كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
-قاراڭ ئىليار، -ئاينۇرنىڭ قەلبىدىكى ئېھتىيات تۈگىنى پۈتۈنلەي تۈگىگەنىدى، ئۇ نەچچە كۈندىن بېرىكى كۆڭۈل ئازارىنى دەۋالماقچى بولغاندەك ناھايتى بەھوزۇر ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - بۇ كەسىپتە ئۈچ يىل ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكەندە ئاندىن سىز بىلەن توي قىلىمەن، ئوقۇۋېتىپ توي قىلغىلى بولمايدۇ. ئانامنىڭ پۇلى يوق، ھېلمۇ بىچارە ئانام بىز يەتتە بالىنى بەك تەستە قاتارىغا قوشتى. ھازىر ئانام تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن كۈننى- كۈنىگە ئاران ئۇلاپ كېتىۋاتىمىز، مەن ئوقۇيمەن دېسەم ئانامغا بېسىم بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا مەن ئوقۇمايمەن.
ئاينۇرنىڭ كەسكىن قارارى ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ئېلىيارنى ھەيران قالدۇردى.
- مۇنداق قىلايلى سىزنىڭ ئانىڭىز يېرىم چىقىمىڭىزنى كۆتۈرسۇن، مەن ئۆيدىكىلەرگە دەي بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر يېرىم چىقىمىڭىزنى كۆتۈرسۇن، ئوقۇڭ ھە، - دېدى ئىليار بىرپەس ئويلىنىپ كېتىپ.
- ياق، مەن توي قىلماي تۇرۇپ سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەرگە پۇل بېرىڭلار، دېيەلەيمەنمۇ؟ ئانامنىڭ تاپقان پۇلى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئاران ئۈلگۈرىۋاتىدۇ، شۇڭا ئانامغا مېنى ئوقۇتۇڭ دېيەلمەيمەن. ئاينۇرنىڭ جاھىللىق بىلەن ئېيتقان گېپىدىن ئېلىيار تېرىكىپ كەتتى.
- ئۇنداق بولسا توي قىلمايلى، -دېدى ئىليار كەسكىن قىلىپ. ئاچچىق نامراتلىقنىڭ قىرتاق تەمى جېنىدىن ئۆتۈپ تۇرغاندا بۇ گەپلەرئاينۇرنىڭ غورۇرىغا تېگىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى.
- ماقۇل توي قىلمايلى، ھازىرلا كېتىڭ، كۆزۈمدىن يوقىلىڭ!سىز ئۆزگىرىپسىز، خىزمەتكە چىقىپلا مېنى ياراتماس بوپسىز، يوقىلىڭ!- دېدى ئاينۇر يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇباغ ئچىدە قىردا ئولتۇرۇپ ئاۋازنى قويۋېتەلمەي بۇغۇلۇپ بوغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دەۋاتاتتى. ئاينۇرنىڭ ئۈستىدىن بولنۋاتقان سۆز-چۆچەكلەردىن ئىليارپۈتۈنلەي خەۋەرسىزئىدى. ئېليارئاينۇرغا قېيدىدىمۇ ياكى راستىنلا ئۆزگەردىمۇ ئىش قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمايلا - «ماقۇل، كېتەي »دېگنچە موتسىكلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ كېتىپ قالدى ئاينۇر باغدا بىردەم يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىردى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يېغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئاينۇر ئۆيگە كىرگەندە ئايسخان ئانا قىزىنڭ كەيپياتىنڭ ياخشى ئەمەسلكنى سەزسىمۇ، ئەمما، ئۇ گەپ سوراپ بولغىچە ئاينۇر ئۆزنى ھوجىرسغا ئاتتى. شۇنداق قىلىپ ئىليار شۇ كەتكەنچە بۇ مەھەللىگە قايتا كەلمىدى. ئاينۇر سىرتلارغا چىقسا ئىككى كاللا بىر يەرگە كېلىپ كۇسىرلاشقاننى كۆرسىلا ئۇلار يەنە مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ مەن نېمە دېگەن شور پىشانە ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق قۇرۇق تۆھمەتكە قالدىمغۇ مەن بۇ يۇرتتا تۇرماي ناھىيىگە كىرىپ كېتەي دىگەن خىياللارنى قىلپ ئۆيگە كىرىپ دۈم يېتىپ يىغلايتتى. ئەلۋەتتە ئايسىخان ئانىمۇ سىرتتىكى بولىنىۋاتقان سۆز چۆچەكلەردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى.
ئۇ قىزىغا ئشنەتتى، ئەمما خەقنڭ ئاغىزىنى توسۇۋالغىلى بولمىسا، ئانا چاندۇرمىغىنى بىلەن قىزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇراتتى. ئاينۇر نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزغاندىن كېيىن كەسكىن قارارىغا كەلدى. بىر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن :
- ئانا مەن ناھىيىگە كىرىپ ئىشلەيمىكىن، بۇ يەردە تۇرىۋەرمەي، ھەممىمىز سىزگە ئېغىرىمىزنى سالساق بولمىغىدەك. ئاچامنىڭ دوستى ناھىيەدە زاۋۇتتا ئىشلەۋاتىدىغۇ، مەنمۇ ئىش ئۇقۇشۇپ باقاي، بولامدۇ ئانا؟- دېدى ئانىسىغا غەمكىن كۆزلىرى بىلەن تىكلىپ، ئانا قىزنىڭ كەيپىياتىنى بىلىپ تۇرغاچقا:
-ئۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز بوپتۇ بالام، ئىش ئۇقۇشۇپ بېقىڭ، ياخشى ئىش چىقىپ قالار، -دېدى ئېغىر تىنىپ.
