تۆشۈك مونچاق 🧡 5-قىسىم

文摘   2025-01-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭ خىيالى ئانىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن بۆلۈندى.

- دوغاپ ئېتىپ كىردىم قىزىم، مۇزدەك ئىچىۋېلىڭە، -ئانا قىزىغا دوغاپنى سۇنغاچ ھېرىسمەنلىك بىلەن قاراۋېتىپ، سورىدى، - قانداق خىزمىتىڭىزگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟

- ھەئە كۆنۈپ قالدىم، ئانا، ئۆزىڭىزچۇ، مەن يوق ۋاقىتتا سالامەتلىكىڭىزدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالمىغاندۇ؟ ياخشىمۇ ئۇكىلىرىم خاپا قىلىپ قويمىغاندۇ؟

- ياخشى قىزىم، باشقا ئۆزگىرىش يوق، ئۇكىلىرىڭىزمۇ قۇلىقى يۇمشاق بولغاندىكىن باشقا جاپاسى يوق.

- ھە راست ئانا، ئاچام يېقىندىن بېرى ئۆيگە كەلگەندە مېنىڭ سەنئەت ئۆمەككە كەتكىنىمنى ئاڭلاپ سىزگە باش ئاغرىقى قىلىپ يۈرمىگەندۇ ؟

- ئېرى دەسلەپ خاپا بولۇپ خېلى جىدەل قىلپتۇ، كېيىن ئاستا- ئاستا توختاپ قاپتۇ، سىز بولمىغاندىن كېيىن نېمە قىلالايتتى، - دېدى ئايسىخان ئانا ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا.

 ئۇلار مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، كۈن كەچمۇ بولدى ئاينۇرنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئاچىسىنى كۆرۈپ، قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشلىرى كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە كەچلىك تاماقنى يەپ يېتىپ قېلىشتى.

ئاينۇر بۇ قېتىم ئۆيدە ئىككى كۈن تۇرۇپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆمەككە قايتتى. قايتىپ كېلىپلا ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ھېكايىسىنىڭ پېرسوناژنى ئۇچرىتىپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۆمەكتە يېڭى بىر ئەزانىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆردى. بۇغداي ئۆڭ، ئوتتۇرا بوي، چىرايى بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ مېھرى ئىسسىق كۆرۈنىدىغان بۇ يىگىت سەنئەت مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ئۆمەكتە ھەر يىلى تەتىلدە ئىشلەپ ئاز تولا-كىرىم قىلىدىكەن. ئىليار ئىسىملىك بۇ يىگىتنىڭ ئوقۇغان كەسپى ناخشا بولۇپ، ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى. ئاينۇر قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈنگىچە ئۇلار پاراڭلىشىپمۇ باقمىدى. ئۆمەكتىكىلەرھەر كۈنىكىدەك بۈگۈنمۇ ئويۇن قويۇشقا ماڭدى. يازنىڭ تىنجىق كۈنلىرى بولغاچقا، قۇياش ئۆزنىڭ بارلىق ھارارىتىنى زىمىنغا سەپكەندەك ئەتراپ تونۇردەك بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار بىر يېزىغا كېلىپ، سەھنە ئۈسكۈنىلىرىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن بىر يېزا كادىرنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتى. ھاردۇق يەتكەن قىزلاربىرئۆيگە كىرىپلا، ئۆزىنى تاشلىشىپ، ئۇيقىغا كېتىشتى. ئۆيگە قايىتقان ۋاقىتتىكى ئىشلارنى خىيال قىلىپ، ئۇخلىغان بىلەن ئۇخلىمىغاننىڭ ئارلىقىدا ياتقان ئاينۇر بىر چاغدا ئىشىكنىڭ يەڭگىل چېكىلگىنىدىن ئېسىگە كەلدى ھەم ئىشىكنى ئاچتى. ئىليار بىلەن ئىككى ئوغۇلنى كۆرۈپ، سەل خىجىل بولۇپ، نېپىز شىپىڭ كۆينىكىنىڭ ئىگىز- پەس يەرلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ دېدى:

 -قىزلار ئۇخلاۋاتاتتى، ئىشىڭلار بولسا سەل تۇرۇپ كېلەمسىلەر...

