بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 49-قىسىم (ئەپچىدە 76قىسىم)

文摘   2024-10-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭغا ھامىلدارلىق ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى كۆرسەتتىم.

- سىزگە بۇنى كۆرسەتكىلى كەلدىم..

ئۇ ھامىلدارلىق ئۆلچىگۈچنىڭ ئۈستىدىكى سىزىققا قارىدى.

- بۇ؟! بۇ سىزنىڭما؟

- شۇنداق. مېنىڭ. ئەتىگەن ئۆلچىدىم. ھامىلدار بوپ قاپتىمەن..

ئۇنىڭ بايىقى كەسكىن چىرايى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

- مانداق قىلىڭە.. بۇ راستمۇ؟!

ئۇ ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قولىغا ئالدى.

- راست، مەن سىزنى ئالداپ نېمە قىلاي..

- ئاھ.. مەن دادا بوپتىمەنما؟ مېنىڭ بالام بوپتۇما؟!

ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقىغا قاراپ ھەيران قېلىۋاتاتتىم.

- دېمەك ئۇ كۈنى ماڭا راست چېقىلىپسىزدە..

- مەن بىلمەيمەن.. سىز باشقىلار بىلەن..

- قالايمىقان گەپ قىلماڭ. مەن ئاجراشقاندىن بېرى ھېچكىم بىلەن بىر يەرگە كەپ باقمىدىم..

- دېمەك بۇ مېنىڭ بالامكەن.. ۋاھ.. مېنىڭ بالامكەن.. ھاھا.. مېنىڭ بالام بوپتۇ..

- شۇ كۈنى چېقىلمىدىم دەيسىز تېخى..

- مەن راستىنلا بىلمەيمەن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن مەست.. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئارىمىزدا شۇنداق ئىش بولغان ئوخشايدۇ.. ھاھاھا.. كەچۈرۈڭ ئەسلى كۈلگۈم يوق ئىدى. لېكىن بالام بولغىنىغا خوش بوپ كېتىپ بارىمەن..

- سىز خوش بولغان بىلەن ماڭا ئازاب بولدى.. بۇ بالىنى قانداق قىلىمەن؟!

- قانداق قىلىمەن؟! تۇغىسىز..

- تۇغسام قانداق باقىمىز؟ سىزنىڭ قەرزىڭىز تۇرسا، مېنىڭ تېخى مۇقىم خىزمىتىم بولمىسا..

- ھەي. قەرزىم بولسىمۇ مېنىڭ ئاشخانام بار.. ئۆيۈم بار، بىر بالىنى باققىچىلىكىم بار.. يەنە كېلىپ سىز دېگەن ھازىر تور چولپىنى تۇرسىڭىز قانداقسىگە كىرىم بولمىغۇدەك..

- تور چولىنى دەيسىزغۇ؟! مەن دېگەن تور داشقىلى، ھەممە ئادەم تىللايدىغان تور داشقىلى..

- تىللىسىمۇ لېكىن سىز چىققان نەرسىنىڭ چېكىلىشى ياخشى..

ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ كەتتۇق. ئۇ كۈلۈپ كەتتى.

- قىزىق ئىش ھە.. بۇنداق بولار دەپ ئويلىمىغانتىم.. ھاھا..

- سىزگە بەك قىزىق تۇيۇلۇپتۇ.. مەن ئازابتا كاللىدىن كېتەي دېدىم..

- نېمىگە ئازابلىنىسىز، بالا دېگەن بەركەت بىلەن تۇغۇلىدۇ..

- شۇنداق بولسىغۇ ياخشى.. لېكىن مېنىڭ چوڭ بالام بەختسىز بوپ قالدى..

- ئۇ بالىڭىز تېخى چوڭ بولغىنى يوق. چوڭ بولغاندا كاتتا ئادەم بوپ كېتەمدۇ تېخى، ئۇنىڭ باي دادىسى بار، ئەنسىرىمەي ماۋۇ بالىمىزنى ئويلاڭە..

- ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟

- توي قىلىمىز. سىزنى ئۆيگە ئەكېلىۋالىمەن.. قوشۇلمايمەن دېمەڭ ھە..

