كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-نېمە دېگىنىم كۆڭلۈڭگە ئايان بۇزۇق، شەرمەندە، رەسۋا!… -بىلال ئەمدى ئېغىزىنى بۇزۇپلا چۈشتى. -نېمە ئىش قىلغىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ قايسى كۈنى نېمانداق گەپلەرنى قىلىدىكىن دەپتىمەن تېخى. ئۆزۈڭنى ئىش كۆرمىگەن، ساددا كۆرسىتىپ مېنى ئەخمەق قىلىپسەن. مەن كۆزۈڭگە شۇنچىۋالا گول كۆرۈندىمما! قايسى كۈنى مېنى ئاشناڭنى كۆرۈپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ كەتكۈزۈۋەتتىڭ شۇنداقمۇ؟ خۇدىكى بار سەكرەيدۇ دېگەندەك ئاپام قىلغان نەچچە ئېغىز گەپ بىلەنلا ماڭا قېيىداپ، ئالەمشۇمۇل گەپلەرنى قىلىپ يېنىڭدىن قوغلاپ كەتسەڭ، تېخى ئۆزۈمنى ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، بالام بارلىقىنى ساڭا بالدۇرراق دېمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ، ئۆزۈمچە سېنى پاك چاغلاپ، ساڭا ماس كەلمەيدىغان ئوخشايمەن دەپ، يېنىڭغا بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يۈرۈپتىمەن. ئەمدى بىلسەم ئەسلى گەپ باشقا يەردىكەن ئەمەسمۇ؟. قانداق قىلارمىز سەن چاندۇرمىدىم دەپ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ مېنى يالۋۇرتۇپ يۈرگىنىڭ بىلەن، ئاشناڭ مېنى ئىزدەپ كەلدى… ئۇقتۇڭمۇ؟ ئاپام راست دەپتىكەن…
-بىلال ھۇ ئادەم ئەمەس، ئېغىزىڭدىن چىقىۋاتقىنى ئادەم دەيدىغان گەپلەرمۇ-ھە! خوتۇنۇڭ بىلەن ياراشقۇڭ بولسا مەن سېنى توسۇۋالمىدىم. سەندەك ئۆز كۆز قارىشى يوق، كىم نېمە دېسە شۇ تەرەپكە دۈگىلەيدىغان يۇمىلاق تاۋۇزغا مەنمۇ دۈم چۈشمەيمەن. ئاپاڭنى قايىل قىلالماي مەندىن قۇسۇر ئىزدەپ يەنە ماڭا ئارتىپ قويماقچى بولۇۋاتامسەن. ئۇقۇپ قوي، مەن سەن خالىغانچە ھاقارەت قىلساڭ بولىدىغان گۈلسۈم ئەمەس. زۇۋانىڭدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى قۇلىقىڭ ئاڭلاۋاتقان بولسا كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ مەندىن كەچۈرۈم سوراپ يوقالساڭ بولىدۇ…
-ۋوي… ماۋۇ رەسۋانى قارا! نومۇس دەيدىغان نەرسە يوقكەنغۇ سەندە… ھېلىقى دولقۇن دەيدىغان بىر نېمەڭ ماڭا… ماڭا ھەممىنى كۆرسەتتى ئوقۇۋاتامسەن . ئېشەكتەك قىلىقلىرىڭنى كۆردۈم. گەپنى شۇنچىلىك قىلسام بولار، يۈزىگە سالماي دېسەم يەنە مەندىن بەك شاشلايسىنا! ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان گەپ دەپ بۇنى دەيمىز ئۇقتۇڭمۇ! ئەمدى سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن گۈلسۈم… تۈفى!… كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ … -بىلال ئاخىرقى گەپلەرنى چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ دېگەندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
-ھې… ھې… ھا… ھا… ھا… -گۈلسۈم تېلېفوننى تۇتۇپ ئولتۇرغىنىچە ئاچچىق كۈلىۋەتتى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۈلكىسىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئالمىشىپ كەتتى.
