بانانغا بۇنى قوشۇپ يەڭ قەۋزىيەت راۋانلىشىدۇ
3 كۈندە باناندىن بىركىلو يېگەن بولسىمۇ، لېكىن چوڭ تەرەت ئازراقمۇ راۋانلاشمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
تۆۋەندىكىلىرى تورداشلىرى قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى ، كۆرۈپ باقايلى :
* مەندە قەۋزىيەت ئېغىر، دېيىشتىن سەل خىجىل بولىمەن.
* ئىلگىرى ئاشقازان ـ ئۈچەي ناچار بولغاچقا، قورساققا كىرىپ كەتكەن نەرسىلەر، يەپ ئۈچ ـ تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتسىمۇ چىقاي ئازابلايتتى.
* بىر ھەپتە ئىچىدە، مەن ئاز دېگەندە 3-4 كۈن چوڭ تەرەتنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىمەن.
* ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ھاۋا سوۋۇپ كېتىپ، دوستۇم بىلەن ساماۋەر شورپىسى يېگىلى بارغان، نەتىجىدە ھازىر يەنە بۇ ئازابنى تارتىۋاتىمەن.
* بۇ قېتىم سۈرگە دورىسى ئىشلەتكۈم يوق، ئەكس تەسىرى بەك چوڭكەن، بىر قېتىمدىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىپ ماڭالماي قالدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن بانان تېپىپ يېدىم.
ئەسلىدە بانان كارغا كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە ئۇدا 3 كۈن دە بىركىلو باناننى يەۋەتسەممۇ، لېكىن ئازراقمۇ پايدىسى بولمىدى.
بۇ چاغدا دوختۇر بولغان ھاممام بىر ئىش بىلەن مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مەن يېگەن باناننى كۆرۈپ، ئۇدۇللا « خاتا سېتىۋاپسىز» دېدى.
مەن شۇ ھامان گاڭگىراپ قالدىم.
ھاممام ماڭا « تەرەتنى راۋانلاشتۇرۈش ئۈچۈن، پىشقان باناننى تاللاش كېرەك» دېدى، شۇندىلا چۈشەندىم ، ئەلۋەتتە پىشمىغان باناننى يېسەم، ئۈنۈمى بولمايدۇ ـ دە.
بۇ قېتىم مەن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم.
ھاممام مېڭىشتىن بۇرۇن، ماڭا رېتسېپتىن بىرنى ئۆگىتىپ قويدى، ئۇ بولسىمۇ باناننى سالات قىلىش.
بىراق ئىچىگە ئازراق زىغىر يېغى قوشۇلىدىكەن، زىغىر مېيى 火麻油 بىر خىل خۇشپۇراق ئۆسۈملۈك مېيى.
ئىستېمال قىلىش جەريانىدا، ئاشقازان ـ ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
چوڭ تەرەتنى چىقىرىش قىيىن بولغاندا، قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، زىغىر يېغىمۇ ئۇنىڭدىكى سۇ تەركىبىنى قۇلۇپلاپ، چوڭ تەرەتنىڭ بەك قۇرغاق، چىقىرىش تەس بولۇشىدىن ساقلايدۇ.
دەسلەپتە قويغاندا بەك مايلىق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم، نەتىجىدە بەك مەززىلىك بولۇپ كەتتى، ھەر قېتىم بانان سالات قىلسام ئارىلاشتۇرىمەن. ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك.
ھاممام بۇ خىل ياغنى قوشقاندىن باشقا، يەنە ئازراق كۆممىقوناق پىشۇرۇپ يېيىشىمنى ئېيتتى، ئۇ ئۆسۈملۈك تالاسى بىر قەدەر كۆپ بولغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئەگەر كۆپچىلىكتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە بولسا، تېزدىن سىناپ بېقىڭ.
مەزمۇن يارىغان بولسا، ئەجرىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
ئامىرىكا پىسخىك سىنىقى : نامسىز بارماق ئۇزۇنلىقى خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئوڭ قولىڭىزنى تۆۋەندىكى رەسىمدەك چىقىرىپ قاراپ بېقىڭ نامسىز بارمىقىڭىز ئاستىدىكى رەسىمدىن قايسىسىغا چۈشىدىكەن ؟
ناسىز بارماقنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقى ئارقىلىق خاراكتېرىڭىزنى چۈشىنىپ بېقىڭ :
A. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماقتىن ئۇزۇن ؛
B. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماقتىن قىسقا ؛
C. نامسىز بارماق كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن تەڭ ؛
ئەلداۋا سالونىغا 656 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋابىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55