كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
11 -قىسىم
11-قىسىم
زىلالەنىڭ بىر تال چېچىغىمۇ تەڭ قىلمايمەن (1)
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىنىڭ ئالدىدا.
خىزمەتچى خادىملار زىلالەنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:
- سەپىرىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن. - دېدى.
زىلالە رەھمەت ئېيتىپ، ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ، ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىغا كىرىشكە تەييارلاندى.
- زىلالە! - جەسۇر ئېتىلىپ كېلىپ، تەكشۈرۈش يولىغا كىرىشتىن بۇرۇن، بىلىكىدىن تۇتۇپ تارتىپ:
- زادى نېمە ئىش بولدى، تېلېفوننىمۇ ئالمىدىڭىز، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلغاننىمۇ دېمەپسىز!؟ - دېدى.
- مەينەت قولىڭىز بىلەن مېنى تۇتماڭ، - دېدى زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قولىنى سىلكىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىغا قاراپ ماڭدى.
- زىلالە! - جەسۇر يۈگۈرۈپ كېلىپ، قولىنى سوزۇپ ئالدىنى توسۇپ، - ئەگەر بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان بولسام دەپ بېرىڭ ، بۇنداق قىلماڭ بولامدۇ؟ - دېدى.
- ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدىڭىز. - دېدى زىلالە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىپ، - مەن خاتالاشتىم، ھېچقانداق ئەرگە ئىشەنمەسلىكىم كېرەك ئىدى. - دېدى.
- سىز زادى نېمە دەۋاتىسىز، گەپنى ئېنىق قىلىڭ. - دېدى جەسۇر ئىلاجىسىز قېلىپ، - ھېچ بولمىغاندا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بېرىشىڭىز كېرەكقۇ؟ - دېدى.
- چۈشەندۈرەمسىز؟ - دېدى زىلالە ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، - ئاتالمىش چۈشەندۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ يالغانچىلىق بىلەن بۇرۇنقى يالغانچىلىقنى يوشۇرۇش ، - دېدى.
جەسۇر قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ:
- ئۇنداق ئەمەس، مەن بەزى ئىشلاردا سىزگە راست گەپ قىلمىغانلىقىمنى بىلىمەن، لېكىن ... - دېدى .
- مېنى تۇتماڭ! - دېدى زىلالە ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، بىلىكىنى كۈچەپ سىلكىۋەتتى.
زىيادە كۈچەپ كەتكەچكە، ئىسكىرىپكىسى يەرگە قاتتىق چۈشتى.
جەسۇر ئىتتىك يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ:
- بىلىمەن، چوقۇم مېنىڭ خاتالىقىم، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، سىز ئاۋۋال بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرماڭ، بىز بىرەر جاينى تېپىپ ئولتۇرۇپ ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقايلى، بولامدۇ؟ - دېدى.
- جەسۇر، ئۆزىڭىزنى بەك ئاشۇرۇۋەتتىم دەپ قارىمامسىز؟ توغرا، مەن سىزگە ئادەمگەرچىلىككە قەرز، يەنە كېلىپ قەرزىمنىڭ كۆپلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. توي قىلىمەن دېگەنتىڭىز قىلدىم، تيەننىڭنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئالىمەن دېگەنتىڭىز بەردىم؛ مۇھەببەت ئويۇنى ئوينىماقچى بولدىڭىز، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بەردىم؛ تالاغا قاراپ باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولسىڭىز، ھېچنېمىنى كۆرمىگەن بولىۋالسام تامامەن بولىدۇ...
لېكىن، مېنىڭمۇ غۇرۇرۇم بار، ئىززەت-ھۆرمىتىمنى بۇنداق دەپسەندە قىلسىڭىز بولمايدۇ! - دېدى زىلالە.
تالاغا قاراپ قېلىش؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان جەسۇر ھاڭ-تاڭ قېلىپ:
- تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئىشنى دەمسىز، بۇ سىز ئويلىغاندەك ئىش ئەمەس، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، زىبارە يېقىلىپ يارىلاندى، شۇڭا... - دېدى.
