مەزى بېزى راكى ۋە مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ پەرقى
مەزى بېزى راكى 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە بولۇپ، 60 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كۆپ يۈز بېرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، شۇڭا بۇ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېشى چوڭ ئەرلەر كۆپرەك ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئېلىمىزدە مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە 7ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، جىگەر راكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇش خەۋەر شۇكى، مەزى بېزى راكىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، بالدۇر بايقاپ ھەم ۋاقتىدا داۋالىغاندا، 5 يىل ياشاش نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا، 5 يىل ياشاش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
مەزى بېزى راكى ۋە مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، سۈيدۈك چىقىرىشتا كۈچ سەرپ قىلىش، پاكىز سىيەلمەسلىك، پات ـ پات سىيىش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىقلار، بىراق بەزى ئالاھىدە بەلگىلەرمۇ بار.
ئەلداۋا بۈگۈن ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە كىلىنىكىدىكى ئەمەلىي مىسالدىن سۆزلەپ بەرمەكچى.
ئەسقەر ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) بۇ يىل 50 نەچچە ياشقا كىرگەن، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، ئەسقەر ھاجەتخانىغا كىرگەندە، ئۆزىدە سۈيدۈك راۋان بولماسلىق ۋە پاكىز سىيەلمەسلىك ئەھۋالىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات ـ پات سىيىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن، ئەسقەر بەلكىم يېشىم چوڭىيىپ، مەزى بېزى ئۆسۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان.
ئۆزى بىر شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولغاچقا، كۈندىلىك خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش ، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە ئالدىرىماي، ئاۋۋال كۆزىتىپ باقماقچى بولغان.
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئۆزىنىڭ كىچىك تەرىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، كېچىدە كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپلا قالماي، يەنە دائىم ئۈزۈلۈپ ـ ئۈزۈلۈپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولغان.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئەسقەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ كىچىك تەرىتىنىڭ ئازراق قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، بۇ ئېنىقلا قان سىيىش بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى سىگنال ئەمەس!
ئەسقەر دەرھال دوختۇرخانىغا بارغان، نەتىجىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزى بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
مەزى بېزى راكى بىلەن مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ناھايىتى چوڭ پەرقى بار، يەنى كىچىك تەرەتتە قان دېغى بولىدۇ، بۇ ئۆزگىچە سىگنال مەزى بېزى راكىنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندا ئادەتتە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشكەندەك قاتتىق ئاغرىمايدۇ، كۆپ ھاللاردا يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ، ھەتتا ئاغرىمايدۇ.
مەزى بېزى راكىدا قان سىيىش ئاساسلىقى ئۆسمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى توقۇلمىلىرىغا ئىنفىلتراتسىيىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەزى بېزى راكىدىن باشقا، دوۋساق راكى ۋە بۆرەك راكىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قان سىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بىر قېتىم كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن باشقا، يەنە ساغلام يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر بەدىنىڭىزدە بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.
مەزمۇن يارىغان بولسا، ئەجرىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
قىزىقارلىق سىناق: سىز ھەقىقىي ئەرمۇ؟ ھەقىقىي ئايالمۇ؟
بەزى ئەرلەردە خاراكتىر جەھەتتە ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. بەزى ئاياللاردا ھەم ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. ئۇنداقتا قېنى ئۆزىڭىزدىكى ئەرلىك ياكى ئاياللىق خاراكتېر قانچىلىك دەرىجىدە ساپ؟ سىناپ كۆرۈڭ!تۆۋەندىكى رەسىمنى تۇنجى كۆرۈشىڭىزدە (بىر قاراشتا) بايقىغىنىڭىز نېمە؟
سالونىمىزغا 155 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55