يولدىن چىققان ئايال 🧡 62-قىسىم

文摘   2024-10-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئەمما مىكرو بىلوگدىكى گەپلەر نەق مەيداندىكىدىنمۇ ئېغىر  ئىدى.

شەمسيە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئاغزىنى تۇتقىنىچە كۈلۈپ قويدى، يەنە يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

جالالنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلزىرە ئۈچۈن گەپ قىلماقچى بولدى.

-سەن چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشكىن، مەن ئۇنىڭ بۇنداق يارىلىنىشىغا يول قويمايمەن!-دېدى جالال ياردەمچىسىگە.

سەھنىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان گۈلزىرە ئۆزىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالغاندەك ھېس قىلدى.

بىراق، قەيسەر: ماڭا ئىشىنىڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دېدى.

ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى ساقلاشقا تىرىشتى، ئەمەلىيەتتە، پۇت - قوللىرى مۇزلاپ كەتتى.

دەل شۇ چاغدا ئارقا سەھنە پەردىسى ئېچىلدى،  قەيسەر يېپ يېڭى كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ ئاستا - ئاستا مېڭىپ كەلدى.

ئۇ گۈلزىرەگە ئىزچىل تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ مۇزدەك قولىنى ئۆزىنىڭ ئىللىق، كەڭ ئالقىنىغا قويدى.

بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن كۆپچىلىك بىردىنلا ھاڭ - تاڭ قالدى، زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي بىلەلمەي قالدى.

قەيسەر مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، سەھنە ئاستىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

-ھەممىڭلار كۆردۈڭلار، بايا ئېكراندا كۆرۈنگەن ھەممە نەرسە گۈلزىرە خانقىزنىڭ  ئۇزۇندىن بۇيان بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن خەلىق پىكرى بېسىمى!بۇنداق  بېسىمىنى ئۇ يەتتە يىل كۆتۈرۈپ كەلدى.

قەيسەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

-بىر قىزغا 18 يېشىدىن باشلاپ، باشقىلار مۇشۇنداق ئىسىم ۋە لەقەملەرنى قويۇلۇپ كەلدى،  لېكىن، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئۆزى يالغۇز يوشۇرۇنۇپ، ئۈن ـ تىنسىز بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولدى!

قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ھەرقايسىڭلاردا كۆرۈلسە،  سىلەر قانداق ھېسسىياتتا بولىسىلەر؟!قېرىشقاندەك ئۇ ئەيىپسىز!

قەيسەر شۇنداق دېگەچ كەينىگە بۇرۇلۇپ گۈلزىرەگە قارىدى، تۇيۇقسىز قولىنى قويۇۋېتىپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:

-گۈلزىرە، كەچۈرۈڭ، بۇ يەتتە يىللىق ئازابنىڭ ھەممىسىنى مەن سىزگە ئېلىپ كەلدىم!چۈنكى، مەن يەتتە يىل بۇرۇنقى ھېكايىدىكى ئەر باش پېرسوناژ!گۈلزىرە ھېچقانداق تاپتىن چىقىدىغان ئىش قىلمىدى، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ قەست قىلىشىغا ئۇچىراپ،  تاسادىپىيلىق سەۋەبىدىن مەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويدۇم، ئۇنىڭ خاتالىقى يوق، ھەقىقىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى!

مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، يۈتتۈرۈپ قويغىنىمغا يەتتە يىل بولدى!

ھېلىمۇ ياخشى، ھازىر ئۇنى ئاخىرى تاپتىم!

بۈگۈن مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا گۈلزىرەنىڭ مەنكى قەيسەرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى جاكارلايمەن، يەتتە يىل ئىلگىرى شۇنداق ئىدى!

ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.

بارلىق ھاقارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما.

ئەگەر ھەر قانداق ئادەم ئۇنى ھاقارەتلىسە، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن!

ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن، نەق مەيدان پۈتۈنلەي قايناپ ئەۋجىگە چىقتتى.

ھەيرانلىقتىن شەمسيەنىڭ يان تېلېفونى يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى، ئەمما جالال شۇ دەقىقىدە ئۆزىنى تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ،  ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندەك ھېسياتتا بولدى!

دەل مۇشۇ پەيتتە،  قەيسەر تۇيۇقسىز گۈلزىرەنىڭ ئالدىدا بىر تىزىدا يۈكۈپ ئولتۇردى.

بۇنى كۆرۈپ گۈلزىرە بېشى غوڭۇلداپ نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى.