- بولدى بەس! - دېدى زىلالە ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاشنى خالىماي، - بۇنداق ئويۇننى ئويناپ ھېرىپ قالدىم، ئەمدى ئوينىغۇم يوق، ھەممە ئىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. - دېدى - دە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، جەسۇرنىڭ قولىدىن ئىسكىرۇپىسىنى تارتىپ ئېلىپ، - سىزگە قەرز بولۇپ قالغان پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن، ئاكامنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن، يەنە بىر ئىش ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ئادۋوكات ئارقىلىق ئاجرىشىش كېلىشىمىنى ئەۋەتىمەن! - دېدى ۋە بۇرۇلۇپ تېز قەدەم بىلەن كىرىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.
- زىلالە! - جەسۇر كەينىدىن قوغلاپ كەلدى، لېكىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار توسۇۋېلىپ:
- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، كىرسىڭىز بولمايدۇ. - دېدى.
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، زىلالەنىڭ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىراقلاپ، كۆزدىن غايىب بولغانلىقىغا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، قولىنى كۆتۈرۈپ پېشانىسىنى سۈرتۈپ، ئۇھ تارتتى.
يانچۇقىدىكى تېلېفون تىترىدى.
قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە يانفونىنى چىقىرىپ، ئېكراندىكى ئەنۋەرنىڭ نومۇرغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، تېلېفوننى ئېلىپ:
- دەڭە، - دېدى.
- جەسۇر دىرېكتور، تۈنۈگۈن ماڭا بەرگەن ماتېرىيالنى تەكشۈرۈپ بولدۇم. - دېدى ئەنۋەر.
- نەتىجىسى قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى تيەننىڭ گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ باقمىغانلىقىنى، تيەننىڭ ياتاق بىناسى تۈرىگە قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ باقتىم، بۇلار ھەقىقەتەن تيەننىڭ گۇرۇھىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرى ئەمەسكەن. جەسۇر دىرېكتور... - دېدى ئەنۋەر ئىككى سېكۇنت ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ، ـ ماتېرىيالنى زادى قەيەردىن تاپقانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، ساختىدەك قىلامدۇ قانداق؟ - دېدى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈردى.
ئەگەر ماتېرىيال يالغان بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار.
بىر بولسا قەيسەر قەستەن ساختا ماتېرىيالنى چۈشۈرۈپ قويغان، يا بولمىسا زىبارە ئۇنى ئالدىدى.
- بىلدىم. - دېدى جەسۇر بۇرۇلۇپ دېرىزە سىرتىدىكى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭغاچ:
- ماڭا ئەتىنىڭ ئايروپىلانىدىن زاكاز قىلىپ بېرىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئەتە مەن بىلەن بىللە بېرىڭ. - دېدى - دە، ماشىنىنى ھەيدەپ ئايرودۇرۇمدىن چىقتى.
ئۇدۇل داچا رايونىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماشىنىنى بىۋاسىتە ئەكبەرنىڭ داچىسىنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كېلىپ، ئىشىكنى قاتتىق چەكتى.
ئىشىكنى ئەكبەر ئاچتى، جەسۇرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپ:
- بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- زىبارەنى ئىزدەيمەن. - دېدى جەسۇر.
ئەكبەر ئىشنىڭ زىلالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ، يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ:
- زىبارەنى ئىزدەيدىغان نېمە ئىشىڭىز بارتى؟ - دەپ سورىدى.
- ئاكا، كىمكەن؟ - زىبارە ئاشخانىدىن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان سالاتنى ئېلىپ ، تاماق ئۈستىلىگە قويغاچ، ئىشىك سىرتىدا تۇرغان جەسۇرنى كۆرۈپ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ:
- جەسۇر ئاكا، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، كەچلىك تاماقمۇ تەييار بولدى، بىللە تاماق يەيلى، - دېدى.
ئەكبەر ئامالسىز ئىشىك سىرتىدىكى جەسۇرنى مېھمانخانىغا باشلاپ كىردى.