ئۇنىڭ پەرەز قىلغىنىدەكلا دولقۇننىڭ تارتىۋالغان ھېلىقى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ياساپ جابدۇپ باشقىچىلا قىلىۋەتكەنلىكى ئېنىق بولغانىدى.
بولمىغىنىدا ئەسلىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن بولسا بىلال ھەر ھالدا گۈلسۈمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەن بولار ئىدىغۇ!
گۈلسۈمنىڭ مۇشلىرى تۈگۈلۈپ كەتتى ئىچىدە:
« خەپ دولقۇن. سەنلەردىن قېچىپ سەھراغا كېلىۋالساممۇ يەنە ئارقامدىن قوغلاپ كېلىپ ماڭا ئاراملىق بېرىشمىدىڭ! ئۆزۈڭچە مېنى ئالقىنىڭدىكى ئوۋ چاغلاپ ئويۇن خۇمارىڭنى بېسىۋاتامسەن. ياخشى… ناھايىتى ياخشى. ئوينىغۇڭ بولسا ئەمدى مەنمۇ بىچارىلەرچە قېچىپ يۈرمەي سەنلەرگە ئوينىشىپ بېرەي. ھامىنى بىر ئۆلۈم… جېنىمنى تىكتىم بولدى. ئۆلسەم بىر يولىلا ئارام تاپارمەن… ئۆلمەي قالسام سەنلەرنىڭ قانداق ۋەيران بولغىنىڭنى كۆرىمەن تېخى!… » دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇۋىدى ئۇنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى.
ئېكراندىكى بىلالنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ گۈلسۈمنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبى قايتىدىن ئىللىقلىققا تولدى.
« ئۇ دېگەنلىرىگە پۇشايمان قىلغانمىدۇ. دولقۇننىڭ بىر ئالدامچى نىجىس ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەسلىك قارارىغا كەلگەنمىدۇ. ناۋادا… ناۋادا ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سوراپ تېلېفون قىلغان بولسىلا ئۇنى كەچۈرۋېتىمەن. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئۆزۈمنىڭ، بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى ھامان ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بېرىمەن. ئاندىن بالامنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېقىپ قاتارغا قوشىمەن. ئۇ خالىسىلا مېنى داۋاملىق ياخشى كۆرسىلا ئۇنىڭ بالىسىنىمۇ يېنىمىزغا ئەكېلىۋېلىپ باقساق بولىدۇ. ئاپىسى نېمىلا دېسە مەيلى بالام ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەرقانداق گېپىگە چىدايمەن. ئۇنى ئۆزۈمگە مايىل قىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن… » مۇشۇنداق تاتلىق خىياللارنى قىلغان گۈلسۈم ئالدىراپ تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي…
-مېنى ساڭا تېلېفون قىلىشقا خۇشتار دەپ قالما دېمىسەم بولمايدىغان گەپ بولغاچقا شۇڭا تېلېفون قىلدىم. مەن ساڭا بېرىپ تۇرغان پۇللارنى قاچان قايتۇرۇپ بېرىسەن؟ ساڭا دەپ قوياي بىر سىنىتنىمۇ كەم قىلماي قايتۇرۇۋالىمەن ئۇقتۇڭمۇ؟ مەن كوچا جالاپلىرىنى باقىدىغان ساخاۋەتچى ئەمەس. ئۇ پۇللارنى مەن ئىشلەپ تاپقان. ناۋادا پۇلۇمنى قايتۇرمىساڭ دۇكان بىلەن ئۆينى بىكارلاپ يوقال!…
-بىلال! قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا! ماڭا دېگەن گەپلىرىڭگە چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن ئۇقتۇڭمۇ؟، شۇڭا ئېغىزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل! ئەمدى سەن دېگەن گەپكە جاۋاب بېرەي، مەن پۇلۇڭنى قايتۇرمايمەن دېمىگەندىمەن. بىكاردىن بىكار ماڭا ھۆركىرەپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ. قايسى كۈنى پۇلنى ساڭا بەرسەم ئالماي چىقىپ كەتكەن ئۆزۈڭغۇ!…
-ئەمدى ئالىمەن قانداق؟ چۈنكى ئۇ مېنىڭ پۇلۇم. خىڭ! شۇ كۈندىكى ئىشنى ئويلىساملا نېرۋام ئۆرلەيدۇ، سەن شۇ چاغدا خۇددى مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋاتقان سىياقتا ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ پۇلىنى ماڭا ساخاۋەت قىلىپ بېرىۋاتقان بىر سىياقتا ماڭا پۇلنى تەڭلىگەنىدىڭ ھۇ… رەسۋا! ئەجەب قاملاشتۇرىدىكەنسەن-ھە! نومۇسسىزلىقنى…
-بىلال!
