چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 36-قىسىم

文摘   2025-01-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئۇلارنىڭ بۇنداق ھوقۇقى يوقتۇ بەلكىم! ئەمما مېنىڭ خۇشال بولۇش ھوقۇقۇم بار، لېكىن سىز بۇ ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدىڭىز، ئەمما گۈلسۈم ئاچام مېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. مېنى دەپ ئاتايىن ئۇ يەرگە مېنى ئوينىغىلى ئاپاردى، ناۋادا مەن ئۇ يەرگە بارمىغان بولساممۇ، گۈلسۈم ئاچام مېنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، سىز يەنىلا مېنى… -شەمسىيەمۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى نادىرەگە ئايان ئىدى.

شەمسىيە دادىسىنىڭ ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە ئىچى ئاغرىپ كۆڭلى يېرىم بولۇشىنى، ئاپىسىنىڭ بەكلا قورقۇنچلۇق ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى دېمەيۋاتاتتى. ئەمما نادىرە قىزىم بوينى قاتتىقلىق قىلىپ مېنى ئاپا دېمىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى دۈشمەننىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى ئاياپ بۇ ئىشلارنى دېمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى. ۋە مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ گۈلسۈمگە قايتا قول تەگكۈزمىدى.

بۇ چاغدا دولقۇنمۇ ئۆزىنىڭ بىرەر ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېسىگە ئالغانىدى، ئۇ پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چۈشۈپ شەمسىيەنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە توختىماي سۆيۈپ ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەنلىكىنى دەپ ئويۇن قويۇشقا باشلىدى. گۈلسۈم بايا يىقىلغان جايىدىن ئۆرىمۇ بولالمىغانىدى. ئۇ ھالسىز ھالەتتە يېتىپ، دولقۇننىڭ شەمسىيەنىڭ يۈز كۆزلىرىگە توختىماي سۆيۈۋاتقىنىغا قاراپ ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان پەسكەشلىكلىرىنى ئويلاپ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى.

-ھۆ… ھۆ…

بۇنى كۆرگەن شەمسىيە يەنە گۈلسۈمنىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇۋىدى ئەمما دولقۇن ئۇنى چىڭڭىدە تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

-قىزىم ھۈ… ھۈ… ھۈ… جېنىم قىزىم سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز؟… مېنى قانچىلىك ئەنسىرەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ بۇ نەچچە كۈندىن نەلەردە يۈردىڭىز قىزىم؟… نېمىشقا ماڭا تېلېفونمۇ قىلىپ قويمايسىز؟…

-دولقۇن! بولدى ئويۇنىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ!… -ۋارقىرىدى نادىرە.- شەمسىيەدىن راستتىنلا ئەنسىرىگەن بولسىڭىز، ئۇنى بۇ خوتۇننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئۇنى سىيرىلما تاختا ئوينىغىلى ئاپىرىشىغا يول قويمىغان بولاتتىڭىز؟ مېنىڭ ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىمنىڭ ھەممىسى قىزىم ئۈچۈن. ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن. ئەجەبا سىز بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسقۇ؟ ئەمما سىز مەندىن يوشۇرۇن مۇشۇنداق قىلىشقا پېتىندىڭىز؟ قىزىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوتقا ئىتتىردىڭىز…

-خوتۇن… خوتۇن… -دولقۇن ئەمدى شەمسىيەنى يەرگە قويۇپلا كۈچۈكلىنىپ بېرىپ نادىرەنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدى.-مەن باشتا بىلمەپتىمەن خوتۇن… مەن پەقەت شەمسىيە خوش بولسىلا بولدى دەپ ئويلاپتىمەن. ئەمما بۇ خوتۇن قىزىمنى يۈتتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى مەن دوختۇرخانىدا نېمە كۈنلەرنى كۆردۈم بىلەمسىز؟ شەمسىيەدىن ئەنسىرەپ يېگىنىم يېگەن ئىچكىنىم ئىچكەن بولمىدى. مۇشۇ بۇرۇقتۇرمىچىلىقتا نېرۋامدىنمۇ چاتاق چىقىپتۇ. بايا… بايا كۆردىڭىزغۇ؟! مەن بۇ خوتۇننى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدىم. ئۇنىڭغا قارىساملا شەمسىيە ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەمسىيەنى يۈتتۈرۈۋەتكىنى ئېسىمگە كېلىدۇ… شۇڭا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي… تاسلا قالدىم بايا ئۇنى بوغۇپ قويغىلى…

