يولدىن چىققان ئايال 🧡 52-قىسىم (ئەپچىدە 80-قىسىمغىچە)

文摘   2024-10-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇ قەيسەرنى بىلمەي قالمايدۇ؟

ئۇ ئادەم ئەزەلدىن ئىشەنچىسى يوق جەڭنى قىلمايدۇ.

ئەمما،  ئۇ قەيسەرنىڭ ئەلفىرە بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن گۈلزىرەنى تالىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

كامال مەيدىسىدىكى غەزەپنى بېسىۋېلىپ، بۇرۇلۇپلا:

-چېكىنەيلى، -دېدى.

غوجىدار بېشىنى لىڭشىتىپ، گاڭگىراپ قالغان گۈلزىرەگە قاراپ:

-گۈلزىرە خانقىزچۇ؟-دەپ سورىدى.

-مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن.

كامال بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، گۈلزىرەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.

-گۈلى، بىرسى كەلدى.

-كىم؟

گۈلزىرە تەئەججۈپلەندى.

-قەيسەر.

كامال گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە قاراپ:

-سىلەر بەك تونۇشمۇ؟ ئۇ سىزنى ئىزدەپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

-تونۇش ئەمەس،  بىر نەچچە قېتىم يۈز كۆرۈشكەن خالاس.

گۈلزىرە گەرچە شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە بىر پەس مەسخىرە پەيدا بولدى.

دەرۋەقە، ئۇ ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن پەيدا بولۇشى بىلەنلا، قەيسەر ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.

ئەلفىرەنى ئالىمەن دەيدۇ، گېپى چىرايلىق ،  ئەمما يەنىلا چىرايىغا قارايدۇ.

گۈلزىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ،  بۈگۈن كەچتىلا ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇپ، قەيسەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

ئەمما كامال گۈلزىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،  كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كەتتى،  ئۇنىڭ كالپۇكى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ ، گۈلزىرەنى تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ بۇنداق تارتىشىنىنى خالىمىسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ قەيسەرنىڭ  قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققۇسى بار ئىدى.

ناھايىتى تېزلا،  كۆپچىلىك قورۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا كۆرۈشتى.

قەيسەر گىرىمىنى يۇيۇۋەتكەن گۈلزىرەنى كۆرۈپ،  چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.

ئۇمۇ ئۇنىڭغا بىر نەچچە سېكۇنت قارىدى،  ئاندىن، خۇددى ئۇ ناتونۇش ئادەمدەك نەزىرىنى يىغىۋالدى.

-گۈلزىرە، يېنىمغا كېلىڭ.

گۈلزىرە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ مىدىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ياۋۇزلۇق نەزىرى بىلەن كامالنىڭ نىقابىغا قاراپ:

-ئەپەندىم، بولغۇسى ئايالىمنى قويۇۋېتىڭ!-دېدى.

بولغۇسى ئايالىم؟!

گۈلزىرە قەيسەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ:

- ئەپەندىم، سىز بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بارلىقى نېمىشقا يادىمدا يوق؟ .

قەيسەرنىڭ يۈرىكى بىردىنلا سىقىلغاندەك بولدى.  ئۇ باشقا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى   مۇناسىۋىتى يوق دېدى!

ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاستا - ئاستا كامال تۇتۇۋالغان گۈلزىرەنىڭ بېغىشىغا چۈشتى.

بايا ئۇ دىققەت قىلمىدى، شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىگە ئوت تۇتاشقاندەك بولدى.

ئۇنىڭ ئايالىغا ھېچكىم چېقىلسا بولمايدۇ.

ئۇ بۈگۈن كەلدى، ئادەم يېتەرلىك بولدى، بىراق، گۈلزىرە قارشى تەرەپنىڭ قولىدا، ئۇ ئاسانلىقچە قول سالمايدۇ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ قويسا قانداق قىلىدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن قەيسەر سەۋرچانلىق بىلەن:

-گۈلزىرەم گەپ ئاڭلاڭ!-دېدى.

گۈلزىرە ئەمدىلا قەدەم يۆتكىلى تۇرۇشىغا، كامال ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:

-گۈلى،  كەتمەڭ بولامدۇ؟

ئۇ ئۇنىڭ ئۆتۈنگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران بولۇپ:

-مەن بارماقچى ئەمەس، مەن سىزنىڭ كەينىڭىزگە ئۆتمەكچى، -دېدى.

كامال سەل ھاڭ - تاڭ قالدى، كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىدى.

