ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىز 30 نەچچە خىل دورا ھاسىل قىلالايدۇ

文摘   2025-01-26 18:31   新疆  



ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىز 30 نەچچە خىل دورا ھاسىل قىلالايدۇ


كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالسا ، دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ دورا ئىچىدۇ ، ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە دورىنى قانچە يېگەنسېرى شۇنچە ئاجىزلاپ كېتىدۇ ، كېلەر قېتىم دورا ئىشلەتكەندە مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ، بولۇپمۇ ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كېمىيىپ بارىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ سىز ئويلاپ بولالمايدىغان ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدىغان قۇدرەتلىك ئىقتىدارى بار .


دۇنيا تەبىئىي تىبابەت ئىلمي جەمئىيىتى بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ما يۇڭخۇا مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئادەم بەدىنى بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن يوشۇرۇن ئىقتىدار ، غايەت زور سېھرىي كۈچى ئىگە ، بۇ خىل ئىقتىدار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتمەيدۇ .

% 60 كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ
گېرمانىيە « ھاياتىي كۈچ » ژۇرنىلىنىڭ 2006 _ يىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاشقا دىققەت قىلىپ ياخشى كۈتۈنگەندىلا ،  60%—70% كېسەللىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدىكەن .

« ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم دەرجىدىن ئېيىتقاندا، دوختۇرلارنىڭ كېسەل داۋالىشى ، پەقەت ئادەم ئورگانىزمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، قوزغىتىش ۋە ئۇنى يۆلەشتىن ئىبارەت ، خالاس ! ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىكنى داۋالايدىغىنى دورا ئەمەس ، بەلكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزى .  


ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىشنىڭ پىرىنسىپى
ئادەم بەدىنىدە ئەمەلىيەتتە ھەرخىل ھورمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر « دورىخانا » بار بولۇپ ، ئۇنى تىزىپ بىرىكتۈرگەندە ، 30 نەچچە خىل يېڭى دورا پەيدا بولىدۇ . بۇلارلا ئەمەس يەنە ئادەم بەدىنىگە يەنە بىر يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان  «دوختۇر» ـــ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىش سىستېمىسى سەپلەنگەن ، بۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ، يەكلەش ئىقتىدارى ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى( ساقىيىش ۋە قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارى )، ئىچكى ئاجراتما تەڭشەش ئىقتىدارى ، سېزىمچانلىق ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .


ئادەم بىئارام بولغاندا ياكى ئاغرىپ قالغاندا ، بۇ «دوختۇر » ئادەم بەدىنىنىڭ نورمالسىزلىق سىگنالىغا سەزگۈر بولۇپ ، دەرھال ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تەڭشەپ ھەمدە ۋاقتىدا  « دورىخانا » دىكى ھەرخىل ھورمۇنلاردىن پايدىلىنىپ « دورا ياساپ » ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 

پەقەت بەدەندىكى بۇ ئالاھىدە «دوختۇر» ۋە «دورىخانا» بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغاندا ، ساغلاملىقنى ياخشى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ . ئادەم كېسەل بولغاندا دورا يېمىگەن تەقدىردىمۇ ساقىيىپ كېتەلەيدۇ.
     

 1- زۇكام
بەدەن باكتېرىيە ياكى ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ، ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىش سىستېمىسى تېز سۈرئەتتە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى يېتەكلەپ بىر مەيدان مۇداپىئە جېڭى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ تىپىك بولغىنى زۇكام .

كۆپىنچە زۇكام بولغانلار داۋالانمىسىمۇ ساقىيىدۇ ، بۇ جەريانغا تەخمىنەن 7 - 5 كۈن كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل زۇكامدەك كېسەلنى بىۋاسىتە داۋالايدىغان دورىلار يوق ، بارلىق زۇكامغا قارشى دورىلار ، زۇكامدىن كېلىپ چىققان دىمىغى پۈتۈپ قېلىش ، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ ، خالاس .   


زۇكام بولغاندىن كېيىن ، مۇنداق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ:
كۆپرەك ئارام ئېلىش بىلەن بىرگە ، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ ؛ ھەر كۈنى  2000 مىللىگرام سۇ ئىچىڭ ؛

گۆش ، تۇخۇم ، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ ، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولمايدۇ ، زۇكام بولغاندا ئەڭ ياخشىسى ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك . چۈنكى ئادەم بەدىنى ھەزىم قىلىشتا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ ، زۇكام بولغاندا بەدەندىكى T لىمفا ھۈجەيرىلىرى ۋىرۇس بىلەن ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ .

     2-  كىچىك يارا
بەدەن زەخمىگە ئۇچرىغاندا ، فىزىكىلىق زەخىملەنگەندە ، ئۇ ئۈن - تىنسىز جاراھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش . مەسىلەن، تېرە ئېھتىياتسىزلىقتىن سۈركىلىشتىن زەخىملىنىشتىن قان چىققاندا ، بىردەمدىن كېيىن تەبىئىي ھالدا توختايدۇ ، مانا بۇ بەدەندە تەبىئىي بولغان قان توختاتقۇچى دورا ـــ قان پلاستىنكىسى( 血小板 ) .
     
بەدەن سىرتقى يۈزىدىكى زەخىمدىن باشقا يەنە ، ئاشقازان يارىسى ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا ئوخشاش « جاراھەت » لەر ، ھەتتا سۇنۇق ، مېڭە زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن باشلاپ ، ئورگانىزمنىڭ دەرھال قايتا ھاسىل قىلىش رولى بويىچە تەبىي يوسۇندا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلايدۇ ، بۆلۈنۈپ يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ ، يېڭى گۆش توقۇلمىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىنى ئۆزى داۋالايدۇ .
يارىلانغان ھۈجەيرە قاقاچ تۇتۇش ئارقىلىق ئاجراپ چۈشىدۇ .

    3- يېنىك دەرىجىدىكى « ئۈچ يۇقىرى »
بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئارتۇق ئەخلەت ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ، ئۇ يەنە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ .
     

مەسىلەن، جىگەر، بۆرەك -بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ؛ بەدەندىكى يىغىلىپ قالغان ئارتۇق ماينىڭ ئىسسىقلىقى ، يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش ، مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ ،  جىگەرنى ماي قاپلاش ، قىسمەن يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، دىيابېت كېسىلى ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ، دورا يېمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ ، پەقەت بەدەندىكى يوشۇرۇن خەۋپنى قەرەللىك كۆزىتىپ ، ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاش كېرەك .

     4- ئۇيقۇسىزلىق
نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيقۇسى  كەلمىسىلا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىش ، خۇددى ئۇسسۇزلۇقنى زەھەرلىك ھاراق بىلەن قاندۇرغاندەكلا ئىش ، ئەمەلىيەتتە ، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ ، مۇۋاپىق چېنىپ بەرگەندە ، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .

ئۇندىن باشقا ، ئۈچەينىڭ ئاسان غىدىقلىنىشىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى زىيادە جىددىيلىشىش ، شۇڭا كەيپىياتنى ياخشى تەڭشەش كېرەك ، ماھىيەتتە پىسخىكا داۋالاشنىڭ ئاساسى .

    5- قىزىش
ئادەم يۇقۇملانغاندا ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش بىر خىل قوغداش مېخانىزمى، بەزى كبسەللىك باكتبرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ . دېمەك، ئومومەن  38 ℃ دىن تۆۋەن قىزىتمىدا ، كۆپرەك ئارام ئېلىپ ، كۆپرەك سۇ ئىچسىڭىز بولىدۇ ، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېيىش ھاجەتسىز .   

ئەگەر بەدەن ئاجىز بولسا ، يەنە مۇۋاپىق ھالدا ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك .

    6- ياندۇرۇش ،ئىچى سۈرۈش
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قۇسۇشى بولسا ھامىلىگە بولغان بىر خىل ئۆزىنى قوغداش ؛ كۆپىنچە چاغلاردا، ئىچى سۈرۈپ قېلىشمۇ بىرخىل ئۆزىنى قوغداش . 

 بىز تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ، كۆپ ھاللاردا رېئاكسىيەلىشىپ قوسۇش ، ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا زەھەرلىك ماددىلارنى تەن بالدۇرراق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ ، ئەڭ زور دەرىجىدە « كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنى » تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ چاغدا، پەقەت ئۈچەينى يېتەرلىك ئارام ئالدۇرۇپ ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ بەرسىلا بولىدۇ .

قانداق قىلغاندا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ؟

دىققەت! دىققەت! دىققەت! گەرچە بەدەننىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ، ئاز كېسەل بولۇش ياكى كېسەل بولماسلىق نىشانىغا يەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ۋاكالىتەن داۋالاش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

يۈرەك ، قان تومۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى
بارلىق قان تومۇرلارنىڭ ھەممىسى  يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يۈرەكنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيسە ، سەل چاتىقى بار قان تومۇرلار ، ھەممىسى ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ .

  يۈرەك ھەر كۈنى« قوزغاش»  ئۈچۈن توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ
     

تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش

يۈرەكنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، تۇز يېمەسلىك ، تۇزنىڭ ئورنىدا تەم تەڭشىگۈچ ئورنىدا ، لىمون، دولانا، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ . 
     