ئۇنىڭ گېپىنى ئېليار بۆلدى:

-باشقا ئىشمىغۇ يوقتى، ماۋۇ ئۈچىمىز ئۆستەڭگە سۇغا چۆمۈلگىلى بارغان ئىدۇق، كەلسەك بىز چۈشكەن ئۆي تاقاقلىق تۇرىدۇ، چاچلىرىمىز سۇغا چۈشكەن مۈشۈكنىڭ تۈكىدەك پاخپىيىپ كېتىپتۇ، تارىۋالايلى دېگەن ئىدۇق. -ئېلىيار خۇددى ئۇزۇن يىللىق تونىشىغا گەپ قىلىۋاتقاندەك بەھوزۇر ئىدى.

-ھە، بولىدۇ، مەن ئېلىپ بېرەي، -ئاينۇر ئىچىدە ئۇلارنىڭ قىزلاردىن تارغاق سورىغىنىغا سەل ھەيران بولسىمۇ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى سالىدىغان سومكىسىدىن تارغاقنى ئېلىپ، ئېلىيارغا سۇندى.

-ئەسلىدە مېھرىگۈلدىن سورىماقچى ئىدىم، سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

ئاينۇر ئىليارنىڭ چىرايىدىكى تۈزۈتكىمۇ، شوخلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىپادىگە قاراپ:

- ھېچقىسى يوق، مېھرىگۈل ئۇخلاپ قالغان تۇرسا، -دېدى.

ئىليار چاچلىرىنى تاراپ بولۇپ تارغاقنى ئاينۇرغا سۇنغاچ - مەن سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ھەر يىلى تەتىلدە ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇپ، سەھنىگە پىشاي دەپ، بۇ ئۆمەكتە ئىشلەيمەن. باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن كونا تونۇش بولغاچقا، چاقچاقلىشىپ ياخشى ئۆتىمەن سىز بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باقماپتىمەن، ھەتتا ئىسمىڭىزنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن، -ئىلىيار قىزغىنلىق بىلەن ئاينۇرغا خۇددى نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندەك سۆزلەشكە باشلىدى.

ئاينۇر دەسلەپتە سەل تېڭىرقاپ قالغاندەك بولدىيۇ، ئەمما يىگىتنىڭ ئوچۇق-يورۇقلىقى، دەۋىرنىڭ ئالدىدىكى مودا ئېقىمىغا خاس ئۈستىۋاشلىرى، كېلىشكەن قەددى-قامىتى ئۇنىڭ قىزلىق پەسلىنىڭ كۆڭۈل رۇجەكلىرىگە سايە تاشلاشقا باشلىدى.

ئاينۇرنىڭ تەئەجۈپلۈك تۇيغۇلىرىنى ئېلىيارنىڭ سۇئالى ئۈزۈپ قويدى:

-ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟-

ئاينۇر ئېلىيارنىڭ تەلەپپۇزىدىكى ئۆزگىچە يۇمشاقلىقتىن ھازىرلا مەھرۇم قالىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىتتىكلا ئالدىراپ جاۋاب بەردى:

-ئىسمىم ئاينۇر -ئۇنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ يېقىملىق چىقىرىشقا تىرىشىپ بەرگەن جاۋابىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.

