كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-بىلال… بىلال ئېسىڭىزدە باردۇ؟ نەچچە ئاي ئىلگىرى سىز بىلال بىلەن مۇشۇ دوختۇرخانىدا… ھېلىقى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىدە… پاراڭلاشقان ئىدىڭىزغۇ؟… شۇ قىز… سىزشۇغۇ-ھە؟!
گۈلسۈم ئاخىرى ئېسىگە ئالالىدى، بۇ ئايال راستتىنلا شۇ ۋاقىتتا بىلال بىلەن ئىككىسىنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئايال شۇ ئىدى، شۇ چاغدا گۈلسۈم چېلەكنى ئۆرۈۋېتىپ قالغاندا بۇ ئايال ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تىللاپ قېلىپ قالغان. شۇڭا بىر-بىرىنىڭ ئېسىدە قېلىشقانكەن-دە.
گۈلسۈم تىترەپ كەتتى مۇشۇ دەقىقە مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ يەنە كۆڭۈلسىز ئىشلار، ئەمدى بىر تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ئېغىزىدىن قايتا بايان قىلىنىپ، يەنە گۈلسۈمنى بىئارام قىلىۋاتاتتى.
-خا… خاتا… تونۇپ قاپسىز!
گۈلسۈم شۇنداق دەپلا يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى.
-ۋوي… خاتا ئەمەستۇ! سىز بەكلا چىرايلىق بولغاچقا شۇ ۋاقىتتا چىرايىڭىز بەك ئېسىمدە قاپتىكەن.
خاتا تونۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەستۇ!…
-راستتىنلا خاتا تونۇپ قاپسىز… مەن نەدىمۇ چىرايلىق بولاي. سەل مىجەزىم يوق تۇرىدۇ… ئارام ئالاي دېگەنىدىم… خاپا بولماي چىقىپ كەتسىڭىز!
-ۋوي… قانداقسىگە خاتا بولىدۇ ئېنىقلا… شۇ قىز تۇرمامدۇ؟… ئايال ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇرىغىنىچە شۇنداق دەپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
گۈلسۈم ئەمدى بۇ يەردە تۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. گەرچە شۇنچە تاياق يېگەن بولسىمۇ ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ سۆڭىكىگە ئازار يەتمىگەنىدى. باشقا ئاغرىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى، ئۇ ماڭالىسىلا بولاتتى. تۈنۈگۈندىن بېرى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ قالغان بولۇپ، بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتاتتى. ئىشىكتىن چىقسىلا يەنە بىرسى ماشىنىغا سولاپ ئاپىرىپ ھارغىچە ئۇرىدىغاندەك. مۇشۇ ياتاقتىن باشقا بارىدىغان ھېچ يېرى قالمىغاندەك، ئۆزىگە ئەمدى ھېچبىر چىقىش يولى يوقتەك بىر تۇيغۇ ئۇنى تىنماي ئازابلايتتى.
« توغرا ئۆلۈۋېلىش كېرەك! بەرىبىر تارتىشقۇدەك نېمەم بار ئىدى. ئىشىكتىن چىقساملا نادىرەنىڭ تايىقىنى يېسەم. بىرەرسىگە مۇنداقراق دەردىم بار ئىدى دېگۈدەك شارائىتىممۇ بولمىسا. يەنە ياشاپ نېمىمۇ قىلارمەن!»
-خانىم… خانىم!-بىر سېسترانىڭ چاقىرىشى بىلەن گۈلسۈم خىياللىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.
-ھە!
-مەن بىلەن دوختۇر ئىشخانىسىغا بىر كىرگەن بولسىڭىز خانىم…
-نې… نېمىشقا…
-مەسئۇل دوختۇرىڭىز بىلەن دوختۇرخانا باشلىقى ئۇ يەردە سىزنى ساقلاۋاتىدۇ. سىز بىلەن پىكىرلىشىپ ھەل قىلىدىغان… بەزى مەسىلىلەر بار ئوخشايدۇ.كېلىڭ سىزنى يۆلىۋالاي…
سېسترا گۈلسۈمنىڭ تارتىشقىنىغا ئۇنىماي ئۇنى يۆلەپ دوختۇر ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى.
-ھە… قېنى كېلىڭ… ئولتۇرۇڭ!
ئىشخانىدا نېمىنىدۇر مەسلىھەتلىشىۋاتقان ئىككى دوختۇر گۈلسۈم كىرىشى بىلەنلا گېپىنى توختىتىپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
گۈلسۈم قورۇنۇپقىنا ئولتۇرغاندىن كېيىن گۈلسۈمنىڭ مەسئۇل دوختۇرى گەپ باشلىدى.
