چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى 🧡 37-قىسىم

文摘   2025-01-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم
12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم
26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭ مىجەزىدە بۇ ئىشنى بىلىپ قالغان بولسا دولقۇننى ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن ھالەتتىمۇ بۇ ئۆيگە ھەرگىز كىرگۈزمىگەن بولاتتى. ناۋادا بىلىپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ بايىقى ئاچچىقى غەيرى ھالىتى نېمە سەۋەبتىن.

دولقۇن ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئۇ يەنىلا شەمسىيەنى سىيرىلما تاختا ئوينىغىلى بارغىلى قويغىنىم ئۈچۈن قېيداۋاتىدۇ دەپ كۆڭلىنى تىندۇردى.

نادىرە ئەتكەن تاماق بەكلا تەمسىز ئىدى، تاماق ئېتىشمۇ بىر خىل تالانت بولسا كېرەك. قارىغاندا بەزى ئادەملەردە بۇ خىل تالانت تۇغۇلۇشىدىنلا بولمايدىغان ئوخشايدۇ. كېيىن يېتىلدۈرۈۋېلىشىمۇ تەسكە توختىسا كېرەك. نادىرەمۇ ئوخشاش كۆكتات، ئوخشاش گۆش ئوخشاش قازان ئىشلىتەتتى-يۇ، ئەمما تاماقنى گۈلسۈم ئەتكەن تاماقنىڭ يېرىمىچىلىك ئوخشىتالمايتتى.

شەمسىيە تاماق يېگىلى ئۇنىمىدى. دولقۇنغا نادىرە ئەتكەن ئوخشىمىغان تاماقلارنى يەپ تۈگىتىشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل جازا ئىدى. نادىرە ئۆزى ئۇستىلىق بىلەن پىلانلىغان بۇ خىل جازا ئۇسۇلىدىن ھۇزۇرلانغاچ دولقۇننىڭ تاماقنى پاك-پاكىز يەپ تۈگىتىشىگە قاراپ ئولتۇردى.

دولقۇن ئاشقازىنىنى بىئارام قىلىپ توختىمايۋاتقان تاماقلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتەلمەي ئاۋارە بولۇۋاتقىنىغا قارىماي تېزلا ئۇخلاپ قالدى. نادىرە تاماقتىن كېيىن ئەكىرىپ بەرگەن تاماق سىڭدۈرۈش چېيى خۇددى ئۇخلىتىش دورىسىغىلا ئوخشايتتى…

دولقۇننى ئۇخلىتىپ قويۇپ مەقسىتىگە يەتكەن نادىرە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئاچتى.

ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆزىگە چېلىققىنى دولقۇننىڭ گۈلسۈمگە ئىپلاسلىق قىلغان ۋاقتىدىكى ھېلىقى كۆرۈنۈشلەر بولدى.

گۈلسۈم ھوشسىز ياتاتتى…

نادىرە ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدى. ئۇ يىرگەنگەنلىكتىن دولقۇننىڭ تېلېفونىنى بىر مىنۇت ئارتۇق تۇتۇپ تۇرغۇدەكمۇ رەغدى قالمىغانىدى. غەزەپتىن تىترەپ تۇرۇپ ئۇ سىن كۆرۈنۈشىنى ئۆزىگە يوللىۋالدى-دە، يوللانغان يېرىنى دولقۇننىڭ تېلېفونىدىن ئۆچۈرۈۋېتىپ، تېلېفوننى يەنە جايىغا تاشلاپ قويۇپ دولقۇننىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى. بولمىسا بۇ ئاچچىقىدا دولقۇننى بوغۇپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتى.

دوختۇرخانىدا بىر كېچىنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزگەن گۈلسۈم، تارتىپ كەتكەن ئازاب ۋە خورلۇقلىرى ھېچ ئارامىدا قويماي ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بەكرەك ئەسلىگە كېلىۋېلىشىگىمۇ تەخىر قىلماستىن نىمجان تېنىنى سۆرەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن چىقتى.

دوختۇرخانا ئالدىغا توختىتىلغان بىر ماشىنىدا چالا مۈگدەپ ئولتۇرغان بىرسى، قىسقا ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ مەڭدەپ ئەتراپقا قاراۋېتىپ تۇيۇقسىزلا گۈلسۈمنى كۆرۈپ قالدى ۋە دەرھال تېلېفونىنى قولغا ئالدى.

