چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 40-قىسىم

文摘   2025-01-18 00:05   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 


♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇلار ئاددىيلا بېزەلگەن بىر ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن گۈلسۈمنىڭ مەيلى بويىچە ئىككى قاچا سۇيۇقئاش بۇيرۇتتى.

-ئەمدى دەڭە، مەن نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرغۇدەك بىرەر مۇۋاپىق جاي بارمۇ، لېكىن تونۇش بىلىشلىرىڭىزنىڭكىدە تۇرغۇم يوق، يالغۇز تۇرىدىغان يەر تاپسام بولاتتى بىلال. يەنە بۇنىڭغا كېتىدىغان پۇلنىمۇ ماڭا بېرىپ تۇرسىڭىز،… مەن نەچچە كۈن ئىچىدە سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.-دېدى گۈلسۈم يەنە تاماق چىققۇچە تەخىر قىلالماي.

-خاتىرجەم بولۇڭ مەن دېگەن يەردىمۇ يالغۇز تۇرسىڭىز بولىدۇ.

-شۇنداقمۇ ئۇ يەر قەيەردە؟

-مۇشۇ يەردە؟

-نېمە بۇ يەردىمۇ ياتاقخانا ئاچىدىغانلا با كەن-دە.

-ياتاقخانا ئەمەس ئۆي ئىجارىگە بېرىدىغانلا با… .

-ھە… لېكىن مېنىڭ ھازىرچە ئۆي ئىجارىگە ئالغۇم يوق، ئىككى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن بۇ توغرىسىدا ئويلىشىمەن. ھازىرچە نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرۇشۇمغا شۇ ياتاق بولسا بولاتتى. يەنە كېلىپ ئۆي ئىجارىگە ئالساممۇ بۇ شەھەردىن ئالمايمەن…

-نېمە… بۇ شەھەردىن كەتمەكچىمۇ سىز؟

-ھەئە، مېنىڭ ئەمدى بۇ شەھەرنى، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى كۆرگۈم يوق. مەن… مەن يېزىغا قايتىپ كېتەيمىكىن دەيمەن بىلال.

-ھە… ئەسلى مۇنداق ئويىڭىز بار ئىكەن دە!

-تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز دېگەن راست گەپكەن بىلال. بۇ شەھەر مېنى يەكلەپ قويدى. شۇنچە چوڭ شەھەردىن مەن تۇرغۇدەك ئالىقانچىلىك يەر چىقمىغىلىمۇ تاس قالدى. بۇ شەھەردە بىر كىشىلىك ئورنۇم بولسىكەن، بۇ شەھەر ھاۋاسىدىكى ئىللىق نەپەسلەرگە مېنىڭ نەپەسلىرىممۇ قوشۇلۇپ كەتسىكەن دەپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىم… ھا… ھا… ھا… -گۈلسۈم ئىختىيارسىز ئاچچىق كۈلۈپ كەتتى. ئەمما كۆزىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى.

-بولدى… كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئويلىماڭ!. يېزىمۇ ياخشى، ھازىر يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ شەھەرلەردىن قېلىشمايدۇ. مەن بۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن. ئەمدى مېنىڭ سىزگە گېپىنى قىلغىنىم ئاغىنەمنىڭ ئىجارە ئۆيى. لېكىن ئۇ ھازىر بۇ ئۆيدە تۇرمايدۇ. تىجارەت ئىشى بىلەن باشقا يەرگە كەتتى. بۇ ئۆينىڭ بىر يىللىق ئىجارىسىنى بىراقلا تۆلىۋېتىپتىكەن. ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ئاچقۇچنى بېرىپ مۇۋاپىق ئادەم بولسا ئۆينى ئىجارىگە بېرىپ پۇلنى ئېلىپ قويساڭ دەپ تاپىلىغانىدى. ئەسلى ئۇنىڭغا ئىجارە ھەققىنى ئۆزۈم بېرىپ سىزنى مۇشۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دېگەنىدىم. نەچچە كۈن تۇرسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ . ئۇنىڭغىچە مەنمۇ يېزىدىن سىزگە ئۆي ئۇقۇشۇپ بېرەي…

-شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بولىدىكەن. ماقۇل… مەن مۇشۇ يەردە نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇراي. سىزگە… كۆپ رەھمەت بىلال.