دولقۇننىڭ يۈزىنى ئۆرۈپ قويۇپلا دېگەن بۇ يالغان گەپلىرىنى ئاڭلىغان گۈلسۈم ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىققان بىر ئاچچىقنىڭ زەردىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ئەمما بەك كۈچىگەنلىكتىن يەنىلا قېقىلىپ يۆتىلىپ بېشى قاتتىق ئاغرىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي قالدى.

گۈلسۈمنىڭ بۇ ئاجىز ھالىتى دولقۇنغا ئوبدان پۇرسەت بولغانىدى.

لېكىن دولقۇننىڭ تۈلكىلىك قىلىپ دېگەن بۇ گەپلىرىدىن نادىرە غەلىتىلىك ھېس قىلمايمۇ قالمىدى.

-ۋوي تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋال ئەجەب ئۇنىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ سىزدىن قورقۇپتۇ-يەي! شەمسىيەنىڭ خۇشاللىقىنى دەپ شۇنداق قىپتۇ-يەي! دەپ ھېچ ھالىڭىز قالمايۋاتمامتى. بۈگۈن ئەجەب باشقىچىلىغۇ سىز؟… دېدى نادىرە دولقۇنغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ.

-قىزىمنى كۆرمىگىنىمگە بۈگۈن توپتوغرا ئون يەتتە كۈن بولدى نادىرە! ئۇقۇۋاتامسىز؟! ئون يەتتە كۈن. بۇ ئون يەتتە كۈن قىزىنى كۆرەلمەي، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، كېچە كۈندۈز سېغىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر دادىنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ… بىلەمسىز شۇنى! نېمىشقا داۋاملىق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ… قىزىمغا بولغان ئىچ ئاغرىقىنى ئىچىمگە يىتۈپ يۈرگۈدەكمەن؟… مەن… مەن قىزىمنىڭ يېنىمدا بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن…

بۇ گەپ بىلەن نادىرە ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ سەل پەسكويغا چۈشتى، ئەمما دولقۇننىڭ مىجەزىنىڭ ئادەتتىكىگە پەقەتلا ئوخشىماي قالغىنى ئۇنىڭغا يەنىلا سەل غەلىتە تۇيۇلىۋاتاتتى.

-نېمىشقا دادامنى ئەيىبلەيسىز؟ دادامدىمۇ، گۈلسۈم ئاچامدىمۇ ھېچقانداق خاتالىق يوق. سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى، داۋاملىق باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىسىز؟… -شەمسىيەنىڭ نادىرەگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گېپى نادىرەنى سوغۇق تەرتىپ ئۇنى گەپتىن بىراقلا توختىتىپ قويدى.

-دادا، ئۇنىڭغا يالۋۇرماڭ! ھەم چۈشەندۈرمەڭ!-دېدى ئارقىدىنلا شەمسىيە دولقۇننىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر چەتكە تارتىپ ئۇنى ئاپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ.-ئەگەر سىز راستتىنلا خاتالاشقان بولسىڭىزمۇ بۇ خاتالىقىڭىز ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس. مەن سىزگە ئامراق دادا! گۈلسۈم ئاچامغىمۇ ئامراق.… ھازىر ئۇنىڭ قۇرۇق گېپىگە قاراپ تۇرماي تېز گۈلسۈم ئاچامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دادا! ئۇ بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ… ھۈ… ھۈ… ھۈ… مېنى ھەرقانچە كۆرگىڭىز كەلسىمۇ، مەندىن ھەر قانچە ئەنسىرىسىڭىزمۇ، نېمىشقا گۈلسۈم ئاچامنىڭ گېلىنى سىقىسىز؟ يەنە… يەنە تېخى ئۇ… -شەمسىيە نادىرەنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى.-ئۇ گۈلسۈم ئاچامنى ئۇردى. ھۈ… مېنىڭ سىلەردەك رەھىمسىز ئادەملەرنىڭ قىزى بولغۇم يوق دادا، تېز… گۈلسۈم ئاچامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!

