كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
گۈلسۈم كوچىلاردا يايما ئېچىپمۇ بولسا نادىرەنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشنى. ئاندىن بەك غايىۋى خىياللارنى قىلماي، ئاددىي يەڭگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېيىنكى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
بۇ يەردە دولقۇن بىلەن گۈلسۈم، ئۇ يەردە شەمسىيە بىلەن نادىرە تۆتىلىسى ئۆز ئازابلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقىپ كېتەلمەي تۇرۇپلا ھەش-پەش دېگۈچە يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.
بۇ چاغدا شەمسىيەنىڭ سالامەتلىكى ئاساسەن دېگۈدەك ئەسلىگە كېلىپ بولغانىدى. دولقۇنمۇ بىمالال ھەرىكەت قىلالايدىغان بولغان بولۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋالغانىدى.
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا گۈلسۈمنىڭ ئەسلىدىنلا بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىگە تېخىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بەردى.
دولقۇن ئەسلى شىركەتتىن نادىرە نىڭ ئۇلىنى كولايدىغان تۆشۈك ئاچتىم دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئىچكىرىلەپ كىرگەندە بۇنىڭ بىر تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى بايقىدى نادىرەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەن مۇستەھكەم ئىدى. دېمەك دولقۇننىڭ ئاچقان شۇ كىچىككىنە تۆشۈكىمۇ يەنە ئېتىلىپ قالدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئىچى سىقىلىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان دولقۇن
ئەمدى كۈن بويى گۈلسۈمنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئوڭ تەتۈر سۈركىلىپ ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ كويىدىلا قالغانىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ نادىرە بىلەن بولغان توي تۇرمۇشىغا قىلغان خىيانىتى بىلەن بولسىمۇ ئىچىدىكى ئاچچىقىنى چىقارماقچى ۋە گۈلسۈمنى كۆڭۈل يارىسىنى ئارام تاپقۇزىدىغان ۋاقىتلىق دورا قىلماقچى ئىدى.
ئەمما ھازىر گۈلسۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆچمەنلىكىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي شەمسىيەگە بولغان ئىچ ئاغرىتىش ئىگىلىگەن بولغاچقا ئۇنىڭ يەنە خاتالىق ئۆتكۈزگۈسى يوق ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ قاتتىق ئازاب ۋە خورلۇقنى مۇشۇ ئاىلىگە كەلگەندىن كېيىن تارتتى.
بولسا ئۇنىڭ بۇ ئاىلىدىن بىر يولىلا ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلۇپ كەتكۈسى بار ئىدىكى، بۇ ئۆيدىكى ھەرقانداق بىرى بىلەن كىچىككىنە مۇناسىۋىتى بولۇشىنىمۇ خالىمايتتى.
ئۇنىڭ دولقۇنغىمۇ ئىچى ئاغرىيتتى. ئايالىنىڭ ئۇنى ئىزچىل ئالداپ كەلگەنلىكى بىردىنبىر قىزىنىڭمۇ ئۆز پۇشتى ئەمەسلىكىنى ئويلىغىنىدا بىئارام بولاتتى. بىراق نېمە ئامال. بۇ ئۇلارنىڭ ئاىلە ئىشى گۈلسۈمنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيتتى. ئۇ دولقۇنغا ئىچ ئاغرىتىش بىلەن، ئۇنىڭ يولسىز تەلىپىگە قوشۇلۇشنىڭ ئىككىسىنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالايتتى ئەلۋەتتە.
ئەمما دولقۇن گۈلسۈم ئۇنى رەت قىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا بولدى قىلماي، كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، شېرىن شېكەر گەپلەرنى ئايىماي دەپ ئۆزىنىڭ گۈلسۈمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، ئۇ خالىسىلا نادىرەدىن ئاجرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ، يىراق يەرلەرگە كېتىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، پەقەت گۈلسۈم بولسىلا باشقا ھېچ نېمە لازىم ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ گۈلسۈمنى ھېچ ئارامىدا قويمايۋاتاتتى.
