كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ھېلىمۇ تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىدە تۇرۇپتۇ. گۈلسۈم شۇ كۈنلەردە كىملىكىنى قايتا بېجىرىش ئۈچۈن يول ماڭغانىدى. بىراق ئۇنىڭ نادىرەنىڭ تايىقى زەربىسىدە يۈز كۆزلىرىدە قېلىپ قالغان كۆك، جاراھەت ئورنى سەۋەبلىك كىملىكنى قايتا بېجىرىشى ۋاقتىنچە ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى. كىملىكى بولمىسا بانكا كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىشمۇ مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا گۈلسۈمگە يەنە ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بىرەر ئىش بىلەن مەلەك بولۇپ ئازابلىرىنى ئۇنتۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بىلال ھالقىلىق پەيتتە ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ گۈلسۈمنىڭ،« بانكا كارتامنى تولۇقلاپ بېجىرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر گەپ بولسۇن.» دېگىنىگىمۇ ئۇنىماي «كىيىن قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ» دەپلا ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، گۈلسۈمگە لازىمەتلىكلىرى بىلەنلا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان بۇ پىشۇرۇق دۇكىنىنى ئىجارىگە ئېلىپ بەرگەنىدى.
ئارقىدىنلا يەنە دۇكانغا يېقىن جايدىكى بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئاچقۇچىنى گۈلسۈمگە تۇتقۇزغاندا گۈلسۈم شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تۇنجى قېتىم ئازابتىن ئەمەس بەلكى خۇشاللىقتىن كۆز يېشى قىلغانىدى.
ئۆينى بىرەر قۇر سەرەمجانلاشتۇرۇش، دۇكانغا يېڭى ماتېرىيال كىرگۈزۈش، يېڭىدىن ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلاردىمۇ بىلال يەنىلا گۈلسۈمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى پەقەتلا يالغۇز قويمىغانىدى.
ئىشلار ئاساسەن دېگۈدەك ئىزىغا چۈشۈپ تىجارەتنىمۇ باشلىۋالغان بۇ قۇتلۇق كۈندە، بىلالغا رەھمەت ئېيتىشنى كەم بولسا بولمايدىغان ئىش قاتارىدا كۆرۈپ تاماققىمۇ ئالاھىدە ئەجىر قىلغانىدى.
بۇ ھەم بىلالنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن كېيىن گۈلسۈم ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تاماققا تۇنجى قېتىم ئېغىز تېگىشى بولۇپ بۇ ئىش ئىككىلىسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
بۇ ئاز كەم ئىككى ھەپتە جەريانىدا ئۇلار ئىزچىل بىللە يۈرۈپ ئارىسىدىكى قۇرۇنۇشلارمۇ ئاساسەن يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئازادە بولالمايدىغان ئىشلارمۇ يوق ئىدى.
ئوخشىغان تاماق كۆڭۈللۈك پاراڭلار بىلەن يېيىلىپ، گۈلسۈم بىلەن بىلال يەنە بىردەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىلال خوشلىشىپ قايتىدىغان چاغدا گۈلسۈم ئۇنىڭغا رەھمەت دەۋېتىپ يەنە يىغلاپ سالدى. بۇ ئەلۋەتتە خۇشاللىق يېشى ئىدى.
بىلالمۇ ئەسلى گۈلسۈمنىڭ ئاتايىن كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتقىنىنىڭ يارىشىقىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يەلكىسىگە يەڭگىل شاپاللاپ بۇ ئىشلارنى ئۆزى خالاپ تۇرۇپ قىلغانلىقىنى، گۈلسۈمنىڭ بۇنچە تۈزۈت قىپ كەتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندەك قىلغان.
بىراق كېيىن نېمىسى نېمە بولدى گۈلسۈم بىردەمدىلا ئۆزىنى بىلالنىڭ باغرىغا سىڭىشىپلا كەتكەن بىر ھالەتتە كۆردى.
