كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
-ئاكا، نەشپۈتنى قانچە پۇلدىن بەردىلە؟- دەپ سورىدى ئاينۇر.
- بىر كىلوسى ئىككى يۈئەن. -باققال ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى.
- ئەمىسە ئىككى كىلو ئالاي، -ئاينۇرنىڭ سۆزى تۈگىمەستىن «ئاينۇر بۇياققا كېلىڭە، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار»دېگەن تونۇش ئاۋازدىن ھودۇقۇپ كەتكەن ئاينۇر، كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىدائۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى، ئۇ كېچە كۈندۈز ئۇنتالمايۋاتقان ئىليار تۇراتتى. ئاينۇر ئۇنى كۆرۈپ نېمە قىلىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.
- بولدى ئەمدى گېپىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق، كۆزۈمگە كۆرۈنمەڭ. -ئاينۇر شۇنداق دېگىنىچە يەنە ئالدىدىكى نەشپۈتكە قارىدى.
- بۇياققا كېلىڭە، - ئىليار ئۇنىڭ قولىدىن تارتقىنچە، -ئىككى ئېغىزلا گېپىم بار، -دەپ مەجبۇرىي سۆرەپ دېگۈدەك ئۇنى چەتكە تارتتى. ئەتىراپىدىكى ئادەملەردىن سەل خىجىل بولغان ئاينۇر - گېپىڭىز بولسا مۇشۇ يەردىلا دەڭ، - دېدى يەنە جاھىللىق بىلەن. ئەممائۇ ئەتراپىغا بىر قارىۋېتپ نەشپۈت ئېلۋاتقان باشقا خېردارلارنڭ ئۆزىگە دېققەت قىلۋاتقىننى كۆرۈپ بۇ يەردە تالشىپ تۇرۋېرىشتىن خىجىل بولدى بولغاي ئاستا بىر چەتكە ئۆتتى.
- ئاۋۇ دۇكاننىڭ كەينىگە ئۆتەيلى دېدى ئېليار.
- ياق ئۆتمەيمەن ئاينۇر ئىليارنى سىلكىشلەپ كەينىگە قايرىلدى.
-توختاڭ ئۇ يەردە ئاپام سىزنى ساقلاۋاتىدۇ دېدى ئىليار. ئاپام ساقلاۋاتىدۇ دېگەن بۇ بىر ئېغىز گەپ ئاينۇرغا تەسىر قىلىپ قالدىمۇ ئاينۇر شاپپىدە توختاپ قالدى.
- نېمە ؟ئاپىڭىزنى نېمە دەپ ئېلىپ كەلدىڭىز ؟
- ھازىرلا بىلىپ قالىسىز، يۈرۈڭ، -دېدى ئىليار. ئاينۇر ئىليارغا قېيدىغىنى بىلەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قەدەملىرى ئىختىيارسىزلا ئېليارنىڭ قەدەملىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار بىر ئاشخانىنىڭ يان تەرىپىگە ئۆتتى، ئۇ يەردە راستىنلا ئىليارنىڭ ئانسى ئولتۇراتتى.
ئىليارنىڭ ئانسى رازىخان ئانا چىرايى بۇغداي ئۆڭ، يۈزلىرى يۇپيۇمىلاق، ئاق ئارلىغان چاچلىرى، بىر جۈپ كۆزىدىن ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل ۋە مېھرىبان ئايال ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئاينۇرنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، ئىلگىرى ئىليار ئاينۇرنى بىر قېتىم ئۆيگە ئاپارغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ رازىخان ئانا ئاينۇرنڭ ئىللىق چىراي، گېپى تاتلىق قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالغان. ئىليار بىلەن ئاينۇرنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن رازىخان ئانا يېشىغا ماس كەلمىگەندەك چەبدەسلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
- كېلىڭە قىزىم، -دېدى رازىخان ئانا خوشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا، - قىزىم، ئىليار ئۆيگە قايىتقاندا شۇنداق يىغلاپ كەتتى:«مەن خاتا قىپتىمەن، مەن ئاينۇردىن ئايرىلىپ ياشىيالمىغۇدەكمەن، ئاپا، مېنى ئاينۇر زادىلا كەچۈرمىدى، بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ، ئاينۇر تويلۇق ئالغىلى كېلىپتۇ، بۇ توي بولۇپ كەتسە مەن مەڭگۈ پۇشايماندا ئۆتىمەن »دەپ تۇرىۋالدى، ئۇ سىزنىڭ كىمگە توي قىلىدىغىنىڭىزنى، ئۇ بالىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى بىلىدىكەن. شۇڭا ئۆيدىن چىقىپلا سىلەر بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تويلۇق ئالىدىغان يەرلەرگە باردۇق. سىلەرنىڭ كەينىڭلارغا چۈشۈپ بۇ يەرگە كەلدۇق، بالام، ھەر ئىككىڭلار بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇنىڭغا قېيداپ ئۆزىڭىزنى ئوتقا تاشلىماڭ. ئىككىڭلار بەكلا ماس كېلىسىلەر، مېنىڭ سىزنى كېلىن قىلغۇم بار، - رازىخان ئانا ئاينۇرنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتقىنىچە قويۇپ بەرمەي ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئەمدى يانمەنما؟ ياق بولمايدۇ. خەق نېمە دەيدۇ؟ئانامچۇ؟مەن يانالمايمەن، ھېلىمۇ خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولدۇم، مەن بۇ توينى چۇقۇم قىلمەن.