بۇنىڭغا چىداپ بولالمىغان گۈلسۈم ئاخىرى بىر ئاقىلانە قارار چىقاردى ئۇ بولسىمۇ نادىرە قايتىپ كەلگۈچە بولسىمۇ، بۇ ئۆيدىن كېتىپ تۇرۇش ئىدى. بولمىسا ئۇ ئارانلا بىر پاتقاقتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقاي دەۋاتقاندا دولقۇن ئۇنى يەنە بىر پاتقاققا ئەكىرىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
ئۇ غەيرەتكە كېلىپ بۇ ئويىنى دولقۇنغا ئېيتماقچى بولدى.
ۋە ئاۋۋال يۈك تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تەييار قىپ قويغاندىن قويغاندىن كېيىن بۇ كۈنلەردە ھە دېسىلا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالغان دولقۇنغا چاي ئېلىپ چىققاچ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچتى.
-ئەپەندى… مەن… خانىم قايتىپ كەلگۈچە شىركەتكە قايتىپ تۇرايمىكىن دەيمەن. سىلەرگە بەك كۆپ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردىم خانىم قايتىپ كەلسە چوقۇم مەندىن بۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ شۇ چاغدا ئۇ قانداق قارار چىقارسا مەيلى… مەن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن. شۇنىڭغىچە ئىككىمىز بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرساق سەل ئەپسىز بولىدىكەن… شۇڭا… ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز…
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دولقۇننىڭ ئوبدانلا كەيپى ئۇچتى. يېقىندىن بېرى بىرەر ئىشىمۇ ئەپلەشمىگەننى ئاز دەپ، مانا ئەمدى ئادەتتىكى بىر ئۆي خىزمەتچىسىنىمۇ ئىندەككە كەلتۈرەلمەسلىك ئۇنىڭغا ئەلەم بولۇۋاتاتتى.
-ئەپسىز بولامدىكەن.… قانداق ئەپسىز بولىدىكەن. ھە؟! دېمەك بۇ سىزنىڭ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرغىنىڭىزكەن… دە.رەھمەت… رەھمەت سىزگەگۈلسۈم… سىز بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى ئىزچىل سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ سىزنى قوغداپ كەلدىم. چۈنكى كۆڭۈلنى باشقۇرغىلى بولمايدىكەن. سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغاچقا سىزنىڭ بۇ ئۆيدە ئازاب چېكىشىڭىزنى سىزگە بىرەر زىيان زەخمەت يېتىپ قېلىشنى خالىمىدىم. ئەمما سىز… ھېچقىسى يوق… ھېچقىسى يوق. ئىشقىلىپ يەنە بىر قېتىم ماڭا ئۆزۈمنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئادەملىكىمنى بىلدۈرۈپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت…
-ئەپەندى… بۇنداق دېمەڭ بۇنداق دەپ مېنى خىجىل قىلماڭ ئەپەندى ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن… ئەسلى مەن بۇنىڭغا ئەسلا لايىق ئەمەس ئىدىم. ھېلىھەم پۇرسەت بولسا قىلغان ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار مەن. ئەمما شەمسىيە ئۆيدە يوق بۇكۈنلەردە كۈچلۈك ئەيىبدارلىق تۇيغۇسى ئىزچىل مېنى قىيناپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە خانىم ئۇنى تىنچ ئامان يېنىغا ئاپىرىۋالغان بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭغىچە ئۇنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ھەم بۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەن سەۋەبچى.
شەمسىيە گەرچە سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنى ئۆز دادام دەپ بىلىدۇ سىزگە بەكلا ئامراق، ئۇ ئاپىسىغىمۇ ئامراق. مېنىڭ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شۇم بۇيا بولۇپ ئۈنۈپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئازابلاشقا ھەققىم يوق ئەپەندى… نۇرغۇن ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. شەمسىيەدە خاتالىق يوق. ناۋادا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تۇغۇلۇش پۇرسىتى بېرىلسە مېنىڭچە ئۇ چوقۇم سىزنىڭ قىزىڭىز بولۇشنى تاللىغان بولاتتى.