-قۇرۇق گېپىڭنى قويۇپ نەق گەپنى-دە! قاچان بېرىسەن؟
-نېمىنى بېرىمەن. ئاپاڭغا بېرىپ بولدۇم! يەنە نېمىنى بېرىمەن… ئاپاڭنىڭ ئېغىزىنىڭ شالاسى يوق گەپ تۇرمايدىكەن دېسەم ئەسلى ئۆزىنىڭ دېگۈسى يوق گەپنى نەگىلا بولسا بىر يېرىگە تىقىپ چىڭ ساقلايدىكەن-ھە ئىشقىلىپ…
-ئاپامنى ئۇنى بۇنى دېگۈچە بولما بۇزۇق. قېنى مەن ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي، ئەگەر دېگىنىڭ يالغان بولسا سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن…
تېلېفون ئۈزۈلدى گۈلسۈمنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ يوققا چىققان ئىدى، ئۇنىڭ قەلبى ئەمدى پۈتۈنلەي ئۈششۈپ كەتتى.
ئۇ شۇ ھالدا بەك ئۇزاق يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ سىرتقا چىقتى، ئەمدى دولقۇننىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىپ قېلىشىدىنمۇ قورقمايتتى. ئۇنى كۆرگەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسىتىشىپ نېمىلەرنىدۇر دېيىشىۋاتقانلىقىغىمۇ پەرۋا قىلمايتتى.
ئۇ تامىقى ئوخشايدىغان بىر ئاشخانىغا كەلدى ۋە ئىشتىھاسى تارتقان تاماقتىن بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئەمدىكى قەدەمدە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلاشقا باشلىدى.
تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى سەل ماغدۇرىغا كەلگەندەك ھېس قىلدى. ئىشتىھاسى تارتقان تاماقنى يېگەن بولغاچقا كۆڭلىمۇ ئېلىشمايۋاتاتتى.
ئاشخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ ئالدىرىماي مېڭىپ بازار ئايلاندى.
ئۆزىگە يېڭى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەردىن نەچچە قۇر سېتىۋالدى.
ئاندىن بىر كومپيۇتېرخانىغا كىرىپ دۇكانغا خىزمەتچى ئالىمەن دەپ خەت باستۇرۇپ چىقىپ دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
ئۇ ئۆيگە كېلىپ يېڭى كىيىملەرنى سىناپ كىيىپ چىرايلىق گىرىم قىلىپ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئەسلىمەسلىككە تىرىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى.
ناتونۇش نومۇر ئىدى.
گۈلسۈم دۇكانغا بىرەرسى ئىشلەيمەن دەپ كەلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي…
-گۈ… گۈلسۈم
گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.
-دولقۇن…
-ھە… ھەئە مەن شۇ… مېنى ئۇنتۇپ قالماپسىز… ھە… ھې… ھې… ھې… -تېلېفوندىن دولقۇننىڭ سەت ھىجايغان ئاۋازى كەلدى.
قويۇپ بەرسە گۈلسۈمنىڭ ئۇنى تىللاپ پوسكايتىۋەتكۈسى بار ئىدى. ئەمما ئۆز ئايىغى بىلەن كېلىپ قالغان بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتسە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق بوزەك قىلىنغۇچى بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان گۈلسۈم ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ ھېچنېمە دېمەستىن يىغلاشقا باشلىدى.