-ھە… خانىم… قانداقراق تۇرىسىز… خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
-ھە… ھەئە…
-ھە… مۇنداق گەپ ئىدى، سىز ئېغىر يارىلىنىپ يولدا يېتىپ قالغىنىڭىزدا بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك كىشى سىزنى دوختۇرخانىغا ئەكەپتىكەن. ئەھۋالىڭىز بەكلا ئېغىر بولغاچقا بىز ئۇلاردىن ئارتۇق گەپ سورىمايلا سىزنى داۋالاشنى باشلىغان ئىدۇق.
مانا بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىسى بولۇپ قالدى. داۋالىنىش خىراجىتىنى… ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئاندىن بىر گەپ بولار دېگەن ئىدۇق. لېكىن ئۈچ كۈندىن بېرى سىز يالغۇز تۇرۇۋاتىسىز . كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىنمۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىڭىزدىنمۇ سېسترالار سىزدىن ئاىلە ئۇچۇرىڭىزنى ئىگىلىمەكچى بولغاندىمۇ ھېچنېمە دېگىلى ئۇنىماپسىز. شۇڭا سىز بىلەن ئۆزىمىز پاراڭلىشىپ باقايلى دەپ چاقىرتىشىمىز ئىدى. خانىم… ناۋادا دېيىشنى خالىسىڭىز دوختۇرخانىغا نېمە سەۋەبتىن كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلسەك بولامدۇ؟…
گۈلسۈم نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى دەيمۇ دەپ شۇنچە تەمشەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان گەپ ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتكىلى ئۇنىمىدى.
ئۇنىڭ بەك ئۇزاق جىمىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مەسئۇل دوختۇر يەنە ئۆزى ئېغىز ئاچتى.
-بولمىسا سىزگە ياردەملىشىپ ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرەيلى.… بىزگە دېيەلمىسىڭىز ئۇلارغا دېسىڭىز بولىدۇ. خانىم… بەزى كىشىلەرنى ئاياپ ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرغىنىمىز ئەسلى ئۇلارغا قىلغان ھەقىقىي زىيانكەشلىك بولۇپ قالىدۇ. ياكى بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىش ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزدىنمۇ؟…
گۈلسۈم يەنە ئۈندىمىدى.
-خانىم، بۇنداق تۇرۇۋالماڭ؟ ناۋادا ھېچقانداق ياردىمىڭلار كېرەك ئەمەس، ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن دەپ قالسىڭىز خاپا بولماي… داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىۋېتىڭ. ئاندىن خاتىرجەم داۋالىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا خىزمىتىمىزگە ماسلاشقان بولسىڭىز…
-مەن… مەن داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەي. تېزلا تۆلىۋېتىمەن…
-بولىدۇ… ماقۇل ئەمىسە.… سېسترا سىزنى ياتاققا ئېلىپ چىقىپ قويسۇن. سالامەتلىكىڭىز تولۇق ئەسلىگە كەلگۈچە بىز سىزنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالايمىز.…
-بولىدۇ رەھمەت.
گۈلسۈم ياتاققا كىرگەندىمۇ تىترەشلىرى تېخى بېسىلمىغانىدى.
ئۇ ئەمدى تېزراق ئۆلۈۋېلىپ، ھەممە ئىشلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ قالدى.
ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۈچ كۈن ئاۋۋالقى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭغان چاغدىكى جۈرئىتىنى تاپالمايۋاتاتتى. ئۇ قانداق بىر كۈچ بولغىيتتىكىن، ساقچىخانىغا بارسا نېمىلەرنى دەر بولغىيتتىكىن. بىراق ھازىر ئۇنداق دېسىمۇ بۇنداق دېسىمۇ زادىلا ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى. جاھىللىق قىلسا ئۆزىنى سازايى قىلغانغا چۇشلۇق ئىش بولمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى. نادىرە توغرا ئېيتقانىدى. گۈلسۈم قانچىلىك ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىدىغان، گېپىنى قىلىدىغان كىم بار ئىدى. قايسى كۈنى ئۇ ھەر ھالدا ساقچىلارنى ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلەيتتى. بىراق بۇرۇنلا ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى جىنايەت ئىسپاتىمۇ بۇرۇنلا يوقاپ كەتتى. ئەمدى نېمىگە ئاساسەن دولقۇننىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ؟ گۈلسۈمگە بۇنچىۋالا قۇۋلۇق شۇملۇق قىلالىغان نادىرە بىلەن دولقۇن بەلكىم ھېلىقى سىن كۆرۈنۈشىنى بۇرۇنلا باشقىچە ياساپ ھەممىنى گۈلسۈمگە ئارتىپ، ئۇنى باش كۆتۈرگۈسىز قىلىۋەتكۈدەك بىر ئىشلارنى پىلانلاپ بولدىمۇ تېخى. نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق . شۇڭا ئەمدى تىركەشمەسلىك كېرەك. ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشلا بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇشتىكى بىردىنبىر يول ئوخشايدۇ. مۇشۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن گۈلسۈم ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاقتىن چىقتى-دە، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ پەلەمپەينىڭ تۈۋىگە كەلدى. ئاندىن توختىماي بىنانىڭ ئۈستىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.
