگە ئېلىنغان ئۆيدە كەچنى ئۆتكۈزۈۋالسىلا ئۆز خىيالى بويىچە چىقىپ كېتىدىغان رۇستەم ئاينۇرغىمۇ چىراي ئاچماي، نەدە تۇرۇپ نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتماي كۈنلەرنى خېلى ئۆتكۈزدى.
- نەگە بارىسىز؟ زادى سىز نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
- نەگە بېرىشىم بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ساڭا ئوخشاش بۇزۇقچىلىق قىلغىنى باردىم، دېسەم قانداق قىلىسەن؟
- سىز، سىز نېمانداق گەپ قىلىسىز؟ سىز زادى نېمە دېمەكچى؟
- نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىدىغانسەن؟
- بۇ يەرگە سىز باشلاپ كەلگەن؟ بۇ يەردە تۇرمايلى دېسەم ئۇنىمىغانمۇ سىز؟مەندە نېمە ئامال؟مەن كېتىمەن. سىز ئۈرۈمچىدە ساياھەت قىلىپ يېنىپ كېلىمىز دېگەن؟ نەدىكى ساياھەتىكەن، ئۇ. مۇشۇ ئۆيدە ئادەم ئىنسان كىرىپ چىقمايدىغان مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان. بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام يۇرتتىن چىقماس ئىدىم.
- سېنىڭ بىمەنە قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلىقىڭنى بىلگەن بولسام مەنمۇ سېنى، بۇ يەرگە ئېلىپ چىقمايتتىم. سەندەك بۇزۇق، پاسكىنا، مەينەتنى ئەمدى كۆڭلۈم كۆتەرمەيدۇ، ھەتتا سەن بىلەن ساياھەت قىلغۇم مۇكەلمەيۋاتىدۇ.
- سىز نېمە دېمەكچى؟ شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، سىز خاقىراپ يېتىپ مېنىمۇ قوغدىيالمىغان تۇرۇپ مۇشۇ گەپنى دەۋاتامسىز؟
- ھەر ۋاقىت سېنى قوغدايمەن دەپ يانچۇقۇمغا سېلىپ يۈرۈشۈم شەرتمىدى، ئەجەپ ئۆزۈڭدىن ئىزدەپ باقمايدىكەنسىنە؟ ئايال كىشى دېگەن ئۆزىگە پۇختا بولىدۇ، جىم تۇرمىغان يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزگىلى بولامدا، سۈيۈڭنى چىقىرىپ، جىلمىيىپ بەمىسەڭ خەق تۆپەڭگە چىقىۋالامتى، ساڭا دېسەم ئاينۇر. سېنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈممۇ، بىللە تۇرغۇممۇ يوق، خالىساڭ كەتسەڭ بولىدۇ؟
- ئەمدى نەگە باراتتىم، بىر مۇنچە پۇلنى سىز خەجلەپ؟ تۈگىتىپ بولدىڭىز، يېنىمدا ھېچنېمە بولمىسا، نەگە كېتىمەن؟
- ھەممىنى مەن خەجلىدىممۇ ؟ئۇچاڭغا كەيگەنسەن، قورسىقىڭغا يېگەنسەن، شۇنىڭغا پۇل كەتكەندۇ؟ قانداق كېتىشىڭ بىلەن مېنىڭ نېمە ئىشىم، كەتسەڭ بولىۋېرىدۇ؟
- نېمە دېگىنىڭىزبۇ؟ ھەممىنى ماڭا ئارتامسىز، -دەيتتى ئاينۇر. ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتى، ئۇ بالىنىڭ دادىسى ھېلىقى ئەرمۇ ياكى رۇستەممۇ ئۇنى بىلمەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇستەم تۈرلۈك تۈمەن ھەرخىل ھەر ياڭزا ئاياللارنى ئەكىلىپ ئاينۇرنىڭ كۆزىدە ئوينايدىغان بولدى. ئاينۇر بىرەر ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلىپ قويغۇدەك بولسا ئۇرۇپ تىللاپ، ئۇنى سەتلەپ كۆزىدىن ئىتتىكرەك يوق بولۇشنى ئېيتاتتى.
- ھەي، قىلغانلىرىمغا چىدىمىغان بولساڭ كەتسەڭ بولمامدۇ. نېمىشقا كەتمەيسەن؟ دۇنيادا سەندەك چاپلاندى خوتۇننى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۇزۇق ئادەمنىڭغۇ ئەسلا يۈزى يوق.
- ئۇنداق قىلماڭ، رۇستەم ئۆيدىن بىللە چىققان. شۇ ۋاقىتتا سېنى ئالىمەن، بىر چۆرگىلەپ كەلسەكلا ئاتا ئاناڭ تويۇڭغا قوشۇلىدۇ دېگەن ئىدىڭىز، ئەمدى بىراقلا سەندىن تويدۇم دەيسىزغۇ.
