ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك 🧡 10-قىسىم

文摘   2024-10-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئالى يارجان قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «ئىگىسىگە قايتقان يۈرەك» ناملىق پوۋېستنىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىىسىم9-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
-سائەت قانچە بولدى؟
ياردەمچى رىناتنى بالدۇر ئىشقا كەلدى، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە رىنات تۆنۈگۈن كەچتە قاۋاقخانىدىن قايتىپ ئىشخانىسىغا كەلگەن پېتى تېخى قايتمىغان ئىدى. رىنات ئورنىدىن تۇرۇپ بىر كېرىلىپ قويۇپ، ئىشخانا ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ بىر كېچە كىرپىك قاقمىغان ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
-سائەت سەككىز بولاي دېدى...
رىنات دېرەزە تەكچىسىگە قويۇلغان قۇراي دەپ قالغان نەچچە تەشتەك گۈلگە قارىدى. ياردەمچى دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-باش دىرىكتور، مەن ئادەم چاقىرىپ بۇ گۈللەرنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىۋېتەيمۇ؟ - دېدى.
- مەخسۇس بىر ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ گۈللەردىن بىرسىمۇ قۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، - دېدى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
رىنات بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تەشتەكلەرنى ئۆز قولى بىلەن كۆتۈرۈپ، ئىشخانىنىڭ بالكونىغا ئېلىپ چىقىپ كۈن تىگىشلىك جايغا تىزدى.
بۇ گۈلللەرنى ئەينى ۋاقىتتا گۈللالە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بولۇپ، نەچچە تۈپ گۈلنى تېخى ئۆزى قول سېلىپ تىككەن ئىدى. رىنات ئۇلارغا قاراپمۇ قويمىغان ھەم بىرەر قېتىم سۇمۇ قۇيۇپ باقمىغان ئىدى. گۈللالە ئۆزى كېلىپ گۈللەرنى سۇغۇرۇپ، تۇپراقلىرىنى يۇمشۇتۇپ قوياتتى. مانا ئەمدى بۇ گۈللەر قۇرۇپ قالاي دېدى. لېكىن ئۇلارغا قارايدىغان گۈللالە يوق. رىنات بۇ گۈللەرنى قوغداپ قېلىش قارارىغا كەلدى، تېخى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردى.
ئاخشام ھاراق ئىچىپ قايتىپ كېلىپ، بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلىگەچكە رىناتنىڭ بېشى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. شۇڭا ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقماقچى بولدى. ئۇ كىيىملىرىنى سېلىپ تەكچىدە تۇرغان كۆك رەڭلىك يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقىغا كۆزى چۈشتى. بۇ گۈللالە ياخشى كۆرىدىغان ماركا ئىدى. بۇنى ئۇ سېتىۋېلىپ كېلىپ بۇ يەرگە تىزىپ قويغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا رىنات ئۇنى تاشلىۋەتسە گۈللالە يەنە ئەكىلىپ قوياتتى. گۈللالە رىنات بىلەن ئىككىمىز ئوخشاش بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتسەك ئوخشاش پۇراق چىقىرىمىز دەپ ئويلايتتى. رىنات سوغۇق سۇغا بېشىنى تۇتتى. مۇزدەك سۇ ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشمەكتە، ئۇ ئازراقمۇ سوغۇق ھېس قىلمىدى. ئۇ كۆك رەڭلىك قۇتىنى ئالدى، بىراق قۇتا قۇرۇق ئىدى. رىنات ئۇنى قىممەتلىك بۇيۇمدەك ئاۋايلاپ تۇتۇپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇپ قويدى. ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىدى.
گۈللارنىڭ خاتىرىسىدىكى قۇرلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى:
«رىنات مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەتتا مېنى كۆرگىسى كەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. مەن شۇنداق قارارغا كەلدىم: رىنات مېنى ياخشى كۆرمىسىمۇ مەن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن. مەن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئاتا - ئانامنى ياخشى كۆرۈپ ۋاپادار قىز بولىمەن. شۇ چاغدا بەلكىم رىنات مېنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان قىز دەپ ئۆزگىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...»