ئالدىنقى دەقىقىدە، ئۇ ئاشۇ گەپلەر سەۋەبىدىن، بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان ئىدى.

بىراق، كېيىنكى دەقىقىدە، بۇ ئەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويدى.

ئۇ پىتنە - ئىغۋالار ئەمدى ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولدىغان بولدى، ئۇ ئەمدى ئۆتمۈشتىكى سايە ئىچىدە ياشىمىسىمۇ بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بارلىق ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى!

شۇ تاپتا قەيسەر كاستۇم - بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىدىن قارا رەڭلىك ئۈزۈك قۇتىسىنى چىقىرىپ، ئاستا ئاچتى.

گۈلزىرە كۆزىنى يوغان ئاچتى، بۇ ئۈزۈك ئادەتتىكى تويلۇق ئۈزۈكتىن چوڭراق بولۇپ،  قەيسەر يەتتە يىل بۇرۇن ئۇنىڭغا بەرگەن ئۈزۈك ئىدى، پەقەت سىرتى بىر قەۋەت ئاق ئالتۇن بىلەن ئورالغان ئىدى!

ئۈزۈك كۆزى نەقىشلەنگەن بولغاچقا، ئۈستىگە ئالماس قويغىلى بولمايتتى، بىراق گىرۋەكلىرىگە نۇرغۇن ئۇششاق ئالماس ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆزنى چاقنىتاتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئۈزۈك ئۇنىڭ بازار قىممىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەنادا.

قەيسەر ئۈزۈكنى ئېلىپ، ئالدىدىكى گۈلزىرەگە قارەپ:

-گۈلزىرە، بۇ ئۈزۈكنى مەن يەتتە يىل ئىلگىرى سىزگە تاقاپ قويغان، لېكىن سىز ئۇنى ئېلىۋەتتىڭىز.يەتتە يىلدىن كېيىن،  مېنىڭ ئۇنى قايتىدىن تاقاپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىنڭىزغا رەھمەت، مەن سىزنى يەتتە يىل يوقىتىپ قويدۇم، لېكىن، قالغان ئۆمرۈمدە سىزنى سۆيىمەن، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

دەرۋەقە، ئۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇ نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، بەختلىك بولۇشنى سىناپ باقمايدۇ؟

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى، ئاۋازى سەل تىترەپ:

-مەن خالايمەن!-دېدى.

جالال تۆۋەندە ماغدۇرسىز ھالدا ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، ئۇ سەھنىگە ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، لېكىن شۇ تاپتا ئون نەچچە مېتىر ئارىلىق خۇددى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭغا ئوخشايتتى.

شۇ تاپتا، ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ نېمىشقا بۇنچە ئالدىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

چۈنكى، ھەممىسىنى قەيسەر ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇ ئەر، ئۇنىڭ ئىلگىرى گۈلزىرە بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ توي تەكلىپىنى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شۇنداقلا ئۇنى گۈلزىرە بىلەن چەك - چېگرىنى ئېنىق ئايرىشىنى ئەسكەرتتى!

ئەينى چاغدا گۈلزىرە بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئۇنى ئۆزىنى رەت قىلغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا راستىنلا باشقا بىر ئەر كىشى بار ئىكەن، ئۇ ئۇنى ئېسىگە ئالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنە كەينىگە قايتىشنى خالىمىدى.

بەزى كىشلەر ئۆتۈشۈپ كەتسە، مەڭگۈ كەينىگە يانالمايدۇ.

مەن ۋاقىتنىڭ كەينىگە قايتىشىنى، مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى شۇنچلىك ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن، بارلىقىمنى ئاتىساممۇ، ئەينى ۋاقىتقا قايتالمايمەن.

جالال بۇلارنى ئويلاپ، ئىختىيارسىز ئەينى چاغنى ئېسىگە ئالدى، ئەگەر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ شەمسىيەدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، خاتىرىسىنى يوقاتمىغان، كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ گۈلزىرە بىلەن بۇرۇنلا توي قىلىپ بولغان بولاتتى.

ئۇنداقتا، يەتتە يىل بۇرۇنقى توي زىياپىتى، شەمسيەنىڭ گۈلزىرەنى باشقا ئەرلەرگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىر قوللۇق پىلانلىغان ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، بۇ ئۆمرىدە يوقىتىپ قويغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەمسيە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، جالال شارتتىدە بېشىنى بۇراپ، كەينىدىكى شەمسىيەگە قارىدى.