دولقۇن گەرچە خالىمىسىمۇ، گۈلسۈم گەپ قىلالايدىغان بولسىلا ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىنى دەۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ، ئەمما شەمسىيەنىڭ بۇ كۈچلۈك تەلىپىنى رەت قىلالماي ئۇنىڭ ۋە نادىرەنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ گۈلسۈمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى قارار قىلدى.

گۈلسۈمنىڭ بۇ ھالىتىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ تېزلا ئەسلىگە كېلەلىشىمۇ خېلى تەستەك قىلاتتى. ئۇ كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئارىلىقتا باشقا بىرەر ئامال قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

نادىرەمۇ شەمسىيەنىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئارىلاش قاراپ تۇرۇۋېلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرى خالىمىسىمۇ دۆشلەپ-دۆشكەلەپ يۈرۈپ گۈلسۈمنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىقىرىشىپ بەردى. شەمسىيە قانچە توسقىنىغا ئۇنىماي بىللە بارىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ ئاخىرى ئۇمۇ ماشىنىغا چىقتى. دولقۇن ماشىنىنى دوختۇرخانىغا قاراپ ھەيدىدى.

يالغۇز قالغان نادىرە بايا گۈلسۈمنى يۆلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىققىنىنى كۆرگەن ئىككى ئۈچ قوشنىسىنىڭ نېمە بولدى دېگەن سوئالىغا:

-نېمە بولاتتى، بۇ پالاكەت ئىش قىلغۇچە ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋاپتۇ شۇ… -دەپ بىزارلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولغاندا ئارتۇق ئىشقا چېپىلغاق بىر قوشنىسى ئېغىز ئېچىپ قالدى.

-تۈنۈگۈن تېخى دولقۇن ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتىكەن، ئۇ قىزدىن نېمە بولدى دەپ سورىسام خانىم قايتىپ كەلگۈچە شىركەتكە كېتىپ تۇرىدىغان بولدۇم دېگەنىدى. ئەجەب بۈگۈن يەنە بۇ ئۆيدە ئىش قىلىپ قاپتىغۇ؟…

نادىرە ئەجەبلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ۋە قوشنىسىنىڭ بۇ گېپىگە جاۋاب بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇچقاندەك مېڭىپ ئۆيىگە كىردى. ئاندىن گۈلسۈم ياتقان ھۇجرىغا قارىۋىدى، دەرۋەقە ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنىڭ يىغىشتۇرۇلۇپ ھۇجرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ قالغانلىقىنى كۆردى.

ئاندىن كۆڭلىدە لەيلەۋاتقان مۇدھىش خىياللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ بايا دولقۇن گۈلسۈمنىڭ گېلىنى بوغۇپ تۇرغان ھۇجرىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

بۇ نادىرە ئۆيدە يوق ۋاقىتلاردا ئەرخوتۇن ئىككىسىنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويغاندا دولقۇن تۇرىدىغان ھۇجرا ئىدى.

نادىرە ھۇجرا ئىچىگە كىرىپ ھۇجرا ئىچىنىڭ تولىمۇ قالايمىقان تۇرغانلىقىنى كۆردى. كىرلىكلەر پۇرلاشقان، نەرسە كېرەكلەر ئۆرۈلگەن، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋال نادىرە يوتقاننى ئۆرۈپ كارىۋات كىرلىكى ئۈستىدىكى كىچىككىنە قىزىل داغنى كۆرگەندە يۈز بەردى.

نادىرە لەسسىدە بولۇپ قاتتىق پول ئۈستىگىلا ئولتۇرۇپ قالدى.

ئارقىدىنلا قوللىرى بىلەن چېچىنى قاماللاپ يۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.

