چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 42-قىسىم

文摘   2025-01-20 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ھېچقىسى يوق بىلال! چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدە بۇنچىلىك ئىشلارغا ھازىر ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالدىم.

-ئاپامنىڭ دېگەن گېپىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ! ھەم بەك ئېرەن قىلىپمۇ كەتمەڭ، ئۇ قېرىغانسېرى شۇنداق تولا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

-ماقۇل مەن كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. ئەمىسە كەتسىڭىز بولامدۇ… مەن ئىشىمنى قىلىۋالاي.

-گۈلسۈم… بۇ بىزنىڭ ئىشىمىزنى…

-بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى… نېمە ئىشىمىز بار ئىدى بىلال. مانا سىز ماڭا بېرىپ تۇرغان پۇل… ئەجەبا سىزگە يەنە باشقا قەرزىممۇ بارمۇ؟

-قېيداۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن گۈلسۈم، مەندىن بەزى ئىشلارنى يوشۇرۇپتۇ دەپ خاپا بولۇۋاتىسىز… مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاجراشقاندا پاتىمە بالىنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ ئېلىپ قالغان. شۇڭا بەرىبىر كېيىنكى تۇرمۇشىمىزغا دەخلىسى بولمىغاندىن كېيىن دەپ بۇنى سىزگە كېيىنچە دېسەممۇ بولامدىكىن دەپ قاپتىمەن.… ئاندىن ئاپامنىڭ يارىشىۋېلىش دېگەنلىرى ئۇ بىكار گەپ، بۇ پۈتۈنلەي ئاپام بىلەن پاتىمەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىيالى…

-ھا… ھا… ھا… -گۈلسۈم تۇيۇقسىزلا كۈلۈپ كەتتى.-بۇلارنى ماڭا دەپ نېمە قىلىسىز بىلال. بۇ سىلەرنىڭ ئاىلەڭلارنىڭ ئىشى. ئاجرىشامسىز يارىشامسىز بالىڭىز بارمۇ؟ يوقمۇ؟ بۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق. بەلكىم مېنى ئۆزىڭىزگە پۇلدىن باشقىمۇ قەرزى بار دەپ ئويلايدىغانسىز، بىراق مېنىڭچە مەن بۇ قەرزنىمۇ قايتۇرۇپ بولدۇم.…

-گۈلسۈم بۇنداق دېمەڭ بولامدۇ مەن سىزگە ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمەن. مەن ئەزەلدىن بىردەملىك كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا سىزگە يېقىنلاشقان ئەمەسمەن.

-زورلاپ ئۆزىڭىزگە ئىش تاپماڭ بىلال، مەن سىزگە ماڭا مەسئۇل بولۇڭ دېدىممۇ؟ ماڭا مەسئۇل بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. مەن يا كاپالەت بىلەن يۆتكەپ كېلىنگەن ئەتىۋارلىق گۆھەر ئەمەس. قانداقتۇر ماڭا مەسئۇل بولمىسام بولمايدىغان ئىش قىلدىم دەپمۇ ئويلىۋالماڭ! مەن ئۆزۈم خالىغان. چۈنكى مەن سىزگە بەك كۆپ قەرز بولۇپ كەتكەنىدىم. بىراق بايا دېگىنىمدەك ھازىر بۇ پۇلنى ئالسىڭىزلا مەن ھەممىنى قايتۇرۇپ بولغان بولىمەن.

-گۈلسۈم… نېمە دېگىنىڭىز بۇ، بۇ… بۇ… ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا بۇنداق پوزىتسىيەدە بولسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۇ بىر قىز بالا دەيدىغان گەپمۇ، سىز ھازىر ئۆزىڭىزنى خەقنىڭ ئېلىپ قاچتى گەپلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈۋېلىپ گەپ قىلىۋاتامسىز… كۆڭلىڭىزگە بەك كەلگەنلىكىنى بىلىمەن گۈلسۈم، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟…

-ئەجەبا ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ بىلال! شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ. ئەپسانە رىۋايەتلەرمۇ ئاساسسىز ئەمەس. سىز ئەجەبا خەقلەرنىڭ دېگەنلىرى راستمىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟…

-بۇ… بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

-ئەمدى كېتىڭ بىلال.… گەپ بۇنىڭدىن چۈشىنىشلىك بولماس. بۇ پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قېلىڭ!… -گۈلسۈم پۇلنى بىلالنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدى-دە ئىچىگە كىرىپ بايىقى ئىشنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا باشلىدى.

