كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
گۈلسۈم تېلېفوننى بېسىۋەتتى، ئۇ ھاسىراپ كەتكەنىدى.
ھەممىنى دوغا تىكىپ ئوينىغان بۇ ئويۇندا كىمنىڭ يېڭىپ چىقىشى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق گۈلسۈمنىڭ دولقۇنغا بولغان چۈشىنىشىچە بولغاندا ئۇ گۈلسۈمگە قايتا تېلېفون قىلاتتى.
ئۇنىڭ شەمسىيەنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن يارىلانغان قەلبىگە مەلھەم بولىدىغان گۈلسۈمنىڭ قورسىقىدىكى بالا يەنى دولقۇن مېنىڭ بالامكەن دەپ بىلگەن بىلالنىڭ بالىسى ئەمدى ھەممە ئىشنى يەنە بىر قېتىم ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش ئالدىدا تۇراتتى.
گۈلسۈمنىڭ ئويلىغىنىدەكلا ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. تېلېفون قىلغىنى دولقۇن ئىدى بىراق گۈلسۈم تېلېفوننى ئالمىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى قېقىلدى.
گۈلسۈم ئىشىك يوچۇقىدىن قاراپ دولقۇننىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان ھالدا ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەسكە سېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئىشىكنى ئېچىپلا قورقۇپ كەتكەن بىر ھالەتنى چىقىرىپ ئويۇن قويۇشقا باشلىدى.
-سىز… ئااااا… سىز… سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز… چىقىپ كېتىڭ… ئۆتۈنۈپ قالاي… ماڭا يېقىن كەلمەڭ.قۇتقۇزۇڭلا! ئادەم بارمۇ؟…
دولقۇن ئالاقزەدە بولغان ھالدا ئىشىكنى ئىتتىك ياپتى-دە، ئىچىگە كىرىپلا گۈلسۈمنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى.
-بۇنداق قىلماڭ! ئۆتۈنۈپ قالاي، گۈلسۈم ئاۋازىڭىزنى پەس قىلىڭ. مېنى كەچۈرۋېتىڭ بولامدۇ؟! بالىمىزنى دەپ بولسىمۇ مېنى ئەپۇ قىلىڭ. مەن بالامغا ۋە سىزگە مەسئۇل بولىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ گۈلسۈم…
گۈلسۈم قارشىلىق قىلىشتىن توختىمىدى، بىراق ئەمدى بەك قورقۇپ كەتكەنلىكتىن گەپ قىلالمىغان بىر ھالەتنى ئىپادىلەپ دولقۇننى ئۇرۇپ چىشلەپ ئىتتىرىپ ساراڭلىق قىلىشقا باشلىدى.
بىراق دولقۇن ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ قويۇپ بەرمىدى. ھەم بۇ قېتىم ئۇنىڭغا قىلچە قوپاللىقمۇ قىلمىدى.ئۇ ئىزچىل كەچۈرۈم سوراپلا تۇراتتى.
ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرى مورىلانغان، دۈمبىسى ۋە يەلكىسى گۈلسۈمنىڭ مۇشتۇمىنىڭ تەسىرىدە ئاغرىپ بىر يەرگە بارغان بىر چاغدا ئاخىرى گۈلسۈم تەتۈرلۈك قىلىشتىن توختاپ تۇيۇقسىزلا ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى.
دولقۇن بۇ چاغدا چەكسىز بىر بەختنىڭ قوينىدا ئەللەيلىنىپ گۈلسۈمنىڭ ئۆزىنى ئەمدى پۈتۈنلەي كەچۈرۈۋەتكەنلىكىگە ۋە تولۇق قوبۇل قىلغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى.
-كەچۈرۈڭ گۈلسۈم… -دېدى ئۇ تىنچلانغان گۈلسۈمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ چاچلىرىنى ھىدلاپ.
