تۆشۈك مونچاق 🧡 7-قىسىم

文摘   2025-01-16 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئىليارمىدۇ دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە ئۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ ئانىسى بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى. ئىليار شۇ تاپتا ئايسىخان ئانىغا قانداق ئېغىزئېچىش توغرىسىدا خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى ئايسىخان ئانا بىلەن ئاينۇر مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىپ كەلدى، ئاينۇر ئىليارنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن يۈرىكى يايراپ كەتتى ئەمما ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ -كەلدىڭىزمۇ دەپلا قويدى.

-ھەئە، دېدى ئىليارمۇ.

ئايسىخان ئانا ئىليارنىڭ پىيالىسىگە چاي لىقلاپ قويۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئىليار چاينى بىر ئوتلاپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئايسىخان ئانىغا ئېغىز ئاچتى.

- ئانا، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى مەقسەتنى سىزگە ئوچۇق ئېيتاي. ئاينۇر ئىككىمىز بىر- بىرىمىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمىز، ئىككمىز توي قىلشقا پۈتۈشكەن شۇڭا ئۇنى ئۆيگە قايتىپ كېتىڭ مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە مېنى ئۆيدە ساقلاڭ دېگەن ئىدىم ئۇنىڭغا ئاچچىقلىماڭ، بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا قوشۇلغان بولسىڭىز، - دېدى. ئايسىخان ئانىمۇ چاندۇرمىغىنى بىلەن قىزى ئىشىكتىن كىرىۋاتقاندىلا ئىليارنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولۇپ كەتكەننى بايقىۋالغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئايسىخان ئانىنى ئون تۆت ياشقا كىرىشىگىلا ئۆيدىكىلىرى مەجبۇرلاپ باينىڭ ئوتتۇز بەش ياشلىق دەلتە بالىسىغا زورلاپ بەرگەن بولغاچقا ئايسىخان ئانا ئۇ ئادەمگە كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىپ ئۆيىدە تۇرغىلى ئۇنىماي قېچىپ يۈرۈپ ئاجرىشىپ كېيىن بالىلىرىنىڭ دادىسىغا ئۆزى خالاپ تەگكەن ئىدى، شۇڭا ئايسىخان ئانا ھېچقايسى بالىلىرىنىڭ تويىنى مەجبۇرىي قىلماسلىققا ئۆز- ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئىليارنىڭ چىرايلىق گەپلىرى ئەدەپلىكلىكى ئايسىخان ئانىغا تەسىر قىلدى بولغاي ئىليارنىڭ گېپى ئاخىرلاشقاندا :

- ھە، بوپتۇ بالام قىزىمنىڭ دادىسى كىچىكدە تۈگەپ كەتكەن ئۇنىڭ بەكلا دىلى سۇنۇق ئۇنىڭ سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغۇسى بولسىمۇ ئىقتىساد بولمىغاچقا ئوقۇتالمىدىم بىر- بىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۆتسەڭلار مەنمۇ شۇنىڭغا خوش سىلى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە قىزىم سىلىنى ساقلىسا بولىدۇ، يېزىدا خەقلەر بەكلا ئۆسەك سۆز تارقىتىدۇ شۇڭا بەك كۆپ كەلمىسىلە ئوغۇللىرىمغا پەيتىنى تېپىپ ئۆزۈم ئېيتاي دېدى ئايسىخان ئانا. ئەمەلىيەتتە ئايسىخان ئانا قىزى ئۈچۈن خۇشال بولغان ئىدى، چۈنكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە ياشاشنىڭ ئۆزى بىر ھۇزۇر ئىكەنلىكىنى ئايسىخان ئانىمۇ ئوبدان بىلەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئاينۇر شۇ قايتىپ كەلگەنچە ئىليار بىلەن بولىدىغان توينىڭ شېرىن خىيالىنى سۈرۈپ ئانىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملەشكەچ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى، ئىليار ئاينۇرنى شۇنچىلىك سېغىنغان بولسىمۇ، مەھەللە كوينىڭ ئۆسەك سۆز تارقىتىشىدىن ئەنسىرەپ، 15 كۈندە بىر كېلەتتى. بۇ ئىككەيلەن ۋىسالنىڭ شىرىن پەيتلىرىنى كۈتۈپ، يۈرىكى پوك-پوك بولغان ھالدا ئۇچىرىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلار بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنەتتى. ئايسىخان ئانىمۇ ئوغۇللىرىغا نېمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمەي، دىلىغۇل بولۇپ، يەنىلا ئېلىيارنىڭ ئوقۇشى پۈتكەندە دېيىشنى توغرا تېپىپ، ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە تىجارىتى بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى.

