كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئايسىخان ئۇلاردىن ئازار يېگەچكە پەرىشان ھالدا ئۆيگە قايتىپ چىقتى. بۇ كۈنلەردە ئېليارنىڭ ئانىسى رازىخان ئانىمۇ ئامال بار ئاينۇرنىڭ ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش كويىدا ئىدى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ:«ئۈچ كۈنگىچە ئاينۇرنىڭ ئانىسى بەكلا ئەنسىرەپ قالىدۇ، مەن بۈگۈنلا باراي»دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈزدى-دە ئىليارنى چاقىردى. بۇ چاغدا ئاينۇر تېخى تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئاچچىق ھىجران ئازابىدا ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئاينۇر بۇ كېچە ئىليار بىلەن سەيلە قىلىپ دېگەندەك شۇنچە شىرىن چۈشلەر ئىلكىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.
- ئىليار ئوغلۇم بىز بۈگۈن ئاينۇرنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بارايلى، بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تەرىپىنى ئويلاشمىسام بولمايدۇ. ئۈچ كۈنگىچە قىزى قايتىپ كەلمىسە ئانا تۈگىشىپ كېتىدۇ، بالام، شۇڭا ھازىرلا ماڭايلى. ئاينۇر قىز ئۇخلاۋەرسە، بىز بېرىپ ئايسىخان ئاچامنى خاتىرجەم قىلىپ كەلسەك بولارمىكىن؟- دېگىنىچە ئۆيدىكى قول ياغلىققا ئوراپ، كاتقا يىغىقلىق يوتقاننىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان پۇللارنى ئېلىپ، ئىليار بىلەن موتسىكىلىتقا مىنگىشىپ، ناھىيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ناھىيىگە كىرىپلا، بىر تاكسىنى توسۇپ، ئاينۇرنىڭ يېزىسىغا يۈرۈپ كەتتى. ئەسلى ئاپتوبۇستا بارسىمۇ بولىدىغان يول تاكسىدىمۇ رازىخان ئانا ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن بىلىنىۋاتاتتى. «تېزرەك بېرىپ، ئايسىىان ئانىغاكۆرىنىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلسام بولاتتى، ئۇمۇ قىز چوڭ قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرمىسا، ئەل-مەللىنىڭ ئالدىدا ئوغلۇممۇ، ئاينۇرقىزمۇ يۈزى يورۇق ھالدا بېشىىنى ئوڭشىۋالسا»، رازىخان ئانىنىڭ خىيالى شۇنچە گۈزەل ئىدى، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن؟ ئۇنىڭ خىيالىنى شوپۇرنىڭ:«مانا كەلدۇق»دېگەن ئاۋازى بۆلدى.
تۆنۆگۈن كەچتە كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن ئايسخان ئانا كېچچە ياخشى ئۇخلىيالماي ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا- ئاراملارنى تازىلاپ، كارىۋاتتا ئەمدىلا ناشتىغا ئولتۇرغان ئىدى، ئىشىكى ئالدىدا توختىغان تاكسىنى كۆرۈپ، ئەجەبلەنگەن ھالدا قولىدىكى قاچىنى قويۇپ، ھويلا ئىشكگە قاراپ ماڭدى. ئۇ چىققاندا، ئىشىك ئالدىدا ئىليار بىلەن ياشقا چوڭ بىر ئايال
تۇراتتى. ئايسىخان ئاننىڭ يۈرىكى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى، دىلىغۇل بولغان ھالدا ئۇلارنى ئۆيىگە باشلىدى، داستىخان سېلىپ، چايلارنى قويۇپ بولغىچە ئانا مېھمانغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن تەكەلۇپ بىلەن نارازىلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەن ئانا ئاخىرى ئۈستىدىكى ئېغىر بىر يۈكنى سىلكىپ تاشلىماقچى بولغاندەك قىيىن بىر نەپەستە ئېغىز ئاچتى:
-. نېمىشقا كەلگىنىڭلار كۆڭلۈمگە پىيالىدىكى چايدەك ئېنىق بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزئېغىزىڭلاردىن ئاڭلاي.
