كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئاينۇر بارلىق ئارزۇ- ئارمىننى مۇشۇ جۈملىگە يىغنچاقلىغاندەك، پەقەت ئانىسىلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدىغاندەك ئېسەدىگىنىچە ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
ئايسىخان ئانا قىزىنىڭ يىلىم پۇرىقى سىڭگەن يىرىك چاچلىرىنى مېھرى بىلەن سىلاپ، ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى، ئىكىلىنىش، گاڭگىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن بىر مۇساپىنى بېسىپ ھېرىپ كەتكەندەك: «ئۇھ!»دەپ سۇپا قىرغىقىدا ئۇلتۇردى، قىزىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇزۇن قاراپ كەتتى، ئاخىرى تاغ چوقىسىغا چىقىپ، ئۈستىدىكى ئېغىر بىر بوپىنى تاشلىماقچى بولغان ئادەمدەك سۆز باشلىدى:
- بولىدۇ بالام، ئۇلارغا ئۆزۈم جاۋاب بېرەي، بەختىڭنى تاپىدىغان ئىش بولسا، مەن رازى.
ئاينۇر ئانىسنىڭ ئاۋازىدىكى ۋەزمىن بىر قىيالماسلىق تۇيغۇسىنى سېزىپ تۇرسىمۇ، كېيىنكى بەخىت-ئىستىقبالىغا بولغان تەلپۈنۈشتىن قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز ئىدى.
- راسما؟ رەخمەت ئانا! كۆپ رەخمەت... ئاينۇر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىگە ئېرىشكەن ئادەمدەك خوشاللىقتا ئانسنڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، يىغلاپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ شادلىق يېشى ئىدى.
ئاينۇر شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەقىقىي بەخىتنىڭ مەنىسىنى تاپقان كىشىگە ئوخشاش ئۆز دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ قەلبىدە كەلگۈسىدە بولىدىغان بەخىتلىك مىنۇتلار، ئۇنى كۈتىۋاتقان كاتتا سەھنىلەر، ئېرىشىش مۈمكىنچىلىكى بولغان شان-شەرەپ ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلەر زاھىر بولاتتى. ئۇ تېخىمۇ تېتىكلىشىپ، تىنىم تاپمايتى. ئۇ بىر ياقتىن تەييارلىقىنى قىلسا، بىر ياقتىن قولۇم-قوشنا، تەڭتۈش دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ئارتىسلىققا تاللانغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزەتتى.
ئاينۇر خۇشاللىقى ئىچىگە پاتمىغان ھالدا غىڭشىپ ناخشا ئوقۇغاچ نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. كەچ كىرىپ ياز ئاسمىنىغا گۇگۇم پەردىسى يېپىلىشقا باشلىغاندا، يېزىلىق كىنوخانىنىڭ كانىيىدىن ئويۇن ئېلانى بىلەن ناغرا سۇناي ئاۋازى ۋە يېقىملىق ناخشىلار ياڭراشقا باشلىدى. ئاينۇرمۇ خۇددى شۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك قولىدىكى ئىشنى يىغىپ، ئانىسىنى ۋە مەكتەپتىن قايتپ كەلگەن ئىنى سىڭللىرىنى ئېلىپ، ئويۇن كۆرگەچ ئۆمەك باشلىقى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.
