كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-شۇنى دەيمەن مۇشۇنداق ئادەمنىمۇ بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىپ كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇپ…
-چىرايلىقلا تۇمۇچۇقكەن ئاچچىقى نېمانداق ياماندۇ…
سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن غوتۇلداشقىنىچە قېپ قالدى.
گۈلسۈم چىقىپ كېتىشى بىلەنلا ئۇلار سوئال نەزىرى بىلەن دولقۇنغا قاراشتى.
-ھە چوڭ شەدىن كەلگەن ئاغىنەم ئۇنى تونۇيدىكەنسەن-دە.
-ئاڭلىسام بۇ خېنىم شەھەردە داڭلىقكەنمىشقۇ.
-سەنمۇ بىر مەزگىل دانلىتىپ يۈرگەن تۇمۇچۇق ئوخشىمامدۇ بۇ؟
دولقۇن ئۇلارنىڭ سوئاللىرىنى جاۋابسىز قويۇپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى دە. ئگۈلسۈمنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.
-ۋوي چىقىپ كېتىۋاتىدىغۇ بۇ ئاداش.
-قاراڭلار قاراڭلار ئارقىسىدىن ماڭدى.
-ۋاييەي كونا ئاشىق مەشۇقلارنى ئۇچراشتۇرۇپ قويدۇقمۇ نېمە؟…
گۈلسۈم مۇزىكىلىق كۇلۇبتىن چىققاندىن كېيىن ئەتراپىغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك بىر ھالدا كېتىۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز بىرسى ئۇنى چاقىردى.
-گۈلسۈم… سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
ئەمما گۈلسۈمگە بۇ خۇددى دولقۇننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى. شۇ تاپتا دولقۇن كىچىك كىچىك ھەرىلەرگە ئايلىنىپ تۈمەن مىڭ بولۇپ گۈلسۈمنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە ئۇچۇۋاتقاندەك بىر بىئارامچىلىقتا گۈلسۈم ۋارقىراپ كەتتى.
-ۋايجان يوقال! ماڭا يېقىن كەلمە!
-گۈلسۈم سىزگە نېمە بولدى.
-ئاااا… قۇتقۇزۇڭلا يوقال… يوقال!
ئەمما گۈلسۈم قاچقانسېرى بىر قول كېلىپلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ۋە ئۇنى تارتىپ توختاتتى.
گۈلسۈم شۇ چاغدىلا باياتىندىن بېرى ئۆزىنى چاقىرغىنىنىڭ بىلال ئىكەنلىكىنى بىلدى. ۋە ئىختىيارسىز بىلالنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ تاشلىدى.
-بىلال… بۇ سىزكەنسىزغۇ…
-ھەئە، مەن بازارغا بىر ئىش بىلەن كەلگەن. قايتاي دەپ تۇرسام كېتىۋېتىپسىز ئەھۋالىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەستەك بىلىندى شۇڭا يېنىڭىزغا كەلگەنىدىم. سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-قورقىۋاتىمەن… بەك قورقىۋاتىمەن بىلال.
-بۇ تەرەپتىن كېلىۋاتىسىزغۇ؟ بىرەر يەرگە بارغانمىدىڭىز.
-بىرسى تورت بۇيرۇتقان شۇنى ئاپىرىپ بەرگىلى بارغانىدىم.
-ھە… خېرىدارلارنىڭ بىر قىسىم يولسىز تەلىپىنى قوبۇل قىلماڭ. تورت بۇيرۇتقانلار تورتنى دۇكاندىن ئېلىپ كەتسۇن، بۇ كەچتە بىر ئايال كىشى يالغۇز يۈرسىڭىز ئەلۋەتتە قورقىسىز… دە.
تۇيۇقسىز گۈلسۈمنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يەنە دولقۇن كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، ئۇ قورقۇپ يەنە ۋارقىرىۋەتتى.
-ۋايجان، مېنى… مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ بىلال.
-ھە… نەگە ئۆيگىمۇ؟ ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ ئەمىسە؟
-ماقۇل… ماقۇل! بۇ يەردىن تېزراق كېتەيلى.
بىلال گۈلسۈمنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە كىرمەكچى بولدى ئەمما گۈلسۈم بۇنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.
-رەھمەت… سىزگە… مېنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەمدى قايتىپ كېتىڭ.-گۈلسۈم شۇنداق دەپ بىلالنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ ئىشىكنى يېپىۋالماقچى بولدى.
-ھەي… كىرىپ سىزگە بىردەم ھەمراھ بولۇپ ئولتۇراي. بەكلا ئەنسىز كۆرۈنىسىز. سىزنى بۇ ھالەتتە قويۇپ قانداق كېتەلەيمەن؟…
-بولدى… بىلال ھېچقىسى يوق، ئۆيگە كېلىۋالدىم ئەمدى ھېچنېمە بولمايدۇ. بولدى قايتىپ كېتىڭ! خوش…
گۈلسۈم شۇنداق دەپلا ئىشىكنى يېپىپ ئىچىدىن تاقىۋالدى.
