بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 41-قىسىم (ئەپچىدە 65قىسىم)

文摘   2024-10-02 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-سىز؟ سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟ مەن سىزنى چاقىرمىغانغۇ.. - دېدى مۇخبىر قىز ئاشخانا خوجايىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ.

- چاقىرمىدىم؟ ئەمىسە بۇ نېمە؟- ئاشخانا خوجايىنى باغاقنى كۆرسەتتى.

- بۇ؟! بۇ باغاقنى سىزگە كىم بەردى؟

- كىمنىڭ بەرگىنى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن..

- چاقىرىلمىغان مېھمان بىلەن تولۇپتۇغۇ بۇ توي.. - مۇخپىر قىز ماڭا قارىدى،- بۇ سىزما؟ سىز نېمىگە كەلدىڭىز؟

- مەن بايىدىن بېرى مۇشۇ يەردىغۇ.. ئەمدى تونىدىڭىزما؟

- بەك قېنىق گىرىم قىلىۋاپسىز، تونىماپتىمەن. بىزنىڭ تويدا سىزگە نېمە بار؟

يولدىشىم مېنى يانغا تارتتى.

- سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نېمىگە كەلدىڭ؟

ئاشخانا خوجايىنى يولدىشىمنىڭ بىلىكىدىن تارتتى.

- ئۇنى مەن ئېپ كەلگەن ئۇنىڭغا چېقىلما..

- سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ نېمە مېنى سىلكىسە مەن گەپ قىلسام ئۆزۈمنىڭ..

- ئۆزۈڭنىڭ نېمىسى؟ ئىككىڭلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوققۇ.. بۇ مېنىڭ قىز دوستۇم.. سىلەر باغاق يازغاندىن كېيىن ئېلىپ كەلسەم نېمە بوپتۇ..

مۇخبىر بىلەن يولدىشىم ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى.

- ئاكا سىلەرنى تارتىپ قويايمۇ؟

فوتوگراف ئاپاراتنى كۆتۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى.

- بولدى، بىز ئاۋۇ ئۈستەلگە بېرىپ چۈشەيلى،- دېدى مۇخبىر قىز دەرھال چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئاشخانا خوجايىنىغا قارىدىم.

- بۇ قانداق گەپ؟ ئۇلار باغاقنى ئەكەپ بەردى دېگەنتىڭىزغۇ؟!

- شۇنداق دېمىسەم كېلەمتىڭىز..

- بۇ.. قانداق گەپ ئەمدى، سىزنىمۇ چاقىرمىسا زورلاپ كەلدىڭىزما؟

- ھەئە. ئۇلارنىڭ توي باغىقىنى چەمبىرەكتە كۆرگەن. ئوخشاشتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئىسمىمنى يېزىپلا كەلدىم..

- غەلىتە ئادەمكەنسىز.. تازىمۇ بىر..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم. ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلدى.

- مۇشۇنداقلا كەتمەكچىما؟ ھېلى تانسا ئويناپ ئاندىن كېتىمىز..

- كاللىڭىزنى سۈيى بارمۇ؟ مېنى چاقىردى بىللە بېرىشىپ بېرىڭ دەپ ئەكېلىپ ئەمدى تانسا ئويناشقا چۈشتىڭىزغۇ.. ئوينىمايمەن.. مەن كېتىمەن..

ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئوغلۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ توختاپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولۇپ ئالدىمغا مېڭىپ بۇرۇنقى قېيىن ئاپامنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن توختاپ قالدىم.

- نەدە يۈرىسەن. ماڭ كىرىپ كەت..

ئۇ ئوغلۇمنى ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن مېنى يانغا تارتتى.

- ئازراقمۇ ئىززىتىڭىز يوقكەن.. تويدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دېگەنچە نېمانچە قىلىسىز..

- مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.. كېتەي دەپ ماڭدىم..

- نەۋرەمنى يېنىڭىزغا چاقىرىپ نېمە قىلماقچىتىڭىز؟

- ھېچنېمە قىلمىدىم. مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم.. ئۇچرىشىپ قالدۇق شۇ..

- ئاجراشقۇچە نېمە دەپ ۋەدە بەرگىنىڭىز ئېسىڭىزدىغۇ..