سەھەردە تاكسىلار تېخى پۈتۈنلەي يولغا چىقىپ بولالمىغان بولغاچقا يولدا قاتناش شالاڭ ئىدى.

شەمسىيە خېلى تۇرغان بولسىمۇ ھېچبىرەر تاكسى كېلەي دېمىدى.

ئاپتوبۇسنىڭ نورمال يۈرىدىغان ۋاقتىغىمۇ خېلى بار ئىدى.

ئۇ ئامالسىز ساقچىخانىغا مېڭىپ بارماقچى بولدى. ئاغرىقلىرى پۈتۈنلەي توختىمىغان بولغاچقا تېز ماڭالمايتتى. شۇنداق كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بايىقى ماشىنا كېلىپ توختىدى.

ۋە ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىنى چۈشۈرۈلدى. ماشىنىنى يوغان قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىرى ھەيدىگەنىدى. ئۇ ئادەم ئۆزىگە قاراپ ئەجەبلىنىپ تۇرغان گۈلسۈمگە دېدى.

-ماشىنىغا چىقىڭ! نادىرە خانىم سىزنى ئېلىپ كېلىشنى تاپىلىغان.

نادىرە نىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا گۈلسۈمنىڭ جەھلى قاتتى.

-يوقال!… ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا ساقچىخانىغا بارسۇن. ھېساب كىتابنى شۇ يەردە قىلىشىمىز.…

گۈلسۈم يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ماشىنا ئەينىكىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ماشىنا ئالدىغا ئازراق قوزغالدى. ئارقىدىنلا ماشىنىنىڭ گۈلسۈمنىڭ ئۇدۇلىغا توغرىلاشقان ئارقا ئىشىكى ئېچىلىپ ئىچىدىن بىر قول سوزۇلۇپ چىقىپلا گۈلسۈمنى كۈچەپ تارتىپ ماشىنا ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى ۋە ماشىنا ئىشىكى يىپىلدى. ماشىنا قوزغالدى ۋە سەھەرنىڭ نەمخۇش ھاۋاسى بىلەن تېخى تولۇق تارقاپ كەتمىگەن تۇمانلىرى ئىچىگە كىرىپ كۆزدىن غايىب بولدى.

گۈلسۈم قايتا كۆزىنى ئاچقاندا ئىككى ياقىسىدا قاتار تېرەكلەر باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن تېرەكلىك بىر يولدا ياتاتتى. باش كۆزلىرى پۈتۈنلەي قانغا بويالغان بولۇپ، ئاغرىمايدىغان بىرمۇ يېرى يوق ئىدى. ئۇ كۈچەپ ئويلىنىپ بايا ئۆزى مەجبۇرىي ماشىنىغا ئېلىپ چېقىلغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئېسىگە ئالدى.

ئۇنى ماشىنىغا تارتىپ چىققىنى نادىرە ئىدى. ماشىنا قوزغىلىشى بىلەن نادىرە ئۇنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمەستىن ئۇنى قارا قويۇق ئۇرۇپ كەتتى.

ئۇنى ئاز دەپ خىلۋەت بىر يەرگە ئاپىرىپ بايىقى شوپۇرنى ئۇنى ئۇرغىلى سالدى. ئاخىرى گۈلسۈمنىڭ مىدىرلىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغاندا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى توختاشقا بۇيرۇپ نادىرە مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاندىن تېلېفونىنى ئېچىپ بىر سىن كۆرۈنۈشىنى گۈلسۈمگە تەڭلىدى. ئۇ دەل دولقۇننىڭ گۈلسۈمگە ئىپلاسلىق قىلغان ۋاقتىدىكى ھېلىقى كۆرۈنۈش ئىدى. گۈلسۈم ھېچنېمە دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى.

-ھۇ بۇزۇق… -ئۇرغانلىرى ئاز كەلگەندەك گۈلسۈمگە يەنە تىل سالدى نادىرە.-تەپتارتماستىن مېنىڭ دوپپامغا جىگدە سالىمەن دېگۈچە بولدۇڭما! ھۇ رەسۋا مەينەت!… ساڭا دەپ قوياي كىملىكىڭنى بىلىپ يۈر… سەن دېگەن بىر مالاي… مالاي ئۇقتۇڭمۇ؟! تېخى مېنىڭ ئۆيۈمنى بۇزغۇدەك، بەختىمگە چاڭ سالغۇدەك بولۇپسەن. مانا بۇ كۆرۈۋاتقانلىرىڭ شۇنىڭ بەدىلى. ئەمدى قىناۋىڭغا پېتىپ يۈر. ناۋادا بىزنىڭ ئاىلىدىكى ئىشلار ياكى ئاىلىدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمگە چېتىشلىق بىرەر جۈملە گەپنى باشقىلارغا ئېيتماقچى بولىدىكەنسەن، ئۇ چاغدا بۇ تارتقۇلۇقلىرىڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ھايات قېلىشىڭغىمۇ ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ ئۇقتۇڭمۇ پاسكىنا…