بىلال چىقىپ كەتتى، ئەمما ئۇ گۈلسۈم قويۇپ قويغان پۇلنى ئالمىغانىدى…

ئارىدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

بۇ ئارىلىقتا بىلالنىڭ ئاپىسى بىر قېتىم كېلىپ يەنە جېدەل چىقىرىپ گۈلسۈم ئۇنىڭغا بىلال ئالمىغان پۇلنى تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ يولغا سالغان بولدى.

ئۇ بىلالنىڭ بۇ ئېغىزى يامان ئاپىسىلا بولىدىكەن بىلال بىلەن ئىشىنىڭ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى قايسى كۈنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشلارغا يەنە داۋاملىق زېھىن ئۇپراتقۇسى ئۆزىنى ئۇرغۇسى يوق ئىدى.شۇڭا بىلالغا ئۇ گەپلەرنى قىلغان بولۇپ، بىلالغا بۇ گەپلەر بەكلا ھار كەلگەن چېغى ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن گۈلسۈمنى ئىزدىمەيلا قويغانىدى. بىلالنىڭ ئاپىسى پۇلنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ بۇ كۈنگە قەدەر بىلال جەمەتىدىن بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتىپ قالمىدى.

بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۇنىڭ سودىسى ئوبدانلا يۈرۈشۈپ خېرىدارلىرى خېلىلا ئاۋۇپ قالدى.

ئۇ ئىلگىرى ئاىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركىتىگە كىرىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن بىر پىشۇرۇق دۇكىنىدا ئىشلىگەنىدى. شەھەردە پىشۇرۇق دۇكانلىرى كۆپ، يەنە كېلىپ بىر بىرىدىن سەرخىل رىقابەت كەسكىن ئىدى. شۇڭا بۇ كەسىپ بۇنداق دۇكان ئاچىدىغانلاردىن كەسىپكە نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلاتتى.

شۇڭا گۈلسۈم خىزمەتچىلىرىگە تولىمۇ تەلەپچان دۇكان خوجايىنىدىن ئۆگىنىۋالغان بۇ ھۈنىرى بىلەن بۇ كىچىككىنە يېزا بازىرىدىكى باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ تېزلا ئالدىغا ئۈزۈپ چىقتى.

ئۇ مۇھەببەتتىن تەلىيى يوقلۇقىغا ئەمدى قەتىي ئىشەنگەن بولۇپ. بار زېھنىنى كەسىپكە قارىتىپ سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ،، ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىماي تىنچ ياشاشنى خالاپ قالغانىدى.

ئەمما ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس… ھازىر ئۇ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش نەتىجە تاياقچىسى ئۇنىڭ بۇ تىنچ ياشاش خىيالىنى يەنە بەربات قىلىۋەتتى.

ئۇ قولىدىكى نەرسىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ۋاررىدە يىغلىۋەتتى.

قورسىقىدا بىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى ۋە ئاستا-ئاستا يېتىلىۋاتقانلىقىدىن ئۇ ھاياجانلىنىۋاتاتتى.

ئۇ بىلىپ بىلمەيلا ئانىلىق مەۋسۇمغا قەدەم باسقان ئىدى، ئەمما ئۇنى بۇ ھاياجانغا باشلاپ كىرگەن قورسىقىدىكى يېڭى ھاياتلىق بەختنىڭ مەھسۇلى ئەمەس ئىدى. بۇ گۈلسۈمنى ئازابلايتتى.

ئۇ بىلالدىن ئالاقىسىنى پاك پاكىز ئۈزۈشنى قارار قىلغان.