-ئەمىسە نېمە دەيمەن؟ سېنىڭ تالادىن تېپىپ كەلگەن شۇمۇڭنى بېقىپ ئولتۇرامدىم، يوقال، نەچچە قېتىم يوقال دېدىم نېمىشقا يوقالمايسەن؟
ئاينۇرغا بەئەينى ئىتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشلىرى جېنىغا تەگكەن ئىدى.
- نېمىشقا يوقال دەيسز، بۇ يەرگە سېز ئېلىپ كەلگەنغۇ؟
- مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم راست، ئەمما سېنى خەق بىلەن ئېغىز بۇرۇن يارىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلسۇن دەپ ئېلىپ كەلمىگەن. قورسىقىڭدىكى ئاۋۇ بىر نېمەڭنى ئېلىپ، ئۇ يەردىن يوقال.
- ئۇ سېنىڭ بالاڭ؟ سنڭ بىلەن بىللە باقىمەن؟
- مېنىڭ مېنىڭ ئۇنداق تەلىيىم يوق. ئاغىنە، دەپ بېشىمغا سىيىدىغان، ئاۋۇ خۇمسىنىڭ بالىسىدۇ ئۇ؟ دەرھال چىق كۆزۈمگە كۆرۈنمە. بولمىسا ھېلى بىكار قارنىڭنى چۇۋۇپ، ئاۋۇ شۇمۇڭنى قورسىقىڭدىن تارتىپ چىقىرىۋېتىمەن.
- ئۇنداق قىلماڭ رۇستەم بالىنى چۈشۈرىۋەت دېسىڭىزمۇ مەيلى. ئەمما مېنى كەت دېمەڭ، مەن ئاتا ئانامنىڭ قېشىغا قانداق بارىمەن. ئۇلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟
- ھازىر مېنىڭ يۈزۈمگە قانداق قارىغان بولساڭ شۇنداق قاراۋەرسەڭ بولىۋېرىدۇ؟ ئەمدى سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈم يوق-، دېدى رۇستەم ئاينۇرنىڭ بارلىق پۇللىرىنى خەجلەپ بولۇپ. ئاينۇرنىڭ يېنىدا تۈزۈك پۇلمۇ يوق ئىدى، رۇستەم نەچچە قېتىم ھاقارەتلەپ مۇشۇنداق سۆزنى قىلسىمۇ ئاينۇر، يەنە چاپلىشىپ ياشاۋەردى. ئۇنىڭ قورسىقى كۈندىن كۈنگە يوغىناۋاتاتتى چۈشۈرۈۋېتەي دېسە، ئاينۇرنىڭ يېنىدا تۈزۈك پۇل يوق، بىرەر يەردە ئىشلەي دېسە ھامىلدار ئايالنى ھېچكىم ئىشلەتمەيدۇ. ھەم بۇ يەرنىڭ ئەلمي-تەلىمىنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايدىغان ئاينۇر نەدىن خىزمەت ئىزدەشنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇ مانا شۇنداق بۇرۇقتۇرمچلىق ئىچىدە تۆت ئاينى ئۆتكۈزدى. تۇيۇقسىزلا رۇستەم يوغان قورساق ناھايىتى سەت بىر ئادەمنى باشلاپ كىردى. ھەم ئاينۇرغا ئېرەن قىلماستىن بۇ ئادەمنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كىيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئاينۇرنىڭ ئىچىدىكى قورقۇنچى بېسىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېرىم كېچە بولغاندا ھېلىقى سەت ئادەم بۇ ئۆيدە پەيدا بولۇپ ئاينۇرغا سەت ھىجايدى.
- سەن كىم؟ سەن زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟
- ۋاي نېمىدىن قورقىسىز گۈزىلىم. رۇستەم سىزنى كىملا بولسا شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈۋېرىدۇ، سەنلا خالىساڭ ئۇ ساڭا خوتۇن بولىۋېرىدۇ دېگەن ئىدى. شۇڭا سىزگە ئەر بولاي دەپ كەلدىمغۇ.
- ۋۇ ھايۋان، ئادەم ئەمەس.
- كىمنى دەۋاتىسىز، مېنىمۇ؟ ئەرلەر دېگەن ھايۋان، ھايۋان بولمىسا خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالامدۇ؟ نازلانغىنىڭىزما ئۇ؟
- ماڭا يېقىن كەلمە نېرى تۇر.
- كەلسەم قانداق قىلالايتتىڭىز؟ كېلىمەنغۇ تازا، -شۇنداق، دەپ قىستاپ كەلگەن ئەرنى ئاينۇر ئۈستەل ئۈستىدىكى قايچىنى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ قالايمىقان شىلتىدى.