- مەن ئىليارنىڭ ئانىسى، - دەپ گەپ باشلىدى رازىخان ئانا ئۆزىدىكى جىددىيلىكنى سەل پەسەيتىشكە تىرىشىپ، -ئىلگىرى ئېلىيار بالام، سىلىنىڭ ئېسىل تەرىپىلىرىنى قىلىپ بەرگەن. سىلىنى ماختاپ، مېنىڭ بۇ ئائىلىگە بالا بولغۇم بار دېگەن، بۈگۈن ئاخىرى يۈز كۆرۈشتۈق. ئوغلۇم خاتا قىلدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەت قىلدىم، ئاينۇر قىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلى بارئىكەن، ئوغلۇم تۈنۈگۈن ئۆيگە بېرىپ بەكلا يىغلاپ كەتتى. ئاچا، ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىگە كۆڭۈل رىشتى چىگىلىپ بوپتۇ، شۇڭا ئامال بار بۇ قىلماقچى بولغان توينى قايتۇرۋتەيلى. بىر- بىرنى ياخشى كۆرگەندىكىن ئىككسى ئىككى تەرەپتە ئازاپ تارتىپ يۈرمىسۇن دەپ، ئوغلۇم بىلەن ئىككمىز ئاينۇر قىزنى قايىل قىلىپ، ئېلىپ كەتتۇق. ئاينۇر قىزمۇ سىلنى ئاياپ، باشتا ماڭغىلى ئۇنىماي بەكلا تاقاشتى، ئەمما يەنىلا مەن ئانىڭزنىڭ يېنىغا ئۆزۈم بارىمەن دەپ قايىل قىلدىم. خاپا بولمىسىلا مېنىڭ بۇ ئىككى بالىنى ئايرىۋەتكۈم كەلمەي مۇشۇنداق قىلىپ سالدىم. بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولسىلا، تويلۇقنى تۆلەپ بېرىپ بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىۋېتەيلى.
رازىخاننىڭ ئېغىر گۇناھكاردەك تۆۋەنچىلىك بىلەن تەڭقىسىنچىلىقتا دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئايسىخان ئانا بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ، يەنىلا ئەڭ ئاقىلانە تاللاشنىڭ مۇشۇ توي ئىكەنلىىنى جەزىملەشتۈردى-دە، ئالدىرىماي ئىچىدىكىنى بىراقلا تۆكتى:
-ھەي ئۇكام، مەنمۇ مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتتىم. قانداق قىلىمەن ئەمدى ؟بولغۇلۇق بولدى، ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا يولىمىزمۇ ئېتىلىپ قالسا بولمايدۇ؛سىلەر ئانا بالىنىڭ قىلغىنىڭلار خاتا بولسىمۇ، سىلى دېگەندەك بۇ توينى قىلايلى، كەلگۈلىك شۇنداق ئوخشايدۇ...
ئايسىخان ئانا كۆزلىرىدىن ئەگىپ قالغان ياشنى سۈرتىۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، -مەن تويلۇقنى قايتۇرۇشنىڭ يولىنى قىلاي.
- رەھمەت سىلىگە ئاچا، تولىمۇ ئېسىل ئايال ئىكەنلا، سىلە بىلەن ياخشى قۇدا بولۇپ كېتىمىز، مەنمۇ ئاينۇرقىزنى ئېلىپ كېلەي، ھە راست، تويلۇقنىڭ پۇلىنى ھېسابلىغانمۇ، قانچىلىك تويلۇق بوپتۇ؟ ئۇلار كېلىپ ئەسكىلىك قىلسا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويسىلا.
ئايسىخان ئانا تويلۇققا كەتكەن پۇلنىڭ سانىنى دېگەندىن كېيىن رازىخان ئانا پۇلنى ساناپ، ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ خوشلىشىپ قايتتى.
ئايسىخان ئانا كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا بىرتۇرۇپ ھەيران بولسا يەنە بىرتۇرۇپ خۇشالمۇ ئىدى. چۈنكى قىزى ئاخىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈش ئالدىدا تۇراتتى. رازىخان ئانا بىلەن ئىليار ئۆزى كەلگەن تاكسىدىلا قايتتى. ئايسىخان ئانا دۇكاننى ئېچىشقا رايى بارماي ئۆيدە ئۇششاق -چۈششەك ئشلارنى قىلۋاتاتتى. چۈشكە يېقىن ئۆيگە ئارزۇگۈل بىلەن ئايشەمگۈل پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ ئەلپازى بەكلا يامان ئىدى. ئۇلار ئىشىكتىن ئۆڭسىلى يوق ھالدا كىرگىنىچە ئانىنڭ سالىمىغا پەرۋامۇ قىلماي، دوق قىلىپ سۆزلەپ كەتتى:
-ھە، ئاينۇردىن خەۋەر بارمۇ ياكى بىرەر نانقېپى، ئالىقاپنىڭ كەينىدىن قېچىپتىمۇ؟
- يوق، -دېدى ئايسىخان ئانىمۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئارزۇگۈل تېخىمۇ چالۋاقاشقا باشلىدى:
- پەرزىم چۇقۇم توغرا، ئاينۇر قېچىپ كەتتى، بىز بۇ توينى قىلالمايمىز، توي تەييار بولغاندا تەگمەكچى بولغان ئېرىنى تاشلاپ، يوقاپ كەتكەن قىز بالىنى كېلىن قىلىپ ئەكىرىشنى كۆڭلىمىز قانداقمۇ كۆتۈرسۇن؟.