گۈلسۈم ئۆيدە يالغۇز قېلىشتىن شۇنچىلىك قورقىۋاتسىمۇ، لېكىن ئۇ بىلالنى ئۆيگە كىرگۈزەلمەيتتى، چۈنكى بۈگۈن تۇيۇقسىزلا دولقۇننى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئەمدىلا ئازابىنى سەل ئۇنتاي دېگەن يۈرەك يارىسى يەنە تاتىلىنىپ كەتتى. ئەمما بۇنىڭدىن قورقۇپ بىلالنى ئۆيگە ئەكىرسە، يەنە قايسى كۈندىكىدەك خاتالىق يۈز بەرسە ئاندىن تاڭ ئېتىشى بىلەن ياكى تاڭ ئېتىشىنىمۇ ساقلىماستىنلا بىلالنىڭ ئاپىسى كېلىپ ئىشىك قېقىپ ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلسا قارا قويۇق ئەيىبلەپ كۆڭلىگە ئازار بەرسە گۈلسۈم يۇغلىشىپ كەلگەن بۇ دەردلەرنى كۆتۈرەلمەي قالاتتى، شۇڭا ھازىر ئەڭ ياخشى تاللاش يالغۇزلۇققا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بىلالنى ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكتەك قىلاتتى.
بىلال ئامالسىز كېتىپ قالدى، ئەمما ئۇ بىر قارا ساينىڭ ئىزچىل ئۆزىگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيماي قالدى…
گۈلسۈمگە كىچىككىنە بۇ ئۆي بۈگۈن كېچە ئاجايىپلا چوڭ تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدا دولقۇن بىرەر يۈز بولۇپ تىزىلىپ تۇرغاندەك، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئېلىپ گۈلسۈم نەپەس ئالالماي قېلىۋاتقاندەك بىئارامچىلىق بىلەن گۈلسۈمنىڭ ئەنسىز كۈنلىرى يەنە باشلىنىپ كەتتى.
« ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ، شۇ پېتىچە ئۇ كۆزۈمگە قايتا كۆرۈنمىگەن بولسا بۇ دەردلەرنى تولۇق ئۇنتۇپ كېتەلمىسەممۇ ھەر ھالدا ماڭا ئازراق ئارامچىلىق بولار ئىدى.
مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك.… » گۈلسۈم ئۇخلاش ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇمۇپ باقتى، ئەمما كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرىشىغا قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.
ئەتىسى ئۇ روھسىز بىر ھالدا دۇكانغا باردى. يولدا كەلگۈچىمۇ ئەنسىزچىلىكتە يەردە مېڭىۋاتامدۇ ياكى ئاسماندا ئۇچىۋاتامدۇ بىلەلمەيلا دۇكانغا كەلگىنىنى ئاز دەپ دۇكانغا كىرىشى بىلەنلا، سۇس ماي پۇرىقى ۋە پىشۇرۇقلارنىڭ پۇرىقى دىمىغىغا ئۇرۇلىشى بىلەنلا ئۇ قاتتىق قۇرۇق ھۆ بولۇپ، بىردەمدە ئۆرە تۇرغۇدەكمۇ ماغدۇرى قالمىدى.
تورت بۇيرۇتقىلى كىرگەن نەچچە خېرىدار ساقلاپ ئولتۇرۇپ گۈلسۈمنىڭ ھۆ بولۇشى پەسەيمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا غەيرىي نەزەردە قاراشقىنىچە چىقىپ كېتىشتى.
گۈلسۈم سېزىكى باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ھۆ دەپ بولالماي ياش چىقىپ كەتكەن كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ قورسىقىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتتى.« سەنمۇ مېنى قىيناشنى باشلىدىڭمۇ قوزام… ئاپاڭغا بۇ دەردلەر ئاز كېلىدۇ دەۋاتامسەن.… ياكى مەۋجۇتلىقىڭنى ئېسىمگە سېلىش ئارقىلىق ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتامسەن… مەن يالغۇز قوزام… ھەممىگە يالغۇز يۈزلىنىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ… تىنچلانغىن بولامدۇ. سەنمۇ بولساڭ مېنى قىينىماي تۇرغىن. مېنىڭ ئەمدى ئۆلۈۋېلىش دېگەندەك يامان خىياللارنى قىلغۇم يوق، بولۇپمۇ سەن بولغىنىڭ ئۈچۈن قىلمايمەن. چۈنكى ئۆزۈمنىڭ ھاياتىغۇ مەيلى، ئەمما سېنىڭ ھاياتىڭنى تارتىۋېلىش مەن ئۈچۈن جىنايەت.… بىز ھازىر ئىككى بولدۇق. سەن… ۋە مەن. ماڭا كۈچ بەرگىن… مەدەتكار بولغىن. بۇ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈۋالاي.… » گۈلسۈم چىشىنى چىشلەپ ئىشلەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. ئەمما ئىچكىرىكى خانىغا كىرىشى بىلەن يەنە قاتتىق ھۆ تۇتۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ دۇكاننى ئاچالىشى ئەمدى ۋاقتىنچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئامالسىز دۇكاننى تاقاپ دوختۇرخانىغا چىقىپ ئاشقازان ياخشىلايدىغان دورىلاردىن سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەتتى.