ئۇلار كەلگەندە كىنوخانىنىڭ ئىچى تېشى قاينام-تاشقىنلىق بازارغا ئايلانغانىدى، ئۇزۇندىن بۇيان يالغۇز قالغان تەنھا ئادەمدەك جىمىپ كەتكەن كىنوخانا ئويۇنسىراپ كەتكەن سەنئەتخۇمار ئادەملەرنىڭ شاۋقۇنى بىلەن توشقانىدى. ئۇلار سەل ئىككىلىنىپ، خىجىللىق ئىچىدە بىرەيلەندىن ئۆمەك باشلىقىنى سورىدى، ئۆمەك باشلىقىنىڭ سەھنە ئارقىسىدىكى تەييارلىق ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇدۇل شۇ ياققا ماڭدى، بىرئاز ساقلىۋىدى ئۆمەك باشلىقى چىقىپ كەلدى، ئۇئىشك ئالدىدىلا ساقلاپ تۇرغان ئاينۇربىلەن ئايسخان ئاننى كۆرۈپ ئايسىخان ئانا بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن :
- خوش كەپسز ئاچا، مەن بۇ ئۆمەكنىڭ باشلىقى ئىلھام بولىمەن، -ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ سەل تۇرىۋلغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، بايا قىزىڭىزنىڭ ناخشسنى ئاڭلىدۇق قىزىڭىزنىڭ ئاۋازى ياخشىكەن، شۇڭا بىزنىڭ ئۆمەكتە ئىشلەمسىز دەپ قىزىڭىز بىلەن سۆھبەتلەشتىم قىزىڭىزنىڭمۇ ئىشلىگۈسى بار ئىكەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چىقىش يولىنى تېپىشى ئۈچۈن، بۇ ئىشقا قارشى تۇرمىغان بولسىڭىز ئۆمەك باشلىقىنىڭ ۋەزمىن ھەم سەمىمىيەت بىلەن تولغان گەپلىرى ئايسىخان ئانىنىڭ قەلبىدە يەنە ساقلىنىپ قالغان ئازراق دىلىغۇللىقنىمۇ تولۇق يۇيىۋەتتى.
ئانىنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ بىلەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى تۇغۇلۇپ، ئۆمەك باشلىقىغا قانداق رەخمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتقاندەك بىر ھازا ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يىغلامسىرىغاندەك ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى.
رەھمەت ئۆمەك باشلىقى، قىزىمنىڭمۇ ئارزۇسى شۇ ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ بوپتۇ دېدىم، قىزىم كىچىك شۇڭا ئۆز قولۇم بىلەن قوللىرىغا تاپشۇردۇم، قىزىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ قويالا...
ئانىنىڭ قەلبىدە تەرەپلىگۈسىز بىر خوشاللىق بولسىمۇ، يەنىلا بىر بىئاراملىقنىڭ ساقىندىلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.
- خاتىرجەم بولسىلا ئاچا، بۇ ئۆمەكتىكى ھەممەيلەن مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىمدەك، ئاينۇر سىڭلىمنىمۇ ئۆز سىڭلىمدەك كۆرىمەن، تەييارلىق پۈتكەن بولسا بالىلارنى ئېلىپ ئويۇنغا كىرسىلە، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا ئاينۇرقىزنى ئېلىپ، بۇ يەردىن قايتىمىز. ئايسىخان ئانا ئۆمەك باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولۇپ، بالىلارنى ئېلىپ ئويۇن كۆردى. تەخمنەن بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئويۇن ئاخىرلىشىپ، تاماشىبىنلاركىنوخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئايسىخان ئانا بىلەن ئاينۇرئۆمەك باشلىقىنىڭ يېنىغا چىقتى، بۇچاغدا ئارتىستلار ئۈسكىنىلەرنى يىغىشتۇرىۋاتاتتى، بىردەمدىلا يىغىشتۇرۇلۇپ بولۇنغان نەرسە- كېرەكلەر ئاپتۇبوسقا بېسىلدى، ھەممەيلەن ئاپتوبۇسقا چىقتى، ئۆمەك باشلىقى بىلەن ئايسىخان ئانا، ئاينۇرلارمۇ تەكەللۇپ بىلەن چىقىپ، ئايسىخان ئانىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئايسىخان ئانا بىلەن ئاينۇر، ئارقىدىن ئۆمەك باشلىقىمۇ ماشىنىدىن چۈشتى، ئاينۇر چاققانلىق بىلەن ئۆيگە كىرىپ، سومكىغا سېلىپ تەييارقىلپ قويغان كىيىم كېچەكلىرنى ئېلىپ چىقتى. ئانا - بالا قۇچاقلىشىپ بىر ھازا يىغلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتى. ئاينۇر بىر تەرەپتىن ئۆزى خالىمىغان بىر ئەرگە ياتلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئازابلىق كەچمىشكە يۈزلەنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بېشى ئاسمانغا يەتكۈدەك خوش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئانىسىدىن ئايرىلىشقا قىيالماسلىقتىن ئىبارەت ئازابلىق ياشلار كۆزلىرىدىن يامرايتى.
