يولدىن چىققان ئايال 🧡 53-قىسىم (ئەپچىدە 80-قىسىمغىچە)

文摘   2024-10-06 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ گۈلزىرەنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمان بارغانسېرى روشەنلەشتى، ئۇنىڭ نەزىرى قەيسەرغا تىكىلدى، گەرچە ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆڭلىدە دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

بالىخانىنىڭ ئىشىكىنىمۇ قەيسەر چاقىرغان ئادەم ئېچىۋەتتى،  شۇڭا ئۇ ئۇنى ئاسانلا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

ئۇ ياغاچ پەلەمپەينىڭ ئاياغ تىۋىشى  بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە چۈشكەندەك بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا، ئەينى چاغدا ئۇ سولاپ قويۇلغان ئۆيگە كەلدى.

-مەن كىرمەيمەن!

گۈلزىرە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەرنىڭ تىك تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، خۇددى ئەينى چاغدىكى قاباھەتلىك چۈش ئۇنىڭ بەدىنىگە يەنە بىر قېتىم چۈشكەندەك بولدى!

-گۈلزىرە.

قەيسەر ئۇنى ئەمدى  ئەلفىرە دەپ چاقىرمىدى.

ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ كىرىپ،  ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىرگە بولغان دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويدى.

-ئەلدارنىڭ  سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، سىزنىڭ بۈگۈن سۇ شەھىرىگە كېلىشىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆز دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

قەيسەر شۇنداق دېگەچ،  يۈرىكى قاتتىق تارتىشىپ كەتتى،  ئۇنىڭ تىنچ چىرايى ئاستىدا، قانچىلىك جىددىيلىشش بارلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ!

بىراق،  ئۇ يەنىلا گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، بىر ئېغىز، بىر ئېغىزدىن:

-بىراق،  سىز ئەمدى ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، يەتتە يىل ئىلگىرىكى ئۇ ئادەم مەن،  ئەلدار، ئۇ دەل بىزنىڭ ئۆز ئوغلىمىز!

گۈلزىرە قاتتىق سىلكىنىپ، قەيسەرگە مىختەك قاراپ، خۇددى ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ مۇشتۇمى چىڭ تۈگۈلۈپ يەنە بوشاپ كەتتى، ئۇ ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى ئورنى يەتتە يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىدى.

ئۇ ئۇنىڭ غۇۋا چىراغ نۇرىدىن سەل خىرەلەشكەن چىرايىغا تىكىلىپ تۇرۇپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:

-گۈلزىرە، كەچۈرۈڭ! راستىنلا مەن!

ئۇنىڭ گېپىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ قالدى.

بىر نەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، قەيسەر قانداق كەچۈرۈم سوراشنى ئويلاۋاتقاندا، ئۇ قولىنى كۆتۈردى.

-چاڭ!

ئۆيدىن بىر جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلاندى، ھەتتا ئۆي چوڭ بولمىغاچقا، غۇۋا ئەكس سادا ئاڭلاندى.

قەيسەرمۇ ئۆزىنى قاچۇرماي، گۈلزىرەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن سالغان شاپىلىقنى قۇبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ قولى ئازراق ئۇيۇشۇپ، ئازراق تىترەپ كەتتى.

ئۇ ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ، ئاندىن ئاۋاز چىقاردى.

-قەيسەر، سىز بىلەمسىز، سىز مېنىڭ ھاياتمنى نابۇت قىلدىڭىز؟

ئۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەدىنى قاتتىق قېتىپ قالدى.

ئۇ شۇندىلا نورمال ئاۋاز چىقىرالايدىغاندەك قىلاتتى، بەدىنى قاتتىق تىترەپ:

- نېمە ئۈچۈن پەيدا بولسىز؟ بىلەمسىز، سىز مېنى نابۇت قىلدىڭىز؟! مەن سىزگە ئۆچ . مەن سىزگە ئۆچ!

ئۇ شۇنداق دەپلا ئاچچىقىنى چىقىرىۋالدى، كۆز ياشلىرى توختىماي سىرغىپ چۈشتى.

قەيسەرنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى،  بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنى نابۇت قىلدى  دېگەندە، خۇددى بىر شەكىلسىز قول ئۇنىڭ گېلىدىن كىرىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ، كۈچەپ يىرتىۋەتكەندە بولدى...