ئوغۇللارمۇ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ بولغاچقاھەممسى ئۆزھەلەكچلىكى بىلەن بولۇپ، سىڭلىسى ئاينۇرنىڭ مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، گاھىدا خۇپىيانە كۆرۈشۈشنىڭ شىرىن دەملىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرگىندىن خەۋەرسىز ئىدى.

ھەش- پەش دېگۈچە ئىليار بىلەن ئاينۇر ئىككىسىنىڭ يۈرىۋاتقىنىغىمۇ بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا بولۇپ قالدى. ئىليار ئون بەش كۈندە بىر كېلىپ ئاينۇر بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگەن كۈنلەردە ھېيت كەلدى، ئاينۇر دوستلىرى بىلەن ھېيتلىشىۋېتىپ قورسىقىنىڭ ئىچى ئاغرىپ بەكلا بىئارام بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ قورسىقىنىڭ ئاغرىش سەۋەبىنى بىلەلمەي ئۆيدە يېتىپ باقتى، دورا ئېلىپ ئىچپمۇ باقتى. ئەمما، ئاغىرىق پەسلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇكىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشتى. ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق چىدىغۇسىز ئاغرىپ، تاماقمۇ سىڭمەي ياندۇراتتى.

بۇ ھېيتتا ئايسىخان ئانا تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش ئۈچۈن غۇلجىغا كەتكەن ئىدى. بىمەھەل بىر ۋاقىتتا ئاينۇر ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قالدى، ئۇ بىر كۈن يېتىپ قورسىقىنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بەرمىگەندىن كېيىن ئاخىرى دوستلىرى ھەم قېرىنداشلىرىنڭ ياردىمدە يېزىلىق دوختۇرخانىغا كىردى، دوختۇرخانىدىكى تونۇش دوختۇر ئايال ئۇنىڭدىن ئاغرىقنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى سورىغاچ، ئاينۇرنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ، تەكشۈرۈشكە باشلىدى ھەم ئۇنىڭ قورسىقىنى چىڭراق بېسىپ باقتى. بېسىپ ئوڭ تەرەپ دوۋساق ئەتراپىغا كەلگەندە ئاينۇر ئاغرىق ئازابىدا تولغۇنۇپ كەتتى. دوختۇر ئايال ئۇنىڭغا ئاستا خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى دەپ، دىئاگنوز قويۇپ ئاسما ئوكۇل ئېسىپ قويدى. ئوكۇل تۈگىگەندە ئاغرىق خېلى پەسەيگەن بولغاچقا، ئاينۇر دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتى. ئەمما ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئاينۇرنىڭ يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ، ئىچكەن كىچىككىنە قايناقسۇمۇ كۆپىيىپ يېنىشقا باشلىدى. ئاينۇرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن خوتۇن كىشىدىنمۇ ئۆتە غەيۋەتخور يان قوشنىسى قۇۋان ئاكا :