- خاتالىق بىزدە، ماقۇل، مېنىڭ قىزىم يوقاپ كەتكەندىكىن، مەن بۇ تويلۇقنى تۆلەپ بېرەي. توي جايىدا قالسۇن، -دېدى ئايسىخانمۇ.
- نەدە شۇنداق ئاسان ئىش بار ئىكەن؟تويلۇقنى ئۈچ ھەسسە بويىچە تۆلەيسىز، ئۇ ئىنىمنى ئەخمەق قىلدى، سىلە نومۇس قىلىشنى بىلمىگەن بىلەن بىز خېلى يۈزلۈك ئادەملەر، خەقنىڭ ئالدىدا يەگە قاراتتى بىزنى، نە ئات، نە نومۇس ئەمدى ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ھەسسە پۇل قايتۇرىسىز.
ئېلىيارنىڭ چوڭ ئاچىسى ئايشەمگۈلنىڭ خۇددى ئەسكى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك ۋارقىراپ-جارقىراشلىرىدىن جەھلى قاتقان ئايسىخان ئانا كەسكىنلىك بىلەن ئويلىغىنىنى ئېيتتى:
- مەندە ھازىر سىلەرگە ئۈچ ھەسسە تۆلىگىدەك پۇل نېمە قىلسۇن؟توي خېتى ئېلىپمۇ يېنىشىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بارغۇ؟تۇل خوتۇن دەپ، مېنى ئانىي تاپماڭلار. ھېلىمۇ ئىككى ھەسىلىگى بويىچە پۇل تەييارلىدىم.
- شۇنداق جېنىڭلارنى ئاران بېقىۋاتقان خەق بولغاندىن كېيىن ئەپتىڭلىگە بېقىپ ئىش قىلساڭلار بولماسمىدى، قىزىڭىزنى تۈزۈك باشقۇرغان بولسىڭىز بۇ ئىشمۇ بولمايتى.
ئارزىگۈل شۇنداق دەپ چالۋاقىغىنىچە ئايسىخان ئانىنىڭ قولىدىكى پۇلنى يۇلۇپ دېگىدەك ئېلىپ، ئاچىسى ئايشەمگۈل بىلەن بىرھازا پىچىرلاشقاندىن كېيىن خوشمۇ دېمەي چىقىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ قاچىغا ئۇسقان ئاشقا چىۋىن چۈشۈپ ئىچكىلى بولمىغىنىدەك تويمۇ تەييار بولغاندا بۇزۇلدى. ئەتىسىدىن باشلاپ گەپ دېسە بىر توققۇز نانلىق داستىخان كۆتۈرۈپ بارىدىغان ئېلىيارنىڭ ئىككى ئاچىسى ئاينۇرنىڭ ئىلگىرىكى يىگتى بىلەن قېچىپ كەتكەنىلىكى توغىرسدىكى خەۋەرنى پۈتۈن مەھەللىگە يېيىۋەتتى. مەھەللىدىكى غەيۋەتخورخوتۇنلارغا ئەمدى غاجايدىغان يېڭى تېما چىققان ئىدى.
ئىليار بىلەن رازىخان ئانا ئىشلارنى تۈگىتىپ خاتىرجەم ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. كەچتە ئىليارنىڭ مەھەللىدىكى دوستى ئوسمان زىياپەت ئۆتكۈزدى. بۇ مەھەللىدىكى دوستلىرى ئۇ كەلسىلا ئېلىيارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايمىزدەپ ئۆيىدە يىغىلىش قىلاتتى. كەچتە يىگىرمىدەك قىز يىگىتلەر ئوسماننىڭ ئۆيىگە يىغىلدى. ئىليار دوستلىرىنىڭ يىغىلماقچى بولغانلىقىنى ئاينۇرغا ئېيىتتى ھەم بىللە بېرىش تەكلىپىنى قويدى.
