دىققەت | بۇ ياشتا چوڭ مېڭە تىك شەكىلدە قېرىيدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەلكىم بەزىلەر ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ دەل چوڭ مېڭىنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
زادى چوڭ مېڭە قاچاندىن باشلاپ چېكىنىدۇ؟
يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا بولماستىن، بەلكى مەلۇم ياشتا «قىيادىن چۈشكەندەك» ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، «مېڭىنىڭ» قېرىشىنى ئاستىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
بېيجىڭ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن خەيبى؛
گۇاڭدۇڭ سەنجيۇ مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر 6-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ يۈنشىن
54 ياشتا چوڭ مېڭە «تىك شەكىللىك» قېرىيدۇ
چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش، دىققەت قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، سۆزلەش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش ئالامەتلىرى، مەسىلەن: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، دىققىتىنى يىغىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش قاتارلىقلار.
پايتەخت تېببىي داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى ئېلان قىلغان Nature تارماق ژۇرنىلىنىڭ تەتقىقاتىدا چوڭ مېڭىنىڭ مەلۇم ياش نۇقتىسىدا تىك شەكىللىك قېرىش يۈز بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەتقىقاتتا ھەرىكەت ئىلمى تەجرىبىسى ئارقىلىق بايقىلىشىچە، Vimar/RAP1GDS1 گېنى ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىكەن، بۇ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان تەسىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
研究通过行为学实验发现,Vimar/RAP1GDS1基因在中年后会导致大脑衰老加速,包括对记忆和学习的影响。
ئوتتۇرا ياش (ئۆمرىنىڭ كېيىنكى 1/3 ) بىلەن كېيىنكى 1/10 چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىدىكى ئىككى مۇھىم ئۆزگىرىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر 80 ياشنى مۆلچەردىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر دەپ ھېسابلىساق، 54 ياشتا چوڭ مېڭدە قېرىش پەيدا بولۇشقا باشلاپ، 72 ياشتا چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ.
تەتقىقاتتا يەنە قېرىغان ھۈجەيرىلەرنى تازىلاش ئۇنىڭ تەسىرىنى پەسەيتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئوتتۇرا ياشلىقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىشتا ئۈمىد بارلىقى بايقالغان.
چوڭ مېڭىگە تەسىر قىلىدىغان 3 خەتەرلىك ئامىل
چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى كۆپ مىقداردىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرقانداق بىر تەركىبىي قىسمى زىيانغا ئۇچرىسا، چوڭ مېڭىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ.
تەبىئىي قېرىشتىن كېلىپ چىققان بىلىشنىڭ چېكىنىشىدىن باشقا، نۇرغۇن تاشقى ئامىللارمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ مېڭىنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ.
مېڭە تاشقى زەخمىسى
«سۆگەت يوپۇرمىقى پىچىقى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە مېڭە تاشقى زەخمىگە ئۇچرىسا، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %3.4 ئاشىدىكەن.
تاشقى زەخمىنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش كۆرسەتمەسلىكى ئاساسلىقى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئۇچرىماسلىقىغا باغلىق. تېرە زەخىملەنگەنلىكتىن باش تېرىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا ئادەتتە ھېچ ئىش بولمايدۇ؛ قاتتىق پەردە سىرتىدىكى قانلىق ئىششىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئازراق بېسىمغا ئۇچرىسىلا، فۇنكسىيىلىك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؛ باش سۆڭىكىدىن قان چىقىش، مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىشنىڭ زىيىنى بىر قەدەر چوڭ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مېڭە قاتتىق سوقۇلغاندىن كېيىن، تاشقى يارا بولمىسىمۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرتۈش كېرەك.
يۇقۇملىنىش
چوڭ مېڭە تاشقى كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن بىۋاسىتە يۇقۇملانمايدۇ، لېكىن، پۈتۈن بەدەن ئىممۇنىتېتلىق يۇقۇملىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق مېڭە ياللۇغى باشقا يۇقۇملىنىش (تەكرار زۇكام، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار) سەۋەبىدىن بەدەندە ئۆز مېڭە توقۇلمىلىرىغا «ھۇجۇم» قىلىدىغان ئالاھىدە ئانتىتېلا پەيدا بولۇپ، مېڭە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاق خەتەرلىك ئامىللىرى بار بولۇپ، دىيابېت كېسىلى، ئوتتۇرا ياشتىكى يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك، جىسمانىي ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك ساغلاملىقى ناچار كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ھەرپ، سان، جىسىم، نەقىش قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەيدۇ؛ يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت كېسىلى بولسا چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئىمكانقەدەر ئاستىلىتىش
ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش چوڭ مېڭە ساغلاملىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. چوڭ مېڭە قانچە كۆپ ئىشلىتىلسە، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى ساقلىنىدۇ.
بىزنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىمىز 20~30 ياشتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قېرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. مەشىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ قېرىش سۈرئىتىنى ئىمكانقەدەر ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.
مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى يېتەرلىك ئوزۇقلاندۇرۇش
ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، شۇڭا تاماق تاللىماي، ئىمكانقەدەر تەڭپۇڭ غىزالىنىش كېرەك.
يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يەنە تۇزلۇق، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەككە چەك قويۇپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال دائىرىدە ساقلاش كېرەك.
مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش
ھەرىكەت قىلغاندا، پۇت- قول ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، بۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ھەر ھەپتىدە 3~5 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەت ۋە مۇۋاپىق چېنىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى ھەرىكەت قېتىم سانىغا يېتەلمىسىمۇ، پەقەت ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرسىلا، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
«ئەنگلىيە تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە 45 مىنۇت داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
بىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش
چوڭ مېڭىنى قانچە ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە ئۆتكۈر بولىدۇ، ماھارەت ئۆگىنىش، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان، مۇرەككەپ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، زېھىن سەرپ قىلىش، ئەستە تۇتۇش ۋە داۋاملىق مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش كېرەك.
دەلىل- ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيەنىڭ بىر قەدەر ئاز بولۇشى كېيىنكى ئۆمرىدە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن %8 باغلىنىشلىقى بار. ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. «ئېشىنچا ئاشلىق» قېرىغاندىن كېيىن مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى ئاستىلىتىدۇ.
چېكىنىش ئالامەتلىرىنى بالدۇرراق بايقاش
مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشى تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەمدىلا يۈز بەرگەن ئىشنى ئەستە تۇتالماسلىق، گەپ قىلغاندا پۇتلىكاشاڭ بولۇش، ئابستراكت شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىش، بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىش قىيىنلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىش.
ئۆزىنىڭ ياكى ئائىلىسىدىكىلەردە يۇقىرىقىدەك روشەن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان چىقارمىغانلىقىنى بېكىتىش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55