بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 52-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم)

文摘   2024-10-13 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

- دېمەك ئۇ بالىنىڭ كىمنىڭلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن.. ئۇ بالىغا مۇھتاج، سىز ماكانغا..

- شۇنداق. شۇڭا بۇ بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلدىم..

ياندىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئۆرۈلۈپ قولىدا ئىستاكان تۇتىۋالغان ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايالنى كۆردۈم.

- سەت بولدى، ئىشىك ئوچۇقكەن. شۇڭا كىرىۋەردىم..

- ھە.. بۇندىن كېيىن ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، ئاۋاز چىقىرىپ كىرىڭ..

- كەچۈرۈڭ خېنىم. بەك سەت بولدى.. سىلەرگە چاي ئەكىرگەنتىم.. لېكىن مەن ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىم..

- بۇندىن كېيىن مەن دېگەندە كىرىڭ، مەن دېمىگەندە چاي ئەكىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..

- ماقۇل ماقۇل. بەك سەت بولدى..

ئايال چاينى ياندا قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بىلەن ھەممىنى ئاڭلىغانىدى.

 مالچى ھەدەم ماڭا كۈلۈپ قارىدى.

- بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭ. بالىڭىز بولغىنىنى ئويلاپ خوش بوپ كېتىپ بارىمەن..

- مەنمۇ خوش بولىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ بالا تولىمۇ ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىگە تۇغۇلىدىغان بولدى..

- ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ. ئۇ چوقۇم بەخت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ..

- شۇنداق بولسىكەن ھەدە.. بىردە خوش بولۇپ بىردە ئەنسىرەپ تۇرىمەن..

- بۇ بالا پەيدا بوپ بولدى، ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرىمىز..

- شۇنداق. باشقا كەلگەننى كۆرىمەن..

- مېنىڭچە قورسىقىڭىز يوغىناپ بولغۇچە ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىڭ..

- مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم. بولمىسا بەك چوڭ ھاقارەتكە قالىدىغاندەك تۇرىمەن..

- ئەسلى توي مۇراسمى قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى..

- ئۇ توي مۇراسىمى قىلالمايمەن دەيدۇ ھەدە.. يەنە كېلىپ مېنىڭمۇ كۆپ دوستۇم يوق..

- مۇراسىم دېگەندە چوقۇم چوڭ زال ئېلىش، كۆپ دوست تەكلىپ قىلىش شەرت ئەمەسقۇ.. بىزمۇ سىزنىڭ دوستىڭىز.. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بار.. ئاددىيلا سورۇن راسلىساق بولىدۇ..

- بولدىلا ھەدە، ئۇنچە قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى..

- بۇنداق دېمەڭ. بۇ دېگەن بىر ئايالكىشىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى.. ئاددىي بولسىمۇ مۇراسىم بولىشى، توي كۆينەك كىيىشى كېرەك..

- شۇ چاغدا بىرگەپ بولسۇن ھەدە.. ئىشقىلىپ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.. سىز بولمىسىڭىز بۈگۈنۈم بولمايتتى..

- بۇ جۈملىنى ئالدىراپ دەپ قويدىڭىز.. سىزنىڭ ھەقىقى ياخشى كۈنىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا..

مالچى ھەدەم بىلەن خوشلىشىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايال يېنىمغا كەلدى.

- ماڭامسىز؟ بۈگۈن بەك بالدۇرغۇ؟!

- ھە، بۈگۈنكى خىزمەتلەر تۈگىدى شۇڭا ماڭاي دەپ..

ئىشىكنى ئاچتىم، ئۇنىڭ ماڭا ئەگىشىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم، لېكىن ئەنسىرىگەن ئىش داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇراتتى.

- سىڭلىم. سىزگە مەن بوش قاراپتىمەن.. راستىنلا يامانكەنسىز جۇمۇ..

- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ھەدە، خىزمەتتە سىزمۇ خېلى كۈچەۋاتىسىزغۇ..

- خىزمەتنى دېمىدىم، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى دەۋاتىمەن..

- تازا چۈشىنىپ كېتەلمىدىم ھەدە..

