كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئەمدىلا ئون ئالتە ياشتىن ئاشقان ئاينۇر قىزغا ئىش ئەكىرگەنلەر ئۇستىڭىز بارمۇ دەپ سورايتتى. ئاينۇر قىز ئۆزىنىڭ ئۇستام ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا تونۇمايدىغانلار- ۋېييەي كىچككنە قىزكەنغۇ بۇ، رەختىمىزنى بۇزۇپ قويمسۇن يەنە دەپ بۇ قىزغا كىيىم تىكتۈرمەي رەختلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى. ئەمما ئاينۇر قولۇم - قوشنىلىرىنىڭ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ كىيىملىرىنى ئۇلارغا يارىغۇدەك چىرايلىق قىلىپ تىكىپ بېرەتتى. شۇنداق، قىلىپ ئاينۇر قىز. بۇ يېزىدا ماشىنىچىلىق ھۈنىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ، بىر دۇكاننىڭ ئېگىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھۈنىرىلا ئەمەس، ھۆسنى-جامالىمۇ مەھەلىدىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەبىي سۈزۈك چىرايىى، كۈلمىسىمۇ كۈلگەندەك كۆرسىتىدىغان زىناقلىرى، سەل ھىمىرىلىپ تۇرىدىغان قاشلىرى، بىراۋ تىكىلىپ قارىسا دەرھال قىززىرىپ كېتىدىغان مەڭىزلىرى، سەل غەمكىن كۆرىنىدىغان قوڭۇر كۆزلىرى مەھەلىدىكى خېلى يىگىتلەرنىڭ يۈرەك-تارىنى چېكىپ، كېچىلىرى ئۇيقىسىز خىيال دېڭىزىغا پاتقۇزسا، كۈندۈزلىرى خۇپىيانە يازغان سۆيگۈ مەكتۇپلىرىنى قانداق يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ غېمىدە ئارامسىزلاندۇراتتى-دە، ئاينۇرقىزنىڭ دۇكىنى تامان چاپقۇزاتتى. ئاينۇرقىزغا يۈزتۇرانە گەپ قىلالمىغانلىرى رەختلەرنىڭ قېتىغا، جوزىنىڭ ئۈستىگە سۆيگۈ مەكتۈپلىرىنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى، ئاينۇر خەتلەرنى ئوقۇپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. بەزىلىرىگە چىرايلىق جاۋاب خەت يېزىپ قايتۇرسا، بەزىلىرىنى جاۋابسىز قوياتتى، ئۇ شۇنداق ئەركىن قۇشتەك خۇشال ئىدى. گەرچە دادىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كېتىپ، ئائىلىنىڭ تۈگىمەس غەملىرى جاپاكەش ئانىسىغاقالغان بولسىمۇ، مېھىر ۋە كۆيۈم بىلەن ئائىلىدىكىلەر ئۆزىنى يەنىلا بەختىيار ھېسابلايتى. ئاينۇرمۇ ئانىسى ئايسىخاننى ئۆزىنىڭ يىقىلماس يۆلىكى، ھۈنىرىنى كېيىنكى خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ھېسابلاب، خوشال ياشاپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما، ئۇنىڭ خاتىرجەملىكى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاينۇر دۇكان ئېچىپ بىر يىلدىن كېيىن كىچىكىدە بىللە ئويناپ، بىر ناننى تەڭ تالىشىپ يەپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ خوشاللقلىرى ھەم غەملىرىگە ئورتاقلىشالايدىغان، سۆيۈملۈك دوستى زۆھرە ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتتى، ئۇ دوستىنى سېغىنىپ بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈردى، ئۇ بەك جىق دوست تۇتمايتتى، ھەمىشە ئۆز ئىشى بىلەنلا يۈرەتتى.
ئاينۇر قىزنىڭ بېشىغا غەم تۇمانلىرىنى تاشلاتقۇزغان ئۇنى بۇرۇقتۇم قىلىۋاتقان، بۇ ئىش زادى نېمە ئىشتۇ؟ بۇنى بىلگۈڭىز بار ھەقاچان، بۇنى ئاينۇرنىڭ ئاچسى ماھنۇردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلدۇ.