-مېنى ئەمدى تاشلاپ قويماڭ دولقۇن. مەن يالغۇزلۇقتىن بەك قورقىمەن.… بالامنىڭ دادىسىز قېلىشىدىنمۇ بەك قورقىمەن. مەن كىچىكىمدىن يېتىملىكتە چوڭ بولدۇم. باشتا ئاپام ئارقىدىن دادام مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. دادىسى ئاپىسى يوق بالىنىڭ قانچىلىك بىچارە ئىكەنلىكىنى سىز بىلمەيسىز. ئۇنداق بالىلارنى ھەممە ئادەم بوزەك قىلىدۇ. توغرا قىلغان ئىشىمۇ خاتا بولىدۇ. ئىشقىلىپ يار يۆلەكسىز، تىكەندەك يالغۇز… يۆلەنگۈدەك، قوغدىغۇدەك ئادىمى يوق. موھتاجلىق جان جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ… ھۈ… ھۈ… ھۈ…
-بىلىمەن… بىلىمەن گۈلسۈم… خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنى ۋە بالىمىزنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. سىزنى ئەمدى ھەرگىز يالغۇز قويمايمەن…
شۇنداق قىلىپ گۈلسۈم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا دولقۇننى قاپقىنىغا دەسسەتتى.
دولقۇن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي دەپ تۇرۇۋالغانىدى، گۈلسۈم بۈگۈن بەكلا مىجەزى يوقلىقىنى ئىككى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن دولقۇن بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دولقۇننى كۆندۈردى.
دولقۇننى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇ دولقۇننىڭ كەتمەي گۈلسۈمنىڭ يېنىدا مۇشۇ ئۆيدە يېتىپ قېلىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلمىدى.
تېخى مېنى يالغۇز قويۇپ كېتىمەن دېمىگىنىڭىزگە رەھمەت!-دېگەن چىرايلىق گەپ بىلەن ئىچىدىكى ھىيلە نەيرەڭلىرىنى بىر ئوبدان پەردازلاپمۇ ئۈلگۈردى.
كەچتە دولقۇن بىلىكىگە بېشىنى قويۇپ ياتقان گۈلسۈمگە ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆيىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
-ئانا بالا ئىككىسى بىرلىشىپ مەندىن قانداقتۇر بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ گۈلسۈم. مەن ھازىرغىچە نادىرە دېگەن ھىيلىگەر خوتۇن تىقىپ قويغان پۇللارنى تاپالمايۋاتىمەن. لېكىن ئۇنىڭ پۇلى بارلىقى ئېنىق. ئاز قالدى. مەن چوقۇم ئۇنى قىلغانلىرىغا داد دېگۈزۈپ ئۆزۈمگە تەۋە پۇللارنى ئېلىپ ئالدىڭىزغا مەغرۇر ھالدا كېلىمەن گۈلسۈم، ئاندىن بىز توي قىلىپ بەختلىك ياشايمىز…
-سىزدىن نېمە ئىشنى يوشۇرۇۋېتىپتۇ؟
-ھازىرچە بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ شەمسىيە يوقاپ كەتكەن شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئىككىلىسى ئاجايىپ سىرلىق بولۇپ كەتتى.
-شەمسىيە ئۆزىمۇ سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىز ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالدىمۇ يا؟
-ياقەي ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ، ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ ئامراق بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. لېكىن بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن ئۇ چوقۇم مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتىدۇ…
-ئۇ ئۆزى قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ . يوقاپ كەتكەن شۇ ئىش جەريانىدا ئۇنىڭغا بىرەر خېيىم خەتەر يېتىپ قالمىغاندۇ-ھە!-سورىدى گۈلسۈم شەمسىيەنى ئېسىگە ئالغاندا، يەنە بىر يەرلىرىدىن ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ.
-ئۆزى ياخشى… لېكىن ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كەتتى… ئۇ توختىماي سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىدۇ. ئاپىسىدىن ئۇنى سىز بىر يەرگە قوغلىۋەتتىڭىز دەپ ئاغرىنىدۇ.
-بىچارە شەمسىيە… بىر بىرىمىزگە ئوبدانلا مېھرىمىز چۈشۈپ قاپتىكەن.
بۇ گەپ بىلەن دولقۇن تۇيۇقسىزلا بىر ئىشنى ئويلاپ گۈلسۈمگە سىرلىق قارىدى.
-ئۇنى كۆرگۈڭىز كەلدىمۇ؟-تۇردى دولقۇن.
-ھەئە… لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟-دېدى گۈلسۈم غەمكىن ھالدا.