بىراق، ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەندۈرەلمىدى، پەقەت ئۇنى قۇچاقلاپ، توختىماستىن كەچۈرۈم سورىدى.

-  كەچۈرۈڭ، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، مەن ئەزەلدىن سىزگە بۇنچە چوڭ زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ...

-سىز جەنۇبى شەھەر داشۆ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟-گۈلزىرە يىغلامسىراپ، -چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان چاغدا، مەن كەلگۈسۈم پارلاق بولۇپ  كەتتى، دەپ قارايتتىم، ھەتتا شۇ كېچىنى ئۇنتۇشقا تىرىشاتتىم، لېكىن، ھەممە نەرسە نابۇت بولدى!- دېدى.

ئۇ مەكتەپتىن ھەيدەلدى، شەمسىيە باش قاتۇرۇپ پەيدا قىلغان سۆز-چۆچەكلەر،  ھەتتا ئىشلەمچىلىك قىلىشىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، شۇڭا ئىسىم ـ فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىئاراملىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق، سەرگەردان بولۇپ يۈردى ...

-كەچۈرۈڭ! كەچۈرۈڭ

ئۇ بۇ گەپنى توختىماي تەكرارلىدى.

-مەن ئۆزۈمنى ئاخىرى خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپتىمەن! مەن ئۆز ئاتا - ئانام بولمىغان بولسىمۇ، ئۆزۈمگە تايىنىپ، ھايات مۇساپەمنى ياخشى ئۆتكۈزسەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، -گۈلزىرە  ئۇنىڭغا مىختەك قادالدى، -بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ! مېنىڭ ھېچنېمەم قالمىدى. مېنىڭ ئۆتكەن ھاياتىم،  ئۆتكەن دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى!

قەيسەرنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولدى، بىراق بولار ئىش بولۇپ بولدى، ئۇ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشتىن باشقا، ئىلگىرى ئۇ ئۇچرىغان يارىغا ھېچنېمە قىلالمايدۇ.

-سىز شەمسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۋالغانمۇ؟

گۈلزىرە  كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرگە غەزەپ بىلەن قارىدى.

-ئۇنداق بولمىسا، ئۇ مېنىڭ يەتتە يىل بۇرۇنقى ئىشىمنى قانداق بىلىدۇ؟ بۈگۈن يەنە بىر ئادەمنى ئىزدەپ، يەتتە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئادەمنى دېدى؟!

-شەمسىيە؟!

قەيسەر بىردىنلا ھەممىنى چۈشەندى.

شۇڭا گۈلزىرە بۇ يەرگە كېلىپ شەمسىيە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ،  ئەسلىدە ...

-گۈلزىرە،  مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ. يەتتە يىل ئىلگىرى، مەن پەقەت قوشكېزەك ئىنىم تەرىپىدىن دورا سېلنىدىم،  ئۇنىڭ ئۈستىگە يارىلانغاچقا، بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم، شۇڭا سىزنى ئۇچرىتىپ قېلىشىم پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق. لېكىن، مەن كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە بىر ئادەم ئۆيگە كىرمەكچى ئىدى،  مەن ئۇنى ئىنىمنىڭ ئادىمى دەپ ئويلاپ،  ئۇنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، بىنادىن تېپىپ چۈشۈرۈۋەتتىم.

ئۇ ئادەمنى شەمسىيە ئەۋەتكەن ئوخشايدۇ.

گۈلزىرەمۇ ئەمدى چۈشەندى، شۇڭا، ئەينى چاغدا شەمسىيە ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان،  لېكىن ئۇ كۈتۈلمىگەن ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلمەي،   قەيسەرگە ئايلىنىپ قالدى.

بىراق،  گەرچە شۇنداق دېگەن بىلەن،  قەيسەرمۇ گۇناھسىز بولسىمۇ،  لېكىن، ئۇ يەتتە يىلدىن بېرى، ۋەيران بولغان ھاياتىنى كىم تۆلەيدۇ؟!

ئۇ قولىنى سوزۇپ قەيسەرنىڭ كۆكرىكىنى ئىتتىردى.