ئەڭ ئۈستۈنكى…
بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىن بىنا ئۆگزىسىگە چىقىش ئۈچۈن كىچىك شوتىغا يامىشىپ چىقتى. ئەمما ئۆگزىگە چىقىدىغان ئېغىزدىكى قاپقاق ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ گۈلسۈم ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋاتقاندا پەستە بىرسىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى.
-ۋاي ئانامەي! نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟-پەستە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىدىكى ھېلىقى ئايال ئۇنىڭغا ئېغىزىنى چوڭ ئاچقىنىچە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.
-سىڭلىم! نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانسىز تېز يېنىپ چۈشۈڭ. قاراڭا شۇنچە ئېگىزگە چىقىۋاپسىز… ئۆتۈپ كەتمەيدىغان كۈن يوق سىڭلىم. بۇ ھاياتتا مۇشۇنداق بەزىدە خاپا بولۇپ بەزىدە خۇش بولۇپ ياشايدىغان گەپ. ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ ئۇنى قەدىرلەش كېرەك. ئۆلۈپ بەرسە تۆلەپ بەرگىلى ئادەم يوق سىڭلىم… بۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ. ۋاييەي سىزگە قارىساممۇ بېشىم قېيىپ كېتىپ بارىدۇ. چۈشىڭە! تېز يېنىپ چۈشۈڭ…
-ئاچا، نېمانداق ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىشقا ئامراق سىز! بولدى كېتىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ! مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن… نېمە ئىش قىلسام ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى… -گۈلسۈم قاپقاق ئېغىزىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىتتىرىشكە باشلىدى.
-ۋاي سىڭلىم، ئۇنداق قىلماي يېنىپ چۈشۈڭ دەيمەن. بولمىسا ئادەم چاقىرىمەن جۇمۇ! سىزنىڭ بەك كۆپ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. شۇڭا سىزنى ئاياپ باشقا ئادەممۇ چاقىرمىدىم. ھېلىمۇ بۇ قەۋەت ئامبار. كۆپ ئادەممۇ يوق. ئەمما، پەستىكى قەۋەتتىلا بىر مۇنچە ئادەم بار، ۋارقىرىساملا دەرھال چىقىدۇ. ۋاي ئانامەي،… نېمە ئىشلارنى كۆرۈۋاتىدىغاندىمەن دەيمەن… تېز يېنىپ چۈشۈڭ! بايىلا غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئارقىڭىزدىن ئەگىشىپ چىققان ئىدىم. تىنچراق بىرەر يەرنى تېپىپ بىردەم تۇراي دېگەن ئوخشايدۇ دەپ ئارىلىق ساقلاپ مېڭىپتىمەن. تاس قاپتىمەن ئەمەسمۇ كېچىكىپ قالغىلى. تېز يېنىپ چۈشۈڭ سىڭلىم… قانداق گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ! قولۇمدىن كېلىشىچە سىزگە ياردەم قىلىمەن… ھە. چۈشۈڭە ۋاي ئۇ يەرنى ئىتتىرمەڭ دەيمەن!… ئادەم… -ئايال گۈلسۈمگە گەپ يېگۈزەلمەي ئاخىرى پەستىكى قەۋەتتىن ئادەم چاقىراي دەپ تۇرغاندا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى.
-ھە… ھە… ئۇكام… ۋاي چاتاق بولدى دەيمەن! بۇ قىز ھازىر ئۆگزىگە چىقىۋالدى.ھە… ھە نېمە كەلدىڭىزمۇ! تېز… تېز … ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىڭ!
ئايال شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويدى-دە، يەنە گۈلسۈمگە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى.