-مۇمكىن… تامامەن مۇمكىن. گۈلسۈم… شەمسىيەنى يېنىڭىزغا ئەكېلىپ بەرسەم قانداق؟
-نېمە؟-چۆچۈپ كەتتى گۈلسۈم.
-نېمىگە چۆچۈيسىز… شەمسىيە سىزگە ئامراق… سىزمۇ ئۇنىڭغا ئامراق. ئۇنى بۇ يەرگە ئەكەلسەم سىزمۇ شەمسىيەمۇ ئىككىڭلار خۇشال بولىسىلەر ئەمەسمۇ؟
-بىراق… بىراق نادىرە بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلماس، ئۇ قىزىنى ھەرگىز يېنىدىن نېرى قىلمايدىغان تۇرسا…
-ئۇنىڭغا دېسەم ئەلۋەتتە قوشۇلمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم شەمسىيەنى بۇ يەرگە ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماي ئەكىلىمەن…
-بولدى… بولدى مەن ھامىلىدار . ئالدىنقى قېتىم نادىرەنىڭ ماڭا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلمەيسىز… ئۇ مېنى ئۇرۇپ جېنىمدىن ئايرىغىلى تاس قالدى. يەنە ئۇنىڭ چىشىغا تەگسەم مېنى نېمە قىلىۋاتىدىغانلىقىنى، كىم بىلىدۇ مەنغۇ مەيلى ئۇنىڭ بالامغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويسام بولمايدۇ. شۇڭا بالىنى يەڭگىۋالغۇچە مېنى تىنچ ياشىغىلى قويۇڭ. يەنە سىزنىڭمۇ، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭىزنى، ئۇ بىلىپ قالغۇدەك بولسا يېنىمغا ھەرگىز كەلمەڭ ھەرقانداق ئىش سەۋەبىدىن بالامغا خەتەر يېتىپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايمەن…
-خاتىرجەم بولۇڭ ئۇ بىلمەيدۇ.… ھەي… نېمە؟ بايا نادىرە مېنى ئۇردى دېدىڭىزما!
-ھەئە ھۈ… ھۈ… ھۈ… -گۈلسۈم ئەينى چاغدا نادىرەنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى دولقۇنغا سۆزلەپ بەردى، بىراق دولقۇن نادىرەنىڭ ھېلىقى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن گۈلسۈمنى شۇنچە ئۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا گۈلسۈم بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دولقۇنغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز ئەينى دېمەستىن بەلكى« نادىرە مېنى شەمسىيەنى سىيرىلما تاختا ئويناتقىلى ئېلىپ چىققىنىم ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇپ كەتتى» دېدى.
-ئىپلاس خوتۇن… گۈلسۈم خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنىڭدىن ئۆچىڭىزنى ئېلىپ بېرىمەن. مەن دېگەن شەمسىيەنى بۇ يەرگە ئەكىلىۋېلىش ئىشى دەل ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغان ناھايىتى ياخشى پۇرسەت. ئۇنىڭ شەمسىيەگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ؟ قىزى يىتۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ تېپىرلاپ تۇرالماي قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب بولماس…
گۈلسۈم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ دولقۇننىڭ زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتى.
-بىراق سىز نادىرەنىڭ تىقىپ قويغان مال مۈلكىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان تۇرسىڭىز. بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويمامسىز…
-ئەخمەق جېنىم. بۇ دەل ئۇنىڭ مال مۈلكىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ ياخشى چارىسى.…
-نېمە مەن… مەن پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.
-سىز بەك ساددا جېنىم، بۇنداق ئىشلارنى نەدە يۈرۈپ چۈشىنىسىز؟ بۇ سەل چېكىدىن ئاشقان بىر خىيال، بۇنىڭ بىلەن مېنى بەك قەبىھ ئىكەن دەپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ئەمما نادىرەنىڭ سىزگە قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ مەن بۇ ئاچچىقىمنى زادىلا ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم. مەن ئۇنى سىزنى قىينىغاندىن بەتتەر قىينايمەن. لېكىن سىز بەك قورقۇپ كەتمەڭ بۇمۇ ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن…
-سىز نېمە قىلاي دەيسىز دولقۇن…
-مەن… شەمسىيەنى يېنىڭىزغا ئەكېلىپ قويىمەن، ئاندىن نادىرەگە تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ سىياقىدا تېلېفون قىلىمەن.
گۈلسۈمنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ئۇ دولقۇننىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئىپلاسلىقتا بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن دەپ ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى شەمسىيە ئۇنىڭ ئۆز قىزى بولمىسىمۇ، ئەمما شەمسىيە ئۇنى يەنىلا دادا دەپ چاقىرىدىغۇ شۇنچە سەبىي بىر قىزغا بۇنداق يامانلىقنى ئۇ قانداقمۇ لايىق كۆرگەندۇ.
-بولمايدۇ.-دېدى گۈلسۈم كەسكىن ھالدا. -ئەخمەق جېنىم. شەمسىيە سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرسا بىخەتەر بولىدىغۇ. ئۇنىڭغا قانداق يامانلىق بولغۇدەك؟ ئۇنىڭغا ھېچقانداق خەتەر يەتمەيدۇ. پەقەت يېنىڭىزدا نەچچە كۈن خۇشال ئوينىۋالىدۇ تېخى. بۇ جەرياندا مەن نادىرەدىن پۇلنىمۇ ئېلىپ بولىمەن. ئاندىن ئۇنى ئاپىسىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، بىز بۇ يەردىن كېتىمىز-دە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى باشلايمىز.
قارىماققا دولقۇن دېگەن بۇ گەپلەر ئورۇنلۇقتەك قىلاتتى. گەرچە بۇ ئىش ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇق تۇيۇلغىنى بىلەن ئەمما شەمسىيە گۈلسۈمنىڭ يېنىدا تۇرسا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ھېچقانداق خەتەر يەتمەيتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن نادىرەنى ئازابلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولاتتى.
گۈلسۈمنىڭ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن دولقۇن ئۇنىڭغا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەپ گۈلسۈمنى دېگىنىگە كۆندۈردى. ۋە ئەتىسى شۇ پىلانى بويىچە شەھەرگە ماڭدى.
گۈلسۈممۇ بۇ يەردە بىكار تۇرمىدى، ئۇ ئوبدانلا تونۇشۇپ قالغان خېرىدارلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، بۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ كۆڭلىنى تىنغان ھالدا دولقۇننى ساقلاپ ئولتۇردى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى يېرىم كېچىدە دولقۇن گۈلسۈمگە تېلېفون قىلدى.
-ۋەي…
-ۋەي گۈلسۈم ئىشىكنى ئېچىپ تەييار بولۇپ تۇرۇڭ! بۇ يېرىم كېچىدە ئىشىك چېكىپ يۈرسەم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىمىز، مەن شەمسىيەنى ئېلىپ كەلدىم…
گۈلسۈم ھودۇققىنىدىن لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنىڭ ئىلگۈچىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇلارنى ساقلاپ ئولتۇردى. دېگەندەك ھايال ئۆتمەيلا دولقۇن شەمسىيەنى كۆتۈرۈپ كىردى.
-ئۇ… ئۇنىڭغا نېمە بولدى كۆتۈرۈپ كىرىپسىزغۇ؟…
-ئەنسىرىمەڭ ئۇخلاۋاتىدۇ.… -بۇ گەپ بىلەن گۈلسۈم دولقۇننىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىچىملىكىگە بىر نەرسە سېلىۋەتكەن پەسكەش قىلىقىنى قايتا ئېسىگە ئالدى.-ئەبلەخ شەمسىيەگىمۇ شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپسەن-دە.-ئۇ ئىچىدە دولقۇننى شۇنداق دەپ تىللىغاچ شەمسىيەنى ياتقۇزىدىغان ئورۇن تەييارلىدى.
-ئۇنى قانداق ئېلىپ كەلدىڭىز؟
-ئۇنى يەنە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بىر نەق مەيداننى ياساپ قويۇپ قايتۇرۇپ كەلدىم.
-چېنىپ قامماس…
-ياقەي شەمسىيەگە سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلسام ئۇ سىز بىلەن بەكلا كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا ماڭا ماسلاشتى. خاتىرجەم بولۇڭ.
ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.
گۈلسۈم شەمسىيەنىڭ مەڭزىگە چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى ئارقىسىغا قايرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوماق يۈزىگە تويماي قاراپ كەتتى.
-بىچارە شەمسىيە ماڭا قىلغان شۇنچە ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويىدىغان بولدۇم.… -دېدى ئۇ ئاستا پىچىرلاپ.
ئەتىسى شەمسىيە ئويغىنىپلا گۈلسۈمنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن بېرىپلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
-ھەي… ھەي ئاۋايلاڭ!-دولقۇن ئىتتىك بېرىپ ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ گۈلسۈمنىڭ قورسىقىدىكى ئاتالمىش ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى.
-نېمە بولدى دادا؟-شەمسىيە ھەيرانلىق بىلەن دولقۇنغا قارىدى.
-ھە… ھېچ … ھېچنېمە سىزنى ئەمدىلا ئويغىنىپ چالا ئۇيقۇلۇقتا يىقىلىپ چۈشمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىم. ھە… ھېلىقى گۈلسۈم ئاچىڭىزدىن نېرىراق تۇرۇڭ! سىز بەك ئېغىر، ئۇ سىزنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلسۈم ئاچىڭىز مىجەزىم يوق، دەۋاتقان… -دەپ دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىۋالدى دولقۇن.
-ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ گۈلسۈم ئاچا! نەرىڭىز ئاغرىيدۇ. دېمىسىمۇ چىرايىڭىز بەكلا تاتىراڭغۇ، يەنە ئورۇقلاپ قاپسىز.… -سورىدى شەمسىيە گۈلسۈمگە سىنچىلاپ قارىغاچ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا.
-ھە ياقەي، ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم ئەنسىرىمەڭ؟ شۇ بىر مەزگىل ئازراق مىجەزىم يوق…
-گۈلسۈم ئاچا سىزنى بەك سېغىندىم، بۇ يەرگە كېلىۋالغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ساقىيىپ قالغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ. ئەگەر يەنە مىجەزىڭىز بولمىسا يېتىۋېلىڭ، مەن ئۆزۈم سىزگە قارايمەن.- شەمسىيە ئەركىلەپ يەنە گۈلسۈمنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
شۇ ھامان شەمسىيەنىڭ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇرىقى يەنە گۈلسۈمنى ھۆ قىلدۇرۇۋەتتى .
دولقۇن ئىتتىك كېلىپ ھۆ دەۋاتقان گۈلسۈمنى يۆلىدى.
شەمسىيە گۈلسۈم بىلەن دولقۇنغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغانىدى.
-ئەستا بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىسىز-ھە؟ سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەيمۇ! جاپا چەكتىڭىز… جې… -دولقۇن جېنىم دېگەن گەپنى دەپ بولغۇچە ھېلىمۇ گۈلسۈم ئىتتىك كېلىپ ئۇنى نوقۇپ توختىتىپ قويدى.
-راستتىنلا ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ گۈلسۈم ئاچا!- شەمسىيە ئەنسىرىگىنىدىن ئاۋازىمۇ يىغلامسىراپ چىقىپ كەتتى.
-ياقەي ئەنسىرىمەڭ ئوماق سىڭلىم.… تېزلا ياخشى بولۇپ قالىمەن. شۇ ئازراق بىئارام بولۇپ قالدىم.
دولقۇن گۈلسۈمگە چاي قۇيۇپ بەردى، گۈلسۈم چاينى ئىچىپ سەل سۈزۈلگەندىن كېيىن، دولقۇن چىقىپ ناشتىلىق ئەكىردى.
گۈلسۈم ئۇماچلا ئىچەلەيدىغان بولغاچقا دولقۇن ئۇنىڭغا قۇۋۋەتلىك قىلىپ ئۇماچ ئەتكۈزۈپ ئەكىرگەنىدى.
ناشتىدىن كېيىن دولقۇن گۈلسۈمگە ئەمدى قايتىپ كەتمىسە نادىرەنىڭ گۇمانلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كەتتى.
نادىرە دەرۋەقە ئۆيدە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلاپ ئولتۇراتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