ئۇ ئېسىنى يىغىپ بىلالدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغاندا بولسا بىلالنىڭ بۇرۇنلا قېنى قىزىپ، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ بولغانىدى.
گۈلسۈم خېلى تىركىشىپ باقتى.
ئەمما بىلالغا قوپاللىق قىلالمىدى ئۇ تۇرۇپلا « مەن قانچىلىك ئادەم ئىدىم. بەرىبىر بۇلغىنىپ بولغانمەن. بىلال مەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىدى. ھېسابتا بۇ كېيىنكى ھاياتىمنىمۇ ئۇ سەۋەبلىك داۋاملاشتۇرىۋاتىمەنغۇ. ئۇنى يەنە رەت قىلىشقا نېمە باھانەم بار؟مەن ئۇنىڭغا كۆپ قەرز، بۇ كۆڭۈل قەرزىنى قاچاندىن قاچانغا كۆتۈرۈپ يۈرىمەن . مەيلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ شۇنچە قەدرىمنى قىلىشلىرى يەتمەمدۇ؟ يەنە نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىمەن … » دەپ ئويلاپ قالدى-دە، بىلالنى ئىتتىرىشتىن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن توختاپ قالدى ۋە كۆزلىرىنى يۇمۇپ پۈتۈن ئىختىيارىنى بىلالغا تاپشۇرۇۋەتتى.
-ئاھ!… گۈلسۈم… رەھمەت جېنىم. مېنى بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلاندۇردىڭىز. سىز مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم… ھەم ئەڭ ئاخىرقىسى… بىز توي قىلايلى گۈلسۈم. ماڭا تېگىڭ! تېزرەك توي قىلايلى!… شۇنى ھېس قىلدىمكى باغرىڭىزدا ئۆتكەن بىر مىنۇت مېنىڭ بىر ئۆمرۈمدىن ئارتۇقكەن.
ماڭا ماقۇل بولامسىز… ماڭا تېگەمسىز گۈلسۈم… -بۇ ئىشتىن كېيىن بىلال گۈلسۈمنى چىڭڭىدە باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ دېگەن گەپلەر ئىدى.
ئەلۋەتتە گۈلسۈممۇ يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنى بىلالغا تاپشۇرغىنىغا پۇشايمان قىلمىغان ھالدا، ھەتتا بۇنى توغرا قارارىم دەپ تۇرۇپ بىلالنىڭ بۇ توي تەكلىپىگە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولغانىدى.
ۋە ئۆزىنى بۇنىڭدىن كېيىن قالتىس بەختلىك بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلغانىدى.
بىراق ئەتىسىلا ئۇنىڭ بۇ بەختىگە يەنە چېچەك چىقتى.
ئەتىسى تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا گۈلسۈم بىلەن بىلال چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ ئۇخلاۋاتقان گۈلسۈمنىڭ يېڭى ئىجارە ئالغان بۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئەنسىزلىك بىلەن قېقىلدى.
-كىم!-… دېدى گۈلسۈم ئۆندەرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
بىراق ھېچبىر جاۋاب يوق ئىشىك يەنە قېقىلدى.
ئۇنىڭغىچە بىلالمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى-دە، گۈلسۈمگە مەن قاراپ باقاي دەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
-ھە… ئا… ئا… ئاپا!-بىلال شۇنداق دېگىنىچە ئارقىسىغا داجىدى.
ئۇنىڭغىچە قاش قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ بىلالنىڭ ئاپىسىمۇ ئۆيگە كىرىپ بولغانىدى.
ئۇ ئىشىكنى گوم قىلىپ ياپتى-دە، ئۆي ئىچىگە كىرىپ تۆت ئەتراپقا تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزى گۈلسۈمگە چۈشۈشى بىلەنلا جايىدىلا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى شاپىلاقلاپ يىغلىغىلى تۇردى.