- ئېسىمدە بار.. شۇڭا ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم..

- دادىڭىزنىڭ قەرزىنى يوق قىلىپ 300 مىڭنى ئالماي ئاجراشقانغا خوش بولۇڭ..

- بىلىمەن..

- مەن ئاغزىمنى بۇزغىچە ئۆزىڭىزنى بىلىپ كېتىۋېلىڭ.. بۇ يەر سىزنى قارشى ئالمايدۇ.. ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولماڭ.. ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. ئاشخانا خوجايىنى ئارقامدىن ئەگەشتى.

- ئۇ خوتۇن نېمە دەيدۇ؟ نېمىشقا ئاجرىشىپ بولغاندىمۇ سىز بىلەن قالىدۇ؟

ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇردۇم.

- خوش بولدىڭىزمۇ؟ مۇرادىڭىزغا يەتتىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈپ مېنى چۈشۈردىڭىز..

- كەچۈرۈڭ. مەن شۇ بۇرۇنقى ئايالىمغا كۆرسىتىپ قوياي دېگەن..

- كۆرسەتكۈڭىز بولسا نى ياش قىزلار بار، نى چىرايلىق ئاياللار بار.. نېمىشقا ئۇلارنى كۆرسەتمەيسىز.. مەندەك ئاجراشقان بىچارە ئايالنى كۆرسىتىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىتىڭىز؟

- كەچۈرۈڭ. ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنقى ھەمراھىمىز توي قىلغاچقا بىرگە بارساق مۇۋاپىق دەپ ئويلىغانتىم..

- نېمىشقا؟ نېمىشقا ھەممىڭلار مېنى بوزەك قىلىسىلەر؟

- مەن بوزەك قىلمىدىم. سىزنى روھىي كۆتۈرۈپ قالامدىكىن دېگەن..

- ئاۋۇ مېنىڭ ئىچىمنى يېرىپ چىققان بالا.. ئۇ يەردە باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.. باشقىلارنى ئاپا دەۋاتىدۇ بىلدىڭىزمۇ؟

- مېنى كەچۈرۈڭ. سىزنى بۇنچە بوپ كېتەر دەپ ئويلىمىغانتىم..

ماشىنىنىڭ ئالدىغا بېشىمنى قويدۇم.

- مەن بىر مەسئۇلىيەتسىز ئانا.. ئۆز بالامنى باشقىلارغا تاشلاپ بەردىم.. ئۇ باشقىلارنىڭ توي كۆينىكىنى كۆتۈرۈپ باشقىلارنى ئاپا دېسىمۇ توسۇپ قالالمىدىم..

- كەچۈرۈڭ. راستىنلا كەچۈرۈڭ..

- ماۋۇ ئاياقنى سىرگە قايتۇرۇپ بېرەي.. يەنە بۇ گىرىملەر.. - يۈزۈمدىكى گىرىمنى بۇزۇشقا باشلىدىم،- بۇنىڭ نېمە پايدىسى..

- ئۇنداق قىلماڭ.. مېنى خىجىل قىلىۋەتتىڭىز..

- مەن سىزنى راستىنلا باغاقنى تاپشۇرىۋالغان ئوخشايدۇ دېگەن.. شۇ باھانىدە ئوغلۇم بىلەن كۆرىشىۋالارمەن دەپ ئويلىغانتىم.. لېكىن ئۇنى بۇ ھالەتتە كۆرەرمەن دەپ ئويلىماپتىمەن..

- كەچۈرۈڭ. مەن ئۇتتۇرغىنىمغا تەن بەرمەي شۇنداق قىلغان..

- ئۇنى يەنە ياخشى كۆرىدىكەنسىزدە؟!

ئاشخانا خوجايىنى بوشقىنە باش لىڭشىتتى.

- ھاھا.. ھاھا.. . ئەرلەر ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان ئايالنى ھەجەپ ئۇنتىيالمايدىكەن..

- ئۇنداق ئەمەس، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.. ئىشقىلىپ بۇ ئىشتا زىيان تارتقىنىمنى پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.. ئىچىمدە بىر نارازىلىق بار..

- نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ سىزنىڭ نۇرغۇن پۇلىڭىزنى خەجلىدى، سىزنى نۇرغۇن بەدەل تۆلىگۈزدى، ئايالىڭىزدىن ئاجراشقۇزدى..

- شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ئاز ئەمەس..

- ئەرلەر راستىنلا ئەڭ ئازابلىغان، ئەڭ پايدىلانغان ئاياللارنى ئۇنتۇيالمايدىكەن..

- بەلكى شۇنداقتۇر، لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، رازى بولماسلىقتىن مۇشۇنداق قىلىمەن. ھازىر مەن قەرزگە بوغۇلدۇم. ئۇ ھەممە نەرسىگە ئېرىشتى..

- بولدىلا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئارلاشمايمەن.. ئىشقىلىپ بۈگۈن قىلغىنىڭىزنى كەچۈرمەيمەن..

- راستىنلا خاپا بولماڭ.. مەن بۇنچە ئېغىر كېلىدۇ دەپ ئويلىمىغان..

- سىز ھەممە ئاياللارنىڭ ئاۋۇ مۇخبىر ئايالىڭىزغا ئوخشاش ھېنېمە تەسىر قىلمايدۇ دەپ ئويلىغانمۇ؟!

- ئۇنداق ئەمەس.. نەدىكى گەپنى قىلماڭ.. مۇنداق قىلايلى. سىزدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن.. بۈگۈن مېھمان قىلاي..

- قەرزىڭىز بولغاندىن كېيىن بولدى قىلىڭ.. ماۋۇ ئاياقنىڭ پۇلىمۇ خېلى بار.. پۇل تاپقاندا بۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرەي..

- ئۇ پۇل بىلەن قەرزىم يېنىكلەپ قالمايدۇ..

 ئۇ ماشىنىنى قوزغاتتى.

- نەگە بارىمىز؟ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ. ئادرىسىنى دەپ بېرەي..

- ھازىر تېخى بالدۇر.. ئۆيگە قايتماڭ. سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ كېلەي..

ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ چەت يولغا چىقىپ كېتىپ باراتتى.

- مېنى نەگە ئاپىرىسىز؟ نېمانداق قىلىسىز؟

- ئەنسىرىمەڭ. شۇ يات شەھەردە سىزنى بىخەتەر ئەكەپ قويغان ئادەم بۇ يەردە سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايمەن..

ئامالسىز ئۇنىڭ رايىغا باقتىم. چۈنكى بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتساممۇ دادام بىلەن ئۆگەي ئاپامنىڭ سېسىق گېپىدىن قۇتۇلالمايتتىم.

 قاراڭغۇ چۈشكەندە بىر كۆلنىڭ يېنىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. ئاسماندىكى ئاي ھەم يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى كۆلگە چۈشكەن بولۇپ ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى.

- ۋاھ.. بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتىكەن..

- سىزنى باشقىچە بىر يەرگە ئاپارمايمەن دېدىمغۇ.. قورقۇپ كەتكىنىڭىزنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ..

- كەچۈرۈڭ. يولدىشىمدىن باشقا ئەرلەر بىلەن بۇنداق يىراققا كېلىپ باقمىغان.. ياق.. ھەتتا ماشىنىسىغىمۇ چىقىپ باقمىغان..

- مەن سىزگە شۇنداق ئەسكى ئادەمدەك كۆرۈندۈممۇ؟!

- ئۇنداق ئەمەس. لېكىن سىزنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەي قالدىم..

- بەلكى مەن سەل چىدىماستىمەن.. لېكىن ئۇنداق ناچار ئەمەس..

ئۇنىڭ بىلەن كۆل بويىدا ئولتۇردۇق. بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانساممۇ لېكىن يەنە ئۇنىڭدىن قورۇنۇپ تۇراتتىم.

- بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ بېقىڭ. بەكلا گۈزەل..

بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم. بۇنداق قويۇق يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغانىدى.

- راستىنلا بەك گۈزەلكەن.. بۇنداق ئاسمانغا قاراپ باقمىغىلى ئۇزۇن بىر زامانلار بوپ كېتىپتۇ..

- بەزىدە ئويلاپ قالىمەن.. ئادەم پۇل تاپماي مۇشۇنداق جايدا ياغاچ ئۆيدىن بىرنى ياساپ ئۆز ئالدىغا ياشىسىمۇ بولىدىكەن..

- شۇنداق. تۇرمۇش ئادەمنى بەك چارچىتىپ قويىدىكەن..

- كىچىكىڭىزدىكى ئارزۇيىڭىز نېمە ئىدى؟

بالىلىقىمنى ئەستايىدىل ئويلاشقا باشلىدىم. ئۇ چاغلاردا ئاپامنىڭ دادامدىن تاياق يېمەسلىكىدىن باشقا ئالاھىدە ئارزۇيۇم بولۇپ باقمىغانىدى.

- سىزدىن سوراۋاتىمەن.. ئارزۇيۇم بوپ باقمىغان دېمەڭ ھە..

- ئۇزۇن يىللار بوپ كېتىپتۇ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن.. زادى بىرنى دەڭ دېسىڭىز .. دادامنىڭ قايتىپ كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىكەنمەنتۇق..

- دادىڭىز ئۆيدە بولسا نېمىدېگەن ياخشى مەن كىچىكىمدە دادامنىڭ بالدۇر ئۆيگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم..

- بەلكى سىزنىڭ دادىڭىز ياخشىدۇ، شۇڭا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانسىز..

- شۇنداق. ئۇ راستىنلا ياخشى. چۈنكى ئۇ مېنى پۇلدىن قىيناپ باقمىغان.. لېكىن ئۇ ئۆيگە كەمدىن كەم كېلەتتى.. باشقا بالىلار دادىسى بىلەن ئوينىسا مەستلىكىم كېلىپ قالاتتى..

- سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق دېگەن شۇ ھە.. مەنمۇ دادىسى بىلەن ئوينىغان بالىلارغا قاراپ قالاتتىم، لېكىن مېنىڭ دادام دائىم ئۆيدە تۇرغان بىلەن ماڭا ياخشى چىراي ئېچىپ باقمىغان. مېنى پەپىلەپ باقمىغان، پۇل بېرىشقۇ مۇمكىن ئەمەس.. ئۇ مېنىڭ يېنىمدىكىنى تارتىۋالمىسىلا خوش بولاتتىم..

- بايىقى ئايالنىڭ دادىڭىزنىڭ قەرزى دېگىنى شۇكەندە..

- ئاڭلىمىغاندەك تۇراتتىڭىز.. ھەممىنى ئاڭلاپسىزدە..

- كەچۈرۈڭ. ئۇ خېلى يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلدى، ياندا تۇرۇپ غىل پال ئاڭلاپ قالدىم..

- شۇنداق. توي قىلغاندىن كېيىن دادام يولدىشىمدىن 300مىڭ يۈەن قەرز ئالغان.. شۇ پۇلنى قايتۇرالمىغاچقا مەن خورلاندىم..

- ۋوي، بۇ خېلى كۆپ پۇلكەنغۇ، دادىڭىز سودا قىلامتى؟

- ياق. ئۇ مەستچىلىكتە بىرسىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپ قەرز تۆلىگەن، پۇلنى يولدىشىم بېرىپ تۇرغانىدى..

- بۇنداق دېسەم خاتا چۈشەنمەڭ. يولدىشىڭىز ئۇنچە ناچارمۇ ئەمەسكەن، ھېچ بولمىسا قىيىن ۋاقىتتا ياردەم قىپتۇ..

- شۇنداق. ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ھەققىم يوق.. لېكىن بۇ پۇل مېنى بەك خار كۈنگە قويدى..

- قانداق قىلىمىز، پۇل سەۋەبلىك ئادەمنىڭ تىلى كېسىك بولىدىكەن..

- ھەي، سىزدەك باينىڭ باللىرى بۇنداق تىل كېسىكچىلىكنى چۈشەنمەيدۇ-دە..

- مەن كىچىكىمدە راستىنلا پۇلنىڭ قىيىنچىلىقىنى تارتىپ باقمىغان، پەقەت دادام ئۇزاقتا بىر كەلگەچكە كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى خالاس.. ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ھەمراھ بولغان ۋاقتىم ئۇ كېسەل بولۇپ ياتقان كۈنلەركەن..

- ھېچ بولمىسا بېقىۋاپسىز..

- ياقەي. دادام ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ياتمىدى.. مەنمۇ باقالمىدىم..