-ياقەي، تۈزۈت قىلماڭ.

-ئاندىن… ھېلىقى… مېنىڭ ئازراق يىغىپ قويغان پۇلۇم بار ئىدى. ئەمما ئۇ كارتىدا. كارتام كىملىكىم بىلەن قوشۇپ يىتۈپ كەتتى. كارتىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال كىملىكنى قايتا بېجىرىشىم كېرەك. شۇڭا بۇ نەچچە كۈندە مەن شۇ ئىشنى قىلماقچى. ئاندىن يېزىدىن مۇۋاپىق ئۆي دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ يېزىدا كىچىكرەك بولسىمۇ دۇكان ئاچايمىكىن دەيمەن.

-ۋاھ… قالتىسقۇ! بەك ياخشى ئويلاپسىز گۈلسۈم…

بىلال گۈلسۈمنىڭ بانكا كارتىسى كىملىكىممۇ يىتۈپ كەتتى دېگەن گېپىمدىن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىشلارغا يولۇققانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ بۇرۇقتۇرما بولۇپ تۇرغاندا گۈلسۈمنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

-مەن ھېسابتا بىر قېتىم ئۆلۈم ئېغىزىدىن قايتىپ كەلگەن بولدۇم. ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان، بەدەل تۆلىسەملا تېگىشلىك جاۋابىغا ئېرىشىمەن دەپ تىرىشىپ قىلغان ئىشلار ياخشى نەتىجە بەرمىدى. جىق بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر دەپتىكەن. ئاز پۇل بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولارمۇ دەپ ئىزچىل ئىككىلىنىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى بىر سىناپ باقاي دەيمەن.

-ياخشى… ياخشى ئويلاپسىز، خاتىرجەم بولۇڭ! يەنە مەنمۇ بار… سىزگە ئاخىرغىچە ھەمدەمدە بولىمەن.

گۈلسۈم گەرچە بىر قاچا سۇيۇقاشنىڭ يېرىمىنىلا ئىچەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تاماق يېيىش جەريانىدا بىلال بىلەن ئەركىن ئازادە پاراڭلىشىپ كۆڭلى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن بىلال گۈلسۈمنى ئاغىنىسىنىڭ ھېلىقى ئىجارە ئۆيىگە ئېلىپ كىردى.

ئۆي ئاددىي، ئەمما ئىللىق تۈستە بېزەلگەن بولۇپ گۈلسۈمنىڭ پەرەز قىلغىنىغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى.

-ئاغىنىڭىز بويتاق ئەمەسمۇ؟-سورىدى گۈلسۈم ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ھەيران بولۇپ.

-ھا… ھا… ھا… قاراپلا بىلىۋاپسىز دە، ھەئە ئاغىنەم بۇ ئۆيدە ئايالى بىلەن تۇرغان.-دېدى بىلال كۈلۈپ كېتىپ.

-ھە… شۇنى دەيمەن قاراشقىلا ئۆي تۇتۇشقا چېۋەر ئايالدەك قىلىدۇ.

-راستلا! بۇ ئۆي ئەسلى قۇرۇق ئىكەنتۇق، بۇ ئۆي مەللىلىرىنىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى سېتىۋالغان، بۇ ئۆيدىن رەسمىي كۆچۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا بۇ نەرسىلەرنىمۇ يۆتكەپ كېتىدۇ.…

-ھە…

بىلال گۈلسۈمنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەتە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتماقچى بولدى.

گۈلسۈمنىڭ ئۇنىڭدىن بۇ كەچتە نەگە بېرىپ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى سورىغۇسى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ بىر ئېغىز ئۆيدە بىلال بىلەن بىللە تۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغاندىن كېيىن يەنىلا بۇنداق سوراشتىن ۋاز كەچتى. ۋە كۆڭلىدە «ئۇ چوپچوڭ بىر ئەر كىشى بولغاندىن كېيىن تۇرىدىغان يەرنىڭ ئامالىنى قىلالار، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن» دەپ ئويلىدى.

