چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 39-قىسىم

文摘   2025-01-17 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئاچا خوش بولۇپ قالاي! سىزنىڭ باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ-ھە!. نېمىشقا كەچكىچە مەن بىلەنلا قالىسىز. سىلەرنىڭ بىر ئىككى ئېغىز تەسەللىرىڭلا بىلەن تۈگەيدىغان دەردىم بولسا مەن ئۆلۈۋالىدىغان يەر ئىزدەپ يۈرمىگەن بولاتتىم بىلەمسىز شۇنى… -گۈلسۈم ئاخىرى چىدىماي ئايالغا قاتتىق تېگىپ سالدى.

-ۋوي ماڭا نېمە ۋارقىرايسىز. ئەزەلدىنغۇ ئارىچىغا ئالتە تاياق دەپتىكەن. سىزنى بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن، ياپياش ھاياتىنى نابۇت قىلمىسۇن دېمىسەم قىلىدىغان ئىشىم چېچىمدىن تولىتى مېنىڭ. نېمانداق ئادەمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان… ئادەمنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئايال سىز…

تېخىمۇ كۆڭۈلسىزلىك بولماسلىق ئۈچۈن بىلال ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا چۈشتى.-ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم… كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق شۇڭا سىزگە قاتتىق تېگىپ سالدى. ئۇنى توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز. ھېلىمۇ ياخشى سىز بولۇپ قاپتىكەنسىز، بولمىسا ئاقىۋىتىنى ئويلاشقىمۇ… جۈرئەت قىلالمايمەن. مەن سىزگە ئايرىم رەھمەت ئېيتىۋالىمەن-ھە!. ھازىر سىز خاپا بولماي كىرىپ كەتكەچ تۇرۇڭ! ئۇنىڭغا ئۆزۈم گەپ قىلاي.… خاپا بولماڭ-ھە!

-قانداق دېگەن گەپ-بۇ؟!-ئايال غودۇرغىنىچە لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

گۈلسۈم بولسا پەلەمپەي تەرەپكە ماڭدى.

-سىزمۇ قايتىپ كېتىڭ! شوتىدىنمۇ چۈشۈرۈۋالدىڭىز! يەنە نېمە ئارقامدىلا يۈرىسىز! بولدى ئەنسىرىمەڭ! سىلەردىن قورقۇپ، ئەمدى ئۆلۈۋالىمەن دېگەن خىيالنىمۇ قىلماسمىنا! بولدى قايتىپ كېتىڭ!-، دېدى گۈلسۈم يەنە ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ كېلىۋاتقان بىلالغا.

-ھېچ… ھېچبولمىسا بالنىست ياتىقىڭىزغىمۇ بولسا ئەكىرىپ قوياي، سىزنى بۇنداق تاشلاپ قويۇپ كېتەلمەيدىغىنىمنى بىلىسىزغۇ گۈلسۈم…

گۈلسۈم قاتتىق جىلە بولغىنىدىن جايىغىلا ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ ۋاررىدە يىغلىۋەتتى.

-ھەي… گۈلسۈم… گۈلسۈم… مەن پەقەت… يىغلىماڭ بولامدۇ؟!-بىلال جىددىيلىشىپ ئۇنى قانداق بەزلەشنىمۇ بىلەلمەي قالدى.

بىراق تېزلا گۈلسۈمگە ھازىر نېمىلا دېسە كار قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىدە ئۇنى يىغلىماسلىققا دەۋەت قىلىشتىن توختاپ قالدى.

:-مەيلى بوپتۇ… يىغلىۋېلىڭ قانغۇچە يىغلىۋېلىڭ!، بۇ ھەر ھالدا ئىچىڭىزگە يىتۈپ بىئارام بولغاندىن ياخشى.… -دېدى-دە ئۇنىڭ يېنىدا ئۈن تىنسىز ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يېغىدىن توختىشىنى ساقلىدى.