- ئاۋۇ قوشنىمىز ئايسىخاننىڭ قىزى ھۆ بولۇپ قۇسۇپ يۈرۈيدۇ، يېقىندىن بېرى بىر بالا پات- پات كېلىپ كېتىپ يۈرەتتى، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئايسىخاننىڭ قىزىنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتمىش، بۇ قىز يېتىم يېمەيدىغان پوقنى يەپ يۈرمىگەندۇ ھە- دەپ، قولۇم - قوشنىلارغا غەيۋەت قىلىپ ئۆسەك سۆز تارقىتىپ يۈردى. كىچىككىنە دوپپامدەك يېزىدا قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ ھىچقانداق ئەخلاقسزلىق قىلمىغان ئاينۇرنىڭ كەيندىن كۇسىرلىشىپ غەيۋەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى، ئاينۇر بۇ سۆز -چۆچەكلەردىن خەۋەرسىز ئىدى. ئاينۇر ئوكۇل ئېلىپ سەل ياخشى بوپ قالغان بولسمۇ، ئەمما، قەددىنى رۇسلاپ ماڭسلا ئۈچىيى تارتشىپ قالغاندەك قۇرسقىنڭ ئىچى ئاغىرىپ بىئارام بولاتتى. ئايسىخان ئانىمۇ تۇغقانلىرى قېشىدا بىر نەچچە كۈنلا تۇرۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇ قىزىنىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىگە قاراپ :« قىزىم بۇ كېسەل قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئوخشايدۇ، مەن سىزگە سوغۇقلۇق تاماقلارنى ئېتىپ بېرىپ مىجەزىڭىزنى تەڭشىسەم بولغۇدەك»-دەپ ئۆزى بىلگەنچە سوغۇقلۇق قىلىپ يۈردى.

 ئاينۇرنىڭ مەھەللىدىكى يېقىن ئۆتىدىغان قىز-ئوغۇل دوستلىرىمۇ كۆپ ئىدى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئاغزىدا بولۇۋاتقان سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى، ھەم ئۇلارغا رەددىيە بەردى. ئۇنىڭ سەبىيلىك مەزگىلىدە بىللە شورا ئاتلاپ، غورا پۇتاپ، يازنىڭ تومۇزىدا بىللە سۇغا چۆمۈلۈپ، قىشتا قاردىن پومزەك ياساپ، مۇز تېيىلىپ، تەپكۈچ، سىزىق، قاچما توپ ئويۇنلىرىنى تاللىشىپ ئويناپ، گاھىدا تېپىۋالغان بىر تال توڭ ئالمىنى تەڭ يەپ، گاھىدا تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن باتنىشىپ، يەنە بىر چاي قاينىمى ئۆتۈپ بولغىچە يارىشىپ، بالىلىقنڭ ئەڭ پاكىز ھەم گۈزەل ۋاقىتلىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئىككى قىز دوستى-چولپان بىلەن ئايشەمگۈل ھەم كىچىكىدىن خۇددى بىر قورساق قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتكەن، ئاينۇر باشقا بالىلار تەرىپىدىن «يېتىم ئوغلاق» ەپ چەتكە قېقىلغاندا، بوزەك قىلىنغىنىدا، مەيدە كېرىپ، ئۇنى ھېمايە قىلىپ كەلگەن يېڭىلا ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ، مەھەللىگە قايتىپ، دۇكان ئېچىپ ئاياللارنىڭ چېچىنى ياساشتا خېلىلا نام چىقىرىپ قالغان ئەخمەتجان قاتارلىق دوسلىرى ئاينۇرنى يوقلاپ كەلدى. ئۇلار ئاينۇر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا چولپان ئېغىز ئاچتى:

- ئاداش قارا ماۋۇ مەھەللىدىكى خەقلەر كەينىڭدىن سۆز چۆچەك تارقىتىپتۇ. ئۇ كۈنى بىزمۇ سەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بارغان تۇرساق، دوختۇرنىڭ نمە دەپ دىئاگىنۇز قويغىنىنى بىلىمىزدە، شۇڭا ئۇ خەقلەرنىڭ دەككىسىنى بېرىپ قويدۇم.

