مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 8-قىسىم_ ساختىپەزلىك قىلماڭ

文摘   小说   2024-09-16 14:02   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  









دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  36  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321



76







مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

8 -قىسىم

   

2-بۆلۈم

8-قىسىم

 ساختىپەزلىك قىلماڭ.


جەسۇر ئاشخانىغا تۇرۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى زىلالەنىڭ مۇزىكىنى ئۇدا نەچچە قېتىم خاتا چالغانلىقىنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى تۈردى.

 تۆت قېتىم خاتا چالدى.

زىلالەنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە، بۇنداق تونۇش مۇزىكىدا خاتالىق چىقماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئەجەبا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟

جەسۇر چوكىنى تاشلاپ پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدى.

-- دىر - دىر

ئۈستەلدىكى تېلېفون تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.

جەسۇر  تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، ئېكراندىكى زىبارەنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ، توختاپ تېلېفوننى ئېلىپ:

 - ۋەي، زىبارە؟  -  دېدى.

- جەسۇر ئاكا ... مەن  -  مەن... - دېدى.

پولتۇڭ.

تېلېفوندا، غەلىتە  ئاۋاز ئاڭلاندى.

بىر پەس ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن كېيىن، پۈتۈنلەي ئاۋاز چىقمىدى.

ئۈزۈلگەن تېلېفونغا قاراپ، جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى.

پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان زىلالە پولنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىدىن ئۇنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان كۆلەڭگىسىگە قاراپ، ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى.

بىنادىن چۈشمەكچى بولغان ئوڭ پۇتىنى قايتۇرۇپ،  بۇرۇلۇپ ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

جەسۇر يول بويى يۈگۈرۈپ، ئەكبەرنىڭ داچىسىغا كېلىپ، ئىشىكنى قاتتىق چەكتى.

زىبارەنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىماي، ئۇياق-بۇياققا قاراپ، داچىنىڭ يېنىغا باردى.

 ئوچۇق تۇرغان ئارقا ئىشىكىنى كۆرۈپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ، زىبارەنىڭ ياتىقىغا كەلدى.

ياتاق ئۆيدە ئادەم يوق، مۇنچىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، چىراغ يورۇق تۇراتتى.

 ئىشىكنى ئېچىۋىدى، زىبارەنىڭ مۇنچا لۆڭگىسىنى يۆگەپ، ۋاننىنىڭ بىر تەرىپىدە ياتقانلىقىنى كۆردى.

يەنە سۇ قاچىلانغان ۋاننىدا تېلېفون تۇراتتى.

 - زىبارە! - جەسۇر ئېتىلىپ كېلىپ،  مۈرىسىنى تۇتۇپ،

  - قانداقراق تۇرىسىز؟ -  دەپ سورىدى.

زىبارە كۆزىنى بوشقىنە ئېچىپ، ئۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ:

- جەسۇر ئاكا، سىز ... سىز نېمىشقا كەلدىڭىز؟  - دەپ سورىدى.  

 - تۇيۇقسىز ئاۋازىڭىز ئاڭلانماي قالدى،  خاتىرجەم بولالماي  كەلدىم. - دېدى جەسۇر.  

 -   سەت بولدى،  بېشىم ئازراق قېيىپ، شۇڭا سىزگە تېلېفون قىلغانتىم.  -  دېدى زىبارە.

 جەسۇر ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:

 - ھازىر قانداقراق؟  -  دەپ سورىدى.

 - خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم. - دېدى زىبارە زەئىپ كۈلۈپ قويۇپ، - تازىمۇ بىر، سىزنى تولىمۇ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.  -  دېدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۇنى يۆلەپ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ، كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ:

  -  قانداق قىلىپ ھوشىڭىزدىن كەتتىڭىز؟  - دەپ سورىدى.  

- مەنمۇ بىلمەيمەن، يۇيۇنۇپ بولۇپلا بېشىم قايغاندەك بولدى، - دېدى زىبارە قاپىقىنى تۈرۈپ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ،  - چوڭ ئىش يوق، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، تېز قايتىپ كېتىڭ، -  دېدى.   

 -  بۇ ھالىتىڭىزدە يالغۇز  قانداق قىلىسىز؟ - دېدى جەسۇر سائەتكە قاراپ،  - ئەكبەر نېمىشقا تېخىچە قايتىپ كەلمەيدۇ،  -  دەپ سورىدى.

- ئاكامنىڭ قولىدا بىر نەچچە دىلو بار،  كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتى. - دېدى زىبارە.

جەسۇر قىزنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ،  قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- ھېچقىسى يوق، بۈگۈن كەچ  ھالىڭىزدىن  مەن خەۋەر ئالىمەن،  يېتىۋېلىڭ، چىقىپ زىلالەغا دەپ قوياي.  -  دېدى.

زىبارەنىڭ ياتىقىدىن چىقىپ، يانفونىنى چىقىرىپ، زىلالەغا تېلېفون قىلىپ:

 -  ۋەي، خوتۇن ، زىبارەنىڭ بېشى ئازراق قېيىۋاتىدۇ، ئەكبەر يوق، بۈگۈن كەچ  بۇ يەردە قېلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي، بولامدۇ؟  -  دېدى.

 تېخى ئۇنىڭدىن سوراۋاتامدۇ؟

زىلالە تېلېفوننى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى.

لەۋلىرىدە كۈلكە، ئەمما كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ:

- ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ.  -  دېدى.

- ئۇنداقتا بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، بەك ئۇزۇن مەشىق قىلماڭ.  -  دېدى جەسۇر.  تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، بۇرۇلۇپ كارىۋاتتا ياتقان زىبارەغا بىر قاراپ قويۇپ، ياتىقىغا قايتا كىرمىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، قارشى تەرەپ قىز بالا.

زىلالە ئۇنىڭغا بۇنداق ئىشەنسە، ئىشەنچىسىنى يەردە قويمايدۇ.

 - زىبارە، مەن ئەكبەرنىڭ كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ، ماتېرىيال ئىزدىگەچ سىزگە ھەمراھ بولىمەن، ئەگەر بىئارام بولسىڭىز، چاقىرىسىڭىز بولىدۇ، - دېدى.

زىبارە ياستۇققا يۆلىنىپ، كۈلۈمسىرەپ:

- ماقۇل، ئەمىسە جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز، جەسۇر ئاكا.  -  دېدى.

 -  ئۇنداقتا ياخشى ئۇخلاڭ.  -  دېدى جەسۇر  ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەكبەرنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىردى.

 ئەكبەرنىڭ كومپيۇتېرىنى ئېچىپ ئەستايىدىل خىزمەت قىلدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن زىلالە   مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

جەسۇر بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى.

 ئۇ بۇ بىر نەچچە كۈندىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن  ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە بارالايدۇ.

جەسۇر پۈتۈن بىر كېچە كۇتۇپخانىدا خىزمەت قىلدى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، كاماندىروپكىغا چىققان ئەكبەر قايتىپ كەلگەندە جەسۇر ئاشخانىدىن قارا قەھۋەنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

ئەكبەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ:

 - جەسۇر، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز؟  -  دەپ سورىدى.

 - بۇ گەپنى قىلماڭ. - دېدى جەسۇر قاڭشىرىنى چىمداپ قويدى، -  تۈنۈگۈن زىبارە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى،  بىرەر ئىشى چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ يەردە قېلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن بىر كېچە خەۋەر ئالدىم.  -  دېدى.

سىڭلىسىنىڭ يىقىلىپ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەكبەر جىددىيلىشىپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، زىبارەنىڭ ياتىقىغا ئېتىلىپ كىردى.

ياتاق ئۆيدە، زىبارە ئەمدىلا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىم قويۇش ئۆيىدىن چىققانىدى.

ئەكبەر ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ،  كۆڭۈل بۆلۈپ:

 - نېمە ئىش بولدى، يارىلاندىڭىزمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 -  ياق، تىزىم قاتتىق چۈشتى، جەسۇر ئاكام مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. - دېدى زىبارە ئازادە كۈلۈپ قويۇپ، ـ ئاكا، بۇنداق جىددىيلەشمەڭ.  -  دېدى.

ئەكبەر خاتىرجەم بولۇپ:

  - سىزچۇ ... دائىم مۇشۇنداق ئېھتىيات قىلمايسىز.  - دېدى.  

زىبارە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  قەستەن قىلمىدىم، ئاكا، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى.  -  دېدى.

ـ  توختاڭ،  سىزگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرەي ، - دېدى ئەكبەر.

جەسۇر ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ ئەسنەپ:

 -   ئۇنىڭ ھالىدىن سىز خەۋەر ئېلىڭ، مەن قايتاي.  -  دېدى.

 - بولىدۇ. -  دېدى ئەكبەر ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقچى بولۇپ، - جاپا چەكتىڭىز.  -  دېدى.

 جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاغرىغان مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ داچىدىن چىقتى.

