ئەسلى قىزىل بۇرۇن بۇخىل باكتېرىيەنىڭ مەھسۇلى ئىكەن

文摘   健康   2025-01-26 18:31   新疆  




ئەسلى قىزىل بۇرۇن بۇخىل باكتېرىيەنىڭ مەھسۇلى ئىكەن


يۈز تېرىڭىزدە مەسىلە يوق بولسىمۇ، بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپى دائىم قىزىرىپ يەنە ئازراق سويۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋال بارمۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى تېرە ئاسراشنىڭ جايىدا بولمىغاندەك ھېس قىلىپ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ ياكى ئىشلىتىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، لېكىن يەنىلا قىزىرىش، كېپەك يوقىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ بىر خىل باكتېرىيەنىڭ  تەسىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ.


مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇرۇن قانىتىنىڭ قىزىرىشىغا قانداق قىلىپ ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشنى ھەمدە كۈندىلىك تېرە ئاسراشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئورتاقلاشتى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسىسلەر
قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تىببىي داشۆسى غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ شىچۈەن؛
ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى خۇاڭ چيۇيى؛

بۇرۇن قانىتىنىڭ قىزىرىشى 3 خىل «كېسەل»دىن بولۇشى مۇمكىن
بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېرە بىر قەدەر نېپىز، يېنىك قىزىرىشتىن باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا، بۇ نورمال. لېكىن بەزى ئەھۋاللارنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا دوختۇردىن قاراتمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.


ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغى
بۇرۇن قانىتى، بۇرۇن - كالپۇك ئېرىقچىسى قىزىرىش، كېپەكلىشىش، ھەتتا سارغۇچ قىزىل رەڭلىك قاقاچ تۇتۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغى تەكرار قوزغىلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ، ھەتتا، نەچچە ئون يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئادەتتە سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.


قايسى ئامىللار ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش 

نۆۋەتتە مەلۇم بولغان، ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب شۇكى، تېرە يېغىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچلۈك بولۇپ، ماراتسېزىيە باكتېرىيەسى (马拉色菌 بىر خىل زەمبۇرۇغ ) نى ياخشى ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2. تېرە يېغى كۆپىيىش
تېرە ياغ بېزىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاجرىلىپ چىقىشى ئەرلىك ھورمون سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلىك ھورمون سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بوۋاقلار، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى كىشىلەر توپى ۋە ئەرلەردە ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.


3. ئىممۇنىتېت تۆۋەنلەش 

ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئورگانىزمنىڭ ماراتسېزىيە باكتېرىيەسىگە بولغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنىڭ نورمالسىزلىقى ئاسانلا ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


4. يېمەك - ئىچمەك تەرتىپسىز بولۇش

يېمەك - ئىچمەكنىڭ زىيادە مايلىق بولۇشى، قەنت تۈرىدىكىلەرنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش، ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى زىيادە يېيىش قاتارلىقلار ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەردۇر.


5. دانىخورەك
نۇرغۇن ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغى بىمارلىرىدا دەسلەپكى مەزگىلدە دانىخورەك بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئادەتتىكى دانىخورەك ياكى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى دانىخورەكنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ياكى مۇۋاپىق ئاسرىمىغاندا، ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىنى قايسى كېسەللىكلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟


1. قىزىل بۇرۇن دانىخورىكى
بۇ دائىم دەيدىغان قىزىل بۇرۇن بولۇپ، بۇرۇن قانىتىدىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، يۈز قىسمىدا قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋە، يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تېرە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھەرىكەتتىن كېيىن ئاسانلا قىزىپ قىچىشىدۇ. ئەلۋەتتە ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىغا ھەمراھ دانىخورەكلەرمۇ ئاز ئەمەس.



2. ئادەتتىكى دانىخورەك
ئادەتتىكى دانىخورەك، ياللۇغلۇق دۆڭچە ئەسۋە، تۈگۈنچە، خالتىلىق ئىششىق قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغى بىلەن دانىخورەكنىڭ تەڭ قوزغىلىشى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پاكىز يۈز چاپلىقى، مۈڭگۈز ماددىلىق مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە، بۇرۇن قىسمىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنى زەخىملەندۈرۈپ، بۇرۇن قانىتى قىزىرىپ، سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ.

ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى 3 ئۇسۇل:

ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئاساسلىقى ياللۇغقا، زەمبۇرۇغقا ۋە مۈڭگۈز ماددىسىنىڭ سويۇلىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك، ئادەتتە تۆۋەندىكى 3 خىل داۋالاش ئۇسۇلى بار:
1. سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغقا قارشى مەلھەم 

مەسىلەن، كۈندۈزى بىر قېتىم %2 لىك كېتوكونازول مەلھىمى(酮康唑乳膏) ياكى بىفېنىل بېنزول مەلھىمى(联苯苄唑乳膏) (زەمبۇرۇغقا قارشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئالاھىدە بولمىغان ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى بار).


2. سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان كالتسىي فوسفات فېرمېنتىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار
ئەگەر ياللۇغ كۆرۈنەرلىك بولسا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم پىرىمېموس مەلھىمى(美莫司乳膏) ياكى تاكېموس مەلھىمىنى(他克莫司软膏) سىرتتىن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.


3 . ئىچىدىغان دورىلار
ئەگەر نوقۇل سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلار بىلەن كونترول قىلغىلى بولسا، ئىچىش ھاجەتسىز. ئەگەر ياخشى كونترول قىلىنمىسا، ئىتراكونازول كاپسۇلىنى (伊曲康唑胶囊) ماسلاشتۇرۇپ ئىچسە بولىدۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغىغا ئاز مىقداردا ئىزوA كىسلاتا يۇمشاق كاپسۇلىنى(异维A酸软胶囊) ئىچسە بولىدۇ.


لېكىن ئىستېمال قىلىش - قىلماسلىق، ئىستېمال قىلىش مىقدارى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، كەسپىي تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئىشلىتىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمىز.

كۈندىلىك تېرە ئاسراشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئەسلىدىنلا يۈز قىسمىدا ياللۇغ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ياكى قېلىپلاشمىغان ئىشلىتىش تارىخى بولغاچقا، تېرە توسۇقى زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا بىماردا دائىم تېرە چىڭقىلىش، قۇرغاقلىشىش قاتارلىق سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

مۆتىدىل يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش 

ھەقىقەتەن قانداق تاللاشنى بىلمىسە،  ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى تازىلىسا بولىدۇ،  يۈز يۇيغاندىكى ھەرىكەت مۇلايىم بولۇشى كېرەك.  نەملىك تولۇقلانشى ياخشى قىلىش.


شارائىتقا، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش
ئوخشاش بولمىغان نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندە، مەيلى نەملىك ساقلاش سۇيۇقلۇقى ياكى نەملىك ساقلاش مەلھىمى بولسۇن، پەقەت نەملىك ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسىلا، ئىشلەتكەندىن كېيىن تېرە بىر قەدەر راھەت ھېس قىلسىلا بولىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلىنىشتىكى abc پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش
a ئەڭ ياخشى ئاپتاپتىن ساقلىنىش، b ئاپتاپتىن ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالپاق كىيىش  كۈنلۈك تۇتۇش، c ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈركەش كېرەك.


ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغى ئادەتتە سېزىمچانلىقى سوغۇق، قۇرغاق قىش پەسلىدە ئېغىرلىشىدۇ، لېكىن ياز پەسلىدە ياخشىلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاپتاپقا قاقلىنىش بولۇشى مۇمكىن.


شۇڭا مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىش ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغىغا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇشى، ياخشى ئارام ئېلىشى، تۈنىمەسلىك كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!

قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...









ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章