- نېمانداق قىلىدۇ ماۋۇ؟ ۋاي ئەر بولاي دېگەنگە خۇش بولە. سېنى زاكىسىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن قېرى، بۇزۇق دېگەن ئىدى. مەن شۇنداق بۇزۇققا ئامراق دەپ كەپتىكەنمەن، ئامراقلىقنى كەلتۈرگۈچىلىكىڭ يوقكەنغۇ سېنىڭ؟
- يوقال، بولمىسا بۈگۈن بۇ ئۆيدىن ئۆلۈكىم چىقىدۇ ئۆلۈشۈمنىڭ سەۋەبچىسى بولىسەن. سېنى قاتىل قىلىۋېتىپ بۇ ئۆيدە ئۈلۇپ بېرىمەن، -ئاينۇر شۇنداق دەپ بوينىغا قايچىنى سانجىدى. قان ئاستا سىرقىغان ۋاقىتتا ھېلىقى سەت، چوڭقۇر يۈزلۈك ئادەم قورقۇپ ئىشىكتىن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىشىك سىرتىدا پىچىرلاپ دېگەن گېپىنى ئاينۇر ئاڭلاپ قالدى.
- ئاۋۇ رۇستەمنىڭ گېپىگە كىرىپ تاس قالدىم تۈرمىگە كىرىپ كەتكىلى، قىپقىزىل ساراڭكەنغۇ بۇ. ئەڭ ياخشىسى كېتىپ قالاي، - ئەنە شۇ گەپ بىلەن ھېلىقى چوقۇر يۈزلۈك ئادەم كېتىپ قالدى، ئاينۇر، شۇ كۈنى ئۇزاق يىغلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن رۇستەممۇ، ھېلىقى چوقۇر يۈزلۈك ئادەممۇ كەلمىگەن ئىدى، بىچارە ئاينۇر ئاشۇ كىچىككىنە ئىجارە ئۆيدە رۇستەمنى خېلى ساقلاپ كەلمىگەندىن كېيىن تەرەپ تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىدى، ئەمما شۇ ۋاقىتتا قورسىقىغا ئالتە ئايلىق بولغان خېلىلا بىلىنگەن ئاينۇرنى ھېچكىم ئىشقا ئالمىدى.
- بۇ قورسىقىڭىز بىلەن قانداق ئىش قىلالايسىز، بالىنىڭ دادىسىچۇ؟ تاسادىپىي يىقىلىپ كەتسىڭىز بالىڭىزنى بىز تۆلىمەيلى يەنە. ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزدە ئارام ئېلىڭ.
- بالامنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن، يېنىمدا بىر موچەن پۇل يوق، ھەتتا ئۆيدە ئولتۇرغۇدەك ئەھۋالىممۇ يوق، ئۆينىڭ مۇشۇ ئايدا ئىجارىسى توشىدۇ، ئانا بالا ئىككىمىزنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىشىمىزنى بىلمەيمەن؟ قورساق تويغۇدەك بىرەر پارچە قاتتىق نانمۇ يوق.
- بۇ يەردە ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭزمۇ يوقمۇ سىڭلىم، -دېدى ئاشخانا خوجايىنى ئۇرۇققىنە كەلگەن ئايال خوجايىن.
- ياق، بۇ يەردە ھېچنىمەم يوق، بۇ يەرگە مۇساپىر . ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئىشلىگىلى چىققان، ئەمما ئېرىم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى ئاچا. ئېرىمنى يامان تەستە ئۇزۇتۇپ، قورسىقىمدىكى بالا بىلەن ئۆزىمىزنىڭ جېنىنىمۇ باقالمىدۇق. مېنىڭ ئاتا ئانام يىراق يېزىدا. كېتەي دېسەم كەتكۈدەك پۇلۇم يوق؟
- ھە، مۇنداق دەڭ، مۇساپىرىمەن دەڭ، كىرىڭە قورسىقىڭىزنى توقلىۋېلىڭ، مەن شۇنچىلىكلا ياردەم قىلالايمەن، -دېدى ئايال. ئۇ بىر قاچا ئىسسىق لەغمەننى ئاينۇرنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئاينۇر تاماقنى بىرلا شۈمۈرۈپ، بەئەينى نەچچە يىل ئاچ قالغان ئادەمدەك يەۋەتتى.
شۇ قېتىملىق تاماقتىن كېيىن ئۇ بىچارە ئاچ قالدى، خەقتىن ئاشقان تاماقلارنى، خەق تاشلىۋاتقان نانلارنى تىرىپ يەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى. قورسىقى خېلى يوغىنىغان، يۈزلىرىگە ئاندا مۇندا داغ چۈشكەن ئاينۇر توختىىماي ئانىسنى ئەسلەيتتى، مۇشۇ كەمگىچە بىرەر كىمنىڭ ئىشىك ئالدىغا ساغىرىپ باقمىغان، بىرەر كىمگە بىر كوي ئۈچۈن ئىشلەپ باقمىغان ئاينۇر ئۈچۈن، بۇ ھايات تولىمۇ قىيىن، تولىمۇ مۈشكۈل تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章