ئەمما ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا دورىنى ئىچسەم بولارمۇ بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ بايا دوختۇرخانىدىن بۇ دورىلارنىڭ ھامىلىگە زىيىنى بار يوقلۇقىنى سورىۋالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغانىدى.
بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ بەك چوڭ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئىشلار سېزىك بىلەنلا تۈگىمەيدۇ-دە. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يالغۇز قانداقمۇ قىلار؟
ئەجەبا بالىنىڭ ئىشىنى بىلالغا ئېيتىش كېرەكمۇ، بىراق بىلالنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېدىغۇ، ناۋادا گۈلسۈم بۇ بالىنىڭ گېپىنى قىلسا بىلالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش خىيالى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئاندىن بىلالنىڭ چوڭ بالىسىنىڭ يېتىم بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ!
ياق، ئۇ ئىلگىرىلا يېتىم بولۇپ بوپتىكەن. بىلال بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئاپىسىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن، ھازىر ئۇ بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن گۈلسۈمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش، ئوخشىمايدىغانلا يېرى بىلال ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن بىر قېتىم توي قىلغان، بىراق گۈلسۈم… توغرا گۈلسۈم بىلالنىڭ نېمىسى، توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇش. بۇ گەپ بىلالنىڭ ئاپىسىنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، بۇ گۈلسۈمنىڭ ئارقىسىدىن بولۇۋاتقان سۆز چۆچەكلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە بولغان پايدىلىق ئىسپاتتىن باشقا ئىش ئەمەستە…
ئەمما بۇنى بىلالغا دېمەسلىك بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ. ھازىرغۇ ئۇنىڭ قورسىقى كىچىك، ناۋادا قورسىقى يوغىنىغاندىن كېيىن بۇنى بىلالنىڭ ئاپىسىدىن بولسۇن ياكى خەلقى ئالەمدىن بولسۇن ئەلۋەتتە يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا گۈلسۈم يولۇقىدىغان قىيىن مەسىلە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىلالغا ئېيتىپ، قورسىقىدىكى بالىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرايدىغان ھاقارەتلىرىنى ئازايتىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ، بىلال بالىسىغا ئىگە بولسىلا خەق بىر مەزگىل ھەر نېمىلەرنى دەپ توختاپ قالار. بويىدا بولغاندىن كېيىن بىلالمۇ ئۇنى ئاپىسىدىن بەكرەك قوغدار… ھەم مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بويىدا قالسۇن، بۇ بالا بىلالنىڭ ئاپىسىنىڭ يەنە بىر نەۋرىسى. … ئىشلاردا يەنە باشقىچە ئۆزگىرىش بولۇپ قالار بەلكىم.توغرا… بۇ ئىشنى بىلالغا ئېيتىش كېرەك…
گۈلسۈم مۇشۇنداق تېڭىرقاش ئارىسالدىلىق ئىچىدە بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. بۇ بىر ھەپتىدە دۇكانغىمۇ بارالمىدى. ئۆيدە سۇيۇق سەلەڭ تاماقلارنى قىلىپ ئىچەي دەپ تىرىشىپ باقتى، ئەمما ماي پۇرىقىنى پۇرىسىلا كۆڭلى ئېلىشىپ بۇمۇ مۇمكىن بولمىدى. دەسلەپتە مايسىز تاماقلارنى قىلىپ ئازراق بولسىمۇ يەپ تۇرغان بولدى، بىراق ئىككى ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇمۇ مۇمكىن بولمىدى. ئۆزى تۇتقان سۇغا قارىسىمۇ، بىرەر تال قاچا قوشۇققا قارىسىمۇ قاتتىق كۆڭلى ئېلىشىپ قازان بېشىغا پەقەتلا ئۆتەلمەس بولۇپ قالدى.
ئامالسىز سىرتتىن مېۋە-چېۋە ئەكىرىپ شۇنى يەپ تۇردى، بىراق بارغانسېرى ئاجىزلاپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىپ باراتتى. دولقۇننىڭ يەنە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يىراقراق يەرلەرگە تېخى بارالمايتتى. ئەسلى بىلالنى مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ. دۇكاننى ئاچمىغىنىمغا قاراپ بولسىمۇ مەندىن ئەنسىرەپ ئۆيۈمگە كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىدى.