گۈلسۈم توساتتىنلا ئۆزىلا ئاڭلىيالىغۇدەك زەئىپ ئاۋازدا

كۈلۈپ تاشلىدى.

-ھا… ھا… ھا… - نادىرە ئۇنىڭ كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ جەھلى قاتتى-دە. ئۇنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ تەپتى.

ئەمما گۈلسۈم ھازىر ئاغرىقنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالغانىدى.

ئۇ يەنە توختىماستىن بىر نېمىلەرنى دېيىشكە باشلىدى، نادىرە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالماي ئېڭىشىپ قۇلىقىنى ئۇنىڭ قان يۇقى ئېغىزىنىڭ تۈۋىگە ئەكەلدى.

-سەن دۆتمۇ… -دەۋاتاتتى گۈلسۈم.-راستتىنلا دۆتكەنسەن.… سىن كۆرۈنۈشىنى ئېنىق كۆرگەن تۇرۇپ، يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولغان مېنى بۇنداق قىيناۋاتىسەن. ئەر خوتۇن ئىككىڭ چوقۇم ياخشى كۈن كۆرۈشمەيسەن. ھەممىڭ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلىشىپسەن ئەسلى… ھۇ ئالۋاستى… قاراپ تۇر… سەن چوقۇم ياخشى كۈن كۆرمەيسەن…

نادىرە بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئېغىزىغىلا بىرنى تەپتى. ئاندىن چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ:

-سەن تېخى ئۆزۈڭنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋاتامسەن. ئۇقۇپ قوي، بۇ ئىشتا ئەڭ چوڭ زىيانلانغۇچى مەن. مېنىڭ غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىندى. ئېرىم بىر مالايغا بۇزۇلۇپ مېنى ھاقارەتكە قويدى. بۇنىڭ ھەممىسىگە سەن سەۋەبچى، سەن بولمىغان بولساڭ بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيتتى. سەن تېخى ئېرى ماڭا چېقىلغىنى ئۈچۈن، مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئادالەتنى ياقلاپ بېرىدۇ دەپ ئويلاپ چۆچۈرىنى خام ساناۋاتقان ئوخشىمامسەن.… ساڭا دەپ قوياي ئۇخلاپ چۈشۈڭ! مەن دەرۋەقە دولقۇن دېگەن پەسەندىنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. ئەمما ئۇ قىزىمنىڭ دادىسى. قىزىمنىڭ بەختى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشقا مەجبۇر. ئەمما سەن كىم ئىدىڭ! ناھايىتى بىر مالاي شۇ… نېمە دېسەڭ دە! مېنىڭ شۇ ساڭا كۈچۈم يېتىدۇ. قانداق… قانداق قىلالايتتىڭ؟! ھا… ھا… ھا…

نادىرە ئاخىرقى گەپلىرىنى دەپ بولۇپلا گۈلسۈمنى كۈچەپ يەنە بىرنى تەپتى. چىدىغۇسىز ئاغرىقتىن كېيىن گۈلسۈم ئاستا-ئاستا كۆزلىرىنى يۇمدى.

-خېنىم كىم بولىسىز؟ ۋاي ئانامەي نېمانداق بولۇپ كەتتىڭىز؟ بۇ… بۇ…

-كىمكەن، ئايشەم ئاچا؟ نېمىشقا بۇ يەردە بۇنداق…

-شۇنى دەڭە ئۇكام، نېمىشقا بۇ يەردە… بۇنداق ھالەتتە يېتىپ قالدىكىن؟ بىرسى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندەك قىلىدۇ. كىملىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چىرايىنى تونۇغىلىمۇ بولمايدۇ بۇ بىچارىنىڭ… كالىنى ئوتقا باغلىۋېتەي دەپ چىققان، بايا تېخى ئوتلاققا ماڭغان ۋاقتىمدا يوقتى بوممىسا… قىزىم… قىزىم… كىم بولىسىز دەيمەن… گەپ قىلىڭا! نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭىز؟…

گۈلسۈم كۆزىنى چالا ئېچىپ بىر ياشانغان ئايالنىڭ ۋە بىر ياش يىگىتنىڭ مۇشۇنداق پاراڭلاشقان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئەمما ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ بىرەر ئېغىز گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق ئىدى.