شەمسىيە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ،  قورقۇپ تىترەپ كەتتى.

شەمسيە ئۆزىنىڭ بۇنداق جالالنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، مەيلى دوختۇرخانىدا بولسۇن ياكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بولسۇن،  بۇنداق قورقۇنچلۇق قاراپ باقمىغانلىقىنى بايقىدى.

شۇ تاپتا سەھنىدىكى قەيسەر گۈلزىرەنىڭ سول قولىنى ئاستا كۆتۈردى، ئاندىن مۇھەببەتلىك قاراشلىرى بىلەن ئۈزۈكنى گۈلزىرەگە تاقاپ قويدى.

سەھنە ئاستىدا، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ھەممە ئادەم قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

بۇنداق ئۆزگىرىش بولدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

ھەممە ئادەم ئىلگىرىكى ئاشكارىلانغان مەزمۇنلارغا سېلىشتۇرۇپ، ھەش - پەش دېگۈچە باش - ئاخىرىنى چۈشەندى.

گۈلزىرە نامسىز بارمىقىدىكى ئۈزۈككە قاراپ، بارمىقىدىكى ئىللىقلىقنىڭ بىردىنلا قىزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

بۇ يەتتە يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئەينى چاغدا ئۇ پەقەت ئېلىۋېتىشنىلا ئويلىغان، ھازىر بولسا بۇ ئۈزۈكنى ناھايىتى چىرايلىق ھېس قىلدى.

ئۇ قەيسەرنى تارتىپ ئورنىدىن تۇردى، شۇ دەقىقىدە پۇت - قولىدا بۇرۇنلا جان قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

قەيسەر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنىڭ پېشانسىگى سۆيۈپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:

-جىددىيلىشىۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى.

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى.

قەيسەر تۇيۇقسىز گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپلا،  مىكروفونغا يېقىن كېلىپ ھەممەيلەنگە قاراپ:

-كېلەر ئاينىڭ 6ـ كۈنى، گۈلزىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەمدە بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىز!

گۈلزىرە ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇ ھەتتا كۈننىمۇ تاللاپ بولدىمۇ؟!

ئۇ ئۆزىنىڭ چوقۇم قوشۇلدىغانلىقىنى پەملەپ بولغانمۇ؟

گۈلزىرە بۇنى ئويلاپ، ئاغزىنى دومسايتتى.

دەل شۇ چاغدا نەق مەيداندىكى ياڭراتقۇدىن كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،  -كېلىشكەن دادا، توي تەكلىپىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!چىرايلىق ئاپا، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغان يەنە بىر ئەر بار بولدى، دادا، ئاپا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى چوقۇم بەختلىك بولايلى!

بۇنى ئالدىن سىنغا ئېلىپ قويغان ئىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ،  گۈلزىرەنىڭ ياشلىرى ئىختيارسىز تۆكۈلدى.

قەيسەر ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ،  ئارقا سەھىنىگە ئېلىپ كەتتى.

سەھنە ئاستى شاد - خۇراملىققا چۆمدى، ئىككى تەرەپتىكى چوڭ ئېكراندا كۆرۈنۈش ئالماشتى.

مىكرو بىلوگدىكى كىشلەر پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، بىراق نەق مەيداندىكى ئىنكاس ئەڭ بىۋاستە بولدى.

شەمسىيە ياللاپ كەلگەن ئۇ كىشلەر قەيسەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەممىسى تەڭلا شەمسىيەگە ئاسىيلىق قىلدى.

بەزىلەر ئۇدۇللا:

-كەچۈرۈڭ، بىز ئىلگىرى ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز نىلۇپەرنى قوللايمىز!

- شۇنداق، نىلۇپەرنى قوللايمەن!

-ئىلگىرىكى خاتا سۆزلىرىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن!

-نىلۇپەرنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

-قەيسەر ئەپەندىنىڭ نىلۇپەرنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ بەك كۆپ جاپا چېكىپتۇ.

-يەتتە يىل بۇرۇنقى ئەسكى ئادەم ئۇ ئادەمگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك، بولمىسا، نىلۇپەر بۈگۈنكىدەك بەختلىك بولالمايتتى!

شۇ تاپتىكى بىر بۇلۇڭدا، كامالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قەيسەرنىڭ بايىقى گەپلىرى قايتىلىنىۋاتاتتى:

-ئۇنى باشقىلار قەستلىگەن، مەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويدۇم.

ئۇ ھەممىنى چۈشەندى.