ئۆمەك باشلىقى- «سىڭلىم ماڭايلى» دېگەندىلا ئاينۇر ئېسىگە كېلىپ، ئانىسىدىن ئاجراپ، ئاپتوبۇس تەرەپكە ماڭدى. ئايسىخان ئانىمۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ: «ئەمىسە قىزىمنى سىلەرگە تاپشۇردۇم ئۇكام»- دەپ ئۆمەك باشلىقىغا قاراپ، يەنە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.
-خاتىرجەم بولسىلا ئاچا، ئاينۇر قىزنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرىمەن، كىرىپ كەتسىلە، -ئۆمەك باشلىقى شۇنداق دېگىنىچە ئانا بىلەن خوشلاشتى. ئاپتوبۇس قوزغالدى، شۇ دەقىقىدە ئايسىخان ئانىنىڭ يۈرىكىمۇ ئابتوبۇس بىلەن تەڭ قوزغالدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خىل سېزىمدا، نامەلۇم بىر بوشلۇققا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك كېچىنىڭ جىمجىتلىقىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا قول پۇلاڭلاتقىنىچە كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۈن قاراڭغۇلىقىغا شۇڭغىدى.
ئاينۇر شۇنداق قىلىپ يېڭى ھاياتىنى باشلىدى، ئۇ تولىمۇ خۇشال ئىدى. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ، يېڭى تۇيغۇ، يېڭى مۇھىت ئۇنى قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرگەنىدى. ئەمدى ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەسىپكە كىرىشىدۇ كىچىكىدە ئارزۇ قىلغان ئارتىس بولۇش خىيالى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ چۈشتەكلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن ئېسىنى يوقىتىپ قويايلا دېگەن ئىدى. ئۇلار ئەتىسى يەنە بىر يېزىغا ئويۇن قويغىلى باردى. كۈندۈزى ئۆمەك باشلىقى ئاينۇرنى چاقىرتىپ :
- ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر قانچە ناخشا ئۆگىنىڭ، نەچچە كۈن ئىچىدە سەھنىگە چىقىسىز، ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ -دېدى.
-بىلىدىغان بىر قانچە ناخشام بار ئىدى، مۇزىكا بىلەن ئوقۇپ باقايمۇ؟ نەچچە كۈنگىچە سەھنىگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. - دېدى ئاينۇر.
- بولىدۇ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەشىق قىلىڭ- ئۆمەك باشلىقىنىڭ سۆزىدە كۆيىنىشمۇ، بۇيرۇقمۇ بار ئىدى..
- ماقۇل، دېدى ئاينۇر ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن چۈشتىن بۇرۇن مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئاينۇر ئۆزى ياخشى
ئوقۇيالايدىغان بىر قانچە ناخشىنى پىششىقلاپ تەييار بولدى. ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ بۇ گۈزەل سەھرا قىزى سەھنىدە جەۋلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تاغ سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ لېرىك ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تارتمىلىق ناخشا ساداسىغا ئالقىش چاۋاكلار ياڭرايتى، ئۇمۇ تاماشىبىنلارنىڭ چاۋاكلىرىدىن سۆيۈنۈش ئىپتىخارغا چۆمەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ كەسىپكە سىڭىپلا كەتتى. ئۆمەك بۇ قېتىم شۇ ئويۇن قويغانچە بىر ئاي بولغاندا قايتىپ كەلدى ھەم خادىملارنى ئۈچ كۈن ئارامغا قويۇپ بەردى ئاينۇرمۇ ناھىيەدىن ئۆز يېزىسىغا قايتتى. مەھەلىسىدىكى چاغدا سۇس گىرىم قىلىپ، ئاددىي يۈرۈيدىغان ئاينۇر بۇ بىر ئاي جەريانىدا خېلى ئوبدانلا ئۆزگەرگەنىدى، پاسۇنلۇق كىيىملىرى، ياراشتۇرۇپ قىلىنغان گىرىملىرى بىلەن باشقىچە رەڭ تۈزەپ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئاينۇر ئاپتوبۇستىن چۈشكەندە يولدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقانلارئۇنىڭغا خۇددى ناتۇنۇش كىشلەرگە قارغاندەك ئۇنىڭ ئۈستباشلىرىغا، بۇيېزىكلەرگە ئوخشمايدىغان ياسنشلىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرستىپ كۇسۇرلشپ ئۆتۈپ كېتەتتى. يېزىنڭ ئادملىرىمۇ ئاجايىپ بولدىكەن ئىلىگىرى ئاينۇرنى تونۇيدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سالام قىلشتىن ئەيمنىپ ئاينۇركۆرشەي دېسمۇئۇياق-بۇياققا قارۋېلىپ ئۆتۈپ كېتشەتتى. ئۆز يېزىسىنڭ گۈزەل تەبئى مەنزىرىسى ئۇنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە رام قىلدى، ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىنىڭ گۈزەل بىغۇبار قىزنىڭ چېھرىدەك ساپ ھۆسنىگە قاراپ تويمايتى؛ ئەزەلدىن سۈيى ئەلۋەك بۇ يېزىنىڭ ھەممىلا يېرى بوستانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى بازارغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئۆستەڭ بويىدا ئىدى. بۇ يەردىكى تەبىئىي چىملىقلار، ئۆستەڭنىڭ سۈزۈك سۇلىرى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى كىشىگە تەبئەتنىڭ ئاجايىپ ھۇزۇرىنى بېرىپ، كەلگەنلەرنىڭ كەتكۈسى كەلمەيتى.