- مەن بارماي، يا ئۇلارنى تونۇمىسام، خىجىل بولمامدىم؟
ئاينۇرنىڭ تەڭقىسلىقتا قالغاندەك دېگەن جاۋابىغا ئېلىيار پەرۋا قىلمىغان ھالدا:
-يۈرۈڭ، ھامان تونۇيسىز ئۇلارنى، مەن بىلەن بېرىپ تونۇشمىسىڭىز قاچان تونۇشىسىز ئۇلار بىلەن، -دېگىنىچە ئاينۇرنىڭ قولىنى تارتىپ ئېلىپ ماڭدى ھەم ھويلىدا قانداقتۇر بىر ئىش بىلەن ھەلەك بولۇپ ئالدىراش يۈرگەن رازىخان ئانىغا قاراپ :
- ئاپا، بىز دوستلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەيلى، -دەپ قويۇپ، ئاينۇرنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقتى. ئىليارنىڭ كۆڭلى ئەمدى جايىغا چۈشكەن ئىدى، ئەمدى ھېچكىم ئاينۇرنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدىغاندەك كۆڭلى خاتىرجەم بولغانىدى. ئۇ ئاينۇرنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق ئوتى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ، مەجنۇنلارچە تەلمۈرەتتى. كېچە ئاسمىنىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، كۆكتىكى ھىلال ئاي سېخى نۇرىنى چېچىپ، يۇلتۇزلارمۇ ئۇلارغا مەسلىكى كەلگەندەك كۆز قىسىشاتتى. ئۇلاركېلىشى بىلەن مەھەلىدىكى ساددا مىجەز دوستلىرى <<بىزنىڭ بىر جۈپ ناخشىچىمىز كەپتۇ»دېيىشىپ، ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى.
زىياپەتىمۇ رەسمى باشلاندى. مۇزىكا باشلىنىشى ئېلىيار بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي، ئاينۇرنى باشقىلاردىن قىزغانغاندەك مەيداندىن چۈشمەي ئۇنىڭ بىلەنلا ئوينايتى.
بۈگۈنكى سورۇن بۆلەكچىلا قىزىدى. دەسلەپتە تارتىنىشلاردىن كېيىن، ئۈنالغۇدىن چىققان ناخشىلارغا ماسلاشتۇرۇپ ئوينالغان ئۇسسۇل، تانسىلار، بەھوزۇر ئىچىشكەن ھاراقلار بۇ بۇ ساددا سەھرا يىگىتلىرىنى خېلىلا قىزىتىپ، سورۇننىڭ كەيپىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەن؛ئەسلىدە خىجىللىقتا قورۇنۇپ، داستىخانغىمۇ تۈزۈك قول ئۇزاتمايۋاتقان قىزلارمۇ ئەمدىلىكتە ئېچىلىپ، شاش كىيىكلەردەك سورۇننى بىر ئالغان ئىدى.
ئىليارمۇ تەڭشىلىپ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.
- ئەمدى سېنىڭ ناخشاڭنىمۇ ئاڭلايلى ئاداش، دۇتار بىلەن بىر قانچە پەدە چالە، - دېدى ئوسمان بىر رومكا ھاراقنى ئىليارغا سۇنغاچ. ئىليار ئوسماننىڭ قولىدىن بىر رومكا ھاراقنى ئېلىپ كۆتۈرۋەتكەندىن كېيىن دۇتتارنى ئېلىپ، ئاينۇرنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ چېلىشقا باشلىدى.
قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم، جانىم پىدا بولسۇن ساڭا.
جانىدىن كەچكەن، سەتەڭلەر ئاشنا بولسۇن ساڭا.
يېقىملىق مۇھەببەت كۈيى ئاينۇرنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالاتتى، ئاينۇرمۇ تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن بىر ھېسسىياتتا ئىليارغا قارىدى.
- ئاھ... نېمە دېگەن گۈزەل مىنۇتلار ھە ؟ ئاينۇرنىڭ ئىلگىرىكى ئېليارغا بولغان ئاغرىنىشلىرى، قەلبىدىكى ئازاپ يارىلىرى قاياقلارغىدۇر يۈتۈپ شادلىققا چۆمگەنىدى. ئۇ ئىليار بىلەن مانا بۈگۈنكىدەك مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشكە نېسىپ بولارمۇ؟ ئاينۇر شېرىن خىياللار ئىچىدە مەسخۇش ئىدى، بۇ ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىليار دۇتار بىلەن شوخ ئۇسسۇللۇق ناخشىدىن بىر نەچچىنى ئۇلاپ ئوقۇدى. سورۇندىكىلەر شوخ ئۇسۇلغا چۈشتى. مانا مۇشۇنداق خۇشال كۈلكىلەر بىلەن سورۇن كېچە سائەت ئون بىردە ئاخىرلاشتى. كەيىپ بولۇپ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان يىگەتلەر خوشلىشىپ بولغىچىمۇ خېلى ۋاقىت ئۆتتى. ئىليار ئۇلار بىلەن مىڭ تەستە خوشلىشىپ، ئاينۇرنى قولتۇقلاپ، ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