بىلال قايتىپ كەتكەندىن كېيىن گۈلسۈم قىلغان بىرىنچى ئىش سۇ ئىسسىتىپ يۇيۇنۇش بولدى.

يۇيۇنغاندىمۇ شۇنچىلىك ئۇزۇن يۇيۇندى، بەدەنلىرىنى تاتىلاپ قان چىقىرىۋەتتى. كۆز ياشلىرى چىلىنىپ ئولتۇرغان سۇغا تېمىپ دەريا كەبى ئۆركەشلىدى يۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى زادىلا پاكىزلانغاندەك ھېس قىلالمىدى.

گەرچە ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، قايتا ياشاشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كېلىۋاتاتتى.

ئەمما نېمە ئامال! ئۇ يېرىم كېچىگىچە چىلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى سۇدىن يېنىپ چىقىپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا راستتىنلا ھاردۇق يەتكەنىدى، يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

ئەمما كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرىشىغا قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ھاردۇقى چىقىش تۈگۈل،ئۇنى تېخىمۇ ھاردۇق بېسىۋالدى.

ئۇنىڭ بۇ كېچە كۆرگەن چۈشلىرى رېئاللىقتىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.

چۈش كۆرۈشتىن قورقۇپ ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇرۇپمۇ باقتى. ئەمما قاچانلاردا قىيسىيپ ئولتۇرۇپ كۆزى ئۇيقۇغا بېرىپ قالغىنى ئېسىدە يوق، بىر چاغدا ئۇ قورقۇنچلۇق چۈشىدىن ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلىشى ۋە بىر كىملەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى بىلەن بەك تەستە ئويغىنالىدى.

ئۇنى يەنە قارا بېسىپ قالغان بولۇپ، سوغۇق تەرلەپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنىدى. بىردەم شۇ ھالدا مەڭدەپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بايا ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئاۋازلارنىڭ ھازىرمۇ ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدى ئىشىك ئۇرۇلۇۋاتاتتى، بىر كىملەر يەنە ۋارقىرىشىۋاتاتتى.

گۈلسۈم ماغدۇرسىز ھالدا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ سىرتتىكى بۇ ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى.

-گۈلسۈم… گۈلسۈم قانداقراق تۇرىسىز، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟-بۇ بىلالنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئىشىكنى ئۇرۇۋاتقىنى شۇ بولۇپ يەنە بىر ئەر بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا بۇ يېرىم كېچىدە بىلالنى ئىشىك قېقىپ بىزنى ئويغىتىۋەتتىڭ، ئۇخلىغىلى قويمىدىڭ دەپ ئاچچىقلاۋاتقاندەك قىلاتتى.

گۈلسۈم ئەجەبلەنگەن ھالدا ئىشىكنى ئاچتى. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بىلال قاراپ تۇراتتى.

-بىلال سىز بۇ…

-ئۇھ ھەر نېمە بولسا تىنچ ئامانكەنسىز.

-سىز… سىز بايا قايتىپ كەتكەنتىڭىزغۇ؟ يەنە بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟

-شۇ سىزنى بۇ ئۆيدە يالغۇز قويۇپ خاتىرجەم بولالماي يەنە قايتىپ كەلدىم، ئەسلى بايا ھېلىقى تازىلىقچى ئاچامغا سىزگە قونۇشۇپ بېرىشنى ئېيتقان ئىدىم ئەمما ئۇ كېلەلمىدى. شۇڭا ئامالسىز سىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن ھەم يەنە ئۆز جېنىغا قەست قىلىپ ئولتۇرمىغىدى دەپ مۇشۇ يەردە تۇرغان…

-خېلى تىنچ يەر ئىدى بۇ نەدىن پەيدا بولدى بۇ ساراڭلار يېرىم كېچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي.… -بىلال گېپىنى دەپ بولغۇچە بايىقى بىلالنى ئەيىبلەۋاتقانلارنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى.