- قىزىم بۇ توينى بىزنىڭ ئىليار بىلەن قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ، ئۇ چاغدا خەقنىڭمۇ گەپلىرى بېسىقىدۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ، ئۇنىمۇ قىينىماڭ.
ئاينۇر ئويلىنىپ قالدى.
- بىراق ئانام نېمە دەر، مەنمۇ بۇ ئىشنى قانداق قىلىمەن؟-دېدى ئاينۇر تىڭىرقىغان ھالدا.
- قىزىم بۇ تويدىن يېنىشقا باشقا باھانىڭىزمۇ يوق، ھازىر قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالدى، مېنىڭچە بۇ تويدىن باشقا سەۋەب بىلەن يانالمايسىز. سىز ھازىر بىز بىلەن موتسىكلىتقا مىنىپ، بىزنىڭ ئۆيگە كېتىڭ. سىز قايتىپ كىرمىگەندىن كېيىن ئۇلار سىزنىڭ ئىز- دېرىكىڭىزنى قىلدۇ. ئۈچ كۈن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئېلىپ، ئۆزۈم ئانىڭىزنىڭ ئالدىغا قائىدە بويىچە ئەتىۋارىڭىزنى قىلىپ بارىمەن. ئانىڭىز ياخشى ئايال، مېنىڭچە ئانىڭىزمۇ ئىككىڭلارنىڭ بىللە ئۆتۈشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭغىچە ئۇلار ئانىڭىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا بىز تويلۇقنى تۆلەپ بېرەيلى، مۇشۇنداق قىلمىساق ئامال يوق، -دەپ يول كۆرسەتتى رازىخان ئانا.
-ياق ياق، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، خەقنىڭ ئالدىدا قېچىپ كەتتى دېگەن نامنى ئالامدىمەن؟ بولمايدۇ، -دېدى ئاينۇركەسكىن قارارغا كېلىپ، بۇ چاغدا ئىليار گەپكە ئارىلاشتى.
- كەچۈرۈڭ ئاينۇر سىزنى كۆپ رىيازەت چەككۈزدۈم، ئالدىڭزدا تولىمۇ خىجلمەن، ئەمما، بۇ قېتىم ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ، پەقەت بىر قېتىملا، مەن گۇناھىمنى يۇياي. قېچىپ كەتتى دېسە مەيلى، ئىككىمىز توي قىلساقلا ھەممىنىڭ ئېغىزى بېسقدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ- دېدى ئىليار يېلىنغان ھالدا، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىززىرىپ، ھازىرلا يىغلىۋېتىدىغاندەك ئاۋازى تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى.
شۇ تاپتا ئاينۇرنىڭ كۆزىنىمۇ مۇھەببەتنىڭ سېھرىي پەردىسى توسۇۋالغان ئىدى. ئىليارنىڭ ھەم ئاپىسىنىڭ تەكرار يېلىنىشى ئاينۇرنىڭ مۇزدەك قاتقان قەلبىنى ئەتىياز پەسلىدىكى ئەگىز سۈيىدەك ئېرىتىۋەتتى، ئاخىرى ئاينۇر ئۇلار بىلەن كېتىشكە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۈچى بىر موتوغا قىستىلىشىپ مىنىپ ئىليارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ جاڭگالدىكى چەت ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار قايتىپ قايتىپ كەلگەندە كەچ سائەت ئون بولغان ئىدى. رازىخان ئانا ئوڭلۇق ئايال بولۇپ، ھازىر گەرچە كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئوچاققا ئوت قالاپ، يېڭىدىن سويۇلغان قوي گۆشىدىن ئەكىرىپ، كاۋاپ قىلدى-دە:
- قىزىم كاۋاپ يەڭ، ھېرىپ كەتتىڭىز، بىزنىڭ مال-چارۋا كۆپ بولغاچقا، پات-پات مال سويۇپ تۇرىمىز، - دەپ ئاينۇرنىڭ ئالدىغا كاۋاپنى قويدى.