-ھۇ ئەبلەخ… كۆڭلى پەس مەينەت. بىر… بىر بىر مالاي خوتۇننى قانداقمۇ كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەندۇ-ھە! تاپساڭمۇ تۈزۈكرەك بىرسىنى تېپىپ بۇزۇقچىلىق قىلساڭ بولمامدۇ؟! ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلغۇچە!… مەن بۇ يۈزۈمنى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىمەن .ھۇ پەس مەينەتلە… ھەممىنى قىلغان چوقۇم شۇ بۇزۇق مالاي خوتۇن… مېنىڭ ئۆيدە يوق ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ دولقۇننى ئازدۇرغان گەپ… مەن… مەن ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ بۇ نومۇسنى يۇيمايدىغان بولسام… ھۇ قانجۇق…

نادىرە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ دەرھال دولقۇنغا تېلېفون قىلدى.

-ۋەي!… -دولقۇن ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېلېفوننى ئالدى.

نادىرە دولقۇننىڭ يېنىدا شەمسىيەنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ چىشىنى چىشلەپ بايىقى ئاچچىقىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى.

-دوختۇرخانىغا ھازىر كەلدۇق. ئۇنى تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

-شۇنداقمۇ؟… بايا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەنىدىم. نەرسە كېرەكلىرى يوق تۇرىدۇ… بۇ قانداق ئىش؟

دولقۇن بۇ گەپ بىلەن سوغۇق تەرلەپ ھودۇقۇپلا كەتتى، ئۇ گۈلسۈمنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى تۈنۈگۈن ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ قويۇپ تېخىچە شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى.

ئەمما ئۇنىڭ شۇم نىيەت، ھىيلە-مىكىر بىلەن توشۇپ كەتكەن كاللىسى چاقماق تېزلىكىدە بىر ئامالنى ئويلاپ چىقىپ دەرھاللا يالغاندىن بىرنى توقۇدى.

-ھە… مەن… مەن… دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز تۇرسام ئەپسىز بولىدىكەن دەپ… ھەم ئۇنىڭغا قارىساملا شەمسىيەنىڭ ئۇ سەۋەبلىك يوقاپ كەتكىنى ئېسىمگە كېلىپ بىئارام بولغاچقا،شۇڭا ئۇنى سىز قايتىپ كەلگۈچە كېتىپ تۇرۇڭ دېگەنىدىم. ئەمما… ئەمما ئۇنىڭ يۈزى بەك قېلىن ئىكەن، باشقا بىرەر مەقسىتى بار ئوخشايدۇ. كەتكىلى ئۇنىماي بېزىرىپ تۇرۇۋالدى . شۇڭا ئۆزۈم ئاپىرىۋېتەي دەپ نەرسە كېرەكلىرىنى ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سالغانىدىم. بىراق ئۇ يەنىلا كەتكىلى ئۇنىماي… ئاخىرى ئاخىرى مۇشۇنداق بېشىنى يېدى شۇ…

-شۇنداقمۇ؟ باشقا… ئىش يوق دەڭ!

-شۇنداق شۇ… باشقا ئىش… يوق…

-بوپتۇ ئەمىسە… ئۇ بىر يېقىن ئادىمىڭىز بولمىغاندىن كېيىن بېشىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز بولمايدىغان. شەمسىيەنى ئېلىپ دەرھال يېنىپ كېلىڭ! دوختۇر پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىزلا دوختۇرلار ئۇنى ئۆزى داۋالايدۇ.…

-ھە… ئۇخ… ئۇختۇم…

-تېز يېنىپ كېلىڭ! ھازىرلا!…

ئەسلى دولقۇننىڭ گۈلسۈمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ زادى نېمە بولغانلىقىنى بەكلا بىلگۈسى بار ئىدى، ئەمما نادىرەنىڭ جىددىي چاقىرتىشىغا قارشى چىقالماي، شەمسىيەنىڭ كەتمەيمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغىنىغىمۇ قارىماي، ئۇنى ئېلىپلا بىر سېستراغا ئاۋۇ ئايالنىڭ داۋالىنىش پۇلى دەپ ئازراق پۇل تۇتقۇزغاندىن كېيىن دەرھال ئۆيگە قايتىپ كەلدى.

ئەمما ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە نادىرەنىڭ بايا دولقۇننى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك كېلىپ كەتكەن ئاچچىقى بېسىلىپ قالدى.

ئۇ ئۆزىنى شەمسىيەگە قەرزدار دەپ ئويلايتتى. شەمسىيە بولسا دادىسىغا بەكلا ئامراق ئىدى.

