ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 5-قىسىم

文摘   2024-10-09 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
كەچتە رىنات گۈللالەنىڭ ياتىقىغا كەلدى.
- رۇفىنەنىڭ تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، قارىغاندا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنى تېزرەك قىلمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ،-دېدى ئۇ گۈللالەنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.
- شۇنداقمۇ؟ ئۇ تېخى ئۆلمەپتىمۇ؟ - دېدى گۈللالە ھېچ ئىش بولمىغاندەك.
- لالە، بولدى زەھەردەك گەپلىرىڭنى قوي.
گۈللالە بېشىنى يانتۇ قىلىپ، رىناتقا قاراپ قويۇپ دېدى:
- مېنىڭ ھېلىلا بۇيۇمدىن ئاجراپ كەتتى، تېنىم تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى، رىنات، بۇنىڭغا سېنىڭ كۆڭلىڭىز ئۇنامدۇ!؟
گۈللالە ئەسلى رىنات ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ كۆيىنىدۇ. ئىچ ئاغرىتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق رىنات بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
- سەن دېگەن ئەزا تەمىنلىگۈچى، ساڭا بەك كۆپ تەسىرى بولمايدۇ.
گۈللالە چەكسىز ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ ئەمدى بىر «ئەزا تەمىنلىگۈچى» بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قاتتىق ئۇھ تارتىپ قويۇپ، بەدىنىنى رۇسلاپ تۈز ئولتۇردى. ئۇنىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، كەيپىياتىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى تۇراقلىق كۆرۈنەتتى.
- بولدى، مەن ئوپراتسىيە قىلىشقا قوشۇلاي، بىراق مېنىڭ بىر شەرتىم بار! - دېدى ئۇ ئاندىن بىردەم توختىۋېلىپ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ئوپراتسىيەدىن كېيىن، مېنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىسەن.
رىنات ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ گەپ قىلمىدى. گۈللالە يەنە گەپ باشلىدى، لېكىن ئاۋازى باياتىنقىدىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتتى.
- مەيلى ئۆلۈپ كېتەي ياكى ھايات قالاي مېنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىمگە يول قويىسەن. سېنىڭ بىر ئېغىز گېپىڭ 1000 جىڭ ئېغىرلىق باسىدۇ. شۇڭا، سەن ھە دېسەڭلا مەن سېنىڭ دۇنيارىڭدىن تامامەن يوقۇلىمەن.
رىنات سوغۇق قىلىپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
- سەن مېنى ئۈچ يىل ساقلاپ تۇرالمامسەن؟
گۈللالە دەرھال ئورنىغا كىرىپ يېتىۋالدى ۋە يوتقاننى چىڭ يېپىنىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ، رىناتقا كەينىنى قىلىپ ياتتى. ئۇ بۇرۇن رىناتتىن ئۈمىد كۈتكەن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىرەر ئېغىز گەپ بولسىمۇ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن ئۆز ئاغزى بىلەن گۈللالەگە يەنە 30 يىل ساقلىغان بىلەنمۇ مەن سەندە بىر بۇزۇق قىزنى ياخشى كۆرەلمەيمەن، دېدى. ئەمدى كېلىپ ئۇنى ئۈچ يىل ساقلا دېيىشتىكى مەقسىتى زادى نېمىدۇ!؟
- بولدى، ساقلىماي، قارىغاندا مەن سېنى ئۈچ يىل ئەمەس ئۈچ ئۆمۈر ساقلىساممۇ سېنىڭ سۆيگىڭگە ئېرىشەلمىگۈدەكمەن. مەن ئەسلىدىلا بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغان ئادەم. شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا پەيدا بولماسلىقىم كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەرگىز سېنىڭ نەزەرىڭ چۈشىدىغان دائىرىدە پەيدا بولمايمەن. رىنات، ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن ھاردىم، چارچىدىم، ساقلاپ ھاردىم يەنە ساقلىغۇدەك ھالىم قالمىدى، سەنمۇ ئەركىنلىككە چىقىڭ، مەن ئەمدى سىېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. مەن پەقەت ئاپام، ئاتامغا تارتىشىمەن. ئۇلارمۇ مېنى كەچۈرەر.