سىلمۇ يېسىلە، - دېدى ئاينۇر تارتىنىپ تۇرۇپ.
- ماقۇل، سىز يېگەچ تۇرۇڭ، ھازىرلا كىرىمەن، -دەپ رازىخان ئانا ئىليار بىلەن ئاينۇرنى كاۋاپقا تەكلىپ قىلىۋېتىپ، يولدىشى شىرىپ ئاكىنى ئويغىتىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. شېرىپ ئاكا ياۋاش ئادەم ئىدى. خېلى كېچە بولۇپ كەتكەچكە شېرىپ ئاكا ئالىقاچان شىرىن ئۇيقىغا كەتكەن بولۇپ، رازىخان ئانا ئۇنى تەستە ئويغىتىپ، بىرەرقۇرئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، مېھمانخانا ئۆيگە قايتىپ چىقىپ، ئاينۇرنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولدى. شۇنداق قىلىپ ئەسلىدىكى ئۈچ ئادەمگە ئاينۇر قوشۇلدى، ئەسلىدە بۇ ئائىلىدە تۆت ئادەم بولۇپ، ئېلىيارنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى ئوقۇشقا كەتكەن بولغاچقاھازىر بۇ ئائىلىدە ئېليار، دادىسى، ئاپسى ئۈچ جان ئادەم بار ئىدى. ئۇلار تۆتى ئولتۇرۇپ كاۋاپ يېيىشتى. ئاينۇر بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەل قورىنغاندەك قىلسىمۇ، رازىخان ئانىنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن ئارىدىكى تارتىنىش بىردەمدىلا يوقىدى. كاۋاپ يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن رازىخان ئانا :
- ئىليار دادىسى بىلەن بىللە ياتسۇن، قىزىم ئىككىمىز بىللە ياتايلى، - دەپ دادا بالا ئىككىسىنى دادىسىنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىرىۋەتتى، رازىخان ئانا ئاينۇرنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ رازىلىقىنى ئالمىغۇچە ئاينۇرنى ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇشنى ئويلىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ رازىخان ئانا بىلەن ئاينۇر مۇڭدىشىپ يېتىپ ئۇخلاپ قېلىشتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئاينۇر يوقاپ كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەندۇ ؟ ئاينۇر مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدن ۋاز كېچىپ، ئېليارنىڭ كەيندىن بۇ يەرگە كەلدى. ئۇراستىنلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئېليار بىلەن توي قىلالارمۇ؟ ئاينۇر ئەلۋەتتە ئەمدىكى شىرىن ۋىسال پەيتلىرنىڭ يېتپ كېلشنى ئارزۇ قىلاتتى، كەلگۈسى توغىرسدا شېرىن خىياللارنى سۈرەتتى ئۇنىڭ خياللىرى شۇ قەدەر، گۈزەل شۇ قەدەر تاتلىق ئىدىكى ئەتراپدىكى قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، سۇلارنىڭ شىلدىرلشمۇ خۇددى ئېليار ئۇنڭ قۇلاق تۈۋىدە ئۇنى كۈيلەپ لېرىك مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرۋاتقاندەك ئاڭلناتتى، ئەتراپىدىكى شەيئىلەر تولمۇ گۈزەل كۆرىنەتتى؛ئەمما ئۇنىڭ قەلبىگە يەنىلا نامەلۇم ئەنسىزلىكنىڭ غۇۋا كۆلەڭگىسى سايە تاشلاپ تۇراتتى:«ئەمدى ئاپامغا نېمەرمەن، ئەل - يۇرتقا خۇلۇم - خوشنلارغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارارمەن؟ئېلىپ بولغان تويلۇقلارنى بىچارە ئانام قانداق قايتۇرار؟مەن توي قىلماقچى بولغان ئاۋۇ ئېلىيار دېگەن بالا بۇ چاققىچە غەزەپتىن نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟مەن يەنە خاتا قەدەم ئالدىممۇ نېمە؟... ياق، مەن توغرا قىلدىم، ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن بىر ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈش تىكەن ئۈستىدە ئولتۇرغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ ماڭا!؟مەن توغرا قىلدىم.