-ۋاي… شەرمەندە، ۋاي شەرمەندىلە! مەن تېخى خەقنى ئوغلۇمنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتكىنىگە چىدىماي گەپ تاپتى دەپتىمەن. راستكەن ئەمەسمۇ ۋاي مەن نېمىنى كۆردۈم.… ھۈ… ھۈ… ھۈ… ۋاي يۈزۈم… بۇ يۈزۈمنى ئەمدى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىمەن . بىر چىرايلىق خوتۇنۇڭ، بويىدىن ئالتۇن ئۆرۈگۈدەك ئوغلۇڭ تۇرۇپ، يەنە بۇ شەرمەندىنىڭ قېشىدا يۇندى يالاپ ئاپاڭ بولغانغا مۇشۇنداق تويغۇزامسەن مېنى… ۋاي ئەل مەھەللە نېمە دېيىشىۋاتىدۇ شۇتاپتا!… -بىلالنىڭ ئاپىسى قەھرى بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى چاچلىرىنى يۇلاتتى، گەرچە ئاچچىق بىلەن ئېغىزىدىن نېمە نېمىلەر چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامال بار بوغۇلۇپ ئاۋازىنى بەك ئۈنلۈك چىقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن كۈچەۋاتاتتىئ بىلال بولسا ئالاقزەدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقان قوللىرىنى تۇتۇۋېلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
-ئاپا!… ئاپا!ئاپا… بۇنداق قىلماڭ! ئاچچىقىڭىز بولسا مېنى ئۇرۇڭ.
بىلالنىڭ ئاپىسى مۇشۇ گەپنى ساقلاۋاتقاندەكلا راستتىنلا ئۆزىنى ئۇرۇشتىن توختاپ ئەمدى بىلالنى ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
-مېنى ئۇرالمايدۇ دەپ قالدىڭما مانا ساڭا… ! ساڭا دەپ قوياي ھەرقانچە يوغىناپ كەتسەڭمۇ سەن يەنىلا مېنىڭ بالام. ساڭا كۈچى يەتمىگەن جېنىمنىڭ ماڭىمۇ لازىمى يوق.… مەن ساڭا نېمە دېگەن-ھە! گېپىم ئۇ قۇلىقىڭدىن كىرىپ بۇ قۇلىقىڭدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟ ھاياتىڭغا زىننەت نوتا تالدەك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلۇڭنى ئويلىساڭ بولمامدۇ. خوتۇنۇم بىلەن يارىشىۋالىمەن دەۋاتقان ئادەم بولغاندىن كېيىن كۆتۈڭنى قىسىپ ئۆيدە ئولتۇرماي پوق بارمۇ ساڭا بۇ-يەردە!
بىلالنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گۈلسۈمنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
-بىلال بۇ… بۇ نېمە گەپلەر؟… سىز ماڭا ئاجراشتىم دېگەنغۇ؟…
يەنە تېخى… سىزنىڭ بالىڭىز بارما!-دېيەلىدى ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئارانلا، ئەمما گېپى ئېغىزىدىن چىقىپ بولغۇچە بىلالنىڭ ئاپىسى ئۇنى گەپ قىلغىنىغا بۇرۇنى قۇلىقىغىچە تويغۇزۇپ قويدى.
-سەن زۇۋانىڭنى يۇم رەسۋا! ئوغلۇمنى سوراق قىلىۋاتامسەن نېمە ھەققىڭ؟ بار قانداق قىلىتىڭ! ئوغلۇمنىڭچۇ ئايدەك خوتۇنى، تايدەك ئوغلى بار. چوڭ شەھەرنى سېسىتىپ، ئەمدى پاسكىنا قەدەملىرىڭنى بۇ يەرگە سۆرەپ كەلگۈچە، سەنمۇ ئەردىن بىرنىڭغا تېگىپ قىسىپ ياشىساڭ بولمامدۇ-ھە!