گۈلسۇمدەك جاندىن تويغانلار يالغۇزلۇقنى خالاپ پەلەمپەيدىن ماڭغىنى بىلەن باشقىلار ئاساسەن لىفىتكە چىقىدىغان بولغاچقا ھەم بۇ ئۈستۈنكى قەۋەت بولغاچقا بۇ پەلەمپەي رايونى تولىمۇ تىنچ ئىدى.

گۈلسۈم شۇ ھالدا بەك ئۇزاق يىغلىغاندىن كېيىن ئاخىرى توختاپ قالدى.

ئۇ يېشىنى سۈرتكەن ئۈستىدىكى بىمارلار كىيىمىنىڭ يېڭى، پەشلىرى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

-يىغلىۋېلىپ ئىچىڭىز سەل بوشاپ قالدىمۇ؟!-دېدى بىلال ئۇ يىغلاشتىن توختىغاندىن كېيىن.

ئەمما گۈلسۈم ھېچنېمە دېمىدى.

-نېمە ئىش بولغانلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ، بۇنچە بولۇپ كەتكۈدەك نېمە دەرد تارتىپ كەتتىڭىز گۈلسۈم؟… -يەنە سورىدى بىلال.

-سورىماڭ! ھېچنېمىنى سورىماڭ بىلال! ناۋادا شۇنچە ياخشىلىق قىلسام، يەنە ماڭا ھېچنېمە دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى دەپ كۆڭلىڭىزگە كەلسە، بۇ يەردە ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەي كېتىپ قالسىڭىز بولىدۇ… -دېدى گۈلسۈم يەنە بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئاخىرى، چىرايىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ھالەتتە ئۇدۇلدىكى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىچە.

بۇ گەپ بىلەن بىلالنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى، لېكىن يەنە گۈلسۈمنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.

-ماقۇل! سورىماي. دېگۈڭىز بولمىسا ھېچنېمىنى سورىماي…

-پەقەتلا ماغدۇرۇم يوق تۇرىدۇ… مېنى يۆلىۋالسىڭىز بولامدۇ بىلال.

بىلال ھەيران قالدى، ئۇ گۈلسۈمنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نېمە دەپ ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىدا گۈلسۈم ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىشقا باشلىدى.

-ھە… توختاڭ! توختاڭ… مەن يۆلىۋالاي!-بىلال شۇ چاغدىلا ئېسىنى يىغىپ ئىتتىك كېلىپ گۈلسۈمنى يۆلىدى.

-پەلەمپەيدىن ماڭالمىغۇدەكمەن. لىفىت بىلەن چۈشۈپ كېتەيلى بىلال-دېدى گۈلسۈم تىترەپ تۇرغان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ، بايا ئۇ بەك قاتتىق يىغلىغانلىقتىن ئەمدى ماڭغۇدەكمۇ كۈچى قالمىغانىدى.

بىلال گۈلسۈمنى يۆلەپ لىفىتقا چىقتى.

-بالنىست ياتىقىڭىز قانچىنچى قەۋەتتە؟-سورىدى بىلال.

-سەككىزىنچى قەۋەت.

بىلال لىفىت كۇنۇپكىسىنى باستى. لىفىت سەككىزىنچى قەۋەتتە توختاپ لىفىت ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، بىلال گۈلسۈمنى يەڭگىل يۆلەپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بالنىست ياتىقىغا باشلىشىنى كۈتتى. ئەمما گۈلسۈم زالدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى-دە، يېنىدا ئەجەبلىنىپ ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان بىلالغا دېدى.

-بىلال! ماڭا ياردەم قىلىپ سىرتتىن، ماڭا ماس كەلگۈدەك ئازادە كىيىمدىن بىر قۇر. يەنە بىر تال شەپكە، بىر تال چوڭراق قارا كۆزئەينەك، بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاندىن يەنە… خاپا بولماي داۋالىنىش پۇلۇمنى تۆلىۋېتىپ تۇرغان بولسىڭىز. مېنىڭ كارتام يېنىمدا ئەمەس، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن كارتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي.