ئۇنىڭغىچە يان تەرەپتىن يەنە ئىككى ئۈچ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممىسىلا گۈلسۈمنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىناتتى بىر بىرىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى، بىرەرسىنىڭ ئۇنى تونۇيدىغان تونۇمايدىغانلىقىنى.، نېمە بولۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سورىشاتتى.

بۇ توپىلىق يولغا يېڭىلا چۈشۈپ قالغان ماشىنا ئىزىغا ھەيرانلىق بىلەن قارىشاتتى.

-بولدى، بولدى ئۇنىڭ گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالى يوقتەك قىلىدۇ. ئۇنى تېزراق دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!… ئۇ سەل ئەسلىگە كېلىۋالغاندا ئاندىن قانغۇچە گەپ سورىۋالارمىز… -ئارىدىن بىرسى شۇنداق دەپ قالدى، ئاندىن ھەممىسى بۇ پىكىرگە قوشۇلۇشتى ۋە كۆتۈرە كۆتۈرە قىلىپ گۈلسۈمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ يولىغا چۈشتى.

گۈلسۈم بۇ قېتىم كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى كېسەل كارىۋىتىدا كۆردى بىلىكىگە ئاسما ئوكۇل چۈشۈۋاتاتتى.

باش كۆزى پۇت قوللىرى ئاساسەن دېگۈدەك چوڭ كىچىك داكا پىلاستىرلا بىلەن تېڭىۋېتىلگەن بولۇپ، يارىلانغان جايلىرى ھېلىھەم ئېچىشىپ، ھەم چىدىغۇسىز ئاغرىپ تۇراتتى.

ئۇنىڭ بۇ ھالىغا ئېچىنغان ياتاقداشلىرى، ۋە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ ھوشىغا كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇشقانلار ئۇنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن گەپ سوراشقا باشلىدى. ھەتتا دوختۇرخانىغا كېلىدىغان ھەرخىل كېسەللەرنى كۆرۈپ كۆزى پىشىپ قالغان، بەزى ئىشلارغا ئانچە ھەيران قالمايدىغان، بىر نەچچە سېسترامۇ بۇ قاتاردىن قالمىغانىدى.

-ئويغاندى… ئويغاندى…

-ھە… ئويغاندىڭىزما! قانداقراق تۇرىسىز سىڭلىم؟!

-سىزنى كىم بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟ نېمە بولغانغا بۇنچە ئۇرۇپ كەتكەندۇ دەيمەن؟

-بىزنىڭ بىرەر ياردىمىمىز كېرەكمۇ؟ قانداق گەپ بولسا بىزگە دەڭ. بىز سىز تەرەپتە تۇرۇپ گېپىڭىزنى قىلىشىپ بېرىمىز.

-يا بولمىسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز… ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىزغا خەۋەر قىلايلى!

-نېم بولغاندۇ

ئەمما، گۈلسۈم ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمىدى. ئېغىزىنى مىدىرلاتسىلا مېڭىسىگە چىقىدىغان چىدىغۇسىز ئاغرىق بۇنىڭغا يول قويغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى.

چۈنكى ئۇ نېمە دەيدۇ! نېمىمۇ دېيەلەيدۇ!. بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمىسا-يا؟ كىشىنىڭ ئەقلى

يەتمەيدىغانلا بىر ئىشلارغۇ ئۇ. نورمال ئادەم قوبۇل قىلالمايدىغان رېئاللىققۇ ئۇ!

گۈلسۈمدىن ھېچقانداق گەپ ئالالماي توپلاشقانلار ئاخىرى ئۆزى سورىغان سوئالغا ئۆزى جاۋاب بېرىشكە باشلىدى.

-چوقۇم ئېرى ئۇرغان گەپ. نومۇسچان چوكانكەن. مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ يەنە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ.

-ھەي… شۇنداق بولسىمۇ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى چاقىرتىپ كەلسەك بولاتتى. بىز يېنىدىن كەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالالمايمىز-دە. ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم قايتىپ قالساق بولاتتى.