-ماڭا قاراڭ سىڭلىم! ھازىر بۇ يەرگە بىرسى كېلىۋاتىدۇ… ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز… تېپىپ بېقىڭە. ئۇ سىزنى دەپ… سىزنىڭ بالنىستتا يېتىپ قالغىنىڭىزنى ئاڭلاپلا ئىشىنى قويۇپ بۇ يەرگە كەلدى. ئادەم دېگەننىڭ بىر يولى ئېتىلسە… يەنە نەچچىسى ئېچىلىدۇ سىڭلىم. ئەستا نېمانداق جاھىل قىزدۇ بۇ؟ يېنىپ چۈشۈڭ دەيمەن! راستتىنلا ئادەم چاقىرىمەن جۇمۇ…
-گۈلسۈم! …
گۈلسۈمنىڭ قاپقاقنى ئىتتىرىۋاتقان قوللىرى تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى. ئۆزىنى چاقىرغان بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا بەكمۇ تونۇشلۇق ئىدى.
-گۈلسۈم ئۇنداق قىلماڭ! ماڭا قاراڭ گۈلسۈم… -گەپ قىلىۋاتقىنى بىلال بولۇپ ئۇ ھاسىراۋاتاتتى. قارىغاندا گۈلسۈمگە بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرگەن بولسا كېرەك.
گۈلسۈم ئەمدى يىغلاشقا باشلىدى.
-ھۈ… ھۈ… ھۈ… نېمىشقا… نېمىشقا ھەممە ئىشىم توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا تۇرىدۇ؟ مەن نېمانچە تەلەيسىز…
-بۇنداق دېمەڭ گۈلسۈم، ئاۋۋال يېنىپ چۈشۈڭ بولامدۇ؟!، بىز ياخشىراق پاراڭلىشايلى! ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ…
-كېتىڭ بىلال! سىزنى كۆرگۈم يوق! نېمىشقا نەگىلا بارسام سىز پەيدا بولۇپ قالىسىز؟…
-ئۇ پەيدا بولۇپ قالمىدى قاراڭ! ئاتايىن يۇرتتىن سىزنى دەپ بۇ يەرگە كەلدى. قايسى كۈنى سىزنى تونۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، مەن ئەسلى ئىسمىڭىزنىمۇ بىلمەيتتىم. مۇشۇنداقراق بىر قىز بار ئىكەن، شۇ قىزغا ئوخشاۋاتىدۇ دېسەم ئىسمى گۈلسۈممكەن دېدى سىزدىن سورىسام دەرۋەقە سىز شۇكەنسىز. ئۇنىڭغا ئېيتتىم دەرھاللا بۇ تەرەپكە ماڭغان گەپ. ھايالشىمايلا كەپ بوپتۇ مانا! يەنە ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىپ نېمە قىلىسىز ھە… مۇشۇنداق ئەنسىرەيدىغان بىر ئادىمى بولۇشنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەسمۇ؟ ئەخمەقلىق قىلماي تېز يېنىپ چۈشۈڭ!
گۈلسۈم تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. مۇشۇنداق قۇتقۇزغۇچىلار دولقۇن ئۇنىڭغا پەسكەشلىك قىلىشتىن بۇرۇن ياكى، نادىرە ئۇنى شۇنچە قاتتىق ئۇرىۋېتىشتىن بۇرۇن پەيدا بولۇپ قالغان بولسىچۇ-ھە؟ گۈلسۈم قارار قىلغان ھېچبىر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغىنى يوق، ئەكسىچە دۈشمەنلىرىنىڭ يولى شۇنچە ئوچۇق، ئىشلىرى شۇنچە يۈرۈشۈپ كېتىپ باراتتى.
بىر چاغدا ئىللىق بىر قول گۈلسۈمنىڭ تۆمۈر شوتىنىڭ بالداقلىرىنى چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرىنى تۇتتى. ئۇ يىغلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ بىلالنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا يامىشىپ چىقىپ بولغانلىقىنى تۇيمايلا قالغانىدى.
-بولدى يىغلىماڭ گۈلسۈم… ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. چۈشۈپ كېتەيلى ھە!