ئارقىدىنلا، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى قويۇپ:

-بولىدۇ، ئۇنداق بولسا غوجىدار ئىككىڭلار كەينىگە ئۆتۈپ مېنى ساقلاڭلار.

-ماقۇل!

گۈلزىرە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.

كۆڭلىدە  بولسا باشقا بىر ئامالى بار بولدى.

كامال ئىزچىل ئۇنىڭغا پۈتۈن دېققىتى بىلەن قاراپ تۇرۋاتىدۇ،  ئۇ ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

بىراق غوجىدار ئوخشىمايدۇ، ئەگەر ئۇ پۇرسەت تاپالىسا ...

ئىشقىلىپ ئۇنىڭ قەيسەر بىلەن قايتىپ كەتكۈسى يوق،  پۈتۈنلەي ناتونۇش بۇ كامال بىلەن بىللە كېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

گۈلزىرە ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،   بوش ئاۋازدا:

-سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى، -دېدى، ئاندىن كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ، غوجىدارغا ئەگىشىپ ماڭدى.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ باشقا ئەرنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن كېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،  كۆڭلى بىردىنلا قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك بولدى.

ھەتتا پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ تىتىرەپ كەتتى.

گۈلزىرە كەتتى،  شۇ تاپتا يۈزمۇيۈز تۇرغان ئىككى ئەر بىر- بىرىگە قارىشىپ،  تەڭلا ۋاقتتا ھۇجۇم باشلىدى.

...

گۈلزىرە غوجىدارغا ئەگىشىپ قورۇقنىڭ ئارقا ئىشكىگە قاراپ ماڭدى  ئەمما يېرىم يولدا ئېغىز ئېچىپ:

- تاغا، مەن ئاۋۋال تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ كەلسەم بولامدۇ؟ بايا سەل جىددىيلىشىپ قالدىم، سىرت سوغۇقكەن،  شۇڭا ھاجەتخانىغا بەك بارغۇم بار ...

غوجىدار بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-بولىدۇ، بىراق گۈلزىرە خانقىز تېزراق بولۇڭ، -دېدى.

-رەھمەت!

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ،  ئىچىدىكى تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

بايا ئۇلار ماڭغان چاغدا،  كامال ئۇنىڭ سومكىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى، ئىچىدە بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرى بار،  ئۇ  پەقەت كىيىم ئالماشتۇرسىلا  بولدى...

بۇ يەردىكى كۈتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش فورما كىيدىغان بولۇپ،  ئۇ كەتمەكچى بولسا،  چوقۇم بىر يۈرۈش تېپىشى كېرەك.

غەرب تەرەپتىكى كىچىك ھويلا كۈتكۈچىلەر تۇرىدىغان جاي بولۇپ، سىرتتا كۈتكۈچىلەرنىڭ كىيىملىرى يېيىپ قويۇلغانىدى.

ئۇ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، دېرىزىدىن ئارتىلىپ چىقىپ، تېز سۈرئەتتە غەرب تەرەپتىكى كىچىك ھويلىغا يۈگۈرۈپ باردى.

شۇ تاپتا كۈتكۈچىلەر يوق ئىدى، ئۇ تېز سۈرەتتە كىيىمىنى ئېلىپ، ئۆزىگە گىرىم قىلدى، ئاندىن تەمكىنلىك بىلەن قورۇقنىڭ ئارقا ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

يول بويى ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم گۇمانلانمىدى، گۈلزىرە چىقىپ كەتكەن ئاشۇ دەقىقىدە، ئاخىرى ئۇھ دېدى.

ئۇ ئەسلىدە بىۋاستە جەنۇبى شەھىرىگە قايتماقچى ئىدى، بىراق ئويلاپ   ئۇ ئەرنىڭ شۇ تاپتا دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.

ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ چېچىنى ئوغرىلىقچە  كېسىپ چىقماقچى بولدى.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، گۈلزىرە ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى گىرىمىنى تېز تەكشۈرۈپ، ئاندىن كۈتكۈچىنىڭ كىيىمىنى سېلىپ بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

شۇغىنىسى، ئۇ بۇ يەرنىڭ شەخسىي يول بۆلىكى ئىكەنلىكىنى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسى يوقلىقىنى، ئەگەر ئۇ يەنە داۋاملىق ماڭسا، ئاسانلا باشقىلار بىلىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى.

پەرىزىچە، قەيسەر بىلەن كامال ئىككىسى ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.

ئۇنداقتا، ئەڭ خەتەرلىك جاي ئەكسىچە ئەڭ بىخەتەر جاي!