- ماقۇل، تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم.
رىنات شۇنداق بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. گۈللالە خېلى ۋاقىتقىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتتى. رىنات ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا ۋەدە قىلغان چاغدا ھەرگىز يېنىپ قالماسلىق ھەققىدە ئۆزىنى ئاگاھلاندۇراتتى، بىراق يەنە يېنىپ قالاتتى. بۇ قېتىم قانداق بولار!
گۈللالەمۇ ئۆزىچە كۈلۈپ قويدى. «كەتسەم كەتمەمدىم، بەرىبىر بۇ دۇنيادا مېنى ياد ئېتىدىغان ئادەم يوق» دەپ ئويلىدى.
ئەزا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىدىغان خىزمەتكە ناھايىتى جىددىي تەييارلىق قىلىندى. گۈللالە ئايرىپ كۈزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى. سىستىرا ئۇنىڭغا ياللۇغ قايتۇرۇش ئۇكۇلى ئېسىپ قويدى.
- ئوپراتسىيە ئىككى كۈندىن كېيىنگە بېكىتىلدى. ھازىر سىزگە ئوپراسىيەدىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز. سىزگە ياللۇغ قايتۇرۇش ئۇكىلى ئۇرۇپ قويدۇم، - دېدى سىستىرا.
- بىلدىم، مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىپ تۇرىدۇ، مېنى كىرىپ ئاۋارە قىلماڭ، - دېدى گۈللالە.
- ماقۇل، بىلدىم، - دېدى سىستىرا.
ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتەتتى. گۈللالە كەيپىياتى ناھايىتى نورمال ئىدى. ئىمزا قويۇش، دىزىنپىكسىيە قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇ بۇرۇن قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
كېسەلخانا ئىشىكى يېپىلىپ، سىستىرا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، گۈللالە ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر ۋاراق دورا چۈشەندۈرىشىنى چىقىرىپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ «ۋىنا تومۇرغا ئۇرۇلىدۇ، بىر مىللىي گىرام ئادەمنى شۈك قىلىپ قويىدۇ، 10 مىللىيگىرام بولسا بىر مىنۇت ئىچىدە ئادەمنىڭ ئەزالىرىدىن قان كېلىپ جېنىنى ئالىدۇ» دېگەن خەتلەرنى ئوقىدى.
گۈللالە بۇ ئۇكۇلنى ئۆزىگە ئېسىپ قويغان ياللۇغ قايتۇرۇش ئاسما ئۇكىلىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇرۇپ كىرگۈزدى. ئۇ ئۇكۇلنى ئۇرۇپ بولۇپ، قايتىدىن كارۋاتقا چىقىپ، ئۆزىنى ئوڭشاپ يېتىۋالدى. ئاسما ئۇكۇل بىر تېمىم – بىر تېمىمدىن تېمىپ چۈشەتتى. سۈزۈك ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى توربىدىن ئۆتۈپ تومۇرلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىگە سىڭىپ كىرىۋاتاتتى. ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقاندىكى كەيپىيات ئالاھىدە بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاللىسىدا بولسا دۈشمىنىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەسلىكتىن ئىبارەت خىيال ئەكىس ئېتەتتى.
گۈللالە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ خىياللىرى چېچىلىشقا باشلىدى. تۇزلۇق بىر خىل سۇيۇقلۇق ئاغزىغا يېنىپ، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى تولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنلىشىشقا باشلىدى. كۆز جىيەكلىرىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان سۇيۇقلۇق بەلكىم كۆز يېشى بولسا كېرەك، بۇ كۆز ياشلار كۆزىدىن ئېقىپ چۈشكەن پېتى قۇلاقلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، قۇلىقىنى قىچىشتۇرىۋەتتى. ئۇ قولى بىلەن قۇلىقىنى تاتىلىماقچى بولدى، بىراق قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
ۋاقىت ئاستا – ئاستا ئۆتمەكتە، ئۇ بۇ دۇنيادىن ئاستا – ئاستا يىراقلاشماقتا ئىدى...