ئاينۇر ئەتراپتىكى تەبىئىي گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلانغاچ ھويلىغا كىردى. ئىككى مو باغلىق ھويلىدا ئايسىخان ئانا ئۆزى تېرىغان چىرايلىق گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىپ، ھويلىدىكى كارىۋاتتا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراتتى. ئاينۇر ئانىسىنى قېرىنداشلىرىنى بەكلا سېغىنغان ئىدى، ئۇ ھويلىغا كىرىپلا ئانا - دەپ توۋلىغىنچە سومكىسىنى كارىۋاتقا قويۇپ، ئانسى بىلەن قۇچاقلشىپ كۆرۈشتى. ئۇنىڭ تۇنجى قېتم ئۆيدىن ئايرىلىشى بولغاچقا، بۇ قېتم ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ سېغنشتىن كۆزى تۆت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يۈرىكىدىكى سېغىنىشنى باسالماي، توختىماي ئېسەدەيتى، «ئانا سىزنى بەكلا سېغىندىم»- دەپ تەكرارلايتى، ئايسىخان ئانىمۇ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي «بىزمۇ سىزنى سېغىندۇق ئاي قىزىم »-دەپ كۆز يېشى قىلدى. ئاينۇرنىڭ ئاچىسى ۋە ئىككى ئاكىسى ئاللىقاچان ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇ ئۆيدە ئاينۇر ھەم ئۇنىڭدىن كىچىك ئۈچ قېرىندشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىنى- سىڭىللىرى مەكتەپتىن تېخى قايتىپ كەلمىگەن، ئايسىخان ئانا ئۆيدە يالغۇز ئىدى، ئانا كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، قىزىنىڭ يىرىك ھەم ئۇزۇن چاچلىرىنى مېھرى بىلە بىر ھازا سىلاپ،
- يۈرۈڭە قىزىم ئاۋال ئۆيگە كىرەيلى، ھارغىنىڭىزدا بىردەم ئارام ئېلىۋېىڭ ھە، ئەتىگەندە ئۇيۇتقان قېتىقمۇ بار... - ئانا خۇددى يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتكەندەك بىردەمدىلا داستىخانغا قوغۇن-تاۋۇز، نان-توقاچلارنى تىزىۋەتتى.
-مەن قىلاي ئانا، ئادەمنى ئۇنداق خىجىل قىلمىڭە، مەن دېگەن. ئۆز قىزىڭىز تۇرسام، -ئاينۇر نېمە قىلىشنى بىلمەي ئانىسىنىڭ قولىنى تارتىپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزدى.
-چىرايلىق قىزىم، بىردەم ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ، مەن سىزگە دوغاپ ئېتىپ بېرەي -ئانا شۇنداق دەپلا بىر چىنە قېتىقنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاينۇر ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان ئۆيىنىڭ ھەر- بىر بۇلۇڭلىرىغىچە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى، ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا بالىلىقنىڭ گۈزەل كارتىنىسى قاناتلىناتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