ئاينۇرنىڭ ئاچىسى ماھنۇر ئىككى يىل ئاۋۋال شەھەرگە توي قىلغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا يېزىدىن شەھەرگە توي قىلسا ۋاي تەلىيى كېلىپتۇ، شەھەردە يېزىغا قارىغاندا راھەت ياشايدۇ، دەپ قىز تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسى خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، ئايسىخان ئانىمۇ قىزى ماھىنۇرنىڭ شەھەردىن لايىق تاپقىننى ئاڭلاپ، خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماھىنۇر بۇ ئەرنى بەكلا ياخشى كۆرە تتى، ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتلەشتۇق دەپ قىزلار يىگىتلەر بىلەن بىر قانچە ئېغىز پاراڭلاشسىمۇ خەقلەر ئارقىسىدىن سۆز چۆچەك قىلىشاتتى، شۇڭا ئايسىخان ئانا ئەلچى كەلگەن ھامان بۇ تويغا قوشۇلۇپ، قىزى ماھىنۇرنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان ئىدى. ماھىنۇر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بويىدا قېلىپ بىر قىز تۇغدى. ئېرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس ئىدى، بىر كۈنى ماھىنۇر ئانىسى ھەم قېرىنداشلىرىنى سېغىنىپ چوڭ ئۆيگە كەلدى. ماھنىۇر كەلگەندە ئايسخان ئانا چۈشلۈك تاماققا پولو ئېتش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتا تتى. ماھنۇر سىڭلسى ئاينۇر ھەم ئۇكىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاشخاندا تاماق ئېتۋاتقان ئانسىنڭ يېنغا ياردەملەشكىلى كىردى. ئۇ سەۋزە توغرىغاچ ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئېرىنىڭ بىر تاغىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلىقىنى، ئېرىنىڭ ماھىنۇر بۇياققا ماڭغاندا شۇ تاغىسىغا ئاينۇرنى بېرىش توغرىسىدا سۆز ئاچىقانلىقىنى ئېيتتى. ئايسىخان ئانا بىر ئاز ئويلىنپ، بۇ ئشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلش توغىرسدا باش قاتۇردى. ئاينۇرىنڭ مىجەزىنڭ چۈسلىغىنى ئانا ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئايسخان ئانا قىزىنڭ كۆڭلنى ئاياپ بۇ گەپنى تاماقتىن كېيىن دېيشنى ئويلاشتى. ئارلقتا تاماقلارمۇ پىشىپ تەييار بولغان ئىدى. بىر ئائىلە كشلىرى تاماق يىيىش ئۈچۈن ئۈستەلنى چۆردەپ ئولتۇرۇشتى. بۇ ۋاقتتا ئايسخان ئانا ئوخشغان ئىككى لېگەن پولونى ئۇسۇپ ئۈستەلگە ئېىلپ كەلدى. قوساقلىرى ئېچىپ تاماق يېيش ئۈچۈن تەييار بولغان باللار كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن تاماق يېيشنى باشلۋەتكەن ئىدى. ئايسخان ئانا ئشتھا بىلەن تاماق يەۋاتقان باللارغا بىردەم مەستلىگى كېلپ قارۋەتكەندىن كېيىن ئاينۇرغا قاراپ نىمە دېيشىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ كەتتى. ئايسخان ئاننىڭمۇ ئشتھاسى تۇتۇلغان ئىدى. ئانسىنڭ تاماق يېمەي ئولتۇرغننى كۆرگەن ئاينۇر...
-ئانا سز نىمشقا تاماق يېمەيسز مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟ دېدى ئايسخانغا.
-ھىم..... ئۇنداق ئەمەس قىزىم سىزنىڭ ئشلىرىڭىز بېشمنى بەك قاتۇردى، بايا تاماق ئەتكەچ ئاچىڭزيېزنىڭىزنىڭ بىر تاغىسىنڭ بارلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بارلقىنى-ناھايتى ئوڭايسىز ھالدا ئېيىتتى، - ئايسخان ئانا سۆزنى ئاياقلاشتۇرۇپ بولغىچلا ئاينۇر ئېغىز ئاچتى.
-ئانا، -دېدى ئاينۇر، ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا، -سىز نېمە دەۋاتقانسىز، ھېچقانداق تونىمايدىغان، چۈشەنمەيدىغان بىر ئادەمگە ياتلىق بول، دەۋاتامسىز؟
-قىزىم- ئايسىخان ئانا سەل دىلىغۇل بولغاندەك ھورى قېچىشقا باشلىغان چايدىن بىر ئوتلاۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، _ ئاچىڭىزدىن ئاڭلسام ئۇ كىشىمۇ خېلى قول-ئىلكىدە بار ئادەم ئىكەن، ناۋادا ئۇنىڭغا ياتلىق بولسىڭىز، تۇرمۇشتا باشقىلارغا سارغىيىپ قالماي ئۆتىسىز...
