كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئېلىيار بىر تەرەپتىن ئاينۇرغا يېلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشىكنى ئۇراتتى. ئاينۇر بولسا ھېچ ئىشىكنى ئاچىدىغاندەك ئەمەس، ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ھەدەپ ئېلىيارغا چالۋاقايتى:
- پاراڭلاشقۇدەك ھېچ ئىش يوق، قايتىپ كېتىڭ، سىز مېنى ياراتماي تاشلاپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭىز؟ ئەمدى نېمە بوپسىز؟ كۆزۈمدىن يوقىلىڭ.
ئاينۇر ئىشىكنىمۇ ئاچقىلى ئۇنىماي، ئېلىيارغا گەپ قىلىشقىمۇ رەغدى يوق كارىۋىتىغا چىقىپ، دۈم يېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.. خىزمەتدىشى مېھراي ئاينۇرنىڭ كارۋىتنىڭ يېنغا كېلىپ ئۇنڭ چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ:
- ئاينۇر قارىغاندا ئۇنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىدىكەنسەن، ئۇنى بىر قېتىم كەچۈرۈۋەت ئۇنىڭ نېمە دەيدىغىنىنى ئاڭلاپ باقمامسەن، -دېدى.
- ياق، ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. بولدى ئارام ئالايلى، مېنىڭ بۈگۈن كۆپ گەپ قىلغۇم يوق. ئاينۇرنىڭ يىغلامسىراپ تۇرۇپ دېگەن گېپى قىزلارنى جىم قىلىپ قويدى. ئاينۇر يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ ئاۋازىنى چىقارماي ئاچچىق يىغلاۋاتاتتى. ئالاھىزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن مېھراي دېرىزىدىن قاراپ:
- ۋىيەي ئۇ بالاتېخچە كەتمەپتۇ، ئاينۇر، -دېدى.
- مەيلى كەتمىسە، شۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسۇن، -دېدى ئاينۇرمۇ تەرسالىق بىلەن يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ.
ئىليار كېچە سائەت ئون ئىككىلەرگىچە ئولتۇرۇپ، ئاينۇرنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن ئاستا قايتىپ كەتتى.
ئىليار كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئايسىخان ئانا ئاينۇرنى يوقلاپ كەلدى. ئايسىخان ئانا بۇ قېتىم قىزىغا ئەلچى كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاينۇرنىڭ ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
ئاينۇر بۈگۈن ئەتگەنلىك ئسمىندا ئشلگەن بولۇپ چۈشتىن كېيىن ئارام ئالاتتى، ئايسىخان ئانا دەل چۈش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەچكە ئاينۇر بىلەن ئىككسى بىللە چۈشلۈك تاماققا چىقتى.
- قىزىم، - دېدى ئايسىخان ئانا تاماق يېگەچ ئولتۇرۇپ، قايسى كۈنى يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئارزۇگۈلنىڭ ئىنىسى ئىليارغا سىزنى سوراپ ئەلچى كىرىپتىكەن. مەن قىزىم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتىدۇ، ئۆزىدىن سوراپ باقاي، -دەپ يولغا سالدىم.
-ھىم... ئىليار، نېمانچە ئىلياردىن تەلىيىم باردۇ مېنىڭ، بولدىلا ئانا بېشىمنى ئاغرىتماڭ. مېنىڭ توي قىلغۇم يوق، - دېدى ئاينۇر كەسكىن قىلىپ.
- قىزىم ئۇ بالا ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئاشخانىمۇ ئېچىۋاپتۇ، تىرىشچان بالا ئىكەن. قىز بالا دېگەن تالانىڭ ئادىمى بەرىبىر ياتلىق بولىدىغان گەپ. دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئادەمگە ياتلىق بولسىڭىز كۆنەلمەيسىز قىزىم، بۈگۈن ئۇ بالىنىڭ ئاچىسىمۇ ناھىيە بازىرىغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ چوڭ ئۆيى ناھىيىدە ئىكەن. « كەچتە بىر ۋاق تاماق يېگەچ بالىلار كۆرۈشۈپ باققان بولسا»- دېگەن ئىدى. كۆرۈشمەي تۇرۇپلا رەت قىلماي، ئاۋۋال كۆرۈشۈپ بېقىپ، ئاندىن بىر نېمە دەڭ ھە قىزىم. ھېلىمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ جىق دەرت تارتىۋالدىڭىز، بۇنداق جاھىللىق قىلماڭ. مەنمۇ بۈگۈن مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا كەلدىم، -دېدى ئانا مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ.