-نېمە… دوختۇرخانىدىن ھازىر چىقىمەن دېمەيدىغانسىز؟! … سىز دېگەن نەرسىلەرنى مەن سېتىۋېلىپ ئەكىرەي. داۋالىنىش پۇلىنىمۇ تۆلەيمەن. لېكىن دوختۇرخانىدىن تولۇق ساقايغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن چىقايلى. سىز باشقا ئىشلاردىن غەم قىلماي ئوبدان داۋالىنىڭ، مەن سىز دوختۇرخانىدىن چىققۇچە يۇرتقىمۇ قايتىپ كەتمەيمەن. ياردىمىم كېرەك بولسا مەن ھەر قاچان تەييار.-دېدى بىلال سالماقلىق بىلەن.

-ھاجىتى يوق بىلال. بەرىبىر بۇ دوختۇرخانىدا قەلب يارامنى داۋالىمايدۇ، بۇ سىرتقى جاراھەتلىرىمنىڭ كارايىتى چاغلىق.… شۇڭا خاپا بولماي مەن دېگەن ئىشلارنى بېجىرىپ بەرگەن بولسىڭىز…

بىلال گۈلسۈم ئاران بىر ئۆزىگە سىلىق سىپايە گەپ قىلىۋاتقاندا يەنە ئۇنىڭ گېپىگە قارشى گەپ قىلىپ خۇيىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھازىرچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىش قارارىغا كەلدى.

ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇئامىلىسىنىڭ تۇيۇقسىز ياخشىلىنىپ قېلىشىدىن بىلال يەنىلا سەل غەلىتە ھېس قېلىۋاتاتتى.

شۇڭا كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى يوشۇرالماي گۈلسۈمگە:

-ماقۇل ئەمىسە. مەن ئاۋۋال چىقىپ سىزگە لازىملىق نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ كىرەي. ئەمما سىز بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرسىڭىز ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن. بولمىسا بايىقى ئاچامغا تېلېفون قىلاي، ئۇ بىردەم يېنىڭىزدا ئولتۇرسۇن. ئۇنىڭ ئېغىزى ئىتتىك بولغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشى، ئۇمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ… -دېدى.

-ئەنسىرەۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن بىلال، لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ كاللامدىن ئۆتتى، ئەمدى ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلمايمەن… ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھالىمنى كۆردىڭىزغۇ! ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈنمۇ كۈچ كېتىدۇ… تىترەپ ئاران تۇرغان بۇ پۇتلىرىم بىلەن يەنە شوتىغا يامىشالامدىم ھې… ھې… ھې… -گۈلسۈم گېپىنى چاقچاق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئۇنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ بىلال سەل خاتىرجەم بولدى، ئەمما بايىلا قەتىي ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدە چىڭ تۇرغان ئادەمنىڭ بۇنداق تېزلا ئۆزگىرىشى يەنىلا كۆڭۈلنى ئارامسىزلاندۇراتتى.

بىلال ئاخىرى گۈلسۈمگە چاندۇرماستىن ھېلىقى تازىلىقچى ئايالغا گۈلسۈمگە يىراقتىن قاراپ قويۇشنى تاپىلىغاندىن كېيىن ئاندىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا چىقىپ كەتتى.

بىلال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، گۈلسۈم ئولتۇرغان جايىدا يەنە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتى.

« ئاجايىپ ئىش. ھېلىقى دولقۇن دېگەن ئەبلەخ دوختۇرخانىدا شەمسىيەگە تاڭسېڭنىڭ نوم ئەكېلىش سەپىرىدىكى سەكسەن بىر مۈشكىلاتىنىڭ بىرىمۇ كەم قالمىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھامان ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى، ھەم بىرىمۇ كەم قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۆلۈۋېلىش نىيىتىمنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى مېنىڭ تارتىدىغان مۈشكۈلاتىمنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدىغاندۇ ياكى بۇ مېنىڭ ئاخىرقى مۈشكىلاتىممىدۇ؟… ھەتتىگىنەي!… ماڭا بەختلىك كۈنلەر قۇچىقىنىمۇ ئاچارمۇ-ھە!