- نېمە؟ ئۇلار نېمە دەپ گەپ تېپىپتۇ؟ -دېدى ئاينۇر ھەيران بولغىنىچە بۇ ئۈچ دوستىغا قاراپ.

ئايشەمگۈل بىلەن چولپان بىر-بىرىگە قارىشىپ، نېمە دېيىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، شۇ چاغدا ئەخمەتجان ئارىدىكى تەڭقىسلىقنى تۈگەتمەكچى بولغاندەك ئېغىز ئاچتى:

- ماڭا قاراڭ ئاينۇر خەقنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلماڭ، ئۇلار ھەرنىمە دەيدۇ، بۇقىنىمۇ تۇغدۇرىدىغان خەق بار بۇ مەھەللىدە، سىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار ئاينۇر ھۆ بولۇپ يۈرۈيدۇ قورسىقىدا قالغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈشىپتۇ كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ھە، «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» دەپتىكەن، خەقنىڭ ئالدىدا گۇناھىڭىز بولمىغاندىكىن، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋەرمەمسىز، سىزنى مانا مەن چۈشىنىمەن، سىزنى ھېچكىم ئالمىسا مانا مەن ئالىمەن،

ئەخمەتجاننىڭ ئاينۇرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھېچ ئىش بولمىغاندەك چاقچاق ئارلاش ئېيتقان گېپىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈل غەشلىكىنى تۈگىتەلمىدى، ئۇ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ھالدا ئۆزىگە بىر غەيرەت بېرىپ دوستلىرىغا قارىدى.

- رەھمەت دوستلۇرۇم، مېنى سىلەر چۈشىنىسىلەر. ئەمدى بۇ تۆھمەتلەرگە نېمىمۇ دەي دېدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ.

- كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئاداش، چولپانمۇ بۇ يالغان-ياۋىداقلارنى ئىچىگە پاتۇرالماي دەپ سالدى-دېدى ئايشەمگۈل ئاينۇرغا تەسەللىي بېرىپ.

-تەسەللىي بەرگىنڭلارغا كۆپ رەھمەت، دېسە دەۋېرەر ئېغىزى بىكار بولغاندىكىن.

ئاينۇر ئېغىزىدا شۇنداق دېسىمۇ، ئەمما، بۇ ھاقارەتلەر ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇ خۇددى دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئېغىربىر گۇناھقا پاتقان ئادەمدەك بىردەم ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئېسىگە كەلگەندەك دانىمۇ-دانە قىلىپ ئېيتتى:

-سىلەرنىڭ چۈشەنگىنىڭلاردىن خوش بولدۇم، ئۇلارمۇ سۆزلەپ توختاپ قالار. ئاق-قارىنى شۇ چاغدا چۈشىنىپ قالار، سىلەرمۇ مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ، كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالماڭلار.

ئۇلار بىر ھازا تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ، كۈن كەچكە يېقىنلاشقاندا خوشلاشتى.

دوستلىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئاينۇر بازاردا ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان ئانىسىنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرىتىپ ئۈگىرە ئەتتى، ئەمما ئۇ ئۆزى ئوچاق بېشىدا بولسىمۇ، خىيالى پۈتۈنلەي بايامقى ئاڭلىغان گەپلەر بىلەن گادىرماچ بولۇپ كەتكەنىدى. مېھرىبان ئانىسى قايتىپ كەلگەندىمۇ چىرايى تۈزۈك ئېچىلماي، ئۇنىڭ سورىغان گەپلىرىگە قىسقىلا جاۋاب بېرىپ، مىجەزى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ، بالدۇرلا ھوجرىسىغا كىرىۋالدى. ئايسىخان ئانىمۇقىزىنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى مىجەزى يوقلىقىنى بىلگەچكە، ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلماي ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرىۋەردى.