ئەمما، بۇ بالا پەيدا بولۇشى بىلەن ئىشلار يەنە ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

دەسلەپتە ئۇنىڭ خىيالىغا بالىنى ئالدۇرۇۋېتىش كەلدى، ئەمما بىر ئازدىن كېيىنلا بۇ قورقۇنچلۇق خىيالنى قايتا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

چۈنكى يېقىندىن بېرى ئۇ ئىشقا شۇنچە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتسىمۇ يەنە كۆڭلىنى ئارامىدا قويمايۋاتقان تىكەندەك يالغۇزچىلىق، غېرىبسىنىش ۋە بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئۇنىڭ جان جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم ئەگەر يالغۇز بالا بولماي بىرەر قېرىندىشىم بولغان بولسا ئاتا ئانامدىن قالغاندىن كېيىنمۇ بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇپ ئۆتەر ئىدۇق، دەردىمنى تۆكۈۋالسام يېنىكلەپ قالار ئىدىم دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدى. دادىسى بىلەن ئاپىسىمۇ ئىلگىرى بۇ يۇرتقا باشقا يەردىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن، مەھەللەداشلىقنى، قوشنىدارچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇغقىنىمۇ يوق ئىدى. ئۇزاق ۋاقىت يوقاپ كېتىپ ئەمدى ياخشى بولمىغان نام بىلەن كېلىپ بۇ يەردە ئانچە مۇنچە كۆزىگە كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان گۈلسۈمنى بۇرۇنقى مەھەللەداشلىرى ۋە قوشنىلىرى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۆزى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىر ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدەك بۇ رېئاللىق گۈلسۈمنى تولىمۇ گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتاتتى.

ئۇ دۇكانغا كېلىپمۇ خىيالدىن باش كۆتۈرەلمەي تۇرغاندا دۇكانغا بىرسى كىردى..

-تىنچلىقمۇ؟

-ھە… تىنچلىقمۇ؟ مەن تورت بۇيرۇتاي دەپ كىرگەنىدىم.

-بولىدۇ، بولىدۇ… مەن تەييارلاپ بېرەي. سائەت قانچە بىلەن ئېلىپ كېتىسىز.

-كەچ سائەت سەككىز يېرىمدا بازارنىڭ مەركىزىدىكى دىلرام مۇزىكىلىق كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى نومۇرلۇق ئايرىمخانىسىغا ئەكىرىپ بەرگەن بولسىڭىز.

-ھە؟ بۇ… مەن تورتنى ياساپ بېرەي، ئەمما سىز دۇكانغا كېلىپ ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز. مەن دۇكاندا يالغۇز، شۇڭا ھازىرچە خېرىدارلارنىڭ دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بېرىدىغان مۇلازىمەتنى قىلمايمەن.

-ھەي… ئۇنداق دېمەي بازاردىلا بولغاندىن كېيىن ئەكىرىپ بەرسىڭىزچۇ! پۇلنى كۆپرەك ئالسىڭىزمۇ مەيلى. مەن بىرسىنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دېگەنىدىم. ئۆزۈم تورت ئېلىپ كىرىمەن دەپ چىقىپ يۈرسەم پىلانىمدىكىدەك بولمايدۇ.

-ئەستا… قانداق قىلارمىز… تورتنى ئەپچىقىپ كەتكىلى… بولمىسا باشقا بىرەرسىنى بۇيرۇمسىز يە؟

-ھەي ئۇنداق قىلماي ئەكىرىپ بەرسىڭىزچۇ! بىر دوستۇم ماڭا تورتنى سىزگە ياسىتىشىمنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغانىدى. سىزنى بەك ئالاھىدە ھەم ئۆزگىچە ياسايدۇ دەيدۇ.…

-ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن تورتنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى كىرەلىسىڭىز مەن ياساپ بېرەي، ئەمما ئۆزىڭىز ئېلىپ چىقىپ بېرىڭ دەيدىغان ئىشىڭىز بولسا خاپا بولماي ھازىرچە باشقىلارغا ياساتقاچ تۇرغان بولسىڭىز مەن راستتىنلا…

-ۋاي ۋۇي… ھە، بوپتۇ بوپتۇ. ماقۇل ئەمىسە! بەك ئۆزگىچە ھەم ھەشەمەتلىك قىلىپ ياساپ بېرىڭ.

مەن سائەت سەككىز بىلەن چىقىپ ئەكىرىۋالاي… ھە… پۇلىنى تۆلىۋېتەي ھە!

تورت بۇيرۇتقان كىشى تورتنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

گۈلسۈم پەرتۇقنى تاقىدى-دە غەملىرىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.