-ۋاي ئۇكام… ئەمدى رومان ئوقۇيدىغان ئوخشىمامسەن؟ ئەنسىرىگەن ئادىمىڭ ئىشىكنى ئېچىپتۇ ئەنە، قانداق گېپىڭ بولسا، خۇش بولاي يېنىغا كىرىپ بىر دېگىن. بىز ئەتە ئىشلەيدىغان ئادەم خاپا بومماي بىزنى بىر ئۇخلىغىلى قويساڭ!…

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گۈلسۈم بىلالنىڭ يەنە داۋاملىق سىرتتا تۇرىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمىدى ۋە:

-ھە… كىرىڭە! ئۆيگە كىرىڭ… -دېدى ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

بىلال ئۆيگە كىردى.

-مەن سىزنىڭ سىرتتا تۇرغىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن. قاراڭا ئۈستى بېشىڭىزمۇ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، مەن تېخى سىزنى تۇرىدىغان باشقا يېرى بارمىكىن دەپ…

-شۇ مەن تۇرىدىغان باشقا يەر بار ئىدى، ئەمما سىزنى بۇ يەرگە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ خاتىرجەم كېتەلمىدىم. بايا ئۆي ئىچىدىن ئاۋازمۇ چىقماي جىمىپ قېلىۋىدى ئەنسىرەپ ئىشىكنى قاقاي دەپ تۇرسام جۆيلۈگەن ئاۋازىڭىز ئاڭلاندى. لېكىن تېزلا ئويغىنىپ كەتتىڭىز، ئاندىن يەنە كۆزىڭىز ئۇيقۇغا بېرىپ قالغان چېغى، يەنە جۆيلىدىڭىز، شۇ تەرىقىدە بۇ قېتىم ئۇزاققىچە ئويغىنالماي جۆيلۈگەن ئاۋازىڭىز ئۆينىڭ تېشىغىمۇ خېلى ئۈنلۈك ئاڭلىنىپ كەتتى، شۇڭا سىزدىن ئەنسىرەپ ئىشىكنى قېقىپ سىزنى ئويغىتىپ قوياي دەپتىمەن، ئەمما قوشنىلار ئويغىنىپ كېتىپ مېنى تىللاپ كەتتى.ھې… ھې… ھې…

-قاراڭا سىزنى… مەن ئەمدى ئۇنداق قالايمىقان خىياللارنى قىلمايمەن دېدىمغۇ؟…

-شۇنداققۇ دېدىڭىز، لېكىن شۇ… يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم.

-يۈز كۆزلىرىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ مەن سىزگە قىزىق چاي قۇيۇپ بېرەي.-گۈلسۈم بايا كونىراق بولسىمۇ يۇيۇپ ئېسىپ قويغان ئەمما تېخى قۇرۇپ بولالمىغان لۆڭگىنى بىلالغا ئۇزاتتى.

-سىز ئۇخلىۋېلىڭ، مەن يېنىڭىزدا تۇرسام، ئەمدى قارا باسمايدۇ.-…

دېدى بىلال ئۆزىگە چاي قۇيۇپ كەلگەن گۈلسۈمگە ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

-ياق، بولدى بەرىبىر تاڭ ئېتىشقىمۇ ئاز قالدى، بىردەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرساق تاڭمۇ ئاتىدۇ.…

-كەچۈرۈڭ… ناۋادا بەك بىئەپ ھېس قىلسىڭىز، مەن يەنە سىرتقا چىقىپ تۇراي، ھېچ بولمىسا سىرتتا بارلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن قارا بېسىپمۇ قالماس…

-ۋاي ياق … راستتىنلا بولدى. مېنىڭمۇ ئۇيقۇم تۈگەپمۇ قاپتۇ…

گۈلسۈم بىردەم مۇڭداشساق دېگىنى بىلەن بىلالغا نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى.

بىلالمۇ يەنە نەدىن گەپ باشلاشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتى.

بايا يامغۇردا قالغاچقا توڭلاۋاتاتتى. گۈلسۈم ئۇنىڭغا بىر تال ئەدىيال ئەكېلىپ بەردى. ئۇ شۇ ئەدىيالغا ئۇرۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئۆزىمۇ تۇيمايلا ئاستا-ئاستا مۈگدەشكە باشلىدى.