-ھە… گۈ… گۈلسۈم… يىغلىماڭ بولامدۇ؟ مەندىن تېخىمۇ ئاغرىنىۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن. لېكىن… لېكىن ئۇ سولتەكنىڭ يېنىڭىزدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ چىدىمايلا قالدىم. سىز مېنىڭ گۈلسۈم… تۇنجى بولۇپ مېنىڭ بولدىڭىز… شۇڭا ئاخىرغىچە مېنىڭ بولۇڭ بولامدۇ؟ قاراڭا بولمىسا مەن سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسلا بىلمەيتتىم. كۆرۈشۈپ قېلىشىمىزمۇ شۇنچىلىك تاسادىپىي بولغان. ئۇيان چۆرگۈلەپ بۇيان چۆرگۈلەپ يەنە بىر يەرگە كېلىپ قالدۇق.
-سىز كەتكەندىن بېرى مېنىڭ سىزنى ئويلىمىغان بىر كۈنۈممۇ بولمىدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىپسىز. شىركىتىڭىزگىمۇ بارماپسىز. نادىرە دېگەن جەددال كۆزۈمگە كىرىۋېلىپ تەپسىلىي ئىزدەشكە تېخى ئىمكانىيەت بولمىدى. سىزدىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسىز؟…
گۈلسۈم يەنىلا ھېچنېمە دېمەي داۋاملىق يىغلاۋەردى، دولقۇن ئۇ مېنى چوقۇم قاتتىق تىللاپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ھەم تىللىسىمۇ ئۇرسىمۇ ئۇنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن چوقۇم يەنە ئەيۋەشكە كەلتۈرىمەن دەيدىغان، ئىدىيەسىدە تەييارلىقمۇ بار ئىدى.
ئەمما گۈلسۈم گەپ قىلمىغانسېرى ئۇ ھودۇقۇپ كەتتى.
-گە… گەپ قىلىڭا گۈلسۈم. مېنى تىللىغۇڭىز بولسا تىللاۋېرىڭ! مەن تەن ئالىمەن… مەن راستتىنلا تىللاشقا لايىق ئىش قىلدىم. ھەتتا مېنى ئۇرۇۋالسىڭىزمۇ مەيلى. لېكىن مېنى قوبۇل قىلىڭ بولامدۇ؟… ئۇ… ئۇ سولتەك سىز بىلەن توي قىلىمەن دەپ يۈرۈيدۇ. سىز دېگەن مېنىڭ بولۇپ بولغان تۇرسىڭىز… سىزنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن گۈلسۈم. سىزگە چاپلىشىۋالغىنىم چاپلىشىۋالغان…
گۈلسۈم يىغلاۋاتقاندا ئىختىيارسىز يەنە ھۆ تۇتۇپ كەتتى. ئۇ تېلېفوننى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كەتكەندە دولقۇن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدى.
-گۈلسۈم… گۈلسۈم… مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ مەن يېنىڭىزغا بارسام بولامدۇ. سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي…
بۇ گەپ بىلەن گۈلسۈمنىڭ كۆز ئالدى پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي…
-ھە… گۈلسۈم قانداقراق تۇرىسىز؟ مەن ھازىر سىزنىڭ ئۆيىڭىز تەرەپكە كېتىۋاتىمەن…
گۈلسۈم شۇ ھامان ئاۋازىنى تېخىمۇ قويۇۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ھەي… گۈلسۈم يىغلىماڭە! نېمە ئىش بولدى؟ ياكى ماڭا ئاچچىقىڭىز بولغاچقا مۇشۇنداق يىغلاۋاتامسىز… بولمىسا بۈگۈنچە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ تۇراي. سەل ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ بولامدۇ؟ نېمانچە جاھىللىق قىلىدىغانسىز دەيمەن. مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ بازاردا سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن يامان گەپ سۆزلەر بولۇۋاتقىنىنى بىلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى، مەن ئالدىڭىزدا خىجىل. بىراق مەن بۇلارغا مەسئۇل بولىمەن. مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا ئۇلارنىڭ زۇۋانى ئېتىلىدۇ. مەن سىزنى ئالىمەن گۈلسۈم. ئايالىم بولسىڭىزلا ئارقىڭىزدىن ھېچكىم … ھېچنېمە دېيىشكە پېتىنالمايدۇ…
گۈلسۈم مۇشۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئاخىرى گەپ قىلدى.
-مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن.ھۈ… ھۈ… ھۈ… ئېيتىڭە مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟… مېنىڭ ياشىغۇم يوق… بۇ دۇنيانى بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنى كۆزۈم كۆرمىسە دەيمەن… بىراق ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقىمۇ ھازىر مەندە يوق… مەن زادى قانداق قىلىمەن… ھۈ… ھۈ… ھۈ… قورسىقىمدىكى نارەسىدىنىڭ ھاياتىنى ئۆزۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مېنىڭ ھوقۇقۇم يوق تۇرسا…
دولقۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېلېفون تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىترەپ كەتتى.
-نېمە… نېمە دېدىڭىز گۈلسۈم… سىز؟… -ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن تۈزۈك گەپمۇ قىلالمايۋاتاتتى.
-مەن ھامىلىدار بىلىۋاتامسىز… سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلىدار مەن. بالا بۇرۇنلا ئىككى ئايلىقتىن ئاشتى. ئۇ قورسىقىمدا ئاستا-ئاستا يېتىلىۋاتىدۇ. بۇ كۈنلەردە مەن تىكەندەك يالغۇز. قورقتۇم، سىقىلدىم بۇرۇقتۇرما بولدۇم. ئەمما بويۇمدا بارلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ مەندە يېڭى ئۈمىد پەيدا بولدى. ئۆزۈمنىڭ ئەمدى يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئەسلى مەن ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان، بىراق كۈتۈلمىگەندە بويۇمدا بارلىقىنى بىلدىم. تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بىر جاننىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەسلى بۇ يەردە جىمجىت ھالدا تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ بالامنى ئۆزۈم بېقىپ قاتارغا قوشماقچى ئىدىم. بىراق… بىراق سىز يەنە نېمىشقا بۇ يەردە پەيدا بولىسىز؟ سىزنىڭ مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟قاباھەت… ئۈمىدسىزلىك… قورقۇنچ… مېنىڭ سىزنى كۆرگۈم يوق… پەقەتلا كۆرگۈم يوق … مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭ بولامدۇ؟ كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنگۈچى بولماڭ. بالامنى تىنچ ئامان يەڭگىۋېلىشىم ئۈچۈن مەن كەيپىياتىمنى ياخشى تۇتۇشقا… ئۇ قورقۇنچلۇق، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە موھتاج … ھۈ… ھۈ… ھۈ…
-گۈلسۈم… گۈلسۈم مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ. مەن… مەن سىزنىڭ يالغۇز ھالدا بۇنچە دەرد تارتىۋاتقىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن. ماڭا ھەرقانچە ئۆچ بولسىڭىزمۇ بالىنى دەپمۇ بولسا… نېمىشقا مەن بىلەن ئالاقىلاشمايسىز دەيمەن… شۇ تاپتا مەن ھاياجاندا نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن گۈلسۈم… سىزنىڭ ئازابلىنىۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن لېكىن… لېكىن مەن شۇ تاپتا… نېمە دېسەم بولار… دېمەك دېمەك… مەن دادا بولدۇم شۇنداقمۇ؟ قورسىقىڭىزدىكى مېنىڭ بالام شۇنداقمۇ؟…
-سىز نېمە دېمەكچى… بالا مېنىڭ ئەمەس دېسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. ئىشقىلىپ مەن بەرىبىر سىزدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى دېمەيۋاتىمەن… بۇ بالىنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قېلىشتەك رېئاللىقنى ھېلىھەم قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن تېخى. مەن دېمەكچى مېنى ئارامىمدا قويۇڭ! يوقىلىڭ! ئەمدى كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنگۈچى بولماڭ! بالام بىلەن مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويۇڭ!…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