دۇنيانىڭ ھەممە ئىشلىرى يالغان بولسىمۇ ئۆتنىسى راست دېيىشىدىكەن. مەن ئازراقلا نىيىتىمنى ئەگرى قىلغىنىم ئۈچۈن بۇنچە سورۇقچىلىق تارتىپ كەتتىم. ئەجەبا مېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ناھەق ئازابلىغان دولقۇن دېگەن نىجىس، نادىرە دېگەن ئىپلاس خوتۇننىڭمۇ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ-ھە! ئۆلۈۋالماسلىقىم داۋاملىق ياشىشىم كېرەكمىدۇ زادى؟

بىر چاغلاردا قايسى بىر كىتابتىن تارتىش كۈچى قانۇنىيىتى توغرىسىدا بىر نەرسىلەرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئۇنىڭدا ئادەم بىر نەرسىگە ئېرىشىشنى توختىماي ئارزۇ قىلسا ھامان شۇ نەرسىگە ئېرىشىدۇ دېيىلىپتىكەن.

ئەجەبا بىلال مېنى راستتىنلا شۇنچە ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئارزۇسى ماڭا بولغان ئىنتىلىشى ئۇنى يەنە قېشىمغا باشلاپ كەلگەنمىدۇ؟ ئەجەبا ھايات قېلىشىمغىمۇ ئۇنىڭ شۇ ئارزۇسى سەۋەب بولغانمىدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ نەچچە ئېغىز ئۆتۈنۈشۈم بىلەنلا ئۇنىڭ دادامغا شۇنچە ئەستايىدىل قارىشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ توسۇشىنى، يەنە قانداقتۇر بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇنى پىسەنتىمگە ئىلماي يۈردۈم. كۆڭۈل قەرزى راستتىنلا يامان بولىدىكەن. ئۇيان ئۆتۈپ،بۇيان ئۆتۈپ يەنە ئىككىمىزنى بىر يەرگە ئەكېلىپ قويدى.

ئەجەبا ئەمدىكى ھاياتىم ماڭا ئۇنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن پۇرسەتمىدۇ؟

ئەمما مەن… مەن ھازىر…

-گۈلسۈم… -بىلالنىڭ چاقىرىشى بىلەن گۈلسۈم خىيالدىن باش كۆتۈردى.

بىلال بىردەمدىلا نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ كىرىپ بولغانىدى.

-ئەجەب تېزلا كىرىپسىزغۇ!

-ھە… يىراققا بارمىدىم. يېقىن ئەتراپتىنلا سېتىۋالدىم.

بىلال تەرلەپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئىللىق بىر سېزىم گۈلسۈمنىڭ يۈرىكىنى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى.

گۈلسۈم كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىققۇچە، بىلال ئۇنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىۋېتىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردى.

كىيىم بىلەن ئاياغ گۈلسۈمگە دەللا كەلگەنىدى. شەپكىمۇ شۇنداق ياراشقان بولۇپ دوختۇرخانا ئالدىغا چىقىشتىن ئاۋۋال گۈلسۈم قارا كۆزەينەكنىمۇ تاقىۋالدى. يۈزى ئەسلىدىنلا كىچىك بولغاچقا شەپكىنى چوڭقۇر كىيىپ قارا كۆزئەينەكنى تاقاپ، يېقىن تونۇشلىرىمۇ بىر قاراشقىلا گۈلسۈم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگۈدەك ھالەتكە كەلگەنىدى.

شۇنداقتىمۇ دوختۇرخانا ئالدىغا چىققاندا ئۇنى يەنە ئىختىيارسىزلا تىترەك بېسىپ بىلالنىڭ بىلىكىنى، بىلال ئاغرىق دەستىدىن بىئارام بولغۇدەك ھالەتتە چىڭ تۇتۇۋالغانلىقىنى ئۆزىمۇ تۇيمايلا قالدى.