ۋە بىردەمدىن كېيىن جايىغا قىيسىيىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

بايىلا بىلالنىڭ بۇ ئۆيگە كىرىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيدە يالغۇز قېلىشى تولىمۇ ئەپسىز تۇيۇلغان گۈلسۈم، مانا ئەمدى يەڭگىل خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بىلالغا قاراپ ئۆزىنى بىردىنلا تولىمۇ خاتىرجەم ۋە بىخەتەر ھېس قىلىپ قالدى.

بۇ خىل تۇيغۇنى ئۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇ ئەمدى «بۇرۇنلا ئۆزۈم يالغۇز تىرىشىپ كۆزلىگەن نىشانىمغا يەتمىگۈچە بولدى قىلمايمەن دەپ ئولتۇرغۇچە مۇۋاپىق بىرسى چىقسا ئىللىق ئائىلە قۇرۇۋالغان بولساممۇ بوپتىكەنمۇ نېمە؟! تايىنىدىغان، قوغدايدىغان ئادىمى بولۇشمۇ بىر بەخىتكەنغۇ.» دەپ ئويلاپ قېلىۋاتاتتى.

سىرتتىن ئاڭلىنىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سىگنال ئاۋازىدىن ئويغانغان گۈلسۈم كۆزىنى ئاچقاندا بۇرۇنلا تاڭ ئېتىپ كەتكەنىدى. ئۇمۇ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالغان بولۇپ ئۇخلىمايمەن دەپ تۇرۇپمۇ بىلالغا ئوخشاشلا بىر تەرەپكە قىيسىيپ يېتىپلا ئۇخلاپ قالغانىدى، يەنە كېلىپ شۇنچىلىك تاتلىق، شۇنچىلىك راھەت ئۇخلىغانىدى.

-ۋوي ئۇخلاپ قاپتىمەنغۇ؟-گۈلسۈم ئېسىنى تېپىپ بولغۇچە بىلالمۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆرە بولدى.

-سىزلا ئەمەس، مەنمۇ ئۇخلاپتىمەن، يەنە كېلىپ شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۇخلاپتىمەن. رەھمەت سىزگە بىلال!… -دېدى گۈلسۈم بىلالغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە.

ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى بىر بىرىگە تىكىلگەن بۇ ئىككى جۈپ كۆزنىڭ بىرىدىن ھەيرانلىق ۋە ھودۇقۇش، يەنە بىرىدىن پۇشايمان، ئۆكۈنۈش، يەنە سۇس بەخت ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتاتتى.


**************************

50كۈندىن كىيىن…

گۈلسۈم ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈش نەتىجە تاياقچىسىدىكى ئىككى تال قىزىل بەلگە سىزىققا قارىغىنىچە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.

رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ تەقدىرىنى يەنە بۇنىڭدىن ئوتتۇز سەككىز كۈن ئاۋۋال بىلال بىلەن ئوتتۇرىسىدا ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەن ئاشۇ كۈنگە باغلاپ قويغانىدى.

شۇ كۈنى گۈلسۈم يېزىدا ئاچقان پىشۇرۇق دۇكىنىنىڭ تۇنجى تىجارەت باشلىغان كۈنى ئىدى. گۈلسۈممۇ بىلالمۇ قارىماققا تولىمۇ خۇشال بولۇپ، ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى بولغان بىر كۈنلۈك سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۇكاننى تاقاپ ئۆيگە قايتقان گۈلسۈم يەنە شۇ بىلال ئۇقۇشۇپ ئىجارە ئېلىپ بەرگەن ئۆيىدە ئۆز قولى بىلەن تاماق ئېتىپ بىلانغا رەھمەت ئېيتماقچى بولدى.

گۈلسۈم دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىققاندىن تارتىپ، بۇ پىشۇرۇق دۇكىنى تىجارەت باشلىغان بۈگۈنگە قەدەر ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۈتۈنلەي بىلالنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章