ئاينۇر ئورۇنغا كىرىپ ياتقاندىمۇ يەنە گۇمان ۋە ئېسەنكىرەش ئىچىدە تۈن تەڭگىچە كىرپىك قاقمىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىنى پۈتۈنلەي ئېلىيار بىلەن بولغان مۇھەببەت كەچۈرمىشى ھەم كېيىنكى ئىشلار چۇلغىۋالغانىدى. ئىليارنىڭ ئوقۇشمۇ پۈتۈپ خىزمەتكە چىققان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاينۇرنى يوقلاپ كېلىشى خىزمەت ئالدىراش دېگەن باھانىلار بىلەن ئازلاپ كېتىۋاتاتتى، بۇنىڭدىن ئۇمۇ سەل گۇمان قىلىپ قالغان ئىدى، ئون يەتتە كۈن ياتقاندىن كېيىن ئۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. ئۇ ئاغىرىپ قالغاندىمۇ ئېليار بىر قېتىم يوقلاپ كەلگەنچە كەلمىدى، شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئاي ئۆتتى، ئىككىنچى ئايمۇ ئۆتتى ئىليارنىڭ قارىسى يەنە كۆرۈنمىدى. ئاينۇرنىڭ گۇمانى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى.

- ئۇ ئەمدى خىزمەتكە چىقىپلا مېنى ياراتمىغان ئوخشايدۇ دېمىسىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتى بار، مەن بولسام بىكارچى، ئۇ مەندىن چانغانمىدۇ؟ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ ئەگەر ئۇ راستىنلا مەندىن يۈز ئۆرىسە، مەن بۇ يۇرتتا قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىش بولمىسىمۇ، شۇنچە سۆز- چۆچەكلەر تارقىلىپ كەتتى، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئەخمەتجانغۇ ياخشى بالا. «سىزگە ئىشىنىمەن سىزنى ھېچكىم ئالمىسا ئۆزۈم ئالىمەن» دېگەن بىلەن مەن ئۇنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسام... دېگەندەك خىياللار بىلەن ئاينۇر نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز، سېغىنىش، ئازاب بىلەن ئۆتكۈزەتتى، كېچىلىرى ئۆيدىكى ھەممەيلەن ئۇيقۇغا كەتكەندە ئاينۇر يوتقاننى بېشغا بۈركەپ ئۈنسز ياش تۆكەتتى. ئاينۇر ئەنە شۇنداق سۆز-چۆچەك ئىچىدە ئازاب بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىليار ئۇشتۇمتۇت ئاينۇرنى ئىزدەپ كەلدى، ئايسىخان ئانىمۇ ئۇلارنىڭ ئشدىن خەۋەردار بولغاچقا ئىليارنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم ئېلياردىن قىلچە گۇمان قىلمايتتى. كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئىليار ئاينۇرغا :

- سىزگە گېپىم بار سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى، - دېدى پەس ئاۋازدا، ئۇلار سىرتقا چىقىپ، باغقا كىردى. ئىليار ئاينۇرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، 

-ئاينۇر خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن پات- پات سىزنى يوقلاپ كېلەلمىدىم، خاپا بولماڭ ھە. يەنە بىر گەپ، مەن سىزنى سەنئەت مەكتەپتە ئوقسكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، ئاۋال ئوقسڭىز، ئوقۇشىڭىز پۈتكەندە ئاندىن توي قىلساق بولارمىكىن ؟

ئېلىيارنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان سۆزىدىن ئاينۇر تېڭىرقاپا قالدى، ئۇ خۇددى كىچىك بالا مۇئەللىمدىن سوئال سورىغاندەك تەستە ئېغىز ئاچتى:

- نېمىشقا ئۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز؟

- قاراڭ مەن يالغۇز ئىشلىسەم تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈدەك سىزمۇ بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن ئوقۇسىڭىز، بىللە خىزمەت قىلساق ياخشى بولاتتى دېدى.

ئاينۇر بۇ گەپلەردىن ئىليارنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سەزدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章