جەسۇر زىبارەنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، چوڭقۇر مەنىلىك تەلەپپۇزدا:
- ماڭا راست گەپ قىلىڭ، تۈنۈگۈن ماڭا بەرگەن ماتېرىيالنى زادى نەدىن تاپتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- تۈنۈگۈن ھەممىنى دېدىمغۇ!؟ - دېدى زىبارە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ، ‐ نېمە قىلىۋاتىسىز، قېنى، ئولتۇرەڭە، تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى. - دېدى زىبارە قولىنى سوزۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇندۇقنى تارتىپ بېرىپ، - بۇ سالاتنى مەن ئارىلاشتۇرغان، سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۈنجۈت قىيامى سالدىم! - دېدى.
ئورۇندۇقنى تارتىش جەريانىدا بىلىكى كىيىمىدىن چىقىپ، بىلەيزۈكمۇ كۆرۈنۈپ قالدى.
بېغىشىدىكى زىلالەغا سوۋغا قىلغان بىلەيزۈككە ئوخشاش بىلەيزۈككە دىققەت قىلغان جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- زىلالەغا بىر نېمە دېدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ بىلەزۈكنى كۆرگەنلىكىنى بىلگەن زىبارە ئالاقزەدە بولۇپ، ئىختىيارسىز قولىنى يوشۇرماقچى بولۇپ:
- جەسۇر ئاكا، سىز... سىز زادى نېمە دەۋاتىسىز؟ - دېدى.
جەسۇر بارماقلىرىنى چىڭىتىپ، زىبارەنىڭ بىلىكىنى بوشلۇققا كۆتۈرۈپ:
- نېمە ئۈچۈن سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق بىلەيزۈكىڭىز بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ سېتىۋالدىم، سىزنىڭمۇ زىلالەغا بىرنى سوۋغا قىلغىنىڭىزنى نەدىن بىلەي، - دېدى زىبارە تىركىشىپ قولىنى تارتىپ، - جەسۇر، ئاغرىتىۋەتتىڭىز. - دېدى.
زىلالەنىڭ قاتتىق ئاچچىقلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.
بىلەزۈكنى كۆرگەن جەسۇر ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاساسەن پەرەز قىلىپ:
- دەرۋەقە سىز ئىكەنسىز! زىبارە، ھەقىقەتەن پەسكەشكەنسىز! - دەپ بىرنى ئىتتىردى.
زىبارە كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ تاماق شىرەسىگە قاتتىق سوقۇلدى.
- زىبارە! - ئەكبەر ئېتىلىپ كېلىپ، زىبارەنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ، - بىرەر يېرىڭىز يارىلانمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
زىبارە بېشىنى يېنىك چايقىدى.
ئەكبەر ئۇنى كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- جەسۇر، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، زىبارە ئۇ... ئۇ پەقەت بىر مەھەل گاڭگىراپ قالدى. - دېدى.
- بىر مەھەل گاڭگىراپ قالدىمۇ تېخى؟ - دېدى جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ، - بىر مەھەل گاڭگىراپ قالسا زىلالەغا زىيانكەشلىك قىلسا بولامدۇ؟ سىلەر زىلالەنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ - دېدى.
زىلالەنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يىراق ئەلگە يالغۇز كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسىلا، يۈرىكى كېسىلگەندەك ئېچىشاتتى.
- مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، بىلىمەن، بۇ قېتىم زىبارە خاتا قىلدى. - دېدى ئەكبەر ئەپۇ سوراپ، - ئۆزۈم بېرىپ زىلالەغا چۈشەندۈرەي، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراي بولامدۇ؟ - دېدى.
جەسۇر بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- باشقىلارغا ئازار بەرگەندىن كېيىن، بىر ئېغىز كەچۈرۈم سورىسىلا تۈگەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ سىلەر زىلالەنى نېمە دەپ قالدىڭلار، مېنى نېمە دەپ قالدىڭلار؟ - دەپلا ئەكبەرنىڭ ياقىسىدىن تارتتى. كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك بالقىپ، - ئەينى يىلى، زىبارەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جېنىمدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدىم. ئەكبەر، مەن سىزنى دوستۇم، قېرىندىشىم دەپ قارايمەن. يەنە سىڭلىڭىزنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرۈپ كەلدىم. سىلەرچۇ؟! ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىلەر؟ - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar