ئۈچەي بىلەن كەيپىيات ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش

文摘   健康   2024-10-10 18:31   新疆  






ئۈچەي بىلەن كەيپىيات ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش

ئۈچەي ئادەم بەدىنىدىكى «ئىككىنچى چوڭ مېڭە» بولۇپ، كەيپىيات بىلەن ئۈچەي يولى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت مەۋجۇت، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچەي يولىدا كۆپ مىقداردا مىكرو ئورگانىزم توپى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مىكرو ئورگانىزملار ئادەم بەدىنىنىڭ كەيپىياتى ۋە پىسخىك ھالىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە كەيپىيات بىلەن ئۈچەي يولى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەپسىلىي چۈشۈنۈپ باقايلى.


مەنبە: روھىي پىسخىكا مۇتەخەسسىسى لۇ شياۋبىڭ ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:

ئۈچەي يولى بىلەن كەيپىياتنىڭ باغلىنىشى

ئۈچەي نېرۋا سىستېمىسى:
ئۈچەي يولىدا مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسى، يەنى ئۈچەي نېرۋا سىستېمىسى بار، ئۇ چوڭ مېڭە بىلەن ئۈچەي يولى ئارىسىدىكى نېرۋا تالالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ نېرۋا تالالىرى ئۇچۇر ۋە سىگنال يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ سىگناللار كەيپىيات ۋە پىسخىكا ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


2. ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار:
ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور مىكرو ئورگانىزملار توپى مەۋجۇت. بۇ مىكرو ئورگانىزملار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ


3. ئۈچەي يولى چوڭ مېڭە ئوقى:
ئۈچەي يولى نېرۋا سىستېمىسى، ئۇ 500 مىليون نېرۋىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاداشقان نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىپ، ئۈچەي مېڭە ئوقىنى، يەنى ئۈچەي يولى - چوڭ مېڭە ئوقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئوق ئۈچەي يولىدىكى ئۇچۇر ۋە سىگنالنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ مېڭىمۇ بۇ ئوق ئارقىلىق ئۈچەي يولىنى كونترول قىلالايدۇ.


كەيپىياتنىڭ ئۈچەيگە بولغان تەسىرى

بېسىم ۋە ئەندىشە:
كەيپىيات بېسىمى ۋە تەشۋىشلىنىش ھالىتى ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خامۇشلۇق ۋە كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش :
خامۇشلۇق ۋە كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار توپىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ كەيپىياتى ۋە پىسخىك ھالىتىگە يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.


3. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى:
كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش ياكى ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچەي يولىدىكى مىكرو جانلىقلار توپىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!


قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟


قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ،  قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى

ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى

روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...






ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章