- دادىڭىز باي بولغاندىن كېيىن سىزگە خېلى كۆپ پۇل مىراس قالغاندۇ؟

- ئەسلى شۇنداق بولغانىدى.. لېكىن پۇلنى مۇشۇ ئايالىمغا خەجلەپ تۈگەتتىم..

- بۇرۇنقى ئايالىڭىز راستىنلا زىيان تارتىپتۇ..

- شۇنداق، ئۇنىڭغا ھېچنېمە بەرمەيلا ئاجرىشىپ كەتكەنتىم..

- بۇ تۇرمۇش شۇنداق بولىدىكەن.. ياخشىغا ياخشىلىق قايتۇرۇپ بولالمايدىكەنمىز، ياخشىلىقىنى بىلىپ قايتۇراي دېگەندە ئۇلارنىڭ بىزدىن دىلى ئاغرىپ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىپ قالىدىكەن..

- شۇ ئەمەسمۇ.. ئەركىشى ئۆزىنىڭ خاتالاشقىنىنى يېشى چوڭايغاندا، ئاتا-ئانىدىن، پۇلدىن ئايرىلغاندا بىلىدىكەن.. ھازىر پۇشايمان قىلدىم. لېكىن ھېچنېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمەن..

- ئۇنداق دېمەڭ. سىز ئەمدى 30نەچچە ياش.. يېرىم ئۆمرىڭىز بار تېخى..

- شۇ يېرىم ئۆمرۈمدە توغرا ئادەمنى ئۇچرىتالىساملا بولاتتىغۇ..

- ئۇچرايدۇ، جاھاندا ياخشى قىزلار كۆپ.. سىزدەك پۇلدارلارغا تېخىمۇ ئۇچرايدۇ..

- قەرزىمنى ئاڭلىسا ھەممىسى قېچىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ مەن ياش قىزلارنى ئېلىشتىن قورقتۇم، ئۇلار مەندىن باي بىرسى ئۇچرىسا كېتىپ قالىدىكەن..

- ئەمىسە ئوتتۇرا ياش قىزلارنى ئېلىڭ.. - بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ياندۇرىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي قالدىم.

- ئۆزىڭىزنى دەۋاتامسىز؟- دېدى ئۇ مەقسەتلىك كۈلۈپ.

- ياقەي،- ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم.

- قورقماڭ. مەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم.. سىزگە قالايمىقان مەقسەتتە بولمايمەن.. بىز دېگەن دوست.. مەن سەل توڭلاۋاتىمەن.. ماشىنىدا ھاراق بار ئىدى..

- مەن ھاراق ئىچمەيمەن..

- ماشىنىدىكى چاپاننى سىزگە بېرەي. مەن بىر ئاز ھاراق ئىچەي..

- كەتكىچە ماشىنا ھەيدەيسىز.. ئىچمەڭ..

- بۈگۈن كەتمەيلى.. مۇشۇ يەردە قالايلى.. مەن ۋەدە بېرەي سىزگە چېقىلمايمەن.. ئەتىگىچە ھاراقنىڭ پۇرىقى يېنىپ بولىدۇ.. مەن ئۇنچە كۆپ ئىچمەيمەن..

- بۇ قانداق قىلىق. مەن كېتىمەن.. - ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

- ھازىر كەچ سائەت 1 بولدى.. بۇ يەردە تاكسى يوق.. قانداق كېتىسىز؟

جايىمدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەندەك قىلاتتىم.

- سىز مېنى قەستەن بۇ يەرگە ئەپ كەپسىز.. سىز زادى نېمە قىلماقچى؟

ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى.

- ھاھا.. راستلا قىزىقكەنسىز.. بەزى قىلىقلىرىڭىز 18 ياشلىق قىزلاردەك.. مەن شۇنچە ناچار ئادەمدەك كۆرۈنەمدىم؟

- ئەمىسە نېمىشقا مېنى بۇ يەردە ئەپ قالىسىز..

- بۈگۈن كەيپىياتىم ناچار ئاسمانغا قاراپ مۇشۇ كۆل بويىدا بىردەم ئولتۇراي.. .مەندىن قورقسىڭىز ماشىنىدا يېتىڭ.. ۋەدە بېرەي. سىزگە چېقىلمايمەن..

 ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章