-تاسادىپىيلىق بولغاندىكىن، مېنى قويۇۋېتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى!

-گۈلزىرە،  مەن يەتتە يىل بۇرۇن ئۈزۈكنى سىزنىڭ نامسىز بارمىقىڭىزغا تاقاپ قويغان، مەن ئىزچىل سىزنى ئېلىشنى ئويلاپ كەلگەن!

قەيسەرئۇنىڭغا قارىدى.

-ئەينى چاغدا سىز قورسىقىڭىزدا تۇرۇپ، ئۆي - ماكانسىز قالغان ۋاقتىڭىزدا نېمىشقا مېنى ئىزدەپ بارمىدىڭىز؟

ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇ ھوشىدىن كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا بىر ئايدىن كېيىن تىنچ شەھەرگە قەيسەرنى ئىزدەپ بېرىشنى ئېيتقان.

-ھىم؟ سىزنى ئىزدەپ بارامدىم؟!-گۈلزىرە ئۇنىڭغا قاراپ، - ماڭا بىر غەلىتە ياغاچ ئۈزۈك بېرىپ تىنچ شەھەرگە  بېرىپ بىر نېمە قىل دېىدىڭىز،  سىزنىڭ بەدىنىڭىز يارىلانغاچقا، بىر قاراشتىنلا دۇرۇس ئادەم ئەمەس  كۆرۈندىڭىز؟ مەن ئۈزۈكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ نېمە ئىش قىلىمەن؟ قىلتاققا چۈشەمدىم؟

-بىر نېمە قىل؟-قەيسەر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، - مەن ئىسمىمنى دەپ بولالمىدىممۇ؟

ئۇ كۆڭلىدىكى غەزەپنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بېرەلمەي، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:

-مەن پەقەت قى،  دېگەن گەپىنىلا ئاڭلىدىم، سىزنى يامان ئادەم دەپ قاپتىمەن!

ئەسلىدە ...

قەيسەر خۇرسىنىپ:

-ئەگەر مەن ئۇنچە تېز ھوشۇمدىن كەتمىگەن بولسام، بىز بۇ يەتتە يىلنى قولدىن بېرىپ قويمايتتۇق ... دېدى.

ئۇ بۇرۇنلا ئۇنى ئالغان ،  ئۇمۇ ئۇنچە كۆپ جاپا تارتمىغان بولاتتى.

بالىلىرى بىلەن بىللە كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرمەيتتى. قورسىقى توق، يۆلەنچۈكى بار ...

- شۇ چاغدا سىز مېنى زورلىدىڭىز، ھوشىڭىزدىن كەتگەن بولسىڭىزمۇ، مەن سىزدىن نەپرەتلىنىمەن!-گۈلزىرە قەيسەرنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ، -مەن سىزگە بىر ئۆمۈر ئۆچ!-دېدى.

-گۈلزىرە، ماڭا نەپرەتلىنىشىڭىز ھەقلىق، ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم.

، - قەيسەر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ، -بىراق، مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىز بىلەن  ئەلدارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، بولامدۇ؟- دېدى.

ئۇ بېشىنى چايقىدى، كەيپىياتى ئاۋۋالقىدەكلا تىنچلىنالمىدى.

-ياق! ماڭا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس. يەتتە يىل بولدى، مەن بۇ يەرگە كەلدىم، ھازىر ھېچكىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا خۇشتار ئەمەس.

ماڭا مەسۇل بولمىسڭىزمۇ بولىدۇ!

ئەڭ ئازابلىق ئىش ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتتىن كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بولسۇن؟!

ئۇ ئۆزى يالغۇز بولسا ناھايىتى ياخشى، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئوغلىغا ھەمراھ بولۇشقا سەرپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلىغۇسى يوق، يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا رەسمىي قاتناشقۇسى يوق.

بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا يەتتە يىل ھەمراھ بولغان ئوغلىنى بۇلاپ كېتىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

ئۇ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى روھىي ئۈمىدى، ئۇ باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولمايدۇ.