«رىنات بىلەن رۇفىنەنىڭ ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم. مەن بۇنىڭغا بەك ئۆكۈندۈم. چۈنكى رۇفىنەنىڭ ئەخلاق ياخشى ئەمەس. ئۇ رىناتقا ماس كەلمەيتتى. بىراق قارىغاندا رىنات ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ. ئاتا - ئاناممۇ ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرمىدى. لېكىن مېنىڭ بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. نېمىشقا رىنات مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندۇ، نېمىشقا مېنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالىمايدىغاندۇ؟ بىزنىڭ قانداشلىقىمىز يوق، شۇڭا مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام تامامەن بولىدىغۇ...
...
رىنات كۆزىنى يۇمسىلا گۈللالەنىڭ خاتىرىسىدىكى قۇرلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ئۇ ئەسلى ئىشخانىسىدا ئارام ئېلىشنى خىيال قىلغان ئىدى. بىراق، ئۇ ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، گۈللالەنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۆي قۇپقۇرۇق بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا گۈللالەنىڭ ھىدلىرى باردەك تۇيىلاتتى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى گۈللالە يېنىدا تۇرغاندەك سېزەتتى. ئۇ بۇرۇنقى گۈللالەگە قىلغان قوپال مۇئامىلىسى ۋە خاتا چۈشەنچىلىرىنى توغرىلىماقچى بولاتتى. بىراق بۇنىڭ ئەمدى نېمىگە پايدىسى.
رىنات بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ ئاشخانىغا كىردى. ئاشپەز ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سۈت ئېلىپ كەلدى. رىنات سۈتنى بىر يۇتۇم ئىچىپلا ئاشپەزگە دېدى:
-سەن ھەر كۈنى خانقىزنىڭ ناشتىلىقىنى ھوجرىسىغا ئاچىقىپ بەر، بىر ۋاقلىقمۇ كەم بولمىسۇن!
ئاشپەز ناشتىلىقنى ئېلىپ گۈللالەنىڭ ھوجرىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا رىنات ئۇدۇلدىكى ئورۇنغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى:
-لالە، بۈگۈن مەن سىرتقا چىقماي سىزگە ھەمراھ بولىمەن...
رىنات بېشىنى پەس قىلىپ سۈتنى ئىچتى. شۇ تاپتا ئۇ كۆڭلىدە يېنىدا گۈللالەنى بار دەپ، بىز بىللە ناشتا قىلىۋاتىمىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. شۇڭا بېشىنىمۇ كۆتۈرۈشكە چۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى، بېشىنى كۆتۈرسىلا خىيالىدا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان گۈللالە يوقاپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا تەۋرىنەتتى.
تاماق يەپ بولۇپ ئاشپەز قاچا - قۇچىلارنى ئېلىپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، رىنات خېلى ۋاقىت جىمجىت ئولتۇرغاندىن كېيىن، گۈللالەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلىپ، دېرىزە يېنىدىكى ئاسما ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
«رۇفىنە مېنىڭ ئاتا بىر ئاپا باشقا سىڭلىم. ئۇ مېنى ئۇرسىمۇ تىللىسىمۇ، مېنى قىينىسىمۇ، ماڭا ئورا كولىسىمۇ ئۇ يەنىلا مېنىڭ سىڭلىم. مەن ئۇنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايتتىم. شۇڭا، ئاتام مېنى بىر تال بۆرىكىڭنى ئۇنىڭغا بەر دېگەندە مەن قارشى تۇرمىدىم. مەن ئۇنى قۇتقۇزۇشنى خالايمەن، بىراق ئۇنىڭ رىنات بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلىساملا يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىدۇ.»
خاتىرىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە رىناتنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىشقا باشلىدى. ئۇ خاتىرىنى يېپىپ قويدى. ئەسلىدە گۈللالە رۇفىنەگە بۆرىكىنى بېرىشكە قوشۇلغان ئىكەندە، ئەمىسە نېمىشقا كېيىن يەنە ئۆلىۋېلىش يولىنى تاللايدۇ؟!
رىنات يەنە خاتىرىنى ئاچتى.
...