ئەتىسى ئاينۇر مۇشۇ مەھەللىدە ئاچىسى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاچىسىنىڭ يېقىن دوستى زەينەپگۈلنى ئىزدەپ باردى. زەينەپگۈلنىڭمۇ ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولغاچقا، بۈگۈن ئاتا-ئانسىنى يوقلاپ يېزىغا چىققان ئىدى. ئۇ ناھىيىدە فار- فور خىش زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى. ئاينۇر قىز ئۆزىنىڭ كېلىش مۇددىئاسىنى ئېيتقاندىن كېيىن زەينەپگۈل.
- ھازىر بىزنىڭ سېختا ئادەم تولۇق، مەن ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئاسىدىغان گۈللۈك تاختاي زاۋۇتىدىن ئىش ئالاقىلىشىپ باقاي، شۇ يەرگە ئادەم ئالىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئارام ئالىمەن، شۇ چاغدا سىزگە ئۇچۇرنى بېرەي، -دېدى.
- ماقۇل جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە، -ئاينۇر زەينەپگۈلگە رەھمەت ئېيتقاچ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تاماققا تۇتقىنىغىمۇ ئۇنىماي، بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن خوشلۇشۇپ، قايتىپ چىقتى.
ئاينۇرنىڭ كۈنلىرى سېغنىش، ئازاپ ئىچدە ئۆتۋاتاتتى. ئېليارنى ئويلماسلىققا قانچە تىرىشقانسېرى، ئۇنىڭ سېماسى خىيال ئاسمىنىدا زاھىر بولۇپ، يۈرىكنى قۇرۇت غاجىلغاندەك بىئارام بولاتتى، ئاچچىقدا «كۆزۈمدىن يوقال!»- دەپ تىللغىنى بىلەن ئېليارئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى، ئاينۇرئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلغا يىلغا يېقىن ئارلشىپ، ئۇنڭغا پۈتۈن مېھرىنى بەرگەن، ئۇنىڭغا ئشەنگن ئەمەسمۇ ؟ ئىليارمۇ ئاينۇرنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە، ئۆيدىكىلىرىگە ئاينۇرنىڭ ئىنتايىن ياخشى قىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسە بەختلىك بولىدىغانلىقىنى... ئېيتىپ ئۇلارنىڭ بۇ تويغا ماقۇللۇقىنىمۇ ئېلىپ بولغان ھەم ئەينى چاغدا ئاينۇر بىلەن ئۆمەكتە ئىشلىگەندە، ئۆمەكتىكلەر بىلەن بىللە ئېليارنىڭ مەھەللسگە ئويۇن قويغىلى بارغاندا، ئېليارنىڭ ئۆيىدىكلەرھەممەيلەننى تاماققا چاقىرغان پۇرسەتتە، ئېليار ئاينۇرنى ئانسغمۇ كۆرسىتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئېليارنىڭ ئانسمۇ بۇ چىرايىق قىزنى بىركۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ھەم ئېليارنىڭ بىر تاللا سىڭلىسى ئىنتىزارمۇ ئاكىسىنىڭ تەرىپلەشلىرىدىن كەلگۈسىدىكى يەڭگىسى بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ: «ئاكا، چۇقۇم ئۇ قىز بىلەن توي قىل-ھە؟مەن ئۇنى ئاچا دەپ چاقىرىمەن، ئاچسى بولسا نىمە دېگەن ياخشى؟»-دەپ قوياتتى. ئەمەليەتتە ئېليارنىڭ سىڭلسى ئاينۇردىن ئۈچ ياش چوڭ ئىدى. ئېليار ئاينۇرنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، خىزمەتكە چىقىپلا خىزمەتداشلىرىنىڭ گەپ ئۆگىتىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا يالغۇز ئىشلەپ تۇرمۇشتا باياشات ئۆتەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇ قىز بىلەن توي قىلىشتىن يالتىيىپ قالغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىقىدا يەنلا ئاينۇرغا بولغان مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى ئۆچمىگەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر- بىرىگە قېيداپ شۇ كۆرۈشمىگەنچە بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭغىچە ئىليارمۇ تاللىق باغقا كىرىپ قېلىپ، قايسى گۈلنى ئۈزۈشنى بىلمىگەن بەڭباش ھوزۇرلانغۇچىدەك ئۆمەكتكى قىزلارغا قانات سۆرەپ يۈردى. ئاينۇرمۇ شۇ خاپىچىلىقتا ئاچىسىنىڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆي بېزىگەندە ئۆگزىگە ئاسىدىغان گۈللۈك تاختاي (شىگوبەن) زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشتى. بۇ يەردە ئاينۇر رېزىنكە ئۆتۈكلەرنى كىيىپ سۇنىڭ ئىچىدىلا ئىشلەيتتى. ئەينەك تىۋىتى ئارىلاشتۇرۇلغان ھاكتا ئېتىلگەن لاينى قېلىپقا سېلىپ ھاكتا قاتۇرۇلغان گۈللۈك تاختاي ئىشلەپ چىقىراتتى. ئۇلار ئون ئىككى سائەت ئۆرە تۇرۇپ، شۇنچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ، بۇيەردىكى يېڭى خىزمەتداشلار بىلەن كۈلكە چاقچاق ئىچىدە كۈنلەر ئۆتكەچكە، ئاينۇرنىڭ ئازابلىرى بىردەم