بۇ جۈملىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. بىر ئادەمنىڭ مېنى ئاشۇ قاراڭغۇ قورقۇنۇچلۇق مۇھىتتىن ئېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغىنى مەن ئۈچۈن زور خوشاللىق ئىدى.

- بولىدۇ. ئامال بار قورسۇقۇم يوغىناپ كەتكۈچە توينى قىلىۋېتەيلى..

- لېكىن.. توي مۇراسىم ئۆتكۈزمەيمىز.. مەيلىمۇ؟!

- مەيلى. مەن ئۈچۈن مۇراسىم مۇھىم ئەمەس، تويغا كەلگۈدەك دوستلىرىممۇ يوق.. خەت ئالساقلا بولدى..

- ماقۇل ئەمىسە، مەن ئۆيلەرنى تازىلىتىپ تەييار قىلاي.. نەچچە كۈندىن كېيىن دادىڭىزنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرەي.. قىزىڭىزنى ئالىمەن دەپ ئالدىدىن ئەچىقىپ كېتەي..

- بولىدۇ.. - ئۇنىڭ بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قېلىپ يەرگە قارىدىم.

- ئەمدى خىجىل بولۇپ يۈرمەڭ. بىز ئەر ئايال بولىدىغان ئادەم.. بۈگۈن نېمە يېگۈڭىز بار جېنىم.. خالىغىنىڭىزنى بۇيرىتىڭ.. بۇ ئاشخانا يولدىشىڭىزنىڭ..

- بەك ئالدىراپ چاقىرىپ كەتتىڭىز.. ئادەمنى خىجىل قىلىپ..

ئۇنىڭغا ئەركىلەپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن تاماقلارنى بۇيرۇتۇشقا باشلىدىم. ئۇزۇندىن بېرى قورسۇقۇم تويغۇدەك تاماق يەپ باقمىغانىدىم.

- ھاھا.. ئويلىساملا كۈلگۈم كېلىدۇ..

- نېمىگە؟

- شۇ كۈنى دېمەك مەن راستىنلا سىزگە .. ھاھا..

- كىم بىلىدۇ باشتىلا شۇنداق پىلان تۈزۈپ قويغانمۇ تېخى..

- مەن راستىنلا ھېچقانداق پىلان تۈزمىگەن.. كاللامدىمۇ سىزگە چېقىلمىدىم دەپ ئويلىغانتىم.. سىزنى ئالداپ نېمە قىلاي.. لېكىن راست شۇنداق بولغان بولسا ئىگە بولىمەن دەپ ئويلىغان..

- شۇنداق دېگەنتىڭىز..

- لېكىن بىر مەسىلە بەك غەلىتە.. سىز مەست بولمىسىڭىز قانداق بولۇپ..

- مەنمۇ بىلمەيمەن.. ھەي.. تازىمۇ بىر غەلىتە سۇئال بولدى بۇ..

- سىز بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋاپسىزدە.. دېمەك شۇ كۈنى..

- بولدى، بۇ گەپنى قايتا دېيىشمەيلى، ئادەم خىجىل بولىدىكەن..

- بالام بولسا چوقۇم بەك ياخشى باقىمەن.. مەن بالىغا ئامراق..

- ھېس قىلدىم. توختىماي بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ تۇردىڭىز.. لېكىن قەرزىڭىزنى..

- قەرزىمدىن ئەنسىرىمەڭ. بالام ئۈچۈن تىرىشىپ بولسىمۇ قەرزىمنى قايتۇرۇپ تۈگىتىمەن..

- بولىدۇ. ئەگەر توي قىلىپ قالساق مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن..

- بۇ قىسمەتنى نېمە دېگۈلۈك ھە.. ئىككىمىز يات بىر شەھەردىكى چەت بىر يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلدۇق.. دېمەك ھەربىر ئۇچرىشىش بىر ئورۇنلاشتۇرۇشكەن..

- شۇ ئەمەسمۇ، شۇ ئايروپىلاندا بىر يەردە ئولتۇرغان ئايال بىلەنمۇ، شۇ يەردە مېنى قۇتقۇزغان سىز بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ قالغىنىمنى.. زادى ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇشكەن..

- ئەمدى قۇۋەتلىك يەڭ. سىز بەك ئۇرۇق. تاماقنى ياخشى يېمىسىڭىز بالىمىزغا زىيىنى بولىدۇ..