«دوختۇر ماڭا يۈرىكىڭىز ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىپ كېتىپتۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل ياشىيالايسىز، دېدى. ئۈچ يىل نېمە دېگەن قىسقا ۋاقىت. بۇ يىل قانداقمۇ رىناتقا قېنىشىمغا يېتىدۇ. بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ مېنى رۇفىنەگە بۆرىكىڭنى بەرگىن دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇنىڭغا قوشۇلدۇم لېكىن، ئۇنىڭغا بىر شەرت قويدۇم. مەن ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە رۇفىنە بىلەن توي قىلماسلىقنى ئېيتتىم. شۇنداق بولغاندا مەن رىناتنى ئۈچ يىل ياخشى كۆرۈپ ئۆتەلەيمەن. مەن پەقەت مۇشۇ ئۈچ يىل رىنات بىلەن بىللە يۈرەلىسەملا ماڭا يېتىدۇ. شۇنىڭدا مەن بۇ دۇنيادىن پۇشايمانسىز كېتەلەيمەن. رىنات مېنىڭ بۇ شەرتىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاپا بولدى، لېكىن ئۇ يەنىلا رۇفىنە ئۈچۈن بۇ شەرتىمگە قوشۇلغان بولدى. ئۇ ئەزەلدىن ماڭا تەھدىد سېلىپ باقمىدى. لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوق. ئەگەر رىنات بۇ ئۈچ يىلدا ماڭا تەۋە بولمىسا مېنىڭ بۇ ئۈچ يىلنى ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن!»
رىناتنىڭ كۆزى «يۈرەك زەئىپلىشىش» دېگەن خەتكە قادىلىپ قالدى. بۇرۇن گۈللالەنىڭ يۈرىكى ناھايىتى ياخشى ئىدىغۇ، رۇفىنە بىلەن يۈرەك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھېچقانداق يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۇرسا قانداقسىگە يۈرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. يەنە كېلىپ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
رىنات ياردەمچىسىگە تېلېفۇن قىلىپ:
-سەن دەرھال گۈللالەنىڭ ئەينى يىلىدىكى كېسەللىك تارىخىنى تېپىپ ئىشخانامغا ئېلىپ كەل،- دېدى.
رىنات تېلېفۇننى قويۇپمۇ خېلى ۋاقىتقىچە كۆڭلى ئارامىغا چۈشمىدى. ئۇ گۈللالەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى شۇنچىلىك تەپسىلىي ئوقۇغان تۇرسا، ئۇنتۇلۇپ قالغان بىرەر تەپسىلات بارمۇ - يا؟ رىنات خاتىرىنى ئېلىپ يەنە تەكشۈرۈشكە باشلىدى. رىنات گۈللالەنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى قايتا ھېس قىلىپ، ئۆزىمۇ ئازابلىنىشقا باشلىدى.
قۇياش نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇراتتى. رىنات قولى بىلەن كۆزىنى توسۇپ دېرىزە يېنىغا بېرىپ گۈللۈككە قارىدى. خىزمەتچى گۈللەرنى ياساۋاتاتتى. رىنات ئۇنى چاقىرىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا گۈللالەنىڭ كىيىم ئىشكابىنى ئېچىشقا بۇيرىدى. ئىشكاپقا كىيىم - كېچەكلەر رەتلىك ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. رىنات كىيىملەرنى بىر قۇر سىلاپ چىقتى. ئۇ شۇ چاغدا گۈللالەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە يازغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئېسىگە ئالدى:
«ئاتا - ئانام مېنى ناھايىتى چىرايلىق دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ماڭا ھەر خىل چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. مەن ئۇلار ئېلىپ بەرگەن ھەرقانداق كىيمنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، بىراق دائىم كىيىپ كەتمەيمەن. مەن ھەر كۈنى رىناتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ كىيىم تاللىشىغا قاراپ تۇرىمەن. ئاندىن ئۆيۈمگە يۈگرەپ قايتىپ چىقىپ ئۇنىڭ كىيىمىگە ماس كېلىدىغان كىيىمنى كىيىپ شىركەتكەن بارىمەن. شىركەتتىكىلەر بىزنىڭ كىيىملىرىمىزگە قاراپ، رىنات ئىككىڭلار شۇنداق ماس كېلىسىلەر، دېگەن ۋاقىتتا مېنىڭ خوشاللىقتىن كۆڭلۈم پەلەككە يېتىدۇ.»
رىنات بېشىنى تۆۋەن قىلىپ بۈگۈن تاقىغان گالاستۇكىغا قاراپ باقتى، زەڭگەر رەڭ. رىنات كىيىم ئىشكابىغا قاراپ بىر زەڭگەر رەڭ كۆينەكنى ئالدى. رىنات گۈللالەنىڭ بۇ كۆينەكنى بۇرۇن كەيگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، لېكىن گۈللالەنىڭ كىيىم كىيىشتە ئۆزى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. رىنات كۆينەكنى چىڭ سىقىمداپ، بۇرنىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ پۇراپ گۈللالەنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدى.