ئاينۇر بىردەم ئۈن چىقماي ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن :
- ماقۇل ئانا كۆرۈشۈپ باقاي دېدى. ئاينۇر ئىشتىن چۈشكەندە ئايسىخان ئانا ئاينۇرنى باشلاپ، بولغۇسى كۈيئوغلى ئىليارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئايسىخان ئانا بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئارزۇگۈل بىلەن ناھىيىگە بىللە كەلگەن ھەم ئارزۇگۈل بىلەن چوڭ ئۆيگە كىرىپ چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئاينۇرنىڭ قېشىغا بارغان ئىدى، ئايسىخان ئانىمۇ يۇرتتىكى پىتنە- پاساتلاردىن قۇتۇلۇپ، ئاينۇرنىڭ تويىنى قىلىپلا باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.
- ھەي... بىچارە قىزىم كىچىككىنە تۇرۇپ بىر مۇنچە دەرت تارتىۋالدى دېسە بۇ دەيۈزىنىڭ قىزىمغا بۇنداق يۈزسىزلىك قىلىدىغىنىنى بىلگەن بولسام ئەينى چاغدىلا تۇسار ئىكەنمەن دەيتتى ئايسىخان ئانا ئىچىدە. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەچلىك تاماقنى ئىليارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يىدى. ئىليار ئاق يۈزلۈك، ئورۇق ئىگىز بوي خېلى قاملاشقان يىگىت ئىدى. ئۇ مەيلى چىراي جەھەتتىن ياكى بوي بەستى جەھەتتىن بولسۇن ئاينۇرنىڭ بۇرۇنقى لايىقى ئىلياردىن خېلىلا قاملاشقان بولسىمۇ ئاينۇر ئۇنىڭغا پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىپ ئولتۇراتتى.
- ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ تۇنجى سۆيگىنىمنىڭ ئىسمىمۇ ئىليار ئىدى يەنە ئىليار ئىسىملىك بالىغا ئۇچرىغىنىم قىزىقتە خۇددى ئىسىم تېپىلمىغاندەك دەپ ئويلايتى ئاينۇر.
تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىليارنىڭ ئانىسى ئېغىز ئاچتى.
- بالىلار ماۋۇ ئۆيدە بىردەم پاراڭلىشىپ باقسۇنمۇ ئايسىخان؟- دېدى.
- ھە ماقۇل دېدى ئايسىخان ئانا. ئۇلار بالىلارنى سىلەر بىردەم پاراڭلىشىپ چىقىڭلار دەپ قالدۇرۇپ ئۆزلىرى ھويلىدىكى كارىۋاتقا چىقپ ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئىليار ئاينۇرنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. خېلى يۈزى تۆۋەن قىز ئىكەن چىرايى تۇرقمۇ شۇنداق جايىدا بۇ توينى چۇقۇم قىلاي. دەپ ئويلىدى ئىليار ئىچىدە:
- ئاينۇر چوڭلار بىزنىڭ قارارىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ سىز بۇ تويغا قوشۇلامسىز دەپ سورىدى ئىليار. شۇ تاپتا ئاينۇرمۇ بولدىلا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن يەتكۈچە ئازاب تارتتىم نۇرغۇن سۆز چۆچەكلەرگىمۇ قالدىم ياخشى كۆرۈپ نېمە پايدىغا ئېرىشتىم ئۆزۈڭ سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول دەپتىكەن بۇ توينى چۇقۇم قىلاي ياخشى كۆرمىسەم كېيىن ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئويلىدى.
- بولىدۇ مەنمۇ قوشۇلىمەن دېدى ئاينۇر ئىليارمۇ تارتىنچاق بالا ئىدى.
- ئەمىسە چىقايلىمۇ دېدى ئىليارمۇ ئۇلارنىڭ پارىڭى شۇنچىلىك قىسقا بولدى ئۇلار ئۆيدىن چىقىشىغا ئايسىخان ئانا قىزىغا بىر قارىۋېتىپ جاۋابىنى بالىلارنىڭ ئالدىدا ئېلىش ئەپسىزلىكىنى پەملەپ - ئەمىسە بىز قايتايلى گەپ سۆزلەر بولسا ئارزۇگۈل ئارقىلىق خەۋەرلىشەرمىزدېدى. - ماقۇل دېدى ئىليارنىڭ ئانىسى، ئىليارنىڭ ئانىسى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئايسىخان ئانا - قىزىم قانداق قىلىشنى ئويلاشتىڭىز؟ دەپ سورىدى.
- ئانا، مەن بۇ توينى قىلاي بۇنداق يۈرىۋەرسەممۇ بولمىغۇدەك دېدى ئاينۇر.
- شۇ ئەمەسمۇ قىزىم ئۇلارمۇ ياخشى ئادەملەر ئىكەن بەلكىم بەختىڭىزمۇ كەلگەندۇ، ئۇنداقتا
مەن بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېتەمسىز ياكى ئىشلەپ تۇرامسىز؟ دەپ سورىدى ئايسىخان ئانا.
- ئىشلەپ تۇراي ئانا توي تەييارلىقىغا چۈشكەندە ئاندىن قايتاي دېدى ئاينۇرشۇنداق قىلىپ ئايسىخان ئانا بۇ كېچە ئاينۇرئشلەۋاتقان زاۋۇتنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالدى، ئەتىسى ئەتىگەندە ئايسىخان ئانا ئاينۇر بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتتى.