- ماقۇل. ئەمدى بالا ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى يەيمەن..

- ئاشخانا بولغاندىن كېيىن تاماقنى مۇشۇ يەردە يەڭ. ياكى مەن ئاپىرىپ بېرەي..

- بولىدۇ ماقۇل.. ئەمىسە مېنىڭ قورسىقىمنى ياخشى بېقىڭ..

تاماق ئۈستەلگە تىزىلغاندا بولسا كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ قۇرۇق ھۆ قىلىشقا باشلىدىم.

- بۇ؟! سېزىكمۇ ياكى كۆڭلىڭىز ئېلىشىۋاتامدۇ؟

- سېزىك بولسا كېرەك.. پۇراق پۇرىيالمايۋاتىمەن..

- ئەمىسە سىزگە پۇرىقى يوق نەرسىنى بۇيرۇتۇپ بېرەي..

تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن شىركەتكە قايتىپ كەلدىم. مالچى ھەدەم ئىشخانىدا بار ئىدى.

- قانداق بولدى؟ كۆرۈشتىڭىزمۇ؟

- ھەئە. ھەممىنى دېدىم. شىركەتكە ئۇ ئەكەپ قويدى..

- نېمە دەيدۇ؟ خوش بولدىمۇ ياكى خاپا بولدىمۇ؟

كۈلۈپ كەتتىم.

- سىز راستىنلا ئادەم كۆزىتىشكە يامانكەنسىز ھەدە.. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كىچىك بالىدەك خوش بوپ كەتتى.. بالام بولدى دەپ ھاياجانلىنىپ كەتتى..

- ھاھا.. مەن دېگەنغۇ، چوقۇم خوش بولىدۇ دەپ.. بۇ بەك ياخشى بوپتۇ.. دېمەك ئىشڭلار پۈتۈپتۇ..

- شۇنداق. ئۇ توي قىلايلى بىزنىڭكىدەك تۇرۇڭ دەيدۇ..

- ۋاھ.. نېمانداق ياخشى.. بەك بەك ياخشى بوپتۇ.. ئاخىرى ئەركىن تۇرىدىغان ئۆيىڭىز بوپتۇ..

- شۇنداق ھەدە.. ھازىرغىچە بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ..

- ئىشىنىڭ.. سىز بىر ئۆمۈر پالاكەتچىلىكتىلا ئۆتىۋەرمەيسىز.. دۇنيانىڭ سىزگە ياخشى كۈن بېرىدىغان ۋاقتىمۇ بولىدۇ.. ياخشى كۈنلىرىڭىز ئەمدى باشلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ..

مالچى ھەدەمنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتتىم. ئىشىك ئېچىلىپ ياردەمچى يىگىت كىرىپ كەلدى.

- ۋاي، نېمىش بولدى؟ ئىككىڭلار يىغلىدىڭلارما؟

- ياق.. ياقەي.. خوش بولىۋاتىمىز..

- نېمە خۇش خەۋەركەن ئۇ.. مەنمۇ ئاڭلىسام بولامدۇ؟

- ساڭا كېيىن دەپ بېرەي.. چوقۇم خوش بولىسەن..

ياردەمچى يىگىت بىردە ماڭا بىردە مالچى ھەدەمگە قارايتتى.

- بۈگۈنكى ماللار تۈگىدى ھەدە..

- قايتساڭ بولىدۇ ئۇكام. جاپا تارتتىڭ..

ياردەمچى يىگىت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مالچى ھەدەم قولۇمدا پۇل تۇتقۇزدى.

- ماۋۇ سىز دەم ئالغان ۋاقىتتىكى سېتىلغان ماللارنىڭ پۇلى..

قولۇمدىكى 500 يۈەنگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

- بۇ؟! بەك كۆپقۇ..

- كۆپ ئەمەس، مالنى سىزنىڭ قولىڭىزدا ئەمەس زاۋۇتقا بەرگەچكە 25% بەردىم.. توغرا چۈشىنىڭ..

- نېمىشقا توغرا چۈشەنمىگۈدەكمەن. ئاغرىقتا شىركەتكە كەلمەي تۇرۇپ مائاش ئالسام ئەلۋەتتە خوش بولىمەندە.. رەھمەت ھەدە..