- چۈشەنمەس بولىۋالماڭە، ئاۋۇ خوجايىن بىلەن ئارلىشىپ بالىلىقمۇ بوپ بوپسىز مانا.. ئاجايىپ يامانكەنسىز.. مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى سىزدىن ئۆگەنسە بولىدىكەن..

- ھەدە، پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ، نېمىشقا مەن بىلەن قالىسىز؟

- مەن دېقەت قىلغۇدەك كىم بار دەيسىز، خوجايىن خىزمەتتىن باشقىنى قىلمايدۇ، پەقەت سىزنىڭلا ھەركىتىڭىز كۆپ، دېقەت قىلىپ قالىدىكەنمەن..

- ماڭا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلى بىلەن كېلىنىڭىزگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز ياخشىراقمىكىن..

- نېمشىقا بۇنچە يوشۇرۇپ كېتىسىز.. سىز ئاجراشتىڭىز مۇھەببەتلەشسىڭىز نورمال ئىشقۇ..

- ھەدە، مەيلى مەن نېمىش قىلاي، سىزنىڭ پەقەت كارىڭىز بولمىسۇن..

- ئىشقىلىپ قارىماققا يۇۋاشتەك تۇرغىنىڭىز بىلەن خېلى ھىيلىڭىز باركەن.. سىزدىن قورقسا بولغۇدەك..

- سىز نېمە دېمەكچى؟

- ئايال خوجايىن سىزگە نېمانچە ئىشىنىدىكىن دېسەم ئەسلى ئۇنىڭغا باشقىچە يولدا مۇناسىۋەت تېپىپ بېرىدىكەنسىز..

- ئاغزىڭىزغا بېقىپ گەپ قىلىڭ.. مەن ھېچنېمە قىلغىنىم يوق..

- ما ياقتىن ئاجرىشىپ ئاياقتىن توي قىلمايلا بالا تېپىپسىز.. سىزدىن قورقسا بولغۇدەك..

- ئايروپىلاندا گەپ قىلىپ يېقىنچىلىق قىلغىنى مەن ئەمەس سىزغۇ.. مەندىن قورققان بولسىڭىز ماڭا گەپ قىلماڭ.. ئادەتتىمۇ ئۆزىڭىز يېپىشىپ گەپ قىلىسىز..

- شۇ، سىزدىن قورقۇپ قالدىم.. چىشىڭىزغا تېگىپ قويسام بۇ ئۆيدىن مېنى ھەيدىۋەتمەڭ يەنە..

- سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ نېمىشقا ماڭا دۈشمەن نەزەردە قارايسىز؟

- ئايال خوجايىن كەچكىچە سىزنى ئايرىم ئەكىرىپ كېتىپ گەپ قىلىدۇ.. ئۈچىلىمىز ئايال كىشىغۇ..

- ئۇنىڭ بىلەن مەن سىزدىن بالدۇر تونۇشقان، يەنە كېلىپ بىزنىڭ خىزمەتتە ئايرىم دېيىشىدىغان گەپلىرىمىز بولىدۇ.. ئايرىم پاراڭلىشىش نورمال ئىشقۇ..

- ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا ئۆچ بوپ قالغاندەكلا ھېس قىلىمەن.. مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېيەلەمسىز؟

- ئۆزىڭىز ئالدىنقى قېتىم دىلىغا ئازار بەرگەچكە شۇنداق بولدى.. بۇنى مەندىن كۆرەمسىز؟

- شۇ چاغدا سىز ماڭا پۇل بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز، ياكى ئۆزەم سورايمەن دەپ قەرز ئەپ بەرگەن بولسىڭىز شۇ جىدەل يوق..

- بۇ.. قىزىق گەپ بولدىغۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلىنىڭ ئىشىغا باشقىلاردىن خاپا بولامسىز؟ مەندە نەدە پۇل بولسۇن..

- توختىماي ئېلان ئىشلەۋاتىسىلەرغۇ.. ئېلاننىڭ ئىشىنىمۇ سىز قىلىۋالدىڭىز..

- مەن قىلمايمەن دېگەن، ھەدەم ئۆزى مېنى چىقىڭ دېدى.. مۇشۇ ئىشتىمۇ مەندىن خاپا بولىۋاتامسىز؟

- شۇ ئىشتىن بولسىمۇ بىر ئاز كىرىپ قىلالىغان بولسام، ئوغلۇمغا پۇل سالالايتتىم. ئوغلۇم ھازىرغىچە تېلىفونۇمنى ئالمايۋاتىدۇ.. سىزنىڭ دەستىڭىزدىن ئۇ مەندىن رەنجىپ قالدى..