رىنات خىزمەتچىگە قاراپ تاپىلىدى:
-لالە خېنىمنىڭ كىيىملىرى ۋاقتى - ۋاقتىغا ئاپتاپقا قاراپ قاقلاپ تۇرغىن، كىيىم ئىشكاپتا بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس.
خىزمەتچى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ:
-ماقۇل، - دېدى، - دە، كىيىملەرنى بىرلەپ - بىرلەپ ئېلىپ رەتلەشكە باشلىدى.
خىزمەتچىلەرمۇ گۈللالەنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇلار رىناتنىڭ خانقىزغا قىيالمايۋاتقانىلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى. رىنات دېرىزە يېنىغا بېرىپ، خاتىرىنى يېپىپ تارتمىغا سالدى. بۇ گۈللالەگە نىسبەتەن بىر ئەسلەش ھېسابلىناتتى.
رىنات ئىشخانىسىدا ئولتۇرغاندا ياردەمچى كىرىپ كەلدى:
-خانقىزنىڭ راستىنلا يۈرىكىدە مەسىلە باركەن، شۇنداقلا دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل ياشىيالىشى مۈمكىنكەندۇق.
ياردەمچى بۇ گەپنى دېگەندە ئاۋازى بەكلا تۆۋەن چىقتى. رىنات كېسەللىك تارىخىنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر قاراپ چىقتى. كېسەللىك تارىخىدا يۈرەك زەئىپلىشىش دەپ يېزىلغان ئىدى. دېمەك، گۈللالە خاتىرىسىدە دېگەن گەپ راست ئىكەندە. ئەينى ۋاقىتتا رىنات بۇ كېسەللىك تارىخىنى كۆرگەنىدى، بىراق بەك تەپسىلىي قاراپ كەتمىگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى. رىناتنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىترەپ تۇراتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ كېسەللىك تارىخىنى ياخشىراق كۆرگەن بولسا بەلكىم گۈللالە بۇنداق بالدۇر ئۆلۈپ كەتمىگە بولىشى مۈمكىن ئىدى.
رىنات بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرگىنىچە گۈللالەنىڭ تۇپراق بېشىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئىڭىشىپ گۈلنى تۇپراق بېشىغا قويدى. ئۇ تۇپراق بېشىدا خېلى تۇرۇپ، ئاندىن قايىتپ كەلدى.
رىنات گۈللالەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرگەندىن نۇرغۇن سىرلارنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ، نەپەس ئېلىشىمۇ تەس بولىۋاتاتتى. گۈللالەدىن ئايرىپ قالغان بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئۇنىڭغا خۇددىي بىر ئەسىردەك تۇيىلاتتى. بىر كۈنمۇ ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى. ئۇ گۈللالەنى تىنىمسىز ئەسلەيتتى، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كارتىنىلارنى بىرمۇ - بىر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزەتتى. قولى ئىشقا باراي دېمەيتتى. گۈللالەنىڭ ئالبوملىرىنى ئېچىپ تەكرار - تەكرار كۆرەتتى. سۈرەتلەردە گۈللالە گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا گۈللالەنىڭ ئاغزى - بۇرنىدىن قان كېلىپ تۇرغان كۆرۈنىشى كېلىپ، يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ تولغىنىپ كەتتى.
«مەن گۈللالەنى قوغدىمايلا قالماستىن، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدىم...» دېگەن ئۆزىنى ئەيىپلەش تۇيغىسى ئۇنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەيتتى.
شۇ كۈنى كەچتە مىڭ تەستە كۆزى ئۇيقىغا ئۇلانغان رىنات گۈللالەنى چۈشەپ قالدى.
چۈشىدە گۈللالە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىن خوشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. رىنات ئۇنىڭغا قولىنى سۇندى، بىراق گۈللالە بېشىنى چايقىدى. گۈللالە كۈلۈپ تۇرۇپ رىناتتىن:
-مەن چېچىمنى كېسىۋەتتىم، چىرايلىق بوپتىمەنمۇ؟! - دەپ سورىدى.
- مەن سىزنىڭ ئۇزۇن چاچ قويغان ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى رىنات.
رىنات چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章