يەنە بىرسى… خانىم توغرا دەيدۇ ئەپەندى مەن ناھايىتى بىر ھازىرقى زاماندا ئۆي خىزمەتچىسى دەپ چىرايلىق ئاتىلىدىغان مالاي خالاس. شۇڭا مەندە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قوبۇل قىلغۇدەك سالاھىيەت يوق. مېنى بۇنداق خىجىل قىلمىسىڭىز… ياخشىسى ئۆزۈمنى سوراپ ۋاقتىنچە بۇ ئۆيدىن كېتىپ تۇراي…
-ماقۇل… ماقۇل! كېتىڭ… ھازىرلا كېتىڭ! ئەسلى مېنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات ياشىشىمنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى سىز ئىدىڭىز… بۈگۈن ماڭا مېنىڭ بۇنىڭغىمۇ ھەققىم يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويدىڭىز گۈلسۈم!… شۇڭا ئەمدى ماڭا بەرىبىر … كېتىڭ! تېز كەتمەمسىز… كېتىڭ! كېتىڭ! كېتىڭ!…
دولقۇن شۇنداق دېگىنىچە ئالدىدىكى ئۈستەلنى غەزەپ بىلەن مۇشتلاشقا باشلىدى.
گۈلسۈم قورقۇپ كەتتى ئۇ بۇ تەلۋىنى قانداق توسۇۋېلىشنى بىلمەيتتى. قولى ئاغرىسا توختاپ قالار دېگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭ قولىنىڭ تېرىسى سۈرۈلۈپ قان چىقىشقا باشلىغاندا گۈلسۈم چىداپ تۇرالماي ئاخىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.
-بۇنداق قىلماڭ ئەپەندى. ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنداق قىلماڭ! بىر زەخمىڭىز ئاران ساقايسا يەنە ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرۋالسىڭىز بولمايدۇ. جىنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن… ئەپەندى
دولقۇن ئاخىرى ئۈستەلنى ئۇرۇشتىن توختاپ، ئۆزىنى بار كۈچى بىلەن توسۇۋاتقان گۈلسۈمنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى.
-ئەپەندى… ئەپەندى… بۇنداق قىلماڭ مېنى قويۇۋېتىڭ ئەپەندى… ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى قويۇۋېتىڭ… -گۈلسۈم دولقۇننىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىركىشەتتى، ئەمما ھەرقانچە قىلسىمۇ دولقۇن ئۇنى قويۇۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى. گۈلسۈم ئاخىرى قورقۇپ يىغلاشقا باشلىدى دولقۇن شۇ چاغدىلا ئۇنى قويۇۋەتتى.
-كەچۈرۈڭ… كەچۈرۈڭ گۈلسۈم… مەن سىزگە چىدىمايمەن… كېتىمەن دېۋىدىڭىز خۇددى يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ بىللە ئېلىپ كېتىدىغاندەكلا چىدىماي قالدىم… ئۆتۈنۈپ قالاي كەتمەڭ بولامدۇ؟ مېنى بۇ مۇدھىش ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويماڭ! نادىرە كەلسە… نادىرە كەلسە نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟ ئۇنى سىزنىڭ بىر تال مويىڭىزغا چېقىلغىلى قويمايمەن. مەن ھازىر ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم گۈلسۈم… ئەمدى سىزمۇ ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلماڭ…
-ئەپەندى… ھۈ… ھۈ… ھۈ… مېنى بۇنداق قىستىماڭ ئەپەندى. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي. مېنىڭ ئەمدى دەرد تارتقۇچىلىكىم قالمىدى.… ماڭا يەنە بۇنداق ئېغىر دەردنى يۈكلەپ قويماڭ…
گۈلسۈمنىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن دولقۇن بەك ئۇزاق جىمىپ كەتتى ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى:
-يىغلىماڭ… بولدى يىغلىماڭ، گۈلسۈم… ماقۇل،… سىز دېگەندەك بولسۇن. نادىرە قايتىپ كەلگۈچە بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى. بىر ئاشىق ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققاننى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس… مەن يىغلىشىڭىزغا چىدىمايمەن گۈلسۈم. كېتىمەن دېسىڭىز بوپتۇ، ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ! نادىرە قايتىپ كەلسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. باشتا دېگىنىمدەكلا ئۇنى بىر تال مويىڭىزغىمۇ چېقىلغىلى قويمايمەن… لېكىن ئاخىرقى بىر ئارزۇيۇم… سىزنى شىركەتكە ئۆزۈم ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟!