كەچ سائەت سەككىز بىلەن گۈلسۈم ئالاھىدە چىرايلىق ياسالغان تورتنى ئوراپ ئىگىسىنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.

ئەمما سەككىزدىن ئون مىنۇتمۇ ئۆتتى، يىگىرمە مىنۇتمۇ ئۆتتى. ھېلىقى تورت بۇيرۇتقان ئادەم كىرىدىغاندەك قىلمايتتى.

گۈلسۈم مۇشۇ تورتنى ئېلىپ چىقىپ كەتسىلا دۇكاننى تاقاپ ئۆيگە قايتماقچى ئىدى.

ئەمما سائەت سەككىز يېرىممۇ بولدى. تورت بۇيرۇتقۇچىنىڭ يەنىلا قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

گۈلسۈم ئاچچىقىدا دۇكاننى تاقاپلا قايتماقچى بولغانىدى.

ئەمما تورتنىڭ پۇلىنىمۇ ئېلىپ بولغانلىقىنى ھەم ئۇ ئادەمنىڭ بىرسىنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋەتمەكچى ئىدىم دېگەن گېپىنى ئويلاپ ئاخىرى جىلە بولغان ھالدا تورتنى ئۆزى ئەكىرىپ بېرىش ئۈچۈن، كۆتۈرۈپ دۇكاندىن چىقتى.

ئۇ تورت بۇيرۇتقان كىشىنىڭ گېپىنى كۈچەپ ئەسلەپ دىلرام مۇزىكىلىق كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى نومۇرلۇق ئايرىمخانىسىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى.

ئىشىك ئىچلىپ بىر ئايال چىقتى ۋە گۈلسۈمگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.

-بىر كىشى تورت بۇيرۇتقان مۇشۇ يەرگە ئەكىرىپ بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى.

-قايسىڭلا تورت بۇيرۇتقان..

 ئايال ئىچىگە قاراپ ۋارقىرىدى.

ھايال ئۆتمەيلا ئايالنىڭ يېنىدا بايا تورت بۇيرۇتقان كىشى پەيدا بولدى ۋە گۈلسۈمگە قاراپ:

-ھە ئەكەلدىڭىزمۇ كىرىڭ! كىرىڭ!-دېگىنىچە گۈلسۈمگە ئىچىنى شەرەت قىلدى.

گۈلسۈمنىڭ ئاچچىقىدا بۇ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى، ۋە تورتنى ئۆزى ئېلىپ كەلسىمۇ يەنە قولىدىن ئالماي ئىچىگە ئەكىرىشنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىردەم تەنقىدلىگۈسى بار ئىدى.

ئەمما سورۇن كەيپىياتىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ھامان بۇ يەرگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن دەپ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ ئىچىگە كىرىپ تورتنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپلا ماڭماقچى بولدى.

-ۋوي نەگە ماڭدىڭىز؟-ئەمما تورت بۇيرۇتقان كىشى مۇشۇنداق دېگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. شۇ ھامان سورۇندىن ھاياسىز كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

-تورتنى ئالغىلى بارمىدىڭىز، ئۆزۈم ئەكەلدىم… سىز بۇنىڭ پۇلىنىمۇ تۆلەپ بولغان شۇڭا ئەمدى قايتاي!

-ھەي… ئاتايىن كەلگەندىن كېيىن بىردەم ئولتۇرۇڭە!

-ئەپەندى مەن پەقەت بىر پىشۇرۇقچى خالاس! مېنى سورۇنىڭىزغا تەكلىپ قىلىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرسىڭىز مەن ئۆتۈۋالاي.

-ئانام… ئانام گەپلىرىنىڭ تاتلىقلىقىنى قارا… -تورت بۇيرۇتقان كىشىنىڭ، ئادەمنىڭ توخۇ ئەتلىرىنى ئۆرلىتىۋەتكۈدەك بىر تەلەپپۇزدا دېگەن بۇ گېپى سورۇندىن يەنە سەت بىر ھاياسىز كۈلكىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

گۈلسۈم ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇ ئادەمنى ئىتتىرىۋېتىپلا چىقىپ كەتمەكچى بولدى.