ئاينۇر ئەنە شۇندق شادلىق بىلەن قايغۇ ئارلىشىپ كەتكەن گادىرماچ خىياللار ئىسكەنجىسىدە بۇ نەچچە كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ئاينۇر يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئىليار كەچكىچە ساقلاپ بازارنى ئىزدەپمۇ ئاينۇرنى تاپالماي، بەكمۇ تىت-تىت بولدى. ئۇ چاغلاردا پەقەت ئۆي تېلېفونلىرىلا ئانچە-مۇنچە ئورنىتىلغان بولغاچقا ئىليار ئاينۇرنى تاپالماي چوڭ ئۆيگە تېلېفون قىلدى، چوڭ ئۆيدە ئىليارنىڭ ئاپىسى، ئىككى ئاچىسى ۋە ئاينۇرنىڭ ئاپىسى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئاينۇرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىليارنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈلنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ، لەۋلىرى تىترەپ، غەزەپتىن بوغۇلۇپ قالايلا دېگەنىدى. ئارزۇگۈل ئەتىگەن ئاپتوبۇستىلا سەل ئەنسىرىگەن ئىشلار يۈز بەرگەندەك قىلاتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تولۇق جەزىملەشتۈرگەندەك ئاچچىقىدا ۋارقىراشقا باشلىدى :
- ئايسىخان ئاچا، سىلىنڭ قىزلىرى چۇقۇم ھېلىقى قارلاق بىلەن قېچىپ كەتتى. مەن ئىككىسىنىڭ خېلى ئۇزۇن ئارىلاشقىنىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ھەم ئۇنى كۆرگەن. ئەتىگەن ئاپتوبۇستا ئۇنى ئۇچرىتىپ، سەل ئەجەبلەنگەن ئىدىم، ئەمدى بۇ ئىشلارنى قانداق قىلىمىز ؟خەلق ئالەم ئالدىدا يۈزىمىزنى نەگە قويىمىز؟نى ئات، نە نومۇس...
ئايسىخان ئانا ئارزۇگۈلنىڭ ئۆپكىدەك بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن دانىمۇ دانە قىلىپ دېدى:
- ئاچچىقىمىزغا ھاي بېرەيلى ئۇكام، ھازىر تېخى نەگە كەتكىنى ئېنىق ئەمەسقۇ، تېنىچلىقلا بولسا مەيلىتىغۇ، ئاچچىقلىنىش بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئىزدەپ باقايلى، مەنمۇ مەھەللىگە قايتىپ، قوشنا-قۇلۇم، دوستلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپ باقاي، سەۋر قىلىپ ئىزدەپ باقساق بىر گەپ بولار.
ئانا ئېغىزىدا شۇنداق دېگىنى بىلەن دىلئارامى بۇزۇلۇپ، روھىي دۇنياسىنى تۈگمەن تېشى بېسىۋالغاندەك ئېغىر بىرغەم-ئەندىشىدە قالغانىدى.
- نېمە؟ ئاۋۇ يۈزى قېلىن قىزلىرى داپ دارڭلىغان ئېشەك ھاڭرىغان يەردە شاپاق غاجاپ يۈرسە، سىلە تېخى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك خاتىرجەم چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟بۇ ئىشنىڭ غاز-ئۆردىكى ئايرىلماي تۇرۇپ ئۆيگە قايتىمەن دەپ خام-خىيال قىلمىسىلا، تېخى ئۆزىگە كىر قوندۇرماي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرمەكچىمىكىنە؟
ئارزۇگۈلنىڭ بىردەمدىلائۆزنى باسالماي كۆكىرىپ، نەچچە كۈندىن بېرىكى سىپايىلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق جەھلى بىلەن ۋاقىرىشىدىن ئايسىخان ئانىمۇ قاتتىق رەللە بولدى:
- سىڭلىم، ئېغزىڭىزنى بۇزماڭ، مېنىڭ قىزىم ئۇنداق قىز ئەمەس، ئەتە بەلكىم ھەممە ئىش ئايدىڭلىشار.
ئانا ئۆزىنى زورىغا بېسىپ شۇنداق دېسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنى چاشقان غاجىلىغاندەك بىر ئەنسىزلىك بارا-بارا كۈچەيمەكتە. ئەجەبا ئۇ راستتىنلا قېچىپ كەتكەنمىدۇ؟ دېگەن گۇماندىن خالىي بولالمىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