بولسىمۇ كاللىسىدىن نېرى بولاتتى. پەلەي كىيىپ ئىشلىسىمۇ، ئەينەك تىۋىتى پەلەينى تېشىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا نەچچە قېتىم كىرىپ، قوللىرىنى ئۇششاق تۆشۈكچىلەر قاپلاپ كەتتى. ئىككى زاۋۇتنىڭ ياتىقى بىر يەردە بولغاچقا ئاينۇر ئاچىسىنىڭ دوستى بىلەن كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇراتتى، زەينەپگۈل ئاينۇر بىلەن پاراڭلىشىپ، تېشىلگەن بارماقلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى. گەرچە ئۆيى يېزىدا بولسمۇ، يەر تېرىمغاچقا باللارنى ئۇششاق تىجارەت بىلەن بېقۋاتقان ئايسخان ئانا بۇ تال چىۋىقتەك ئەۋرىشم قىزنى قاتتىق قۇرۇق ئشقا سالمايتتى. ئۆيدە ئانىسىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئەمدىلكتە بۇ يەردە جاپا تارتىۋاتاتتى. ئەمما، ئۇ ئازابلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن جاپا تارتسمۇ ئۆزىنى مەجبۇرىي ئىشقا ئۇراتتى. ئاينۇربۇزاۋۇتتا ئىشلەپ، بىرئايلىق ئش ھەققنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن زەينەپگۈل ئىشلىگەن سېختا بىر ئادەم ئىشتىن توختىغاچقا، ئاچسىنىڭ بۇ مېھرىبان دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورۇن ئالمىشىۋالدى.
فار- فور خىش زاۋۇتىنىڭ ئىشى سەل ياخشىراق بولۇپ، ئاينۇر بۇ يەرگىمۇ ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ قالدى، ئۇ كۈندۈزى ئالدىراش ئىشلەپ ئازابىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇغان بىلەن كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي، يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ، ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. ئاينۇر فار- فور خىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ ئىككى ئاي بولغان بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىليار ئۇشتۇمتۇت يەنە بىر ئادەم بىلەن سېختا پەيدا بولۇپ قالدى. يىراقتىن ئۇلارنىڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلۋاتقننى كۆرگەن ئاينۇر:
- ئۇ مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلەيدىغىنىمنى قانداق بىلگەندۇ؟ -دېگەن خىياللارنى قىلىپ بولغۇچە ئىليار ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
-ياخشى تۇرۋاتامسىز ئاينۇر؟ -دېدى ئىليار كۈلۈمسىرەپ. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرگەن ھالىتى خۇددى ئاينۇرنى زاڭلىق قىلغاندەك تۇيۇلۇپ، ئاينۇر ئىچ ئىچىدىن ئازابلىنىپ كەتتى. ئۇ ئىليارنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ.
- ئۆلۈپ قالمىدىم تاماشامنى كۆرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق، كۆزۈمدىن يوقىلىڭ، مەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن، -دېدى.
ئىليار ھېچنېمە دېيەلمەي بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سېختىن چىقىپ كەتتى. ئاينۇر كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى، سېختىكى بىر قانچە يېقىنلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، نېمىشقا ئاچچىقلايدىغانلىقىنى سورىدى، ئاينۇر قىسقىلا قىلىپ ئۇنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن يىگىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋېتىپ، ئىچ- ئىچىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان يىغىسىنى باسالماي يىغلىۋەتتى. دوستلىرى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ئۆزلىرىنڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىشتى. كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بولدى، ئاينۇربايقى بىر قانچە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇدۇل زاۋۇت ئاشخانىسىغا بېرىپ، ئىشتىھاسىز ھالدا كەچلىك تاماقنى يەپ ياتاققا قايتتى. ياتاقنىڭ ئالدىدا ئىليار ئاينۇرنى ساقلاۋاتاتتى، ئاينۇر ئىليارنى كۆرۈپلا يەنە غەزىپى ئۆرلىدى دە ئىتتىك ياتاققا كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى.
- ئاينۇر ئىشىكنى ئېچىڭ، مەن ئىشلارنى سىزگە چۈشەندۈرەي، سىز بىلەن پاراڭلاشقىلى كەلدىم، گېپىمنى ئاڭلاڭ، ئىشكنى ئېچىڭ.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