1. يىلى -باھار ئايلىرى ئىدى. بۇ يىللاردا يېزىلاردىمۇ تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، بۇ يېزىدىمۇ ئۆيلەرگە تېلېفون ئورنىتىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئايسىخان ئانا ئۆيگە قايتىپ نەچچە كۈندىن كېيىن مەھەللىدە تېلفۇن سىمى تارتىلىپ ئۆيلەرگە تېلېفون ئورنتىلدى. ئەمدى سۆزلىشىشمۇ قولايلىق بولغان، ئەمما، ئايسىخان ئانا ئاينۇرنىڭ زاۋۇتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمىگەچكە قىزى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەنە ناھىيىگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى. تويغا قىزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن كۆڭلى سەل ئەمىن تاپقان ئايسىخان ئانا تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بازارغا چىقتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئايسخان ئانا تىجارەت قىلپ تاپقان پۇللىرىنى ئاز- ئازدىن يىغىپ كوچىدىكى يايمسنى ئۆزگەرتىپ كىچىك ئەپچلىغنە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ماگىزىنى ئېچۋالغان ئىدى. بۈگۈن ئۇ دۇكاننى ئېچىپ دۇكاننىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ سۇچېچىپ تۇرۇشىغا ئىليارنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل قاياقتىندۇر پەيدا بولدى-دە
- ئايسىخان ئاچا تىنچلىقمۇ؟- دەپ ئايسىخان ئانىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
- تېشلىق، ئۆزىڭىزمۇ ياخشىمۇ سىڭلىم ؟- دېدى ئايسىخان ئانىمۇ سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ.
- مەنمۇ ياخشى، بالىلارغا كېلەر ھەپتە تويلۇق ئالغىلى بارايلىمىكىن دېگەن، شۇڭا سىلە بىلەن مەسلھەتلەشكىلى چىقتم، شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟ ئاينۇر قىزنى قايتۇرۇپ چىقسىلا بولارمىكىن، توي تەييارلىقىنى قىلغاچ تۇرساڭلار، - دېدى ئارزۇگۈل.
- ھە ماقۇل، مەن ئەتە ئاينۇر قىزنى قايتۇرۇپ چىقاي، - دېدى ئايسىخان ئانا.
ئەتىسى ئايسىخان ئانا ناھىيىگە كىرىپ ئاينۇرنى قايتۇرۇپ چىقتى.
تۇنجى مۇھەببەت ئۇنتۇلمايدۇ دەيدىكەن، ئاينۇر گەرچە تويغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن خۇشاللىق ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولمايتتى، ئۇ كۈندىن كۈنگە شۈكلەپ ئورۇقلاپ كېتۋاتاتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى دەرىت ھەسرەتكە توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ ئازاپلىرىنى توي ئارقىلق ئۇنتۇماقچى بولغاندەك قىلاتتى، شۇنداق قىلىپ ئاينۇر قايتىپ چىقىپ، توي تەييارلىقىنى قىلغاچ ئاپىسىنىڭ دۇكننى ئېچىشىپ، ئاپىسىغا ياردەملىشىپ يۈردى..
ئاينۇر قايتىپ چىقىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېزىنىڭ بازار كۈنىدە ئاينۇر ئانىسىغا ياردەملىشىپ دۇكان ئېچىۋاتاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئارزۇگۈلنىڭ ئىنىسى ئىليار چىقىپ ئاچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەتىسى سەھەردە تويلۇق ئالغىلى بارماقچى. بۇ ئىشلاردىن ئاينۇرنىڭمۇ خەۋىرى بار ئىدى. چۈش بولاي دېگەندە دۇكانغا ئۇشتۇمتۇت ئىلگىرى ئاينۇر بىلەن يېزىلىق ئۆمەكتە بىللە ئىشلىگەن ساتتار ئاكا كىرىپ كەلدى ساتتار ئاكىغا سۆڭدىشىپلا ئاينۇرنىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئىليارمۇ كىرىپ كەلدى. ئاينۇر تۇيۇقسز كەلگەن بۇ مىھمانلارنى كۆرۈپ نىمە قىلشنى بىلەلمەي بىردەم تىڭرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئەدەپ يۈزسىدىن ساتار ئاكا بىلەن سالاملشش ئۈچۈن بىرقەدەم ئالدىغا ماڭغان ئاينۇر ئېليارنى كۆرۈپ دومسايغىنچە كەينىگە ئۆرۈلدى. جاھاننىڭ ئىشلىرى قىزىق ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى بىلەن ھازىرقى توي قىلماقچى بولغان يىگىتىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاشلىقى يەنە تېخى بۈگۈنكىدەك كۈندە ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەڭلا بۇ مەھەللىدە پەيدا بولۇشى ئاينۇرنى تېرىكتۈرەتتى ھەيران قالدۇراتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