-ھە… كەچۈرۈڭ!-دېدى ئۇ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىلالنىڭ بىلىكىنى ئاغرىتىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قولىنى سەل بوشاتقاچ بىلالدىن كەچۈرۈم سوراپ.

-ھېچقىسى يوق، قولىڭىزنى تارتىۋالماي تۇتىۋېرىڭ! ھېچنېمە بولمايدۇ.-بىلالنىڭ گۈلسۈمگە ئىچى ئاغرىدى، گەرچە گۈلسۈم نېمە ئىش بولغانلىقىنى دەپ بەرگىلى ئۇنىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر ئىشتىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپلا تۇراتتى.

گۈلسۈمنىڭ ئالاقزەدە تۇرقىغا قاراپ بىلال تاكسى توسۇپلا ماڭماقچى بولۇپ ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان تاكسىغا قولىنى كۆتۈردى.

تاكسىغا چىققاندىن كېيىن بىلال بىر ئادرېسنى ئېيتىپ شوپۇرغا شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويۇڭ دېدى.

گۈلسۈم دوختۇرخانىدىن چىققىنى بىلەن نەگە بېرىشنىمۇ بىلمەيتتى.

-مېنى ئەرزانراق ياتاق ئىجارە ئالغىلى بولىدىغان يەرنى بىلسىڭىز شۇ يەرگە باشلاپ بارسىڭىز بولاتتى بىلال. شىركەتكە ئەمدى بارغۇم يوق. ئاۋۋال ئەرزانراق بىرەر ياتاققا چۈشۈۋېلىپ نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرسام، ئاندىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ كۆچۈپ كەتسەم بولاتتى…

-بۇنىڭدىن غەم قىلماڭ گۈلسۈم! سىزنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن، ئاۋۋال تاماق يەيلى. ئاندىن قالغان ئىشلارنى مەسلىھەتلىشەيلى.

ئۇ ئىككىسى پاراڭلىشىۋاتقاندا تاكسى شوپۇرى كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن، گۈلسۈمنىڭ چوڭقۇر كىيگەن شەپكە ۋە قارا كۆزەينەكمۇ تولۇق توسۇپ قالالمىغان يۈز كۆزلىرىدىكى يارا ۋە كۆكلەرگە ئەجەبلىنىپ قاراپ قويدى.

-بۇ قەيەر؟-سورىدى گۈلسۈم تاكسىدىن چۈشكەندىن كېيىن كۆرۈپ باقمىغانلا بىر يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ.

-بۇ بىر ئاغىنەمنىڭ ئىجارە ئۆيىنىڭ ئەتراپى. بۇ يەر چەت ھەم خېلى تىنچ.

-شۇڭا ئەمدى باشقا بىرەر ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەركىنرەك بولۇڭ! ئاۋۋال تاماق يەيلى!

-مېنىڭ قورسىقىم ئاچمىدى بىلال تاماق يېگۈم يوق، مەن دېگەندەك ماڭا نەچچە كۈن تۇرغۇدەك. پۇلى مۇۋاپىق ياتاق تېپىپ بەرسىڭىز بولاتتى…

-جاھىللىق قىلماڭ گۈلسۈم ھېلىقى ئاچامدىن ئاڭلىدىم. دوختۇرخانىدىمۇ قۇۋۋەت ئوكۇلى بىلەنلا ئۆرە تۇرۇپسىز. قاراڭا ياداپ بولۇپ كەتكىنىڭىزنى. سۇيۇقئاشمۇ بولسا ئىچىڭ. ئاندىن سىز تۇرىدىغان يەرنىڭ تاماق يېگەچ گېپىنى قىلىپ بېرىمەن.

گۈلسۈم ئىلاجسىز بىلالنىڭ رايىغا باقتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章