- سىزنى ئاغرىپ قالدى دېسە تېلىفون ئالمىغان بالىنى نېمە قىلىسىز؟ ئاغرىپ قالسا مەن قارايمەن دەپ ئالمايۋاتقاندۇ شۇ..

- قالايمىقان گەپ قىلماڭ. مېنىڭ بالام ئۇنداق بالا ئەمەس..

- بالىڭىزنىڭ قانداق بولىشى بىلەن كارىم يوق.. مېنى ئىشىڭىزغا ئارلاشتۇرماڭ..

- ئىشقىلىپ ھەممە ئىشىمنى سىز بۇزىۋاتىسىز..

- ھەدە، كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ، سىز بۇ ئۆيدىكى خوجايىن ياكى خىزمەتچى ئەمەس، مالچى ھەدەم سىزگە ئىچى ئاغرىپ ئۆيىدە تۇرغۇزىۋاتىدۇ خالاس..

- ئەمىسە سىزچۇ، سىزمۇ شۇ ئېرىدىن تاياق يەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەپ قالغان تىلەمچىكەنسىزغۇ..

بۇ گەپ يۈرىكىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دەپ جاۋاب قايتۇرالمىدىم.

لېفىتتىن چۈشۈپ يۈرىكىمنى تۇتىۋالدىم. ئاشخانا خوجايىنى ماشىنىنى ھەيدەپ يېنىمغا كەلدى.

- نېمە بولدى؟ بىئارام بولىۋاتامسىز؟ دوختۇرغا بارايلىمۇ؟

- ياقەي.. ھېچنېمە بولمىدىم.. مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز..

- شۇ سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويىمەن دەپ كەلدىمغۇ.. .

ئۇ مېنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ماشىنىنى يېنىك ھەيدىدى.

- بىئارام بولسىڭىز ماڭا دەڭ جۇمۇ.. بالام سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا..

- بولىدۇ. ئەنسىرىمەڭ. بايا سەل تېز مېڭىۋېتىپتىمەن شۇ..

- لېكىن چىرايىڭىزمۇ باشقىچە، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە..

- ھەدەمنىڭ ئۆيىدىكى ياردەمچى ئايال ماڭا باشقىچە گەپ قىلىۋاتىدۇ..

- سىز بىلەن بىللە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلىغان ھېلىقىما؟

- ھەئە. ئۇ ئايال دائىم سىزنى كۆرۈپ قالىدۇ.. شۇنىڭ بىلەن مەندىن ئارلىشىۋاتامسىز دەپ سورايدۇ..

- قورقماڭ ئارلىشىۋاتىمەن دېمەمسىز؟

- ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ.. چۈنكى ئۇ ئايالنى تازا دۇرۇس كۆرمىدىم..

- ئەمىسە نېمىشقا باشلىقىڭىزغا دېمەيسىز، ئۇنداق ئادەمنى ئۆيدە تۇرغۇزسا بولمايدۇ..

- لېكىن ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرى يوق.. بالىسىمۇ قارىمايدىكەن..

- ھەي، مۇشۇنداق ئادەمنى خىجىل قىپ قويىدۇ ئەمەسمۇ.. ياردەم قىلسا تېخى رازى بولمىغان، قىلمىسا تېخى ئادەمنىڭ يۈرىكى چىدىمىغان..

- شۇ ئەمەسمۇ.. ئۇنى بىر نەرسە دەي دېسەم يېشى چوڭ..

- يېشى چوڭ دەپلا يول قويىۋېرىش شەرت ئەمەستە.. ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارشىنى ئېنىق دېيىشىڭىز كېرەك..

- مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن دېدىم.. لېكىن ئۇ مەن بىلەنلا قېلىۋاتىدۇ..

- مۇنداق قىلايلى، مەن بىر كۈنى شۇ ئۆيگە بېرىپ سىزنىڭ ھازىر مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق دەپ قوياي..

- ھاجىتى يوق.. بەلكى ئوڭشىلىپ قالار..