-لېكىن ئۇ ھېچنېمە دېمەيۋاتسا…

-ھەي سۆزلىيەلمەمدىغاندۇ يا!

-تاڭ جۇمۇ…

-ئايال كىشىنىمۇ مۇشۇنچىۋالا ئۇرغان بارمۇ؟ بۇ چوكانمۇ تازا ئەخمەقكەن. ئۇرغىنى سۆيگىنى دەپ ئولتۇرىدىغان ئوخشايدۇ…

-بىر نېمە دەپ بولمايدۇ جۇمۇ! كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان دەرد بولىدۇ تۇغقانلا!. يۈرەكنى ئېچىشتۇرۇپ تۇرغىنى تۇرغان… ھەم بۇ ھالدا گەپ قىلىشمۇ تەس بولۇۋاتسا كېرەك.…

گۈلسۈم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تاراملاپ ياش كەتتى.

-ۋوي… ۋوي… يىغلاۋاتامدۇ نېمە؟ بولدى… ئۆزىمىز بىلگەنگە سۆزلەۋەرمەيلى… ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەستۇ بەلكىم؟

-راست… راست مېڭىڭلا بولدى… ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى…

گۈلسۈمنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان كىشىلەر بىر بىرلەپ تارقاپ كېتىشتى.

بىراق ئەڭ ئاخىرىدا پول سۈرتكۈچنى تۇتقىنىچە بىر ئايال ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ تۇرۇپلا قالغانىدى.

-سىز… -ئۇ ئايال شۇنداق دېگىنىچە باشقىلار تارقاپ كەتكەندىن كېيىن گۈلسۈمگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئازراقلا ئوچۇق قالغان چىرايىغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.

گۈلسۈممۇ ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلدى. ئەمما خېلى ئويلىنىپمۇ ئېسىگە ئالالمىدى.

ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە قاراڭغۇدا يىڭنە ئىزدىگەندەك سىنچىلاپ قاراپ كەتكىنىدىن بىئارام بولۇپ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى.

-ئۇنى تونۇمسىز؟… -بىر سېسترا ئۇ ئايالدىن سورىدى.

-ھە… ياق… بىرسىگە ئوخشىتىۋاتىمەن… بىر قارىسام شۇدەك… بىر قارىسام ئەمەستەك تۇرىدۇ… ئۇنىڭ ئىسمى… نېمىكەن؟…

-ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچنېمىنى بىلمىدۇق… ئىسمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە… -سېسترا ئەسلى بۇ ئايال بىرەر ئىشنى بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۈمىدلىنىپ سورىغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ دېگەن گېپىگە قاراپ« بۇمۇ بىر تاماشا كۆرگۈچىكەندە!» دەپ ئويلىدى-دە، ئېرەنسىزلىك بىلەن شۇنداق جاۋاب بېرىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.

ئىككى كۈن شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى. گۈلسۈمنىڭ بەزى جايلىرىدىكى تېڭىلغان داكىلار ئېلىۋېتىلىپ پەقەت دورىلا سۈرتۈپ قويۇلدى. يۈز كۆزلىرىدىكى ئۇششۇقمۇ خېلىلا يېنىپ قالغانىدى. پەقەت كۆك چۈشكەن جايلارلا ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا نۇقسان يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ چىرايىغا بەك سىنچىلاپ قاراپ كەتكەن ھېلىقى ئايال شۇنىڭدىن بېرى بۇ ياتاققا تولا قاترايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا گۈلسۈمگە يېقىن كېلىپ ئۇنىڭغا تەپسىلىي قاراپ كېتەتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ يەنە گۈلسۈمنىڭ يېنىغا كەلدى. ۋە چىرايىغا سىنچىلاپ تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سورىدى:

-سىز… گۈلسۈم… شۇنداقمۇ؟

گۈلسۈم چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.

-سىز… مېنى تونۇمسىز؟… ئەمما مەن سىزنى پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم.… بىر قارىسام بەكلا تونۇشتەك قىلىسىز…

-ھە… بۇ مەن… نەچچە ئاي ئىلگىرى… بىز مۇشۇ دوختۇرخانىدا كۆرۈشكەن.

-ھە؟!… قانداق بولۇپ… مېنىڭ پەقەتلا ئېسىمدە يوققۇ؟!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章