- مەن باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە قارا سانىمايمەن. زاۋۇتتا ئىشلەشكە بىر ئاز پۇل كەتتى. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ پىرسەنتى ئازلاپ كەتتى.. لېكىن زاۋۇتتا تېز ھەم ياخشى چىقىدىكەن..

- سىزگە ئىشىنىمەن ھەدە.. زاۋۇتتا قىلساق ئۆيىڭىزنىمۇ ئاۋارە قىلمايمىز..

- ئەگەر ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان باشقا نەرسىلەرنى قىلالىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.. سىزنىڭ قولىڭىزدىن بەك ئىش كېلىدىكەن.. ئادەمگە بەركەت ئەپ كېلىدىكەنسىز..

- مەن يەنە ئويلىشىپ باقاي ھەدە.. ھازىر تېلىفون ئېلىشتىن باشقا ئىش قالمىدىمۇ؟!

- بار، نېمىشقا بولمىغۇدەك. سىز ئېلان ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.. ئەگەر ئاشخانا خوجايىنى بىلەن چىقىشىپ قالسىڭىز ئىككىڭلار تەڭ ئىشلەيسىلەر.. ئۇ چاغدا كۆپلەپ مال ئەكىرەلەيمىز.. ھەممىمىز باي بولىمىز..

- بولىدۇ ھەدە. بۇ ئىشنى مەن ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشەي.. ئاۋال توينىڭ ئىشىنى ئويلىشاي..

- ھەي. بەزى پالاكەتچىلىك بەختكە سەۋەب بولىدىكەن دېسە.. ئىككىڭلارنىڭ بۇ ئىشى راستىنلا بەك قىزىق..

- لېكىن مەن تويدىن بۇرۇن بويۇمدا قالار دەپ ئويلىمىغان.. بۇ مەن كۈتكەن نەتىجە ئەمەس ئىدى..

- بەزىدە ئىشلار شۇنداق بوپ قالىدىكەن.. ئارتۇق ئويلىماڭ.. ئىشلار يۈز بېرىپ بولغاندا خاتالىق سۈرۈشتە قىلماي ئامالىنى قىلايلى..

- بولىدۇ ھەدە.. رەھمەت..

مالچى ھەدەم بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. بىنا ئالدىدىن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئالغاندىن كېيىن ئۆيگە كىردىم.

- ۋوي، بۈگۈن مائاشىڭنى تارقاتتىمۇ نېمە؟

- ياقەي. مەن ئىشلىگىلى بىر ئاي بولغىنى يوق.. قارىسام ئۆيدە يەيدىغان نەرسە تۈگەپتۇ.. شۇڭا ئالغاچ كەلدىم.. ئىككىڭلار يەڭلار..

 ياتاققا كىرىشىم بىلەن دادام ئەگىشىپ كىردى.

- راست گەپ قىلە. بۈگۈن پۇل كىرىپتۇدە..

- سېنىڭ كىرىدىغىنىڭنى بىلەتتىم. مانا.. مۇشۇنى خەجلەپ تۇر..

دادام مەن سۇنغان 200يۈەننى كۆرۈپ غەرەزلىك كۈلدى.

- بۇ سودا بولىدىغان ئىشكەن ھە.. نەچچە كۈندە نەچچە يۈزدىن كىرىپ تۇرىدىكەن..

- ياخشى ماڭغاندا شۇنداق بولىدىكەن. لېكىن داۋاملىق ياخشى ماڭىدۇ دېگىلى بولمايدۇ..

- راست گەپ قىلە. سەن باشقا بىرەر كەسىپنى تېپىۋالدىڭمۇ يا؟!

- سەن نېمە دېمەكچى دادا..

- يېقىندىن بېرى سېنى ئەكەپ قويىدىغان ئەرلەر جىقلاپ قېلىۋاتىدۇ..

- پۇلنى مەينەت كۆرگەن بولساڭ ماڭا قايتۇرۇپ بەر.. ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلما..

- ئۇنداق ئەمەس.. باشقا يول تۇتۇپ قالما دېمەكچى.. گەرچە پۇل ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قالايمىقان يول بىلەن تاپساڭ بولمايدۇ..