ئېلىيار ئاينۇرنىڭ تاڭ سەھردە ئېچىلغان گۈلدەك بىغۇبار چېھرىگە، سەھرا قىزلىرىغا خاس ئاددىي، ئەمما رەتلىك ئۈستىۋاشلىرىغا، تارتىنىشمۇ، شوخلىقمۇ تەڭلا چىقىپ تۇرغان تال-تال كىرپىكلىك كۆزلىرىگە قايتىدىن سىنچىلاپ قاراپ، نېمىنىدۇر خىيال قىلغاندەك تۇرۇپ قالدى-دە، دەرھال ئېسىگە كەلگەندەك:

-خالىسىڭىز بىر ئاز ئايلىنىپ، پاراڭلىشىپ كىرەمدۇق؟

ئۆمەككە كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ئاينۇر ئۆيىنى سېغىنىپ، يا تۈزۈك مۇڭداشقىلى ئادەم يوق ئىچى سىقىلىپلا تۇراتتى، شۇڭا دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۇلار باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاۋايلاپ، ئۇزۇن كارىدۇردىن ئۆتۈپ، غۇچچىدە ئۈزۈم تاللىرى بېدىشقا ئېلىنغان باراڭلىق ھويلىدىن ئۆتتى. ھويلىدىكى باراڭنى ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان تەشتەكلەردېكى رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان، ياڭاق ياغىچىدىن تۆجۈپلەپ ياسالغان سۇپا ئۈستىدىكى ئوتقاشتەك يۇڭ گېلەم، گۈلدار پەشايۋان، ئۆگزىدە گۇڭۇلدىشىپ ئېگىز-پەس ئۇچىۋاتقان كەپتەرلەر ئۆي ئېگىسىنىڭ تۇرمۇشتا پىششىق ھەم سەرەمجان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

ئۇلار پاكىز ھەم ئازادە ھويلىغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ، سىرىتقا چىقتى. ئۆي ئىگىسىنىڭ خۇشخۇي، مېھماندوست ئادەملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، بىردەمدىلا سۆگەت تاللىرى سايە تاشلاپ، سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان ئېرىق بويىغا كەلدى. بىر ھازا ئۆمەكتىكى ئىشلار ھەققىدە پارڭلىشىپ، ئۆز ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.

ئاۋۋال ئېلىيار ئېغىز ئاچتى.

يىگىت ئۆزىنىڭ مۇشۇ ناھىيىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىنلا ناخشا ئوقۇشقا ھەۋىسى بارلىقىنى، شۇڭا ئۆيدىكى قويلارنى جاڭگالغا ھەيدەپ قويۇپ، ناخشىنى بولۇشىغا توۋلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئادەملىرىنىڭ كەنتىگە ئويۇن قويغىلى كېلىپ، ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ:«ئاۋازىڭ ياخشى ئىكەن، بىز بىلەن بىللە ئىشلىگىن»- دەپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بىر يىل ئۆمەكتە ئىشلەپ، ھازىر بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئېيتىپ بەردى.

ئاينۇر بولسا تارتىنىش ھەم قىزىقىش ئىچىدە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەپسلى ئاڭلىدى.

- ھە، ئەمدى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلسەم بولار-دېدى ئېلىيار.

- ھە، ئىككىمىز بىر ناھىيىدىن ئىكەنمىز، سىز ئۇ تەرەپتىكى يېزىدىن بولسىڭىز مەنمۇ بۇ تەرەپتىكى تاغقا يېقىن بىريېزىدىن، قايسى يېزا ئىكەنلىكنى ئۆزىڭىز پەرەز قىلىڭ، ئىسمىم ئاينۇر، دادام كىچىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن،

 بىز يەتتە بالا، بىزنىڭ تېرىلغۇ يېرىمىز يوق، ئانام بىزنى ئۇششاق تىجارەت بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان، -دېدى سەمىمىيلىك بىلەن. ئىليار ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىگە چىرايلىق رۇخسارغا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى.

- ھەي، مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم قاراپ قېتىپلا قاپسىزغۇ؟ نېمە بولدى؟ -دېدى ئاينۇر شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېتىپ قالغان كۆز ئالدىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ.

- ھە، سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىزگە قايىل بولدۇم، بىزنىڭ مەكتەپتىكى قىزلار ئاتا- ئانىسى ئۇششاق تىجارەتچى بولسىمۇ، مېنىڭ ئانام ياكى دادام سودىگەر دەپ، پو ئاتىدۇ. سىز راستىنلا بەك سەمىمىي ئىكەنسىز جۇمۇ، كەچۈرۈڭ، ئائىلە ئشلىرىڭزنى سوراپ سالدىم. كۆڭلىڭزگە ئالماڭ-ھە ؟-دېدى ئېليار ئاينۇرنىڭ دادسنىڭ يوقلغنى ئاڭلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭۈل يارسىنى تاتلاپ قويغىندىن خىجىل بولۇپ.