-ئاپا… نېمانداق گەپ قىلىسىز؟ مەن… مەن گۈلسۈمنى ياخشى كۆرىمەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن… ئۇنىڭ كۆڭلىگە بۇنداق ئازار بەرسىڭىز بولمايدۇ.
-ۋاي كۆزۈمگە دۆ كۆرۈنمەي چىققىنە ئۆيدىن! سەن ياغاچ قۇلاققا گەپ ئاڭلىتىمەن دېگۈچە… چىقە ماڭ!
-ماقۇل. تۇرىڭە بىللە چىقىپ كېتەيلى ئەمىسە! بۇ دېگەن ئۇنىڭ ئۆيى، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بۇنداق جېدەل قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
-كىمنىڭ ئۆيى-ھە!، كىمنىڭ ئۆيى! مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ ھەي دەلتە! مەھەللە كويدىكىلەر نېمە دېيىشىۋاتىدۇ شۇ تاپتا، بىلەمسەن شۇنى-ھە! ئوغلۇم خىجىل بولۇپ قالمىسۇن. ئانا بالىلىقىمىزنىڭ ھۆرمىتى بولماي قالمىسۇن دەپ بەزى گەپلەرنى دېمىسەم ئايىغاننى بىلمەيسىنا! ئۆيدىكى پۇللار قېنى-ھە، قېنى دەۋاتىمەن. سەن پۇل تۆلىگەچكە ئاندىن بۇ خېنىمنىڭ بولغاندۇ مۇشۇ ئۆيمۇ؟ ھۈ… ھۈ… ھۈ… ۋاي بۇ يۈزۈمنى مەن نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىمەن دەيمەن؟ نەچچە كۈن ئاۋۋال مەھەللىدە بازارغا چوڭ شەھەردىن بىر جالاپ كەپتىمىش، پىشۇرۇق دۇكىنى ئېچىپتىمىش، دۇكىنىغا پىشۇرۇق دۇكىنى دەپ ئىسىم قويۇۋالغىنى بىلەن ئىچىدە باشقا ھۈنەرلەرنىمۇ قىلىدىكەن دەپ گەپ بولدى. ئارقىدىنلا يەنە ئۇ نەچچە يىل ئاۋۋال بىزنىڭ مەھەللىدىن ئوقۇيمەن دەپ چوڭ شەگە كەتكەن گۈلسۈم شۇ ئىكەن دەپ گەپ بولدى. ئەمدى تۈنۈگۈن ئاڭلايمەن… كىمنىڭ ئېغىزىغا قارىسام شۇ گەپ، ئوغۇللىرى ئۇ بۇزۇقنىڭ بازاردا كۆكلەپ چېچەكلىشىگە ئوغۇتنى ئوبدان بېرىۋېتىپتۇ دېيىشىۋاتىدۇ. پاتىمەمۇ تۈنۈگۈن يىغلاپ كەپتۇ. يارىشىدىغان ئىشنى بولدى قىلايلى بالامنى يەنىلا ئۆزۈم باقاي دېگىنىچە كېتىپ قالدى بىچارە. ئاچچىقىمدا ساقلاپ ئولتۇرسام، بىر كېچە ئۆيگە كىرمىدىڭ ۋوي ئەقلى گەچكىسىگە ئۆتۈپ قالغان… ھۈ… ھۈ… ھۈ… خەقنىڭ دېيىشىۋاتقانلىرى راست بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەپ كەلسەم، نەق ئۈستىدىن چۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ۋاي يۈزۈم… ۋاي يۈزۈم… ۋاي رەسۋا شەرمەندىلە…
-ئاپا! مەھەللىدىكى بىكارچى خوتۇنلارنىڭ گېپى بىلەنلا گۈلسۈمنى بۇنداق ھاقارەتلىمەڭ! نېمە ئۇ پاسكىنا دېگەنلەر نېمىدېگەن سەت گەپلەر بۇ؟… -دېدى بىلال ئاچچىقىنى ئىچىگە پاتۇرالماي.