ئەمما بىلال نەچچە كۈن ئاۋۋال گۈلسۈمنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويۇپ ئىشىك ئالدىدىن كېتىپ قالغاندىن كېيىن، خۇددى يەر يۇتقاندەكلا يوقاپ كەتتى، ھەتتا بىرەر قېتىملىق تېلېفونۇمۇ يوق. گۈلسۈم بويىدا بارلىقىنى بىلمەس چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىنى قايتا ئىزدەپ ئاۋارە قىلمىغىنىدىن خوش بولۇپ قالغانىدى. بىراق ئەمدى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە، ئۆزىنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويمىغىنى ئۈچۈن ئىچىدە ئۇنى تىللاشقا باشلىدى. بىرەر ئىش بولۇپ قالغاندىمۇ يە دەپ ئەنسىرەشتىنمۇ خالىي بولالمىدى.
ئاخىرى كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى باسالمىغان گۈلسۈم سەككىزىنچى كۈنىگە كەلگەندە بىلالغا ئۆزى تېلېفون قىلدى.
بىر قېتىم تېلېفون قىلدى ئالمىدى. ئىككى قېتىم تېلېفون قىلدى ئالمىدى ئۈچىنچى قېتىمدا ئاخىرى بىلال بەك تەستە تېلېفوننى ئالدى.
-ۋەي…
-ۋەي بىلال… ياخشى تۇرۇۋاتامسىز .
-ھەئە… -بىلالنىڭ بۇنداق سوغۇقلا جاۋاب بەرگىنىدىن، ھەتتا ئۆزىدىن قايتۇرۇپ ئەھۋالمۇ سوراپ قويمىغىنىدىن گۈلسۈم ئەجەبلەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئارتۇق ئويلىماي يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
-ئۇزاق بولدى بۇ تەرەپلەرگىمۇ ئۆتمىدىڭىز.… سىزدىن ئەنسىرەپ…
-قايسى كۈنى ئاپىڭىزنى يەنە خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ سىزنى ئۆيگە كىرگۈزەلمىدىم…
-ھە… باشقا ئىش بولمىسا خوش… تېلېفوننى قويۇۋەتتىم .-گۈلسۈمنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا بىلالنىڭ دېگەن بۇ گېپى گۈلسۈمنىڭ بېشىدا چاقماق چاقتۇرۇۋەتتى .
-ھە… بىلال… نېمە ئىش بولدى؟… سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ نېمانداق… مېنى قورقۇتماڭ بىلال! ئۆزىڭىز راستتىنلا ياخشىمۇ؟…
-… … … … …
بىلال ھېچنېمە دېمىدى.
گۈلسۈم دېمەكچى بولغان گېپىنى يەنە دېيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دەردلەرگە يالغۇز تاقابىل تۇرغۇدەك ماغدۇرى راستتىنلا قالمىغانىدى.
-يېقىندىن بېرى دۇكانغىمۇ بارمايۋاتىمەن … -گۈلسۈم بىلالنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بىرەر گەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئەمما بىلالدىن يەنە زۇۋان چىقمىدى.-بەكلا مىجەزىم يوق. كۈندە قارا بېسىپ، ئۇيقۇممۇ ئۇيقۇ بولماي قالدى. يەنە ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا بىرى باردەكلا كۈندە ئەنسىزچىلىكتە يۈرىۋاتىمەن.… يەنە بىر ئىش… مېنىڭ…
-قارا بېسىۋاتامدۇ؟… سىزچە بۇ نورمال ئەمەسمۇ؟
-نېمە؟… -گۈلسۈمنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا بىلالنىڭ دېگەن بۇ گېپى گۈلسۈمنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
-سىزدەك رەسۋاچىلىقلارنى قىلىپ، قارا باسمىسا، خاتىرجەم ئۇخلىيالىسا ئاندىن بۇنى نورمال دېيىشكە بولماس. ھازىر ئەجەبا قىلغانلىرىمغا لايىق تارتقۇلۇقۇم بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلىمايۋاتامسىز؟…
-بىلال نېمە دەۋاتىسىز؟…
-نېمە دەپتىمەن… ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا بىرى باردەك قىلىدۇ دەيسىز تېخى… بەكرەك ئەسلەپ بېقىڭ!ئۆزىڭىز كېلىشىپ قويغان بىرەرسى ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالغاندۇ تايىنلىق… نېمە؟ مېنى يېنىڭىزغا چىللاۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ نۆۋەت بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭا كەلگەن ئوخشىمامدۇ. ياكى يەنە ئاشنىڭىز ئىككىڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىۋاتامسىز يا؟…
-بىلال نېمە دەۋاتىسىز… -گۈلسۈم دەھشەتلىك ۋارقىرىۋەتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