-… بۇ… بۇ… رۇخسەت قىلسىڭىز ئۆزۈم كېتىۋېرەي ئەپەندى.… سىزنى ئاۋارە قىمماي… ئۇنىڭ ئۈستىگە يول بەك يىراقمۇ ئەمەس، نەرسە كېرەكلىرىممۇ كۆپ ئەمەس…
-رەت قىلماڭ بولامدۇ گۈلسۇم… ئەمدى خېلى ئۇزۇنغىچە كۆرۈشەلمەيمىز ھەقىچان… ئىشقىلىپ مېنىڭ سىزنى ئاپىرىپ قويغۇم بار…
-ماقۇل… ئەمىسە!… -گۈلسۈم دولقۇننى يەنە رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى.
گۈلسۈمنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا سالغۇچە، گۈلسۈمنى ئالدىغا چىقىڭ دەپ ئولتۇرغۇزۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ يېرىم يولغا كەلگۈچىمۇ دولقۇننىڭ چىرايى پەقەتلا ئېچىلمىدى. قارىماققا ئۇنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىمدەك، ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. يېرىم يولغا كەلگەندە دولقۇن توساتتىنلا ماشىنىنى باشقا يولغا بۇراپ ھەيدىدى، بۇنى كۆرگەن گۈلسۈم جىددىيلىشىپ سورىدى.
-ئەپەندى بۇ… بۇ ماشىنىنى نېمىشقا بۇ تەرەپكە ھەيدەيسىز… بايىقى يول بىلەن ماڭغان بولساق شىركەتكە بىردەمدىلا يېتىپ باراتتۇق؟سىز… سىز نېمىشقا…
ئەمما، دولقۇن بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ماشىنىنى ئۇدۇلغا قاراپ ھەيدەۋاتاتتى.
گۈلسۈمنىڭ ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئاخىرى ماشىنىنىڭ رولىغا ئېسىلىۋالايلى دېگەندە ئاندىن دولقۇن زۇۋان سۈردى.
-نېمانچە قورقىسىز؟ ماڭا شۇنچە ئىشەنمەمسىز گۈلسۇم… ھەي… سىزگە شۇنچىلىك ئىشەنچنىمۇ بېرەلمىگەن بولسام ئۆزۈمنى راستتىنلا يارىماس ھېس قىلىۋاتىمەن. خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ… سىزنى ھېچنېمە قىلمايمەن. پەقەت سىزنى بىر يەرگە ئاپارغۇم بار. ئۇزۇندىن بېرى سىزنى شۇ يەرگە ئاپىرىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم، ئەمما پەقەتلا پۇرسەت بولمىغانىدى. بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە يەنە پۇرسەت بولامدۇ يوق بىلمەيمەن. بۇ بىر ئاشىقنىڭ ئاخىرقى تەلىپى… بۇنى رەت قىلىپ مېنى ھاياتتىن بىراقلا بەزدۈرۋەتمەڭ گۈلسۈم… بولامدۇ؟
دولقۇن گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. گۈلسۈم بۇ تىكىلىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ باشقا ھېچنېمە دېيەلمەي قالدى.
يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن دولقۇن ئاخىرى ماشىنىنى بىر چەتكە تارتىپ توختاتتى.
