بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 46-قىسىم (ئەپچىدە 71قىسىم)

文摘   2024-10-07 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ماۋۇنى ئېلىڭ.. بۈگۈن سىناپ بېقىڭ.. ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىزلا تۇرىدىغان جايىڭىز پۇلىڭىز ھەل بولىدۇ.. ئۇ سىز بىلەن توي قىلسىلا ھەممە تونۇشى بىزنىڭ بولىدۇ.. توختىماي پۇل تاپىمىز.. سىز يامان كۈندىن قۇتۇلىسىز، ئۇ قەرزدىن قۇتۇلىدۇ..

 مالچى ھەدەم قولۇمغا تۇتقۇزغان نەرسىگە قاراپ قويدۇم.

- بۇ نېمە ھەدە؟

- ھاياجانلاندۇرۇش ئەتتىرى..

ھەيرانلىقتا ئارقامغا داجىدىم.

- ياق ھەدە، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ.. مېنى خاتا يولغا باشلىماڭ..

- نېمىدىن قورقىسىڭىز، ئاراڭلاردا يېقىنچىلىق بولغان تۇرسا..

- ئۇنداق بولغان بولمىغىنى ئېنىق ئەمەس، راست شۇنداق ئىش بولدى دېگەندىمۇ ئۇ كاللىمىز جايىدا ئەمەس ئەھۋال ئاستىدا بولغان ئىش، ماۋۇنى ئالسام ھەقىقىي ھېسسىيات ئالدامچىلىقى قىلغان بولىمەن..

- سىز نېمانچە ئېغىر ئويلايدىغانسىز، بۇ ئۇنچىلىك ئېغىر نەرسە ئەمەس، نورمال سېتىلىدىغان نەرسە، بۇنى چېچىۋالسىڭىز ئۇنىڭ كاللىسى ئايلىنىپ سىز كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنىسىز.. شۇنىڭ بىلەن سىزگە يېقىنلىشىدۇ..

- چوقۇم مۇشۇنداق قىلمىسام بولمامدۇ؟!

- شۇنداق. باشقا تاللىشىڭىز يوق. چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك.. سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوق.. ئۇنىڭ قەرزى بولسىمۇ ئۆيى بار.. يولى بار.. سىزنى بىردىنبىر چىقىش يولىغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئادەم شۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭمۇ سىزگە كۆڭلى باردەك قىلىدۇ. بۇ بەك ياخشى پۇرسەت..

 قولۇمدىكى نەرسىگە قارىغىنىمچە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ بىر كۈنلەردە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تەرىپىدىن مەجبۇرلىنىپ بۇ دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىدىم.

- بولىدۇ ھەدە.. مەن سىناپ باقاي.. - كۆز يېشىمنى تۇتىۋالالماي قالدىم.

- يىغلىماڭ. بۇ ئۇنچىلىك ئېغىر ئىش ئەمەس.. بۇ يولنى تۇتىۋاتقان ئاياللار نۇرغۇن..

- ئۆزۈمنى بىر كۈنى بۇ يولدا ماڭىمەن دەپ ئويلىمىغانتىم.. مەن يولدىشىم بىلەن يۈرۈپ توي قىلغان، ھاياتىمدا ئۇنىڭدىن باشقا ئەرگە يېقىن كېلىمەن دەپ ئويلىمىغانتىم..

- مۇھەببەت كاللىڭىزنى يوق قىلىڭ.. ئۇ ئاللىبۇرۇن باشقا ئايال بىلەن توي قىلىپ بولدى. يا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى تاللاپ بىر ئۆمۈر بويتاق ياشاپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئاشقان كىيىم ئاشقان تاماق بىلەن ياشاڭ. يا ياشاشنى تاللاپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئادەمنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياشاڭ.. بۇ ئىككىلىسىنى قىلالمىسىڭىز ياشىغىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق..

 گەپ شۇنداق قوپال ئېيتىلغىنى بىلەن خاتا ئەمەس ئىدى. ھازىرقى ھالەتتە راستىنلا مۇشۇ ئىككىسىدىن باشقا تاللىشىم يوق ئىدى.