ناۋادا ئۇ ھازىر ئۇ ئىشنى دەپ دولقۇن بىلەن ئۇرۇشسا شەمسىيەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى، ھەقىقىي ئەھۋالنى شەمسىيەگە ئېچىپ دېگىلى تېخى بولمايتتى. ھەم شەمسىيە بۇ ئاچچىقىغا پايلىماي دولقۇنغا ئۆزىنىڭ باشقا شەھەردە نېمە كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ قويسا ئۇ چاغدا نادىرەنىڭ دولقۇننىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇق بولۇپ قالاتتى دە، جېدەل تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتەتتى. شەمسىيە دولقۇننىڭ قىزى تۇرسا، ئەمما نادىرە دولقۇننىڭ خەۋىرى يوق ھالدا شەمسىيەنىڭ بىر بۆرىكىنى تۇنجى ئېرىدىن بولغان دولقۇنىدىن يوشۇرۇن بېقىۋاتقان ئوغلىغا كۆچۈرگۈزدى. بۇ كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە. ئاشكارىلانمايدىغان مەخپىيەتلىك يوق دەپ بۇ ئىشنى دولقۇن ھامان بىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا شەمسىيەنىڭ بۇنى دولقۇنغا دېگۈسى يوقلۇقىنى نادىرە بىلىۋالغانىدى. شۇڭا شەمسىيە ئۆزى دېگۈچە نادىرە دولقۇندىن يوشۇرالىغان يېرىگىچە بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ تۇرسام ياخشىراقمىكىن دەپ ئويلايتتى.

شەمسىيەنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن نادىرە ئاخىرى ئۆز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلدى.

نادىرەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قىزىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن بۇ قىزىنىڭ دوختۇرخانىدا تارتقان ئازابلىرىغا قارىغاندا ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى.

شۇڭا ئۇ شەمسىيە بىلەن دولقۇن دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى. دولقۇننىڭ قالايمىقان ھۇجرىسىدىكى ئۆرۈلگەن نەرسىلەرنى يۆلەپ، چېقىلغان نەرسىلەرنى تازىلاپ، مەينەت كىرلىكنى ئېلىپ كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇش بۇيرۇقى بېرىۋەتكەندىن كىيىن ئورنىغا يېڭى كىرلىك ئالماشتۇرۇپ قويدى.

ئاندىن ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ ئېتەلەيدىغان تاماقلارنى قىلغاچ ئۇلارنى ساقلىدى ئۇ بار ئاچچىقىنى توغراۋاتقان كۆكتاتلاردىن چىقىرىۋاتاتتى.

ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ نادىرە ئىشىكنى ئاچتى.

شەمسىيە يەنىلا ئۇنىڭغا قېيداۋاتقان بولۇپ ئوچۇق چىرايمۇ ئاچماستىن ئۇدۇل ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

دولقۇن قورقۇمسىراپ نادىرەنىڭ كۆزىگە قارىدى، ئەمما نادىرە كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپلا يەنە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.

-بىرەر ئىش بولدىمۇ خوتۇن… تېز كېلىڭلار دەپ… - دولقۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ سورىدى.

نادىرە بىر تال پەمىدۇرنى كۆزىگە خۇددى دولقۇن كۆرۈنۈپ كۈچەپ چاناۋاتاتتى.

دولقۇن قورقۇپ كېتىپ ئاستا كەينىگە يېنىپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

شۇ چاغدىلا بايا قالايمىقان پېتىچە قالغان ھۇجرا ئېسىگە كەلدى -دە ھاسىراپ ھۆمۈدەپ چىقىپ ھۇجرىغا كىردى.

ئەمما ھۇجرا ئىچى پاك-پاكىز ئىدى، كىرلىكمۇ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن. بايىقى قالايمىقانچىلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.

دولقۇننىڭ بېشى قايغاندەك بولدى. نادىرەنى بۇ ئىشلارنى بىلىپ قالدىمىكىن دېسە، ئۇنىڭ مىجەزىدە بۇ ئىشنى بىلسە دولقۇننى ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن ھالەتتىمۇ بۇ ئۆيگە ھەرگىز كىرگۈزمىگەن بولاتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章