سىستىرا ياتاق تەكشۈرۈپ كىرىپ، بەش ئەزاسىدىن قان كېلىپ ياتقان گۈللالەنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ۋارقىراشقا باشلىدى:
- ئادەم بارمۇ؟ تېز كېلىڭلار، دوختۇر... تېز كېلىپ بىمارنى قۇتقۇزۇش قىلىڭلار...
رىنات ئىشخانىسىدا گۈللالەنىڭ كېسەللىك تارىخىنى كۆرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزى «يۈرەك زەئىپلىشىش» دېگەن خەتكە قادىلىپ تۇرۇپ قالدى. شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى كىرىپ كەلدى.
- رىنات باش دىرىكتور، دوختۇرخانىدىن تېلېفۇن كەلدى. گۈللالە خانقىز... ئۇ ... كېتىپ قاپتۇ.
ياردەمچى شۇنداق دەپ تۈكرۈكىنى يۈتتى. رىنات ئورنىدىن قاڭقىپ تۇرۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا مىقتەك قادالدى:
- گەپنى ئۇچۇق قىل.
-سىستىرا ياتاققا كىرگەن چاغدا خانقىزنىڭ بەش ئەزاسىدىن قان كەلگەنمىش، ھەمدە يۈرىكى ئاللىقچان توختاپ بوپتىمىش، - دېدى ياردەمنى بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ، - دوختۇرنىڭ دېيىشىچە زەھەرلىنىپ...
-نېمە، زەھەرلىنىپ...
رىناتنىڭ ئاۋازى بەكلا يۇقىرى چىقىپ كەتتى. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەنسىزلىك ئۇنىڭ كاللىسىنى قاپلىدى. ئۇ خۇددىي غەزەپلەنگەن قاپلاندەك ئۇچقانداق ئىشىكتىن چىقتى.
«لالە... ئۇ ئۆلسە بولمايدۇ، مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ ئۆلسە بولمايدۇ!» رىنات ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى. يولدا نەچچە قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا گۈللالەنىڭ چىرايى بارغانچە ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىدا گۈللالە كەينىگە كىرىۋېلىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولسا، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەينىگە كىرىۋالاتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن گۈللالە ئۇنداق ئاسان ھاياتىدىن ۋاز كېچىدىغان قىزلاردىن ئەمەس. ئىچى تىتىلداپ تۇرغان رىناتنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ تەسلىشىپ، مەيدىسى ئاغرىپ كەتتى.
رىنات جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە ئەتراپ ئادەمنىڭ قورققىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە جىمجىت ئىدى. سىستىرا ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا دىزىنپىكسىيە پۇرىقى پۇراپ تۇرغان ئۆي ئىچىنى بىرقۇر كۈزىتىپ چىقتى.
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋىتىدا ئاق يېپىلغان بىر ئادەم ياتاتتى.
- باش دىرىكتور، سەۋرى قىلىڭ! – دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى، ئۇنىڭ كەينىدىن كىرگەن نۆۋەتچى دوختۇر.
رىنات دوختۇرغا شۇنداق سەت بىرنى ئالىيىپ قويۇپ:
-ئاغزىڭنى يۇم، - دېدى.
جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلغۇدەك دەرىجىدە جىمجىتلىققا چۆمدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان دوختۇر – سىستىرالار ئاستا – ئاستا سىرتقا چىقىپ كەتتى.
رىنات كارۋاتقا يېقىن كېلىپ، ئاق لاتىنى ئاستا قايرىپ ئاچتى.
كاۋراتتا چىرايلىرى ئاقىرىپ كەتكەن، يۈزلىرىدە قان داغلىرى قالغان گۈللالە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن خۇددىي قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئادەمگە ئوخشايتتى.