-سىز بىلمەيسىز بىلال. مەن ئۆلۈۋالغان بولسام ئاندىن ھەممە ئۆتۈپ كەتكەن ئاخىرلاشقان بولاتتى. ئەمما ھازىر يېنىپ چۈشسەم، ھەممە يەنە قايتىدىن باشلىنىدۇ. يەنە ئازاب… يالغۇزلۇق… ئۈمىدسىزلىك… پەستە مېنى ساقلاۋاتقىنى شۇ بىلال…
-بۇنداق دېمەڭ گۈلسۈم… ماڭا قاراڭ كۆزلىرىمگە قاراڭ! بۇ يەردە، پەستە، ھەممە يەردە ئىشقىلىپ سىزنى ساقلاۋاتقىنى يەنە مەن گۈلسۈم… يەنە مەن بار… گېپىمنى ئاڭلاڭ چۈشۈپ كېتەيلى! ئىشلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىمىز… ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
-بىلال بۇنداق قىلمىسىڭىز بولاتتى… مېنى يەنە خىجىل قىلمىسىڭىز بولاتتى. سىزگە دېگەن گەپلىرىمنى قىلغانلىرىمنى ئويلىسام … ھۈ… ھۈ… ھۈ… مەن يۈزىڭىزگە قارىيالمايمەن بىلال…
-ھېچقىسى يوق گۈلسۈم … راستتىنلا ھېچقىسى يوق… مەن كۆڭلۈمگە ئالمىدىم. ئۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا ئۇنتۇپ كەتتىم. ئەمدى پەقەت سىز بىلەن مەنلا بار… بىز قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ… ئۆتمۈش ئۇ ئەمدى ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ. كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل.… ماقۇل دەڭ يېنىپ چۈشەيلى!
بىلالنىڭ قەتئىيلىكى ئالدىدا گۈلسۈم يەنە ئاجىزلىق قىلدى.
ئىشقىلىپ ئارقىسىدىن قوغلاپ بۇ يەرگىچە چىققان بىلالنىڭ رودۇپايدەك چاپلىشىپ تۇرغان بۇ ھالىتىدە ھېلىغۇ گۈلسۈمنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن سەكرىۋېلىشىكەن، بۇ قاپقاقنى ئېچىپ بېشىنى چىقىرىشىمۇ مۇمكىن بولمايتتى. شۇڭا ئارتۇق تىركەشكەننىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزگەندىن، ئۆزىنى ھارغۇزغاندىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان گۈلسۈم ئاخىرى بىلالغا دوق قىلغىنىچە شوتىدىن يېنىپ چۈشتى.
-ۋاييەي! ۋاي يۈرىكىم! ۋاي يۈرىكىم! بايا قورققىنىمدىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ھېلىمۇ ياخشى ساق سالامەت چۈشۈۋالدىڭلا!-دېدى ئۇلارنىڭ يېنىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقاق ھېلىقى تازىلىق ئىشچىسى ئايال.
-ماڭا قاراڭ سىڭلىم.-دېدى ئۇ يەنە گۈلسۈمگە قاراپ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.-كونىلارچۇ جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان دەپ بەك توغرا ئېيتقان. نۇرغۇن ئادەملەر بار ياشايمەن دەپ ياشىيالمايۋاتقان، ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن ھاياتلىق پۇرسىتىنى قەدىرلەشنى بىلمەيۋاتىسىز. ياپياش تۇرۇپ بۇنداق ئۈمىدسىز بولۇپ كەتمەڭ. قاراڭا بىلالنىڭ ئەنسىرەپ بىر بوپ كەتكىنىنى… سىزنىڭمۇ چىرايىڭىز تاتىرىپ كېتىپتۇ مانا. جاھىللىق قىلىپ شوتىدا بەك ئۇزاق تۇرۇۋالدىڭىز ئەمەسمۇ؟! يۈرۈڭە بىلال بىلەن ئىككىمىز سىزنى ياتىقىڭىزغا ئەكىرىپ قويايلى. بىردەم تىنچلىنىۋېلىڭ!
ئايال شۇنداق دېگىنىچە گۈلسۈمنى يۆلەپ ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتتى.
لېكىن گۈلسۈمنىڭ ياتاققا قايتىپ كىرگۈسى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالغا ئۆزىنى تۇتقۇزماي كەينىگە داجىپ تۇرۇپ دېدى.
-مېنىڭ… ياتاققا كىرگۈم يوق. سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلاپ يېنىپمۇ چۈشتۈم، ئەمدى يەنە كۆزۈمگە كىرىۋالمىغان بولساڭلا!
-ھە، بوپتۇ بوپتۇ ياتاققا كىرگۈڭىز بولمىسا ئەمىسە دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى گۈللۈككە بارايلى. ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك ساپ ھەم سالقىن. شۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇپ جىددىيلىكىڭىزنى بېسىۋېلىڭ-ھە!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