-ئانا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىلا ئويلاشقان ئوخشىمامسىز؟ -ئاينۇر خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ، نامەلۇم جايدا ئېزىپ قالغان قوزىدەك شىرەگە قويۇلغان تاۋاقتىكى ئاشقا قاراپ، شۇنچە مەيۈس ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىدىلا ئەمەس، يۈرىكىدىمۇ ئانىسىنىڭ باياملا دېگەن سۆزلىرى دادىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ، جۇدالىقنىڭ پىراقىدا پۇچىلانغان قەلبىنى تېخىمۇ سەكپارە قىلماقتا ئىدى.
-بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ قىزىم، يېشى سىزدىن چوڭ بولسا نېمە بوپتۇ؟ 30 ياش ئادەمنىڭ تازا يېتىلگەن ۋاقتى. مەنمۇ دادىڭىزدىن خېلى كىچىك ئىدىم، بىراق، دادىڭىزمۇ مېنىڭ ئەتىۋارىمنى قىلىپ ئۆتتىغۇ؟ ئايسىخان ئانا سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خۇددى ھازىرلا تۆكۈلىشكە تەييار تۇرغان ياشلىرىنى يوشۇرۇپ، يان تەرەپكە قارىۋالدى. ئۇنىڭ خىيال ئالىمىدە مەرھۇم ئېرى بىلەن ئۆتكەن غەمسىز كۈنلەر، ئاينۇرنىڭ بالىلىق ۋاقتلىرى ئايان بولدى. ئانىنىڭ بىردەملىك خىيالى قىزىنىڭ يىغلامسىراپ ئېيتقان سۆزى بىلەن ئۈزۈلدى.
- ياق، مەن توي قىلمايمەن، ئەمدى ئون ئالتە ياشقا كىرىپ ئۆزۈمدىن چوڭ ئادەمگە ياتلىق بولىمەنما؟ مېنىڭ ھازىر توي قىلغۇم يوق، مەن ھازىرتوي قىلشنى ئويلۇشۇپ باقمدىم.
ماھنۇر ئاينۇرغا توي توغرىسدا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، بۇ گەپ ئاينۇرنىڭ قۇلىقىغا زادىلا كىرمىدى ئاخىرى ماھنۇر سىڭلسى ئاينۇرنىڭ گەپكە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئېرىنىڭ ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا تەئەدى ئارلاش دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى؛
-ئەگەر ئاينۇرقىز بۇ تويغا قوشۇلمىسا ئىككىمىزنىڭمۇ پۇرچىقى پىشىپ قالمىسۇن يەنە، شۇڭا سىڭلىڭ بولغاندىكىن بەكرەك نەسىھەت قىلغىن. ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى ئىش بۇ.... ماھىنۇر سىڭلىسىنىڭ يۇمران يۈزلىرىنى سىلىغىنىچە ئۇزاقتىن ئۇزاق نەسىھەت قىلدى، يېلىندى.