ئەمما ئۇ ئادەم گۈلسۈم، قاياققا ماڭسا شۇ يانغا مېڭىپ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىگە بېرىۋېلىشىغا پەقەتلا ئىمكانىيەت بەرمىدى.

-قارا ئا قېچىشلىرىنى… ھا… ھا…

-نومۇسچان قىزلارغا ئوخشاۋاتامدۇ نېمە ھە… ۋەت،،،،،

-سورۇنىمىز سەل غورىگۈل ياراتمايۋاتامدۇ يا؟ۋەت،،،،،،

-شۇ… شۇ چوڭ شەھەردە كاتتا سورۇنلارنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان خېنىمغا سورۇنىمىز يارىمايۋاتقان گەپ ۋەت،،،،،

-كېلىڭە خېنىم ھوي ئاستا-ئاستا كۆندۈرۈۋالىمىز دەيمەن…

-ۋاييەي ئىش كۆرمىگەندەك قىلىپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي! داڭقى بازارنى بىر ئالدى. يەنە ياسالمىلىق قىلىشلىرىدىن ئۆرگىلەي…

سورۇندىكىلەر ھەممىسى بىر ئېغىزدىن گۈلسۈمگە سېسىق گەپ ۋە ماز چاقچاق دېگەننى ياغدۇرۇۋەتتى .

-سىلەر نېمە قىلماقچى. مېنىڭ سىلەر بىلەن ھېچقانداق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق. نېمىشقا جىمجىت سودىسىنى قىلىۋاتقان ئادەمنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ بۇنداق بىئارام قىلىسىلەر… -ئاچچىقىدا ۋارقىرىدى گۈلسۈم.

-ۋوي بىئارام بولۇۋاتامسىز كەچۈرۈڭ كەچۈرۈڭ سىزنى بىئارام قىلىپ قويۇپتۇق كېلىڭە كېلىڭ ئولتۇرۇڭ سىزگە چاي قۇيايلى بىز ناماقۇل

تورت بۇيرۇتقان كىشى شۇنداق دېگىنىچە ئەمدى تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي گۈلسۈمنى قولىدىن تارتىپلا سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ كەلدى.

گۈلسۈم چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىركىشىپ، تورت بۇيرۇتقان كىشىنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا تونۇشلا بىر چىرايغا كۆزى چۈشۈپ كەتتى.

ۋە يەر جاھان پىرقىرىغاندەك بولۇپ جايىدا تىكمۇ تۇرالماي قالدى.

سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى بېقىنىدا ئىككى چىرايلىق قىز سۈركىلىشىپ ئولتۇرغان دولقۇنمۇ گۈلسۈمگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغانىدى.

-ۋوي… ۋوي ھە نېمە بولدى ئىككىڭلار تونۇشامسىلەر؟-ئىككىسىنىڭ بىر بىرسىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن تورت بۇيرۇتقان كىشى شۇنداق دېدى.

دولقۇن بايا گۈلسۈم كىرگەن چاغدىلا ئۇنى تونۇغان بولۇپ ئەمما گۈلسۈم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغانىدى. دولقۇن ئۈن-تىنسىزلا يوقاپ كەتكەن گۈلسۈمنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغاچقا ھەيران قالغىنىدىن ئېغىزى گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى.

ئەمما گۈلسۈم ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا غەزىپى چېكىگە يەتتىدە ئالدىدىكى بىر تال ھاراق بوتۇلكىسىنى ئېلىپلا ئۈستەلنىڭ قىرىغا ئۇرۇپ يېرىمىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن تورت بۇيرۇتقان كىشىگە تەڭلەپ تۇرۇپ دېدى.

-يوقال! ئالدىمنى توسىغۇچى بولما بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن…

ئۇنىڭ بىردەمدىلا دەھشەتلىك تۈس ئالغان چىرايىنى كۆرگەن تورت بۇيرۇتقان كىشى ئىختىيارسىز بىر چەتكە ئۆتۈپ ئۇنىڭغا يول بوشاتتى.

گۈلسۈم ئاچچىق بىلەن چىڭ چىڭ دەسسەپ ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى.

-ۋايەي قىپقىزىل ساراڭكەنغۇ بۇ!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章