ئۇدۇلدىكى بىر دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىغا يوغان قىلىپ« سىزنى سۆيىمەن» سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنى دەپ يېزىلغانىدى، گۈلسۈم دولقۇننىڭ ئۇيان تارتىپ بۇيان تارتىپ يەنە ئۆزىنى خىجىل قىلىشتىن توختىمىغانلىقىدىن بىزارلىق ھېس قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ تۈزلا رەت قىلىشقا ئەمدى ھېچبىر يولى قالمىغانىدى.ئۇ ئۆز-ئۆزىگە « ھېچقىسى يوق. ئۇ بۇ يەردە پەقەتلا بىر ئىستاكاندىن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىمىز، ئاندىن سىزنى شىركەتكە ئاپىرىپ قويىمەن دېدىغۇ! شىركەتكە بېرىۋالساملا نادىرە قايتىپ كېلىپ مېنى ئۆزى چاقىرتقۇچە ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىن يوللىمايمەن. پەقەت يېرىم سائەتنىڭلا ئىشى قالدى. بىر ئىستاكان ئىچىملىكنى ھەر قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچىلىك ۋاقىتتا ئىچەرمىز، ئاندىن ئۇ مېنى شىركەتكە ئاپىرىپ قويسىلا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دەپ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ، ئەمدى دولقۇننىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.
-مۇشۇ يەر شۇ… دۇكان ئىسمى بەك ئالاھىدە شۇنداقمىكەن.-دېدى دولقۇن گۈلسۈمگە قاراپ.
گۈلسۈم قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.
-دۇكان ئىسمى دەل مېنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنىم.…
گۈلسۈم ئۈن چىقمىدى.
-ھەي… بۇنچە خىجىل بولۇپ كەتمەڭ! سىز ئاڭلىغانمۇ؟ئۆز بەختىنى تارتقۇزۇپ قويۇش جىنايەت دەيدىكەن … ئىشقىلىپ مېنىڭ سىزنى پەقەتلا…
-ئەپەندى، مېنى يەنە خىجىل قىلسىڭىز… مەن مۇشۇ يەردە ماشىنىدىن چۈشۈپ قالاي شىركەتكە باشقا ماشىنا توسۇپ بارساممۇ بولۇۋېرىدۇ .… -گۈلسۈم شۇنداق دېگىنىچە ماشىنا ئىشىكىگە قول سوزدى.
-ۋاي بولدى… بولدى… قورقتۇم… مېنى قورقۇتالىدىڭىز… ماقۇل… سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. ئىشقىلىپ بۇ يەرگە كەلدۇق، ئەمدى بىرەر ئىستاكاندىن سوغۇق ئىچىملىك ئىچمىسەكمۇ بولماس… قانداق ئىچىگە كىرەمدۇق ياكى ماشىنىغا ئېلىپ چىقايمۇ؟
گۈلسۈم ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن سوغۇق ئىچىملىكنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشنى تاللىدى.
دولقۇن:
-ئەمىسە مېنىجىمدەك ساقلاپ تۇرۇڭ! ھازىرلا چىقىمەن.-دېگىنىچە سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى.
ۋە ھايال ئۆتمەيلا ئىككى ئىستاكان سوغۇق ئىچىملىكنى كۆتۈرگىنىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوڭ قولىدىكىنى ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن گۈلسۈمگە تەڭلىدى.
گۈلسۈم ئۇنىڭ قولىدىكى سوغۇق ئىچىملىكنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ سول قولىدىكى سوغۇق ئىچىملىككە سانجىلغان نەيچىنى ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ چىڭ چىڭ شوراپ نەچچە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى.
گۈلسۈم بولسا تېخىچىلا سوغۇق ئىچىملىكنى تۇتقىنىچە ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتى.
-ئىچمەمسىز؟-دېدى دولقۇن قېشىنى يىمىرىپ ئەجەبلەنگەن قىياپەتتە.
گۈلسۈم نېمىشقىدۇر ئىچىملىككە سانجىلغان نەيچىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