- مۇشۇ مىجەزىڭىزدە باشقىلارغا بوزەكلا بولىدىغاندەك تۇرىسىز.. مەن بىلەن توي قىلسىڭىز سىزنى ھېچكىمگە بوزەك قىلغۇزمايمەن..

- بولىدۇ. ئەمىسە مېنى تېزراق ئېلىڭ.. قورسۇقۇم چىقىپ كەتمىسۇن يەنە..

- ئەمدى ئون كۈنلەر بولغاندۇ، ئۇنچە تېز چىقىپ كەتمەس..

ئۇ بۇ گەپنى دېگەندە ئۆزۈمنىڭ كاللىسىدىكى بىر ئاينى ئويلاپ دېگەن گېپىمنى ياندۇرىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي قالدىم.

- دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئادەملەرنىڭ بوزەك قىلىشلىرىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ كېتەي..

- ماقۇل. دادىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.. ۋاقتىنى بېكىتەيلى..

- كەچۈرۈڭ. سىزنى ئالدىرىتىپ قويدۇم..

- ياقەي. راستىمنى دېسەم مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن.. مېنىڭمۇ يالغۇز يۈرگۈم يوق، كەلسەم ئىسسىق تاماق قىلىپ بېرىدىغان، ماڭسام خوش دەيدىغان ئايالىم بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن..

ئۇ ماشىنىنى دادامنىڭ مەھەللىسىدە توختىتىپ مېنى چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئۆرۈلۈپ ئالدىمدا تۇرغان ئۆگەي ئاپامنى كۆردۈم.

- ۋوي، يېقىندىن بېرى نېمانداق ئۆيگە قايتمايدىغان، كەچ كېلىدىغان بولىۋالدىكىن دېسەم بىرسىنى تېپىپسىزدە..

- سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن،- ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ئۇ ئارقامدىن ئۆيگە كىردى. دادام يوق ئىدى.

- باشتا توردىكى خەۋەرلەرگە خەقلەرنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەتمىگەنتىم، ئەسلى ھەممىسى راستكەن..

- كىمگە ئىشەنسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، مېنىڭ سىزگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىم يوق..

- ماڭا چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ سىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىزنى چۈشىنىپ بولدۇم..

- قانداقكەنمەن؟ قانچىلىك چۈشەندىڭىز..

- ئۆزىڭىزنىڭ بۇزۇقلىقىڭىزدىن ئاجرىشىپتىكەنسىز.. ئاجرىشىپمۇ يەنە بۇزۇقلۇقنى توختاتمايۋاتىسىز..

- بۇزۇقلۇق سىزدىن ئايلانسۇن، دادامنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ ئىشلىتىپ يەپ ئۆتىۋاتىسىز..

- نېمىلا قىلسا مەن دادىڭىز بىلەن كېنىشكە ئېلىپ توي قىلدىم.. سىزدەك بۇلۇڭ پۇچقاقتا مۇھەببەتلىشىپ يۈرىۋاتمايمەن..

 بۇ گەپلەر يۈرىكىمگە نەشتەردەك تېگىۋاتاتتى.

- مەن سىزگە قارىغاندا ياش شۇڭا مۇھەببەتلىشىمەن.. قانداق؟ بولماپتۇما؟

- ياش دېگەن بىلەن سىزمۇ 30دىن ئاشتىڭىز، ئايالكىشى دېگەن ماڭغان تۇرغىنىغا دېقەت قىلمىسا كېيىن پالاكەتكە قالىدۇ..

- سىزنىڭ ماڭا نەسىھەت قىلىشقا سالاھىتىڭىز توشمايدۇ..

- ئاپىڭىز نەسىھەت قىلمىغاچقا مۇشۇنداق چوڭ بوپسىز.. شۇڭا مەن نەسىھەت قىپ قوياي دېدىم..

بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېڭەم چاقماق چاققاندەك چاراسلاپ كەتتى، ئۇدۇل بېرىپ ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇردۇم.

- ھۇ بۇزۇق خوتۇن، ئاپامغا ھاقارەت قىلىشقا سېنىڭ سالاھىتىڭ توشمايدۇ..

- مېنى ئۇرىۋاتامسەن ھەي بۇزۇق.. مەن ساڭا ئاپا يوللۇق ئادەم..