-سىز قوشۇلمسىڭىز مېنىڭ بىر بالام يېتىم بوپ كېتدۇ، ئۇ چاغدا مەن قانداق قىلىمەن؟ سزمېنى ئويلمىسڭىزمۇ، بالامنى بولسمۇ ئويلاڭ، مۇشۇ ئش سەۋەبىدىن ئاكىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارسغا سوغوقچىلىق چۈشۈپ قالسا مەيلىمۇ؟ ئاچىسىنىڭ ئۆز غېمى ئۈچۈنلا ياش تۆكۈپ ئېيتقان گەپلىرى ئاينۇرنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە ئېغىر تاش چۈشكەندەك تېخىمۇ پەرىشان قىلدى. شۇئېنىق ئىدى، بىر قورساق ئاچىسى سىڭلىسىنىڭ بەختىدىن كۆرە ئۆز غېمىدە ئۇنى بۇ تويغا دەۋەت قىلىۋاتاتتى... ئاينۇر بىردىنلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئېڭىدا ئانىسىمۇ، ئاچىسىۇ، ھەتتا كچىك ئىنى-سىڭىللىرىمۇ ئۇنىڭ جىمى بەختىگە چاڭ سېلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ دادىسى ھايات ۋاقتىدىكى ئاددىي بولسىمۇ، كۆڭۈللۈك ئائىلە تۇرمۇشىنى، ھەدىسىنىڭ ئۇنى ئاپپاق ئۇكام دەپ ئەركىلىتىشلىرىنى، كەپسىز، ئەمما ئوماق ئۇكىلىرىنىڭ ئاينۇرقىز ئاچۇي دېيىشىپ، ئەركىلەشلىرىنى، مەھەلىدىكى قوشنا-قۇلۇملارنىڭ؛ ئاينۇرقىز مەھەلىنىڭ گۈلى بولغىدەك دەپ، ئامراقلىق قىلىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ كەتتى. ئاينۇرئاچسنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ، ئامالسىزلىقتىن بۇتويغا قوشۇلدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك بىئارام ئىدى. ئاينۇر تەگمەكچى بولغان ئۇ ئەر ئاينۇردىن ئون ئالتە ياش چوڭ ھەم بىر پۇتى ئاقسايدىغان بولغاچقا، ئاينۇرنىڭ بۇ تويغا زادىلا رازىلىقى يوق ئىدى، ئۇئادەمنىڭ بىر توي قىلپ ئاجىراشقان بىر بالسى بارلقنى ھەم ئۇ ئادەمنىڭ قىمارۋاز ئىكەنلكنمۇ ئاينۇرھەم ئايسخان ئانمۇ ئەسلا بىلمەيتتى، ئۇنى پۇلى بار باي دېگەن تەغدىېردىمۇ ئۇنىڭ تاپقان پۇلى قىماردا ئۇتقان پۇل ئىدى. ماھىنۇرمۇشۇ ئشلارنىڭ ھەممسنى ئۆزنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەپ ئانسى ھەم سىڭلسدىن يوشۇرۇپ بۇ توي ئشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن چىققان ئىدى. ئاينۇرنىڭ بۇ تويغا ئەسلا رازىلقى بولمسمۇ ئەمما ئاچىسىنىڭ ھالىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغىرىپ بۇ تويغا مەجبۇرى قوشۇلدى. ئاينۇرنىڭ تويغا قوشۇلغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ ئاچسى ماھنۇر كېتىپ بىر ھەپتدىن كېيىن ئاچسى ئاينۇر بىلەن توي قىلماقچى بولغان ھېلقى توكور ئادەمنى ئۇچىراشتۇرماقچى بولۇپ ئۇلارنى شەھەرگە تەكىلپ قىلدى. يەكشەنبە كۈنى بۇ ناھيەنىڭ بازار كۈنى ئىدى، ئايسىخان ئانا ئاينۇرنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇسقا چىقىتى، بۇ تويغا پەقەت رازىلىقى بولمغان ئاينۇرنىڭ كېچىچە يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ قاپاقلىرى ئششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئاپتۇبۇسقا چىقپلا دېرزدىن سىرتقا قارىغىنچە ئايسىخان ئانىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي چوڭقۇر خىيالغا كەتكەن ئىدى. ئالاھىزەل بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلار شەھەرگە كىردى، ئاپتۇبۇس بىكەتتە ئۇلارنى ئاچسى ھەم ئۇنڭ ئېرى، قېينىئانىسى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئاينۇر بىلەن ئۇچىراشتۇرماقچى بولغان ئۇ كشى دەل ماھنۇرنىڭ قېينئانسنىڭ ئىنسى ئىدى. ئۇلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قىزغىن سالام سائەت قىلىشتى، ئاندىن ماينۇرنىڭ قېيىن ئانىسى ئۇلارنى باشلاپ ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى. چوڭ ئۆيدىكىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىقلارنى قىلغان بولۇپ، داستىخانغا نازۇ نېمەتلەرنى تىزىپ تاماقلارنى تەييارلاپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇلار كېلىشىگىلا چاي قويۇلۇپ ئارقا ئارقىدىن تاماقلار تارتىلدى. داستىخاندا چوڭلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇز نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئولتۇراتتى. ئاينۇرنىڭ كۆڭلى ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىگە تونۇشتۇرىدىغان، ئەر ئىكەنلىكىنى ئاينۇرنىڭ كۆڭلى تۇيدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