گۈلسۈم بولسا تامدەك تاتىرىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي ئولتۇراتتى.
-يالغان ياۋىداق گەپمىكەن، ھە يالغانمىكەن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىممۇ يالغان بولامدۇ؟! خەقنىڭ دېگەنلىرى يالغان بولسا، ئۇ سېنىڭ نېمەڭ سەن ئۇنىڭ نېمىسى-ھە بىر ئۆيدە يېتىشىدىغانغا! ۋاي نومۇس قىلمايدىغان!… ئاڭلىسام چوڭ شەدە رەسۋالىشىپ، خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ ئاندىن خوتۇنلىرىدىن تاياق يەپ يۈز كۆزى قارىغۇسىز ئۇششۇق، كۆك ھالەتتە كەپتىمىشقۇ بۇ بازارغا… مۇشۇنداق شەرمەندىنىڭ يېنىدا پوق بارمۇ دەيمەن ساڭا زادى. ئىززىتىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ساق تۇتۇپ تىنچلىق بىرسىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولسا،
بۇ چاغقىچە بىرەر ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولىدىغان يېشىغا يەتتى بۇ شەرمەندە. زادى ئەقىل دەيدىغان نەرسە بارمۇ يوق سەندە ھە. توي قىلىمەن ياخشى كۆرىمەن دېيىشلىرىڭدىن ئايلىناي، مۇشۇنداق خەقتىن ئاشقان تاشقاننى دوختۇر بۇيرۇغانمىدى ساڭا يا.…
كېيىنكى گەپلەر گۈلسۈمنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، ئۇ خۇددى سۈيى لىققىدە چوڭقۇر بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەندەك، قۇلىقى غوڭۇلداپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلالمىغۇدەك بىر ھالەتتە خارامۇش ئولتۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ بىلالنىڭ ئاپىسىنى قانداق قىلىپ قاچان ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى.
پەقەت بىر چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، ئەينەك ئالدىدا يېغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىگە بىردەم قاراپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئاز تولا تۈزەشتۈرۈپ دۇكىنىغا ماڭدى.
ئۇ ئەينى چاغدا نادىرەدىن شۇنچە قاتتىق تاياق يېگەندىمۇ ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي ئاخىرى ھوشىدىن كەتكەن.
گۈلسۈم دۇكان ئىشىكنى ئېچىۋاتقاندا مۇشۇلارنى ئويلىدى.
ۋە چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن پەرتۇقنى تاقاپ بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-گۈلسۈم…
بۇ ئاۋاز بىلەن مۇزدەك بىر ئېقىم گۈلسۈمنىڭ يۈرىكىگە قادىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
-گۈلسۈم… -ئۆزىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىككىنچى قېتىم يەنە چاقىردى بىلال.
گۈلسۈم بىلالغا قارىماي تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشىنى قوپاللىق بىلەن تاشلاپ بىر چەتكە ئۆتۈپ قولىنى يۇيغاندىن كېيىن سومكىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىچىدىن بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان پۇلنى ئېلىپ بىلالغا تەڭلىدى.
-ئەسلى تۈنۈگۈن بەرمەكچى ئىدىم.… كېچىككەن بولسىمۇ… بۇ پۇلنى ئېلىپ قايتىپ كېتىڭ!
-نېمە… مەن؟!
-ئاۋۋال پۇلنى ئېلىپ ساناپ بېقىڭ! كەم بولۇپ قالغان بولسا يەنە قوشاي. تولۇق بولغان بولسا، سىز ماڭا بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ سانىغا توشقان بولسا پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قېلىڭ!
-گۈلسۈم خاپا بولماڭ بولامدۇ؟ كۆڭلىڭىزنىڭ قاتتىق ئازار يېگەنلىكىنى بىلىمەن. مەن… مەن ئاپامنىڭ تۇيۇقسىزلا كېلىپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن…
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