ئۇمۇ مېنى بىر شاپىلاق ئۇردى.

- مەن سېنى ئاپام دەپ ئېتىراپ قىلىپ باقمىدىم.. سېنىڭ ماڭا ئاپا بولۇشقا سالاھىتىڭمۇ توشمايدۇ..

- ھېلى داداڭ كىرسە سېنى قانداق ئۇرغۇزىمەنكىن..

- بوپتۇ. سېنىڭ قىلالايدىغىنىڭ مۇشۇغۇ.. قورقمايمەن..

- بارىدىغان يەر تاپتىم دېگىنە، بايدىن بىرنى تېپىپ شۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ ئۆتەي دېگەنسەن شۇ..

- مۇلازىمەت دېگەن قانداق گەپ؟! بۇ سەندەكلەر قىلىدىغان خىزمەت..

- ئاغزىڭنى يۇم، ھۇ پاسكىنا..

ئۇنىڭ مېنى يەنە بىرنى ئۇرماقچى بولغان قولىنى تۇتىۋالدىم.

- سېنىڭ دادامغا كۈندە مېنى يامان قىلىپ بۇ ئۆيدىن ھەيدىمەكچى بولىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن.. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇن، مەن بۇ ئۆيدىن كەتسەممۇ ھېچنېمە ساڭا تەۋە بولمايدۇ..

- ھاھا.. سېنىڭ ھېچ نەرسىگە ئىگە بولىدىغان ھوقۇقۇڭ يوق..

- مەن ئىگە بولالمىساممۇ لېكىن سېنى ئىگە قىلمايمەن.. بۇ ئۆي مېنىڭ ئاپامنىڭ، ھەممە نەرسىگە مېنىڭ ئاپامنىڭ ئەجرى سىڭگەن..

- قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا..

ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئۆگەي ئاپام سافادا يېتىۋالدى.

- ۋاي كەلدىڭىزمۇ؟ كەلمىگەن بولسىڭىز بۇ قىزىڭىز مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتەتتى..

- نېمە؟ ئۇردى؟

- ھەئە.. مانا قاراڭ.. بۇ يۈزۈمدىكى قىزىلنى.. مۇشۇ قىزىڭىز ئۇردى..

دادام كېلىپ چېچىمدىن تارتتى.

- ھەي ئىپلاس، نېمىشقا ئاپاڭنى ئۇرىسەن.. ئاپا يوللۇق ئادەمنى ئۇرسا توغرا بولمايدىغىنىنى بىلمەمسەن..

- ئۇ مېنىڭ ئاپام ئەمەس.. ئۇ ئاپامغا ھاقارەت قىلدى..

- نېمە قىلسىمۇ قول تەككۈزەمسەن.. خەپ سېنى.. .

دادام مېنى ياتاق ئۆيگە تارتىپ كىرىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ھازىر پەقەت قورسىقىمنىلا قوغداپ قېلىشقا تىرىشاتتىم. تاياق ئاستىدا تۇرۇپ ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقان ئۆگەي ئاپامنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا بۇ ئارقىلىق غەلبىسىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

 دادام ئۇرۇپ ھېرىپ قالدى بولغاي، ئايالى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يېنىمدا ئولتۇرۇپ قالدى.

- ئۇرمايسەنغۇ دادا.. نېمىشقا بىراقلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەيسەن..

- نېمىشقا مېنى بۇنداق قىينايسەن.. ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتسەڭ بولمامدۇ..

- ئۇ ئۆزى ئاۋال مېنىڭ غورۇرۇمغا تەگدى..

- ئاڭلىماس بولىۋالساڭ بولىدىغۇ.. بۇ ئۆيدە يەنە بىرگە ياشايمىز.. بۇنداق قىلساڭ مەن سېنى قانداق سىغدۇرىمەن..

- بولدى دادا.. مېنى سىغدۇرۇشنى ئويلىما.. مەن كېتەي.. بۇ ئۆيدە تۇرۇشتىن جاق تويدۇم.. بۇ خورلۇقتا ياشىغاندىن باشقا يەرگە كەتكىنىم ياخشى..

دادام ماڭا چۆچۈپ قارىدى.

- نەگە كېتىسەن؟

- توي قىلىمەن. ئەرنىڭ ئۆيىگە كېتىمەن..

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章