- شۇڭا سەن زادى نېمە قىل دېمەكچى؟ ئالدىنقى ھەپتە تېخى باي بىلەن توي قىل دەۋاتمامتىڭ؟

- توي قىلىش بىلەن باشقا ئىش قىلىش ئوخشىمايدۇ.. باي بىلەن توي قىلىپ بەختىڭ چىقسا مەن ئەلۋەتتە خوش بولىمەن.. ئۇلار سېنى ئالسىلا..

- دادا، سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مېنى چۈشۈرۈشتىن ھوزۇر تاپىسەن..

- يېشىڭ 30دىن ئاشتى، ئاجراشتىڭ.. شۇڭا..

- بولدى پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەت.. بۇندىن كېيىن پۇل بەرمەستە ماڭا گەپ قىلمىغىن..

دادام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن غەمدە ئولتۇرۇپ كەتتىم. بويۇمدىكى بالىنىڭ ماڭا خوشاللىق ئۈچۈن ياكى قايغۇ ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتىم. تۇنجى بالامغا ھامىلدار بولغاندەك خوشاللىنالمايۋاتاتتىم. گەرچە ئاشخانا خوجايىنى توي قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ يەنە نېمىلەرگىدۇر ھاياجانلىنىپ تۇراتتىم.

 ئۇيقۇم كەلمىسىمۇ زورىغا يېتىۋالدىم. تۇرۇپ تۇرۇپلا قورسىقىمنى تۇتۇپ قوياتتىم. قورسۇقۇمدا يەنە بىر بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. يەنە كېلىپ نورمال ئەھۋالدا بىر ھەپتىدە سېزىك باشلانمايتتى. بۇ سېزىك ئادەتتىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ مېنى ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى.

«مەسىلەن ھامىلدارلىق ئۆلچىگۈچ خاتا ئۆلچەپ قويغان بولسىچۇ؟! مەسىلەن راستىنلا ئاشقازىنىمنىڭ چاتىقى بولغان بولسىچۇ؟! مەسىلەن ئۇ ماڭا چېقىلمىغان بولسىچۇ؟!» ئوي ئويلاپ مېڭەم پارتلاپ كېتىدىغان قىلاتتى. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاب تاپالمىدىم.

سەھەردە كۆزۈمنى ئېچىپ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدىم.

- بولغۇسى ئايالىم. سىزنى ئاشخانامغا ئاپىرىپ قۇۋەتلىك يېگۈزۈپ ئەكېلەي..

- ھازىر كەلمەي. سەل تۇرۇپ كېلىڭ. بىر ئاز ئىشىم بار.. ئىشىمنى قىلىپ بولغاندا سىزگە دەيمەن.. شۇ چاغدا يولغا چىقىڭ..

ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ قويۇپ بىنانىڭ ئاستىدىكى دورىخانىغا چۈشۈپ ھامىلدارلىق ئۆلچىگۈچتىن يەنە بىرنى ئالدىم-دە، تازلىق ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتىم. لېكىن نەتىجە يەنىلا ئوخشاش ئىدى.

 تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم. يېنىمدىكى ئازغىنە پۇلغا تەكشۈرۈش قىلىپ ھەقىقىي ئىشەنچلىك جاۋابقا ئېرىشىشنى ئويلاۋاتاتتىم.

 دوختۇرخانا ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ ساقلاشقا ۋاقىت كېتەتتى. ئاشخانا خوجايىنى بولسا توختىماي ئۇچۇر يوللاۋاتاتتى.

- قاچان بىكار بولىسىز؟ مەن ماشىنىدا ساقلاۋاتىمەن، سىز دېسىڭىزلا ماڭىمەن..

ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرماي نومۇر ئالدىم-دە، بۆلۈمنىڭ ئالدىغا كەلدىم.

- بويىڭىزدا باركەن.. ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلەتمىگەنمۇ؟

- ئىشلەتتىم، ئىككى قېتىم ئوخشاش چىقتى. شۇنداقتىمۇ مۇقىم قىلالماي كېلىشىم..

- بىر ئايدىن بېرى ئادىتىڭىزگىمۇ دېقەت قىلىپ باقمىدىڭىزما؟

- بىر ئاي؟!- بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئاشخانا خوجايىنى بىلەن بىر يەرگە كەلگىنىمىزگە بىر ھەپتىدىن ئاشقانىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章