قەيسەر گۈلزىرنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  ئۇنىڭ كەيپىياتى سەل تۇراقلاشقاندىن كېيىن:

- شۇنداق، يەتتە يىل ئىلگىرى مەن ئۈزۈكنى سىزگە سوۋغا قىلىشىم، ھەقىقەتەن مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن، يەتتە يىلدىن كېيىن، گىرىم قىلىپ ئادەتتىكى بولۇپ كەتكەن سىزنى ئۇچراتتىم، سىزنىڭ گۈلزىرەلىقىڭىزنى بىلمەي، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سىزنى مېنىڭ قىز دوستۇم قىلىپ، سىزنى مېنىڭ يېنىمدا بولغىن دەپ خۇشال بولغان. بىراق كېيىن مەن نىلۇپەرنى كۆردۈم، - دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

نىلۇپەر  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنىدە نىقابىنى ئېلىۋەتتى، مەن ئۇنىڭ يەتتە يىل بۇرۇنقى قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدىم.

ياردەمچىم ماڭا   نىلۇپەر توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا شۇنچە كۆپ جاپا تارتقانلىقىنى بىلدىم.

كېيىن سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن،  نىلۇپەرنىڭ دەل گۈلزىرە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

-شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سىزگە ئايرىلىپ كېتەيلى  ، مەن باشقا بىر قىزغا ۋەدە بېرىپ بولدۇم دېدىم.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

-ئۇ كۈنى كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى،  لېكىن مەن ئۇنى تونۇيدىغانلىقىمنى،  ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىمنى،  ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويغاچقا، ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ سىزدىن ۋاز كەچتىم، -دېدى.

-سىز بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن دەرھال ئۇنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ توي قىلىش كېلىشىمىمىز بارلىقىنى،  ئەمىلىيەتتە چېكىنىش يولۇمنى ئۈزۈۋاتاتتىم ، مەن كېيىن سىزنى ئىزدەپ،  ئىككىڭلارغا  تەڭ يۈز كېلەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرىدىم.

بولۇپمۇ شۇ كۈنى ئۇ  تەشۋىقاتىغا قاتنىشىپ،  كىشلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، مەن ئۇنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى تۇنجى قېتىم باشتىن كەچۈردۈم، ياكى ئۇ بەرداشلىق بەرگەن ئون مىڭدىن بىر قىسمىنىلا باشتىن كەچۈردۈم.

چۈنكى مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىشكە جۈرەت قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.

شۇ مەزگىللەردە كۆڭلۈم بەك پاراكەندە ئىدى، سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغريىتتى،  ھەتتا ئۆزۈمنى ئۈجمە كۆڭۈل دەپ قارايتتىم.

تاكى شۇ كۈنى سىزنىڭ  دۇكىنىڭىزدىن ئۆتكەندە، سىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىڭىزنى كۆردۈم ...

قەيسەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، گۈلزىرە بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى.

-گۈلزىرە، ئۇ كۈنى سىز قىزىپ قاپسىز، مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن سىزنىڭ ئۈزۈك سالغان كىچىك قۇتىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم، ئاندىن سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى پەرەز قىلدىم.

قەيسەر قولىنى سوزۇپ گۈلزىرەنىڭ مەڭزىگە چاپلىشىپ قالغان چېچىنى يېنىك قايرىدى.

-مەن لۆڭگە بىلەن گىرىمىڭىزنى يۇيۇۋەتتىم، شۇندىلا سىلەرنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بايقىدىم، مەن ئىزچىل ياخشى كۆرىدىغان پەقەت سىزلا بار!

ئۇ ئۇنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-يەتتە يىل ئىلگىرى سىزگە چېقىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ چېچەن پاكىزلىقىم بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى، ماڭا يېقىنلاشقان ھەرقانداق ئايالغا ئۆچ بولۇپ قالدىم. بىراق، ئۇ چاغدا سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ  چەتكە قاقمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىدىم، بۇرۇن سىز بىلەن توختام تۈزگەنلىكىمگە ھەيران قالغانتىم، ھازىر بىلدىمكى، سىلەر بىر ئادەم ئىكەنسىلەر!

گۈلزىرە كۆڭلىنىڭ قانداق ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، نەپرەتلەنمەكچى بولدى، ئەمما ئۇنىمۇ ئەيىپسىزدەك ھېس قىلدى.

بىراق، ئەگەر نەپرەتلەنمەيمەن دېسە، ئۇنىڭ كۆڭلىگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章