ئازراق كالىي ئىستېمال قىلغاندا ناترىينى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ
ناترىينى كۆپ يېسە ، يۈرەكنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، كۆكرەك چىڭقىلىش ، يۈرەك قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، يۇقىرى كالىيلىق يېمەكلىكلەر ( بانان ، خەيدەي، پالەك ) ناترىينى تازلايدۇ ، ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

 كالتسىي تولۇقلاپ قان تومۇرنى ئاسراش
ھەر كۈنى تەرخەمەك ئۇرۇقى ، قارا كۈنجۈت قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق  يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، قان تومۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ .
     

سۆڭەكنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش
سۆڭەك سۇنغاندا ، سۆڭەك تەركىبىدىكى ئاكتىپ تەركىبلەر،  سۆڭەك ھۈجەيرىسى ئۆزلۈكىدىن ئاكتىپلىشىدۇ ، ئۇ سۆڭەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ .

سۆڭەكنىڭ ئۈستىدە توختالغاندا كۆپچىلىك ۋىتامىن D ئويلايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش بىر قەدەر قالاق ، ھەقىقىي سۆڭەك ھۈجەيرىسىنى قۇلۇپلايدىغىنى ۋىتامىن K .

قوزغىتىش ئۇسۇلى : كۈنىگە بىر قېتىم پالەك ياكى چىچەك سەي ئىستېمال قىلىش ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن K مول.
سەمىمىي ئەسكەرتمە : سۇنۇپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق سۆڭەك ھۈجەيرىسىنى غىدىقلىسا ، سۆڭەكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىدۇ .

جىگەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش
جىگەرنىڭ نېكروزلانغان توقۇلمىلىرى قىسمەن كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ ، ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان ئەزا.
     
قوزغىتىش ئۇسۇلى : ئادەتتە تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، بولۇپمۇ چوڭ چىلاننى سۇدا قاينىتىپ داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ، جىگەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ .

بۆرەكنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش
نۇرغۇن كىشىلەر بۆرەكنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدۇ .
     
بۆرەك ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئۈستىدە توختالغاندا ، « داڭلىق جۇڭگو تىبابىتى پىشىۋاسى » ، بۆرەك كېسىلى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور  جېڭ شىن( 郑新 )تەمىنلىگەن بىرخىل ئۇسۇل :   

قوزغىتىش ئۇسۇلى :كەتىرا شورپا تاماقى .

كەتىرا ( 黄芪 )ئاۋۋال قاينىتىش ، ئاندىن دۈملەيمىز ، بىر كۈنلۈك مىقدارى 100 گىرام ئىچىدە بولسا بولىدۇ .    eldawa سالونى

ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش

ئاشقازان - ئۈچەي يولى ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى يېڭىلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ھۈجەيرە ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1-2 كۈندە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ ۋاقتى چىڭ تۇتۇش كېرەك:
قوزغىتىش ئۇسۇلى :ناشتىدا پۈتۈن دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ، دەل ئادەتتىكى كۆممىقۇناق ، سۇلۇ ، بۇغداي مومىسى .  

مۇشۇنداق ئىستىمال قىلغاندا ، ئاشقازان قىسمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ .

 ئۆپكىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش
ئىس - تۈتەك قاتارلىق ئېغىر بۇلغىنىش ئۆپكىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ، ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ . ئۆپكىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش  ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە رېتىنوئىك كىسلاتا( 视黄酸 ) پايدىلىق .

قوزغىتىش ئۇسۇلى :سەۋزە ، چامغۇر ، تاتلىقياڭيۇ ۋە مانگونىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش ، مىقدارى 900 مىللىگرام تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك .

چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش
ئەمەلىيەتتە ، بىزنىڭ مىڭىمىز ئادەم قېرىغاندا ئاندىن قېرىيدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىلا نېۋرون ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدۇ. لېكىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ .  

نېۋرون ھاسىل قىلىشنى قوزغىتىپ ، تولۇق ئۇخلاپ ياتقان چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئويغۇتۇش :

قوزغىتىش ئۇسۇلى : تىز مېڭىش . ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ، ھەپتىدە 2-3 كۈن .

ئەتراپىڭىزغا قاراڭ ئۇ بەخىتسىز دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دوستلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن يىل ھەرىكەت قىلالمايدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئۇلاردىكى ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان . 

ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا :
ھەممەيلەننىڭ بەدىنىدە ئەسلىدىن بىر  كامالەتكە يەتكەن «دوختۇر» ۋە تېپىلغۇسىز «دورىلار خەزىنىسى» بار بولۇپ، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەملىشىپ بەرسەكلا، ئويلىمىغان قالتىس ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيمىز. 


مەزمۇن يارىغان بولسا، ئەجرىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى  بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!





بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟


سىزنىڭ بەدەن شەكىلىڭىز قايسى خىل بەدەن شەكلىگە تەۋە؟ ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىك؟ بۇ بەدەن شەكىللىرىگە يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەمسىز؟ بىلمەكچى بولسىڭىز...

سالونىمىزغا 180 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章