گۈلزىرە يېقىن جايدا يېرىم كۈن تۇرۇپ، كەچ پاتقاندا ئاندىن خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئاخىرى بىر تاكسىغا چىقىپ، دوختۇرخانىغا باردى.

ئۇ ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى، دەرۋەقە ناھايىتى تېزلا ساقىچىلار كۆزەت قىلۋاتقان كېسەلخاننى كۆردى.

ئۇ ئەر دەرۋە شۇ يەردە ئىدى.

بۇ يالغۇز كىشلىك كېسەلخانا بولمىغاچقا ئۇ ئاساسەن باشقىلارنىڭ دېقتىنى تارتمىدى. ئۇ ئائىلە تاۋاباتى يوق بىر بىمارنىڭ يېنىدا يالغاندىن بىر ئاز ئولتۇردى، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ ھېلىقى ئەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر سقىم چېچىنى كېسۋالدى.

دەل شۇ چاغدا قەيسەر كىشلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن مېڭىپ كەلدى، ئۇ گۈلزىرەگە چېقىلماقچى بولغان ئەرنى سوراق قىلغىلى كەلگەن ئىدى.

گۈلزىرە قېچىشقا ئۈلگۈرمىدى.

ئۇلار قارشىپ تۇرۇپلا قالدى.

-ئەلفىرە، بۇ يەردە نېمە قىلسىز؟ قولىڭىزدىكى نېمە؟

قەيسەر تېز بېرىپ، گۈلزىرەنىڭ تەييارلىقسىز ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ تۇرغان  قولىنى ئاچتى.

گەرچە ئۇ قاتتىق سىقىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر - ئىككى تال چاچنىڭ ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق كۆردى.

ئۇنىڭ قولىدا قانداقسىگە چاچ بولىدۇ؟

كىمنىڭ؟

بىر خىيال تېز سۈرئەتتە كاللىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى، قەيسەر قاتتىق ھاياجانلاندى!

ئۇ ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن،  دوختۇرخانىغا كېلىپ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.

شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىدا قايچا، چاچ بار، ئۇنداقتا ...

ئۇ كارۋاتتىكى ئەرگە قاردى.

ئەر شۇ تاپتا ھوشسىز ياتاتتى، پېشانىسىنىڭ ئالدىدىكى چاچلىرى دەل بىر تۇتام كەم بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى ماسلاشمىغاندەك كۆرۈنەتتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، قەيسەر ھەممىنى چۈشەندى.

گۈلزىرە نېمىشقا سۇ شەھىرىگە كېلىدۇ، ئەسلىدە ئۇ يەتتە يىل بۇرۇنقى ھېلىقى ئەرنى ئىزدەيدىكەن.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ كارىۋاتتا ياتقان ھېلىقى ئەرنى ئەلدارنىڭ ئۆز دادىسى دەپ ئويلاپ، چېچىنى كېسىپ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەتنى باھالاتماقچى ئىكەن.

ئۇ نېمىشقا بۇ ئادەتتىكىچە ئەرنىڭ شۇنچە ئەقىللىق، چىرايلىق ئوغۇل تۇغۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ باقمايدۇ؟!

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بالىسى ئوغرىنى دادا دېسە قانداق بولىدۇ؟!

قەيسەر كۆڭلىدە بىر قارارغا كېلىپ بولدى، ئۇ بېلىنى ئېگىپ گۈلزىرەنى قۇچاقلىدى.

-ئەلفىرە، مەن سىزنى بىر يەرگە ئاپىراي، سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار .

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ سەل سۈرلۈك چىرايىنى كۆرۈپ

-قەيەر؟

-بارسىڭىزلا بىلىسىز.

قەيسەر شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

ئۇنىڭ قولىدا يەنە باشقا بىر ئەرنىڭ چېچىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنىڭ مۇشتى تۇتقان مۇشتۇمىغا قارىدى.

-ئەلفىرە، قولىڭىزدىكى مەينەت نەرسىنى تاشلاڭ!

ئۇ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىدى،  بىراق يەنىلا بېشىنى چايقىدى.

-گەپ ئاڭلاڭ.

قەيسەر شۇنداق دېگەچ،  بۇرۇلۇپلا ئىشىك ئالدىدىكى ياردەمچىگە قاراپ:

-دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئېلىپ كەل، -دېدى.

-ئەلفىرە، ماڭا قاراڭ،  قولۇڭىزدىكى چاچنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق!

گۈلزىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرنىڭ تەمكىن چىرايىغا قارىدى، ئۇنىڭ بەدىنى سەل تىتىرەپ:

-نېمە دەيسىز؟

-ئەلفىرە، سىز بۈگۈن  بۇ يەرگە كېلىپ بىلمەكچى بولغان جاۋابنى مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەي، -قەيسەر مۇلايىملىق بىلەن، -گەپ ئاڭلاڭ ، ئۇ مەينەت نەرسىنى تاشلىۋېتىڭ، -دېدى.

گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى ، ناھايىتى تېز سوقۇپ كەتتى.

ئۇنىڭ بەدىنى يېنىك تىترەپ كەتتى،  پەقەت مۇشۇ دەقىقىدە، مەلۇم بىر مەخپىيەتلىك ئېچىلىپ،  يۈزلىنىشتىن قورقىدىغان بىر خىل قورقۇنچ  ئۇنى چىرمىدى.

-گەپ ئاڭلاڭ، ماڭا ئىشىنىڭ.

قەيسەر سۆزلەۋېتىپ گۈلزىرەنىڭ سىقىۋالغان قولىغا قارىدى.

ئۇ ئۇنىڭ مىدىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ،  ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئۆزى ئېچىپ، قولىدىكى چاچنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆردى، ئاندىن ياردەمچىدىن ئىسپىرتنى ئېلىپ گۈلزىرەنىڭ قولىنى سۈرتتى.

-ئەلفىرە، سىز ئەلدارغا دادا تېپىپ بەرمەكچى،  ئەمما بۇنداق ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن سىزگە ئۇنىڭ ھەقىقىي دادىسىنى تېپىپ بېرىمەن!

قەيسەر گېپىنى تۈگىتىپ، ماغدۇرسىز گۈلزىرەنى يەنە كۆتۈردى.

ئۇ ئۇنى ئېلىپ چوڭ قەدەم بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ،  ئۇدۇل ئۇ توختىتىپ قويغان ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئاستا شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا قويۇپ قويدى.

ئۇ بېلىنى ئېگىپ ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويدى، باشقىلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى خالىمىدى، بەلكى ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ گۈلزىرەنى ئېلىپ،  شەمسىيەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەممە نەرسە بەك تونۇش.

گۈلزىرە ئالدى تەرەپتە پەيدا بولغان شەمسىيەنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنى كۆرگەندە، خۇددى قاتتىق بىر مۇشت يېگەندەك بولدى.

كۆڭلىدىكى جاۋاب بارغانسېرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، بىراق، ئۇ ئىشىنىشكە، ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغاندەك قىلاتتى.

شەمسىيەلەر بۇ ئىككى يىلدا تىنچ شەھەرگە كۆچۈپ كەتتى، شۇڭا ھويلىسى ئىزچىل قۇرۇق ئىدى، پەقەت قەرەللىك ھالدا ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ تازىلىتاتتى

ئادەتتە، ئىزچىل ئىشىكنى تاقاپ قوياتتى  

قەيسەر ماشىنىغا چىققاندا،  بىر ئادەمگە تېلېفون قىلدى.

شۇڭا ئىككىيلەن يېتىپ كەلگەندە دەرۋازا ئېچىقلىق ئىدى.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ،  گۈلزىرە ئون نەچچە يىل تۇرغان جايغا كىردى.

ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە تونۇش ھەم ناتونۇش.

يول چىرىغىنىڭ غۇۋا يورۇقىدا گۈلزىرە پەقەت نۇرغۇن ئۆتمۈشنىڭ كاللىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى،  خۇددى ئۆتكەن زامان كەچۈرمىشىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇ يەردە ئۇنىڭ پىئانىنو مەشىق قىلىدىغان ئۆيى بار، ئۇ تەقدىرنامە چاپلىغان جاي، ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغدا، ئۆزى يالغۇز دەرەخ بۇلۇڭىغا يوشۇرۇنۇۋالغان،  جاي، يەنە، ئەينى چاغدا شەمسىيە  تۇنجى قېتىم جالالنىڭ قىز دوستى سالاھىيىتى بىلەن ئۇچراشقان جاي،  شۇنداقلا ئۇ ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز ھېلىقى بالىخانا ...

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ تۇيۇقسىز مىدىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىمۇ جىددىيلەشتى، بىراق يەنىلا:

-ئەلفىرە، نېمە بولدى؟-دەپ سورىدى.

ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، تىترىگەن ھەرىكىتى ئۇنىڭ مۇرەككەپ كەيپىياتىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

-ئەلفىرە، مېڭىپ بولالمىدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى كۆتۈرەي.

قەيسەر شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بالىخانىغا قاراپ ماڭدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章