بۇ كارۋاتتا ياتقىنى بولسا كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، مېنى ئەمرىڭگە ئال دەيدىغان گۈللالە شۇمۇ؟ ياق، ياق... بۇ گۈللالە ئەمەس. گۈللالە بۇرۇن ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر ئۆمۈر قوغلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ شۇنداق چىدامچان، جاھىل ھەم غەيرەتلىك قىز تۇرسا، ھەم ئاغرىقتىن شۇنچىلىك قورقىدىغان تۇرسا ئۆلۈۋېلىشقا قانداق جۈرئەت قىلالىسۇن!؟
رىنات قولىنى گۈللالەنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى ئۇدۇلىغا ئېلىپ باردى. خۇددىي ئۇنىڭ نەپەس ئېلىۋاتقان ياكى نەپەس ئالمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك. ئۇنىڭ ئىدراكلىرى ئاستا – ئاستا بىتچىت بولۇشقا باشلىدى.
-بۇنى كىم قىلدى!
ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى نەملىشىپ، ئاۋازى غاراڭ – غۇرۇڭ چىقىپ كەتتى.
- تېخى بىلمەيمىز...
دوختۇر پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى بېشىنى ساڭگىلىپ تۇرۇپ.
- بۇ دېگەن دوختۇرخانىغۇ! مېنىڭ دوختۇرخانام!
رىنات خۇددى پىلىكى تارتىلىپ پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان بومبىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، شۇ تاپتا ۋۇجۇدىدىكى غەزىپىنى پارتىلىپ چىقارماقچى بولغاندەك ئىدى.
-كونكىرت ئەھۋالنى مەنمۇ تازا ئېنىق بىلمەيمەن، مەن پەقەت خانقىزنى قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولغان...
-خانقىزنىڭ ئۇكۇلىغا سىئانىد قوشۇلۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدۇق، لېكىن ئېنىقكى بۇ خانقىز جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن بولغان ئىش...
دوختۇر جىددىي تۈستە شۇنداق دەپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىدە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىۋاتاتتى.
بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى، گۈللالە رىنات ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ، بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىن ئاسانلىقچە چىقىپ بولغىلى بولمايتتى.
رىنات ناھايىتى ئاچچىق تەلەپپۇزدا ئەتراپىدا تۇرغانلارغا ۋارقىرىدى:
-تەكشۈرۈڭلار، تەپسىلىي تەكشۈرۈڭلار، نەتىجە چىقماي تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىگە رۇخسەت يوق!
دەل شۇ چاغدا رۇفىنە يېتىپ كەلدى. ئۇ كارۋاتققا ياتقان گۈللالەنى كۆرۈپ يىغلىغىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى:
-ئاھ سىڭلىم، قانداقسىگە بۇنداق تېزلا كېتىپ قالدىڭ...
رۇفىنە گۈللالەنىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرۇپ بىر مەھەل يىغلىدى. لېكىن ئۇ سىرتىدا يىغلىغان بىلەن كۆڭلىدە خۇش بولىۋاتاتتى. چۈنكى گۈللالە كۆزدىن يوقالسا رىناتنى ئۇنىڭ بىلەن تالىشىدىغان رەقىب قالمايتتى. ئۇ گۈللالە يېقىن كېلىپ «جېنىڭ چىققۇچە قانچىلىق قىينالغانسەن...» دېدى شىۋىرلاپ.
رۇفىنە گۈللالەنىڭ يۈزىنى ياپقاچ، رىناتقا قاراپ ناھايىتى ئازاپلانغان قىياپەتتە:
-رىنات، سىڭلىم بەلكىم بۇ دورا پۇراپ تۇرغان دوختۇرخانىغا ئۇزۇن يېتىپ قېلىشنى خالىمىسا كېرەك، ئۇنى ۋاقتىدا يۇيۇپ – تاراپ يەرلىككە قويىۋېتەيلى، - دېدى.
-ئۇنىڭغا چېقىلماڭ، - دېدى رىنات ۋە دەرھاللا گۈللالەنىڭ يۈزىنى يېپىۋاتقان رۇفىنەنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章