ئەينى ۋاقتتا قەيسەرگە قەست قىلغان ئادەم دەل كامال ئىدى، ئاخىرىدا قەيسەر ئوخشاشلا قەستكە ئۇچىرىغان گۈلزىرەگە ئۇچىراپ قالدى.

ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزنى، 20 يىل ئۈن - تىنسىز ياخشى كۆرگەن قىزنى باشقا ئەرلەرگە سوۋغا قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئازابلىنىدىغان ۋە پۇشايمان قىلىدىغان ئىش بارمۇ؟

ياق، ئەگەر يەتتە يىل ئىلگىرى ئۇ قەيسەرگە قەست قىلمىغان بولسا، گۈلزىرەگە زىيانكەشلىك قىلغىنى شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئىتى چىشلىۋالغان ئەر بولاتتى.

كامال يارىسىنى تۇتقىنىچە، تۇيۇقسىز نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشقاندەك ھېس قىلدى.

ياندا غوجىدار ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ:

-جانابلىرى، نېمە بولدى؟ـــ دېدى.

قان كۆڭلەكتىن ئېقىپ چىققان قان، كاستۇم - بۇرۇلكىنى ھۆل قىلىۋەتتى.

بىراق، ئۇنىڭ كىيىۋالغىنى قارا رەڭلىك بولغاچقا، كۆرگىلى بولمايتتى.

ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، كامالنىڭ كۆز ئالدىدىكى يورۇقلۇقنىڭ ئورنىنى قار ئۇچقۇنلىرى ئالدى، ئەڭ ئاخىرىدا قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى.

كۆزىنى يۇمغان دەقىقىدە، ئۇ قار ياغقان كۈنى ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەن قىزچاقنىڭ بىر ئاددىي كۈلكىسى ئۇنىڭ پۈتۈن قىش پەسلىنى ئىللىتتى.

ئۇنىڭ قولى ماغدۇرسىز ساڭگىلاپ تۇراتتى.

نەق مەيدان ئاستا - ئاستا جىمىپ قالدى، رىياسەتچى كۆپچىلىككە يەنە بىر مۇھىم ئەربابنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، يەنى سابىق باش لىدىر، ھازىرقى قەيسەر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قاھار پەيدا بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

-كېلەر ئايدا ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنىڭ تويى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز!مەن ئوغلۇمنىڭ يەتتە يىل بۇرۇنقى ئىشىغا مەسئۇل بولالىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بىزنىڭ ئۆيدىكلەر ۋەدە قىلغان ئىشىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ، بۇمۇ قەيسەر گۇرۇھىنىڭ سودا ساھەسىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى!

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككى جەمەت نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ تويىغا پۈتۈشۈپ قويغان، گۈلزىرە مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكى كېلىن.

بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇ جاپا چەكتى، ئۆزى يالغۇز قەيسەر ئىككىسىنىڭ بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلدى، كېيىن ئۇ قەيسەرنىڭ ئايالى بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە بولۇشىنى تىلەيمەن!

پەستىكى نەفىسە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ يېنىدىكى يىگتكە:

-دىلھايات ئاكا، بەك تەسىرلىك، بەك رومانتىك بولدى!

دىلھايات ئۇنىڭغا بىر پارچە قەغەز سۇنۇپ:

-سىز مۇشۇنداق توي تەكلىپىنى ياخشى كۆرەمسىز؟

نەفىسە بېشىنى لىڭشىتىپ، لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:

-سىز ھەتتا ...

-ئەمىسە بىز ھازىر ئۈستىگە چىقايلى، مەن سىزگە بىر قېتىم توي تەكلىپى قوياي.

ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى.

نەفىسە دەرھال ئۇنى تارتىپ تۇرۇپ:

-ياق، ياق!مەن خىجىل بولدۇم ...

ئۇ تۇيۇقسىز بۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدى، قەيسەر بىلەن گۈلزىرە كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېيشىتى، ئۇلار چىقىۋالسا نېمە دېيشىدۇ؟

نەفىسەنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئاغزىنى ئۇچلاپ ئولتۇردى.

دىلھايات بېشىنى بۇراپ، ئۇنىڭ ئوماق چىرايىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:

-بولدى، كېيىن سىزگە تولۇقلاپ بەرسەم بولدىغۇ!گەپ ئاڭلاڭ!-ئۇ سۆزلەۋېتىپ، نەفىسەنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى.

نەفىسە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئىنكاس قايتۇرغاندا، دىلھايات ئۇنىڭ مەڭزىدىن ئايرىلىپ بولغان ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章