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاشخانىغا يەڭگىل قەدەم بىلەن كىرىپ، ناشتىلىق تەييارلاپ، پەتنۇسقا سېلىپ  زىلالەنىڭ ياتاق ئۆيىگە كېلىپ:

 - ھۇرۇنچاق، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تاماق يەڭ!  -  دېدى.

 كارىۋات رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان، زىلالەنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

جەسۇر ئۇياق-بۇياققا قاراپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتىكى قەغەزگە كۆزى چۈشتى، پەتنۇسنى قويۇپ، باغاقچىنى قولىغا ئالدى.

 ئۇ پىششىق بىلىدىغان زىلالەنىڭ پوچىركىسى.

- مۇزىكا ئەترىتىدە ئىشىم بار،  ماڭغاچ تۇردۇم.  -  دەپ يېزىلغانىدى.

جەسۇر تېلېفوننى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون بەرمەكچى بولدىيۇ،  يولدا ماشىنا ھەيدەۋاتقان بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، توختاپ قالدى.

   ئۇچۇر يېزىپ ئەۋەتتى.

زىلالە ئايگۈلنىڭ مۇزىكا چېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغاچ، يان تېلېفون ئەسكەرتمىسىنى ئاڭلىدى.

 تېلېفوننى ئېلىپ، ئېكرانغا بىر قاراپ قويدى.

ئېكراندا، جەسۇر ئەۋەتكەن   ئۇچۇرى  تۇراتتى.

[جەسۇر: ناشتا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ،   ] دەپ يېزىلغانىدى.

ئايگۈل چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، زىلالەنىڭ ئېكرانىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،  ئالىيىپ قويۇپ:

 - ئەتىگەنلا مۇھەببىتىڭىزنى نامايەن قىلدىڭىز، مەندەك بويتاققا تازىمۇ تەس بولدىغۇ؟ - دېدى.

زىلالە گەپ قىلمىدى، جەسۇرنىڭ ئۇچۇرىغىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى،  تېلېفوننى سومكىسىغا سېلىپ قويۇپ:

 -  كېلىڭ،  داۋاملاشتۇرايلى.  -  دېدى.

ئايگۈل قايتىدىن ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ:

 - توغرا، زىلالە، بۇ قېتىم   مۇسابىقىگە قاتناشسىڭىز، جەسۇر  دىرېكتور  ھەمراھ بولۇپ بىللە بارىدىغاندۇ؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  -  يالغۇز بارىمەن، ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىپ بولدۇم، بۈگۈن كەچتىلا ماڭىمەن.  -  دېدى.

- جەسۇر دىرېكتور شۇنچە ئالدىراشمۇ؟  -  دەپ سورىدى ئايگۈل.

 -  ھەئە. - دېدى زىلالە كۆزىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، -  ئۈچىنچى كىچىك بۆلەكنى يەنە بىر قېتىم مەشىق قىلايلى.  -  دېدى.

زىلالە ئايگۈل ئۈچۈن تەييارلىغان كىچىك مەشىقنى تۈگەتكەندە، ئوركېستىردىكى باشقا مۇزىكانتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن  يېتىپ كەلدى، زىبارەمۇ دەل ۋاقتىدا كەلدى.

ئايگۈل ئۇنىڭ يول ماڭغاندىكى ھەرىكىتىنىڭ سەل بىنورماللىقىغا دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلىكىنى يۆلەپ:

 - زىبارە، نېمە بولدىڭىز؟ يول ماڭىشىڭىز سەل غەلىتە تۇرىدىغۇ؟ - دەپ سورىدى.

- ھېچقىسى يوق، بىلىم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ.  -  دېدى زىبارە.

 - بېلىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ،  - تۈنۈگۈن كەچتە، يامان ئىش قىلدىڭىزمۇ! -  دەپ سورىدى.  

 - نېرى بېرىڭە! - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ  ئىتتىرىپ، ـ قارىسىغا گەپ قىلماڭ.  -  دېدى.

 -  ساختىپەزلىك قىلماڭ، - دېدى ئايگۈل ئۇنىڭغا كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، -  بوينىڭىزدىكى ئاۋۇ ئىزلارنى مېنى كۆرەلمەيدۇ دەپ ئويلامسىز،  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى بۇراپ، زىبارەنىڭ بوينىغا قارىدى.

دەرۋەقە، قىزنىڭ ئاپئاق بوينىدا سۆيگەن ئىزىغا ئوخشايدىغان تۇتۇق قىزىل رەڭلىك ئىزنى كۆردى.







、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章