- چۈشەندىم ھەدە.. مەن قىلاي.. مەن ئۇنى ئامال قىلىپ ماڭا چېقىلدى دېگەن يەرگە ئاپىراي.. شۇنداق قىلساملا بۇ يامان كۈنلەردىن بىر ئاز قۇتۇلىمەن..

- ئەمدى مېنىڭ ئادىمىمگە ئوخشىدىڭىز.. ئۇ شۇنداق كېلىشكەن، شۇنداق ساپالىق تۇرسا نېمىگە بۇنچە ئىككىلىنىپ كەتكىنىڭىز ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەن..

- ئۇ راستىنلا كېلىشكەنھەم يولى بار، مىجەزىمۇ ياخشى..

- يەنە كېلىپ سىزگە كۆڭلى بار..

- بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن..

- ئەركىشى سىزنى توختىماي ئىزدىدى دېگەنلىك كۆڭلى بار دېگەنلىك، بولمىسا ئۇ قاراپ تۇرۇپ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ تويىغا سىزنى ئېلىپ بارمايدۇ..

- بەلكى شۇنداقتۇر.. مەنمۇ بىلمىدىم..

- شۇڭا ئىككىلەنمەي كەچتە ئېسىل ياسىنىپ يېنىغا بېرىڭ. مەن خوش خەۋىرىڭىزنى ساقلايمەن..

 شىركەتتىن چىقىپ كەتتىم. لېفىتكە چىقىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم.

- كەچتە ھېلىقى كۆلنىڭ بويىغا بارايلىمۇ؟! بۈگۈن كۆڭلۈم سەل ئارامىدا يوق..

- راست دەۋاتامسىز؟! ئەمدى مەن بىلەن بىر يەرگە بارمايمەن دەۋاتقانتىڭىزغۇ؟!

- ئۆيدىكىلەر بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالدىم. كۆڭلۈم بەك يېرىم..

- بولىدۇ. مەن ھېلى سىزنى ئالغىلى باراي..

ئۇنىڭغا دادامنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويغاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.بۇنداق قىلىش كۆڭلۈمنىڭ رايى ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ ياشىشىمنىڭ ئېھتىياجى ئىدى.

 تۈنۈگۈن دادامغا پۇل بەرگەچكە ئۇ ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنىڭ بار گىرىم بويۇمىدا بىر ئاز گىرىم قىلغاندىن كېيىن يۇيۇپ تەييار قىلىپ ساياھەتتە كەيگەن كۆينەك بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى خالتىغا سېلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. ئۇنى كىيىپ چىقىپ كەتسەم دادام بىلەن ئايالىنى گۇمانغا سېلىپ قويۇشتىن قورقاتتىم.

 بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرىپ كىيىمنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئەتتىرنى قويۇق چاچتىم. ھاجەتخانا ئەينىكىدىكى ئۆزۈمگە قاراپ سەسكىنىۋاتاتتىم.

 سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ساقلاشقا باشلىدىم.

ئاشخانا خوجايىنى بىردەمدىن كېيىن بىنا ئالدىغا كەلدى. ئىككىلەنمەستىنلا ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقتىم.

- ۋوي، بۈگۈنمۇ چىرايلىق بوپ كېتىپسىزغۇ..

- بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىر يەرگە بارغان، كىيىم ئالماشتۇرۇشغا ئۈلگۈرمىدىم، ئاران گىرىم قىلغاندا دەپ يۇيىۋەتمىدىم..

- بۇمۇ بوپتۇ. مۇشۇنداق ياسىنىپ يۈرسىڭىز شۇنداق چىرايلىق بوپ كېتىدىكەنسىز..

- رەھمەت..

ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇيۇلىۋاتاتتىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇنى قەستلەش ئۈچۈن مېڭىۋاتاتتىم.

 يول بويى كۆپ پاراڭلاشمىدۇق. بار گەپنى يولدا قىلىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشكەندە گەپ تاپالماي قېلىشدىن قورقۇپ تۇراتتىم.

 ماشىنا ھېلىقى كۆل بويىدا توختىدى. لېكىن ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئۈلۈشكەندەك قويۇق يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايتتى.

- ۋاي بۈگۈن ھاۋا بەكلا تۇتۇقكەنغۇ.. تازا بىر ئىش بولدى بۇ..

- ھېچقىسى يوق.. كۆلنىڭ سۈيىگە قاراپ ئولتۇرساممۇ بولىدۇ..

كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.

- سىزدىن سوراپ باقسام، باشقا تۇققىنىڭىز بارمۇ؟

- نېمە بۇنى سوراپ قالدىڭىز؟

- ئائىلىڭىز توغرىلىق سوراپ باقماپتىمەن.. شۇڭا..

- ئاپام بار، ئۇ باشقا شەھەردە.. دادامنىڭ كېتىپ قالغىنىنى سىزگە دېگەنتىم..

- چۈشەندىم. دېمەك يالغۇزكەنسىزدە..

- شۇنداق. ھازىرچە يالغۇز، تۇققانلىرىم بار، لېكىن ئىزدەشمەيمەن، ئۇلار دادام كېتىپ قالغاندىن بېرى مېنى ئىزدىمەس بوپ قالدى..

- ئىككىلىمىز تۇققىنى بار تۇرۇپ يوقتەك ياشاۋاتقانلاركەنمىز..

- بۇرۇن تۇققان، دوستلىرىم مېنى بەك چوڭ بىلەتتى.. ھازىر ئۇنداق ئەمەس..

- لېكىن تونۇشلىرىڭىز كۆپكەنغۇ..

- تونۇشۇم كۆپ بولغان بىلەن ھەقىقىي سىرداش دوستۇم يوق.. ئۆيگە كىرىپ بەزىدە تۆت تامغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.. دوستى كۆپ ئادەمنىڭ ھەقىقىي دوستى بولمايدۇ دېگەن شۇ.. ئۇلار سودىدىكى كەسىپتىكى دوستلىرىم، لېكىن تۇرمۇشتىكى دوستۇم ئاز..

 ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم.

- ھېلىقى ۋاقىتتا دوست بولۇشقا قوشۇلمىغانىدىم، ھازىر قوشۇلاي. بىز دوست بوپ قالساق قانداق؟!

- سىزنىڭمۇ دوستىڭىز يوقمۇ؟! قىز بالا دوستىڭىز باردۇ؟!

- يوق. بۇرۇنقى دوستلىرىمنى يولدىشىم كونترول قىلىپ يوق قىلىۋەتكەن.. ھازىر مالچى ھەدەم بار، لېكىن ئۇ دوستۇمدىن بەكرەك قېرىندىشىمغا ئوخشاپ قالدى..

- بۇمۇ ياخشى، ئۆزىڭىزدىن چوڭ بىرسى بولسا سىزگە يول كۆرسىتىدۇ..

- شۇنداق. ئۇ ماڭا كۆپ يول كۆرسەتتى.. ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى..

ئاشخانا خوجايىنى قولۇمنى تۇتتى.

- بوپتۇ، ئەركىشى دوستىڭىزدىن بىرسى بولغىنىمۇ ياخشى.. كېيىن بىرەر ئەركىشىگە ئۇچراپ قالسىڭىز باھا بېرىپ بېرىمەن.. - شۇ جۈملىنى دەپ بولۇپلا قولۇمنى قويىۋەتتى.

 بۇ جۈملە ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى يوقلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

- نېمانداق ياخشى.. ئەتراپىڭىزدا ياخشى يىگىتلەر بولسا تونۇشتۇرۇڭ ئەمىسە..

- ھەممىسىنىڭ ئايالى، بالىسى بار، ئائىلىسىدىن ئايرىلغان مەن قالدىم.. ئىككى قېتىم ئائىلەم ۋەيران بولدى، بالاممۇ يوق.. ھەي.. مەن بىر مەغلۇبىيەتچى..

- ئۇنداق دېمەڭ. مەندەك ئائىلىسى بولۇپ مېھىرگە قەدىرلەشكە ئېرىشەلمىگەن، ھەتتا بالىسىغا گەپ قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئادەممۇ ياشاۋاتىمەنغۇ..

- ھېچ بولمىسا بالىڭىز بار.. كېيىنكى كۈنلەردە بالىڭىز ئەسقاتىدۇ.. مېنىڭ ھېچنېمەم يوق..

- سىزمۇ توي قىلىسىز، بالىڭىز بولىدۇ. سىزدەك كېلىشكەن ساپالىق ئەرلەرگە قىزبالا كەم ئەمەس..

- قورقۇپ كەتتىم، ئاۋۇ مۇخبىر مېنى قورقۇتىۋەتتى. يەنە كېلىپ ھازىرقى قىزلار پۇل خەجلىمىسە كەلمەيدۇ، مەن قەرز تۆلەۋاتسام نەدە ئۇنچىلىك پۇل دەيسىز..

- بەرگەنگە قانائەت قىلىدىغان، ئاغزىنى يوغان ئاچمايدىغان قىزلارمۇ بار..

- شۇنداق قىزنى نەدىن تاپارمەن..

«مەن بارغۇ» دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالدىم. چۈنكى ئۇ بايىقى گەپ بىلەن ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويغانىدى.

- تاپىسىز، جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى.. چوقۇم كۆڭلىڭىز خالايدىغان بىر ياخشى ئايال ئۇچرايدۇ.. سىزگە ياخشى بالىدىن بىرنى تۇغۇپ بېرىدۇ..

 ئۇنىڭغا قاراپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. بۇنىڭ كۆڭۈل يېرىملىقىدىن ياكى ئەتتىرنىڭ كۈچىدىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم.

- ئەگەر سىز بولسىڭىز مەندەك بىرسىنى تاللامتىڭىز؟

بۇ سۇئال مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

- ھاھا.. مەندىن سورىسىڭىز قانداق بولىدۇ، مەن دۇنيادىكى تاللىشى يوق ئادەمغۇ.. مەن باشقىلار تەرىپىدىن تاللانسام خوش بولىمەن، لېكىن ئۇلار مېنى تاللىمايدۇ..

- ئۇنداق دېمەڭ. سىز بىر ياخشى ئايال، پەقەت خاتا ئادەمگە ئۇچراپ قالدىڭىز خالاس..

- ئەمەلىيەتتە ئۇ توغرا ئادەمتى.. پەقەت بۇ ئىشقا پۇل ئارلىشىپ قالغىنى يامان بولدى..

- توغرا ئادەم پۇل توغرىسىدا سىزنى خارلىمايدۇ، يەنە كېلىپ يولدىشىڭىزدەك بايلارغا 300مىڭ ھېچنېمە ئەمەس.. ئۇ پەقەت مۇشۇنى باھانە قىلىپ سىزنى قىيناپتۇ.. .

- بەلكى شۇنداقتۇ، لېكىن يەنىلا ئاغرىنىش ھەققىم يوق..

- 300مىڭ ئۇنىڭ تالاغا قارىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. سىزگە ئاھانەت قىلىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ..

- بولدىلا دېيىشمەيلى، ئۇ كۈنلەرنى ئويلىغۇم يوق.. ھېچ بولمىسا ھازىر بىر ئاز بولسىمۇ كاللام تىنچ..

- بايىقىسى قايسى ئۆي؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ؟

- مېنىڭ نەدە ئۆزۈمنىڭ ئۆيى بولسۇن دەيسىز، ئۇ دادامنىڭ ئۆيى. دادامنىڭ ئايالى ئۈچىمىز تۇرىمىز..

- ھەي.. بۇ تازىمۇ ئەپسىز بوپتۇ ھە.. چوقۇم كۈندە بەك بىئارام بولىسىز..

- ئەلۋەتتە، چۈنكى بۇ ئاپام تۇتقان ئۆي ئىدى. ھازىر باشقىلارنىڭ بولدى، شۇ ئۆيدە چوڭ بولغان مەنمۇ سىغماي قېلىۋاتىمەن..

- ھەي، ئادەم چوڭ بولمىسا بولىدىكەن، نېمىشقا ھەممىمىز دەرتمەندىمىز..

- شۇ ئەمەسمۇ، كىچىكىمدە چوڭ بولسام بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ كېتىمەن دەپتىكەنمەن.. نەدىكىنى.. چوڭ بولغاندا تېخىمۇ يامان كۈنگە قالدىم..

- ھە راست، ئىككىمىز تورغا چىقىپ كېتىپتىمىز.. .

- سىز دېمىسىڭىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.. مەن ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى بۇزۇق ئايال، ئىززىتىنى بىلمەيدىغان ئايال.. ئىشقىلىپ دۇنيادىكى ناچار سۈپەتلەشلەرنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ بولدۇم..

- ئۇلار مېنىمۇ قوشۇپ تىللاپتۇ، ئالدىنقى قېتىم ئېنىق چىقماپتىكەنمەن.. بۇ قېتىم ئېنىق چىقىپتىمەن..

- مېنى تويغا ئېلىپ بارغاندا مۇشۇنى ئويلىشىڭىز كېرەكتى.. مېنىڭ يېنىمدا تۇرسىڭىز كامىراغا چىقىپ قالىسىز..

- ھاھا.. بوپتۇلا.. ھېچقىسى يوق.. ماڭىمۇ بەرىبىر بوپ قالدى..

- راست دېسەم روھىم چىقىپ كەتكەندەك بوپ قالدىم. ئوغلۇم باشقىلارنىڭ يېنىدا..

- لېكىن ئۇ ھامان قايتىپ كېلىدۇ. ماڭا ئىشىنىڭ..

- مەن توختامغا قول قويۇپ بولدۇم. يەنە كېلىپ نېمەم بىلەن قايتۇرۇپ كېلىمەن. مېنىڭ يېنىمدا پۇلمۇ بولمىسا.. ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەممۇ نېمەم بىلەن باقىمەن..

- ھازىر توردا كۆرۈلۈش ياخشى بولىۋاتىدۇ. مېنىڭ تونۇشلىرىممۇ مەھسۇلاتىڭلارنى ياخشىكەن دەيدۇ.. مۇشۇنداق بولغاندا ئىتتىكلا باي بوپ كېتىسىز.. ئاندىن سوتتىن ئوغلىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ..

- شۇ ماڭا بەك يىراق بىلىنىدۇ، شۇنىڭغىچە سالامەتلىكىم يار بەرسە بولاتتىغۇ..

- بىرسىمىز بالا يوقلۇقنىڭ ئازابى، يەنە بىرسىمىزنىڭ بالىسى بار تۇرۇپ كۆرەلمىگەننىڭ ئازابى.. بىز راستىنلا ئوخشايدىكەنمىز..

- سىز ماڭا ئوخشىمايسىز، ئاشخانىڭىز بار، ئۆيىڭىز بار، يولىڭىز بار.. ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ماڭا ئوخشاتماڭ..

 ئەسلى ئۇنى ئازدۇرۇپ ئۆزۈمگە قاراتقىلى كەلگەن بولسام ھازىر مۇددىئايىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا ئىچ سىرىمنى تۆكۈپ كېتىۋاتاتتىم. بىر چۈشكۈرۈش بىلەن ئارىمىزدىكى تىنچلىق بۇزۇلدى.

- ھاۋا بۇزۇلىۋاتىدۇ. ماشىنىغا كىرىپ كېتەيلى. بۇ يەردە يامغۇر ياغسا بەك قاتتىق ياغىدۇ جۇمۇ..

- بولىدۇ. مەنمۇ توڭلاپ قېلىۋاتىمەن.. بىكار زۇكام بوپ سىزنى ئاۋارە قىلماي..

ئۇ ماشىنىغا قاراپ ماڭغاندا كىيىمىمنى پۇراپ باقتىم. ئەتتىر پۇرىقى شامالدا سۇسلاپ قالغاندەك قىلاتتى. سومكامدىن چىقاردىم-دە، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ چېچىشقا باشلىدىم.

ئاستا ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقتىم-دە، ئۇنىڭغا قارىدىم.

- توڭلىغان بولسىڭىز ماۋۇ چاپاننى يېپىۋېلىڭ.. - ئۇ ئۈستۈمگە چاپاننى ياپقۇچە يۈزۈمگە قارىدى. ئارىمىزدىكى ئارلىق پەقەت 5 سانتىلا كېلەتتى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتۇق. ئۇ يۈزىنى ماڭا يېقىن ئەكېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章