ياشلاردىكى دانىخورەك چىقىش سەۋەبى| يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى

文摘   2025-01-19 13:34   新疆  


ياشلاردىكى دانىخورەك چىقىش سەۋەبى| يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى


دانىخورەك ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىسىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، يېمەك -ئىچمەك بىلەنمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك . 

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە ئەگىشىپ ، يېمەك -ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىكى ھايۋانات مېيى ۋە ئاقسىلنىڭ نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ھايۋانات مېيى ۋە ئۇنىڭدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرى ، خام قايماق ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ياغ بېزىنىڭ ياغ چىقىرىشى ۋە يامانلىشىشىنى تېزلىتىدۇ .

غىدىقلايدىغان دورا -دەرمەكلەر ۋە ھاراقنىڭ قان تومۇرنى كېڭەيتىش رولى بار . ئەگەر ئۇلارنى زور مىقداردا ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ، ياغ بېزى ئاجرالمىرىلىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، تېرىگە دانىخورەك چىقىدۇ .

تاتلىق يېمەكلىكلەرمۇ دانىخورەك چىقرىدىغان يەنە بىر ئاساسلىق ئامىل . بىر قىسىم ياش -ئۆسمۈرلەر تورت ، شاكىلات ، قىزىل پۇرچاق شورپىسى ، ماروژنى ، مېۋە شەربىتى ، بانان ، ئىچىملىك ، پېچىنە قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك . ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كولا قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ . بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ .

دانىخورەكنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
1- تەسۋىقوناقتىن 50 گرام ، ئاق شېكەردىن 15 گرام ئېلىپ ، قوناقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، ھەركۈنى مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىمدىن ئۇدا بىر ئاي ئىستېمال قىلىنىدۇ. 




- ئاپېلسىن ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قۇرۇتۇپ ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز تېرىسىگە سۈركەپ ، ئەتىگىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق


ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا  تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.


ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .


سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.





سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章