-ياقەي ھېچقىسى يوق-ئاينۇرشۇنداق دەپلا ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى.

- كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ، يۈرۈڭ بىللە تاماق يەپ، ئويۇن مەيدانىغا كىرىپ كېتەيلى. - ئېليار شۇنداق دېگەچ مېڭىشقا تەرەدۈتلەندى. ئاينۇر شوخ بولسىمۇ، ئوغۇللار بىلەن بۇنداق ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغاچقا خىجىل بولۇپ:

- سىز تاماققا چىقىۋېرىڭ، مەن ھېلى دوستلىرىم بىلەن بىللە چىقىمەن، - دېدى.

- ۋاي يۈرۈڭە، بىر ۋاق تاماقنى بىللە يېگەنگە نېمە بولاتى؟ بىز يا ناتونۇش بولمىساق؟-ئىليارشۇنداق دېگىنىچە، -ئاينۇرنىڭ بېلىكىنى تارتتى، ئاينۇر دەسلەپتە سەل خىجىل بولۇپ تۈزۈت قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېلىيارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماي، ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

شۇ تاپتا ئېلىيارنىڭ قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز خىيال ئىسكەنجىسىگە پاتقان بولۇپ، ئاينۇرغا بولغان ئىشتىياقى بارا-بارا كۈچىيىۋاتاتتى. ۋۇجۇدىغا بىر ئىللىق ھارارەت تارىغاندەك بولۇپ ئۇنىڭغا ئىشىق ئوتى تۇتۇشۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما ئاينۇر ساددا بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ خىيالىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلار ئىككىسى كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئويۇن مەيدانىغا كىرىپ بۈگۈنكى نومۇرلار ئۈچۈن تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىليار ھەر كۈنى تاماق يەيدىغان چاغدا ئاينۇرنى ئىزدەيتى، ئاينۇرمۇ ئۇنىڭ كۈندە« بىللە تاماق يەيلى »دېيىشىدىن سەل گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تاماققا چىقىشتىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇ ئېلياردىن ئۆزنى قانچە قاچۇرغانسېرى، قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا ئۇنىڭ سايىسى ئەگىپ كېتەلمەيتى، تۇرۇپلا ئېليارنى كۆرگۈسى كېلدىغان، ئېليار يوقاپ كەتسە، ئۇنىڭ تېزراق كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇ ئېلياردىن ئۆزنى قاچۇراتتى، چۈنكى بۇ ئۆمەكتىمۇ ئۆمەك باشلىقى: «سىلەر تېخى كىچىك مۇھەببەتلەشسەڭلار بولمايدۇ»- دەپ قىز-ئوغۇللارغا چەكلىمە قوياتتى. ئاينۇر توي قىلىشتىن قېچىپ، بۇ ئۆمەككە كەلگەچكە، تىنچ ئىشلەشتىن باشقىنى ئويلماسلققا تىرشاتتى. ئەمما، ئىليارنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. ئاينۇر ئۆزىنى ئىلياردىن قاچۇرۇپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە بىر كۈنى ئويۇن ئاخىرلىشىپ يۈزىنى يۇيغىلى چىققاندا دوستى مېھرىگۈل ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ :

- ئاداش ئىليارسىنى ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدا ساقلاۋاتىدۇ، ساڭا دەيدىغان گېپى بار ئىكەن، -دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.

ئاينۇر قاراڭغۇدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقۇپ تۇرسىمۇ، ئېلىيارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېقىش ئستىگى كۈچلۈك كېلىپ، تۈن قاراڭغۇدا ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئاپتوبۇسنىڭ يېنىغا ئۆتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章